مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1995|ئىنكاس: 20

ئىش ئۈنۈم مۇئاشىمۇ ياكى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پۇلىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101705
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 03:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ھەممىمىزگە مەلۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ، خەلقئارادىكى ئورنى ئېشىپ بېرىۋاتقان ، قانۇن تۈزۈملىرى كۈنسايىن مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئەشۇ ياخشى تۈزۈم ، ئەۋزەل قانۇن- سىياسەتلەر نېمىشقىكىن تاڭ ئاپتونۇم رايونىمىزغا كەلگەندە ئۆزلىكىدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ يۇقىرىنىڭ دېگىنى بىلەن تۆۋەننىڭ ئىجراسى ئوخشاشمايدىغان ، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۈنسايىن كۆپىيىپ ، جەمئىيەتتە ياخشى بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان ھەتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا .

گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسىتى ۋە مائارىپ سېلىنمىسى كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتقان ۋە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ تۆۋەندە يەنە تۈرلۈك ئەمەلىي مەسىلىلەر مەۋجۇت .مېنىڭ بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تېماممۇ كۆپچىلىك ئىىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەم شۇنداقلا مۇنبەرلەردە كەسكىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك تېما .

باشقا يۇرتلاردا قانداق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن ، لېكىن يۇرتىمىز ئاقتۇ ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئىش ئۈنۈم مۇئاشى » دەيدىغان بىر خىل تەمىناتى بولۇپ ،  بۇ پۇل ھەر ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز مۇئاشىدىن بىر قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ يىل ئاخىرىدا تۈرلۈك باھالاشلاردىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇكاپات–جازا شەكلىدە تارقىتىلىدىغان تەمىنات  ، بۇ خىل «ئۆز گۆشىدە ئۆز يېغىنى قورۇيدىغان» ئۇسۇلنى ئاپتونۇم رايوننىڭ قايسى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ،  قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىققانلىقىنى ، يۇقۇردىن راستىنلا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلەلمەي قالدۇق .

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇلنى قانداق تارقىتىشقا قارىتا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى مەخسۇس ھۆججەت چىقارغان بولۇپ ، (2011-يىلى 8-نومۇرلۇق دەپ ئاتالغان) بۇ ھۆججەتنى كۆرسىڭىز يولسىزلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قايتىدىن تونۇپ يېتىسىز . لېكىن ئاجىز ،  ئامالسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل ھۆججەتلەرگىمۇ «كۆنۈپ» قالدى .  

ئەمدى مۇشۇنداق يولسىزلىق بىلەن تۈزۈلگەن ھۆججەتنىڭ ئىجرا بولىشى تېخىمۇ يولسىزلىق بىلەن ئىجرا بولماقتا .  ناھىيىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇخىل ئىپادە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ مەكتەپنىڭ تارقىتىش لايىھەسىدە مەكتەپتە يىل بويى بىرەر كۈنمۇ رۇخسەت سورىماي ، بىرەر كۈنمۇ خىزمەت تاشلىماي تولۇق ئىشلەپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تىرىشىۋاتقانلار «كۆرسەتكۈچ نەتىجە» (پەنلەرنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ھەر قايسى پەنلەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ،  دەرىسنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتى دېگەندەك نەتىجە كۆرسەتكۈچلىرى بېكىتىلگەن ) ئۆلچەمگە توشمىغانلىق سەۋەبى بىلەن جازالىنىپ پۇل تۇتۇلىدىغان ، يىل بويى مەكتەپكە بىرەر كۈنمۇ كېلىپ باقماي ئائىلىسىدە ئارام ئالىدىغانلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر ئېغىز «ئالاھىدە سەۋەبى بار» دېگەن سۆزى بىلەن جازالانماي تولۇق پۇل ئالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە ، مۇشۇلارغا قاراپ بۇ «ئىش ئۈنۈم مۇئاشى» مۇ ياكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پۇلى » مۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم . چۈنكى مەكتەپتە تولۇق ئىشلىگەن ئادەم چوقۇم ئازراق بولسىمۇ ئۈنۈم يارىتىدۇ لېكىن يىل بويى ئائىلىسىدە ئارام ئالسا مەكتەپكە نېمە ئۈنۈم يارىتىدۇ ؟. ئۈنۈم ياراتماي تۇرۇپ تولۇق پۇل ئالسا ئۇنى قانداقمۇ «ئىش ئۈنۈم مۇئاشى» دېگىلى بولسۇن . بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بۇ خىل ئەھۋال بولسا يۇقىرىغا ئىنكاس قىلسا بولمامدۇ ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئويلاپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ناھىيىمىزدە «پۇقرا»نىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ، «ئاۋام » نىڭ ھالىغا يېتىدىغان باشلىقلارنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا ئىش . يۇقىرىلاپ ئەرىز قىلغان تەقدىردىمۇ ئوبلاستقا بېرىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئادەمنىڭ« بۇرنىغا تاش تېگىدىغان» گەپ .

شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئوي-پىكىرلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە ،  مۇنبەرلەردىن بولسىمۇ بىرەر ئاۋامنىڭ ھالىغا يېتىدىغان باشلىقلىرىمىزنىڭ نەزىرى چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merkuriy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 03:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7358
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1788 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 07:11:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مۇئاش» ئەمەس بەلكى «مائاش»!
بەزىلەر «مۇئاۋىن» نى «مائاۋىن»، «مائاش» نى «مۇئاش» دەۋالىدۇ دېسە بىكاردىن بىكارلا!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35962
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13463
تۆھپە نۇمۇرى: 603
توردا: 1758 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 09:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋادا ئوقۇتقۇچىلىقنىمۇ توختاملىق قىلىۋەتكەن بولسا بۇ ئىشلار ئوڭشىلىپ قالارمىدى ؟

سەيلان تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!www.seylan.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101813
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 10:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇيەردىمۇ شۇ بەزىدە مائاشىمىزنىڭ نىمىگە تۇتىلۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيمىز..ئۇنىڭ ئۇستىگە مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئېرى كاستىر (لىكىن بۇ مەخپى،ئاتاقتا كاستىرلىقنى باشقىلار قىلىدۇ ،لېكىن ئۇبىر قورچاقتىن ئىبارەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97246
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1497
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 10:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەڭرىتاغ بارمۇ تىز بىلوگىدا ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، تۇرسۇن ئىبراھىمنىڭ بىلۇگىغا يوللاپ باقسىڭىز ئۈنمى بولۇپ بولۇپ قالامىكى.

ئاللاھنىڭ بەرمەيدىغان ۋەدىسى يوق.

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13107
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3898 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 10:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ يامان بولغىنى بۇ خىلدىكى ئۆزىنىڭكىنى تۇتۇپ، ئۆزىنى- ئۆزىگە تالاشتۇرۇپ تۇتۇدىغان پۇلنىڭ پەقەت مۇئەللىم بىلەن دوختۇرغىلا تالىق بولۇپ قالغىنى... ئىگىسى يوق مۇئەللىم...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4303
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 11:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇتەرەپلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار. ئالدىنقى يىللاردا يىللىق باھالاشقا ئاساسەن بىرىلگەن ئىدى. ئىشقىلىپ ھەممە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك پۇلىغا يەنە ئازراق مۇكاپاتىنى قوشۇپ ئالغان. چۈنكى سىز دېگەندەك دەم ئالغان ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنالمىغانلارغا بۇ پۇل بىرىلمەي ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرگە نەتىجىسىگە ئاساسەن قوشۇپ بىرىلگەن ئىدى. بۇ يىل قانداق بولدى . 2013-يىل 12-ئاي كىرمەي تۇرۇپلا بىر تۇتاش بۇيرۇق چۈشۈپ ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ تۈردىكى پۇلىنى تولۇقى بىلەن قايتۇردى. بىزمۇ خوشال بولدۇق. چۈنكى نېمىلا قىلمىغان بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پۇلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە باھالاشلاردىمۇ ئادالەتسىزلىكلەر يوق ئەمەس ئىدى. 2014-يىلى قانداق بولىدۇ بىلمىدۇق. لىكىن يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇنداق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدى دەپ ئاڭلىدۇق. ئۇندىن باشقا مۇشۇ ئۇنۋان دېگەننىمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ دەۋاتاتتى. ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەللىشىدۇ دەپ ئاڭلىغان بولسا شۇمۇ بىر يوقىغان بولسا ياخشى بولاتتى . شەخسەن بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە ئۇنۋان ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئاتامىراس مۇكاپاتى بولۇپ قالدى. خۇددىي ۋاڭلىق، پادىشاھلىق تۈزۈملىرى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مىراس قالغاندەك. كېكەچ بولسىمۇ مۇدىرنىڭ كىم ئەڭ يېقىنى بولسا شۇ ئالىي دەرىجە. قويۇپ بەرسە پوقنى ئىككى قىلالمايدۇ. ھەممە بىلسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۈتىدۇ. «ئەل قارغىشى مىنەلھەق»

ھايات

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 11:53:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىلارمەن

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11254
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 07:33:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەرگە ھەر ئېيىغا  يۈز  سومدىن  بىرىدۇغۇ  ئۈنۈم  مائاشىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 10:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۈنۈم مائاش دىگەن نەرسە، دەسلىپىدە مەكتەپ، ۋە دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان، بۇ يىلدىن باشلاپ بارلىق كەسپىي ئورگانلاردا يۈرگۈزۈلىدىكەن !! بۇندىن كېيىن بىزمۇ ‹ئۆز يېغىمىزدا ئۆز گۆشىمىزنى قورامىزمۇ؟› ھەي ..........

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش