مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 5

ئوغلۇمغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86618
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 12:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
                                               ئوغلۇمغا

        ئوغلۇم ، سىز مېنىڭ   يۈرەك پارەم .  سىز ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتىڭىزدا  ئانا بولۇشنىڭ بۇ دۇنيادا  تېپىلغۇسىز بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ، سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى يەنى سىزنى ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر خىل مەسئۇلىيەتنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەنلىكىنىمۇ ھېس قىلغان ئىدىم ، ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىزنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدىم ، بارلىق مېھرى - مۇھەببىتىمنى سىزگە سىڭدۈردۈم ، قەھرىتان قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىدە ، باھارنىڭ مەيىن شامىلى جۇلا تاشلاۋاتقان گۈزەل باھار كېچىلىرىدە ، مەن ئېيتان مۇڭلۇق  ئەللەي ناخشىسى سىزگە ھەمراھ بولدى ، مەن ئېيتقان  گۈزەل ساماۋىي چۆچەكلەر سىزگە ھەمراھ بولدى .  گەرچە سىز كىچىك بولسىڭىزمۇ ، لېكىن قەلبىڭىزدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل تۇيغۇنىڭ مەۋج ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم . بۇ باشقا نەرسە ئەمەس ، دەل سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئويغىنىۋاتقان مۇھەببەت ئىدى ، چۈنكى پەقەت مۇھەببەتتىنلا مۇھەببەت تۇغۇلىدۇ . ئىنسانلار ئارىسىدا مېھرى - مۇھەببەت بولغاچقىلا بۇ دۇنيا گۈزەللىككە ئىگە ، مېھرى - مۇھەببەت بولغاچقىلا ئىنسانلار بىر بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ . ئەگەر مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى نەپرەت ئىگىلىسە ، ئۇنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەتلا تراگىدىيەدۇر ، شۇڭا مېھرى - مۇھەببەتسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق !
      ئوغلۇم ، سىز چوڭ بولىۋاتىسىز ، شۇڭا سىزگە شۇلارنى دېگۈم كېلىدۇ : بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا تولىمۇ مۇرەككەپ ، مەيلى كىم بولسۇن ، ياشاش جەريانىدا تالاي بوران - چاپقۇنلارغا ئۇچرايدۇ ، چۈنكى ھاياتتا تۈپتۈز داغدام يول يوق . كىمدۇر بىرىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى يادىمدا : ‹‹ قايغۇ ۋە ئازاپ بىر تۇغقان ›› . شۇڭا سىز ياشاش جەريانىدا تالاي ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشىڭىز مۈمكىن ، مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۆزىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىنى يەنى ئادىمىيلىكنى يوقاتماڭ ! چۈنكى ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ، ئۇنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . ئاشۇ ئىشلار  يادىڭىزدىمۇ ؟ سىز نەچچە قېتىم ‹‹ سىنىپىمىزدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىمەن ›› دەپ بىزدىن پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭىز ، مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بىخ سۈرىۋاتقان ، سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا يىلتىز تارتىۋاتقان باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل پەزىلەتتىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ، ئاتا - ئانىلار يىغىنىغا بارغان ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ سىزنى ‹‹ بەك ئاقكۆڭۈل ، قولى ئوچۇق ، ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ ... ›› دەپ  ماختىغىنىنى ئاڭلاپ ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە ياش كەلگەن ئىدى ، سىزدەك باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتالايدىغان ئوغلۇمنىڭ بولغانلىقىدىن  تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم . چۈنكى ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئادىمىيلىك بىلىمدىنمۇ مۇھىم ! ھەرقانداق ئائىلە ئۈچۈن گۈزەل - پەزىلەتلەرنى ھەمراھ قىلغان پەرزەنتنىڭ بولۇشى بەخت ، ئەكسىچە بولسا بەختسىزلىكتۇر . ئاللاھ بارلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي !
    ئوغلۇم ، ئاخىرىدا مەن سىزدىن شۇلارنى كۈتىمەن : ھاياتنىڭ خىلمۇ خىل سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدام - غەيرەت سىزدە بولسۇن ،ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ،  باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان گۈزەل قەلب سىزدە بولسۇن ، سىزگە ئازار بەرگەنلەرنى كەچۈرۋېتەلەيدىغان كەڭ قورساقلىق سىزدە بولسۇن ، ئۆزىڭىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە  يەتكۈزەلەيدىغان مېھرىبانلىق سىزدە بولسۇن ، ئۆزىڭىزنى ۋە مىللەتنى بۈيۈكلۈككە ئېلىپ بارىدىغان بىلىم ۋە ئىقتىدار سىزدە بولسۇن ! مەن كەلگۈسىدە سىزنىڭ قانداق ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلاردا ، قانداق ئېسىل ماشىنىلاردا ئولتۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈشنى ئەمەس ، بەلكى  سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا بەرق ئۇرغان گۈزەل خىسلەتلەرنى كۆرۈشنى ، سىزنىڭ قانچىلىك ئادەمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈشنى بەخت ھېساپلايمەن !

                       

                             مەنبە : ئۆزۈم
  

            





   
      

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5083
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1276 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 03:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان تاتلىقلىرىنى ياخشى تەربىيلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 04:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتىڭىزدا  ئانا بولۇشنىڭ بۇ دۇنيادا  تېپىلغۇسىز بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ، سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى يەنى سىزنى ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر خىل مەسئۇلىيەتنىڭ ھەمە ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.ھەقىققەتتەن ياخشى يىزپسىز قەلەم تۇلپارڭىز ھارمىسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 05:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما يوللاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 07:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ !!ئېسىل تىما!!! بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە دىيىلىۋاتقان مۇشۇ سۆزلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

yaxawargin totkun bolsimu

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38167
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 11:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئۇچۇن بارلىقىنى ئاتاش ، ھەر بىر ئاتا -  ئانىنىڭ مۇققەددەس بۇرچى ، ھاياتلىق ئالىمى مۇشۇنىڭ بىلەن مەنىلىك ئوتىدۇ ، ياخشى تېما يوللاپسىز . رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش