مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 703|ئىنكاس: 4

يوچۇن ئادەم (ئا.ساۋۇت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25986
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5013
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 09:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆزۈمنى پارچىلاۋاتقان ئادەم. پىكرىم، خىياللىرىم بىر سەرسانە  كۈي كەبى ھەر تەرەپكە يېيىلغان. ھەر قوشۇلۇشتا بىر ھىجران،ئۇ چەكسىز ئېچىرقاش بىلەن توختىماستىن ئالغا سۈرۈلىدۇ. تاشقى دۇنياغا قاراپ ئېچىلۋاتقان مەندىكى يوچۇنلۇق، ئۇ ئۆز ئىچىگە قاراپ ماڭغانچە پىكرى مۇقەددەس بىرلىككە تۇتۇشۇپ كېتىدۇ.
مەن كىتاب ئوقۇۋاتقان ئادەم. كىتاب ئىچىدىكى ئۆزۈمىنى ئىزدەش ئاجايىپ زىددىيەتلىك جەريان. سۆز ئورمانلىرى ئىچىدە كېتۋاتقىنىمدا خىلمۇ-خىل ھاۋادىن نەپەسلەنگەن مەنە قۇشلىرىدىن خەۋپسىرەيمەن.ھاياتلىق سەييارىلىردىن بىلىش ئوربىتىلىرغا بارىدىغان يولدا تالايلارنىڭ مەنىۋى جەسسدى ياتىدۇ.ئۇلار ئۆزىگە قىلىچ ئۇرىۋالغانلار ئېھتىمال...چۈنكى ئۇلار بېشىدا ئەگىپ يۈرگەن ئىدىيە قۇشلىرنىڭ ئېغىزىدىكى داننى تارتىۋېلىپ بىرلا خىل قۇشنى بوردىغانلار...


مەن چۈش كارۋىتىدا ئۆزۈمنىڭ جەسىدىگە قاراپ ئولتۇرغان ئادەم. قاننىڭ چوڭقۇرلۇقىدا ئۆلۈمنىڭ سايىسى ئەكىسلەندى. مەن ئۆزۈم ياسىۋالغان خۇدا بىلەن شەيتان ئوتتۇرسىدىكى ئەرزىمەس پاراڭلار، ئۆزۈمىنى پارچىلغاندىن كېيىنكى خىلمۇ-خىل ئوبرازلار ،جەسىدىمگە سىغدالغان جەننەت ۋە دوزاخ ئېڭىمنىڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدا  يەنە زاھىرلەندى.مەن نەچچە رەت قېچىپ كەتكەن گۈزەل قەبرەم يوقلۇقنىڭ ۋەھىمىسى ئۈستىدە پۇلسىراتتىن ئۆتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل روھىي مۇققەددەس يوقلۇققا چىلىنىپ تۇرغان.

مەن ھەربىر تىنىقى مەنسىزلىك بىلەن قورشالغان ئادەم. ئەتراپىمدا لىق خۇدالار،ئۇلار ئاش غەلۋىسىدە شەيتانىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۋالغان.تېنىمدىكى ئاجايىپ قىززىق دىراممىنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن ئەرزىمەس ئىش. مەندىكى ئىسيان شەيتانىڭ بالياتقۇسىغا دەپنە قىلىنغان.
كۈلگەندە يېشىمنى سۈرتۈپ قويىدىغان ھېچكىم يوق. چۈنكى يۈرەكتىن كۆكلەپ چىققان قاخشال ئۈمىدنىڭ يىلتىزى ئوتتا...
مەن كۆكسىگە بىر پارچە تاش ئېسۋالغان ئادەم. لەۋلىرىمنىڭ ئىچىگە تاشلانغان بىر لوقما گۆش مەن ئۈچۈن ئىلاھى ئېتىقاد،ئىككىنچى لوقمىسى غورور تەلۋىلىكى ،ئۆزۈم بىلەن ۋىجدانىم ئوتتۇرسىدىكى جۇدالىقنىڭ باشلىنىشى.دىمەك ئۇ مېنى تىلەمچىگە ئايلاندۇرىدىغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسە.يۈركۈمىنىڭ قات-قېتىنى تاش بىلەن چىڭداپ قوپۇردىغان تىنىمسىز ئىشچى.
پىشانەمدىن قويۇلۋاتقىنى پۈتۈنلەي ئامالسىزلىق.
ئېھتىمال مەن بىر يوچۇن ئادەم. گوياكى شئېرىدەك،تالاي سۇئاللارغا ھامىلدار بولۇپ ئۇنى بىر ئۆمۈر تۇغۇشنى ئىستەۋاتقان.ئۆز ئىچىمگە قاراپ تەپەككۇر قىلغانچە ئۆزۈمگىلا تەۋە تالاي نادانلىقنى تۇغۇپ چوڭ قىلۋاتقان...
مەن...........


ئاپتورى؛غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى 2013-يىللىق ئەدەبىيات سىنپىدىن ئابدۇسالام ساۋۇت.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 03:53:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋان فەتىھ قىلىندى .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71818
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3101
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 11:36:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، تىخىمۇ تىرىشقىن....سەن بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز...

بەھرام710 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:49:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60898
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 04:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازما ژانىر جەھەتتىن «نەسىر» ئوخشىمامدۇ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش