كۆلەڭگە ئىزدەش يولىدىكى ئۆزلۈك
(نەسىر)
مەن ئارزۇ قىلغانىدىم، ئۇزاقتىن بۇيان ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈتىۋاتقانىدىم، سېنىڭ كۈلەڭگەڭنى ئۇچرىتىش مېنىڭ ئۇلۇغۋار غايەم ئىدى، مانا ئاخىر پۈرسەت كەلدى، مەن سېنىڭ كۈلۈڭگەڭنىلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ تونۇش سىمانى ئۇچراتتىم، لېكىن مىڭ تەستە كەلگەن پۇرسەتنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.
ئىككىمىز ئۇچراشقان ئاشۇ مىنۇتتا، سەن خۇددى ئەڭ تونۇش بولغان ناتونۇش كىشىلەردەك مۇرەمنى سوقۇۋېتىپ پەرۋاسىزلەرچە ئۆتۈپ كەتتىڭ، مەن شۇ چاغدا، بىلىپ-بىلمەي چىرايىڭغا نەزەر سالدىم-دە، كۆزلىرىم كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچراشتى، سەن ناھايىتى ئىككىلىنىش ئىلكىدە ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىڭ، سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئاللىقاچان ساڭا ئاسىيلىق قىلىپ بولغانىدى، مەن ئاغزىمنى ئۆمەللىدىميۇ، لېكىن تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان سۆزنى ئامالسىز يۇتىۋەتتىم، شۇ چاغدا پۇتلىرىم ماڭا بويسۇندىغاندەك ئەمەس، خۇددى ماشىنا ئادەمدەك، سېزىمىنى يوقاتقان كىشىلەردەك، ئالدىغا قاراپ مېڭىش شۇنچە ئاسان بولسىمۇ، لېكىن ھېچبىر ئەزادا سېزىم يوق، خۇددى توكى يوقتەك، ئەزەلدىن ھەرىكەت قىلىپ باقمىغاندەك، باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك، لېكىن كەينىگە قاراپ ساڭا ئەگىشىپ ماڭسا ئىدى، ئىلگىركى سېزىمىنى يوقاتقان جىسمى تۇيۇقسىزلا قانات چىقىرىدىغاندەك، ئۇزۇن سەپەر قىلسىمۇ پۇتلىرىم ھېچ تالىدىغاندەك ئەمەس، ھېرىپ-چارچاش دېگەن بۇ سۆز ئەزەلدىن مەۋجۈت ئەمەستەك.
ماڭماقتىمەن، ماڭماقتىمەن، كۆلەڭگە ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىمەكتىمەن، ....سەن كەينىڭگە قاراپ ماڭا نەزەر سالىدىغاندەك ئەمەس، ھالىمدىن كەتتىم، چاڭقىدىم، سۇغا تەشنا بولدۇم، خۇددى چۆل جەزىرە سۇغا تەشنا بولغاندەك، بوۋاق ئانىغا تەلمۈرۈپ قارىغاندەك.....
مەن قەلبىمگە خىيانەت قىلىپ كەينىمگە، ئىلگىركى نىشانىمغا قاراپ يول ئالدىم، ئاشۇ كۆلەڭگۈدىن، تونۇش سىمادىن ۋاز كەچتىم، ۋاز كەچكىنىم ئېرىشىش بولدى، سەن:«كەچۈر جانىم، مەن ئىنتايىن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنىكەنمەن، مانا ئەمدىلىكتە بۇ خاتالىق مېنى قىيناپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ.» دېدىڭ.
مەن سوغۇق كۈلۈپ قويدۇم-دە، يوقىتىپ قويغان ئۆزلۈگۈمنى ئىزدەش ئۈچۈن يولۇمغا راۋان بولدۇم.
كىشىلىك ھايات مېنى ئالداۋاتىدۇ، مەن قەلبىمگە ئاسىيلىق قىلدىم دەپ يۈرگەنىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە بولسا مەن ئۆزۈمگە، ئۆزلۈگۈمگە خىلاپ ئىش قىلغانىكەنمەن.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dolathenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 11:20 PM