مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3741|ئىنكاس: 35

ساراڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10436
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1360 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 01:32:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساراڭ


                                                           (ھېكايە)


                                                       تۇرغۇن مىجىت قادىرى


    ئاخشامقى سورۇندا قىيامەتلىك ئاغاينىلەر بىلەن دىيىشكىنىمىز بويىچە، بۈگۈن گەرچە بېشىم قاتتىق ئاغرىپ تۇرسىمۇ باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا ئەتىگەنرەك ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە ناشتىنى چالا قىلىپ، چاچلىرىمنى يويۇپ، -ساقلىمنى قىرىپ، ھىيىت- بايرام، توي-توكۈنلەردە كىيىدىغان  كەستىيوم- بورىلكامنى كىيىپ، 100 نەچچە يۈەنلىك رەڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان كۆز ئەينىكىمنى ئالدىراپ-تېنەپ تاقىدىم-دە بىنادىن پەسكە چۈشتۈم. سەھەردىلا پەسكە چۈشۈپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بىزنىڭ بىنادىكى بىرقانچە پىنسىيەگە چىققان مويسۈپىت مېنى كۆرۈپ، خۇددى مومياغا ئۆزگەرگەن ئادەملەردەك داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. مەن ئۇلارغا قايدىمىز بويىچە قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپلا سالام بىرىپ، پەرۋاسىز ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم.
    چوڭ يولدا كېتىۋاتىمەن. ئارغامچا بويى ئۆرلىگەن قۇياش ئۆزىنىڭ نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن كەڭ زىمىنگە سىپەتتى. كۆپ-كۆك سۈزۈك ئاسمان، ساپ ھاۋادىن، يول قىرلىرىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرى، گۈل-گىياھلار ، تۇمۇچۇق، ئاق قۇشقاچ...لارنىڭ ھەر خىل ئاۋازدا يېقىملىق سايرىشلىرى كىشىگە گۈزەل بوستانلىققا، باغۇ ئىرەمگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى. مەن بۇ كىچىك ناھىيە بازىردىكى گۈزەل مەنزىرلەردىن ھۇزۇرلىنىپ توت كۇچىنىڭ دوقمىشىغا كىلىشىمگە ئايالىم بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ھەم يېقىن ئۆتىدىغان بىر ئايال مېنى كۆرۈپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. مەن ئاستى-ئۈستۈمگە، ئالدى-ئارقامغا بىر قۇر نەزەر سالدىم، كاستۇم-بورولكام شۇنداق جايىدا، كىيىم-كېچەكلىرىم ئوڭ... مەنمۇ باشقىلارغا سەپ سالدىم. باپكانىڭ مۇكىسىدەك ئۇيان بۇيانغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ماڭا قارايتى، مېنى تونۇيدىغانلار يەر تىگىدىن ياكى كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ مېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. بەزىلەر «توۋا!» دەپ ياقىسىنى تۇتاتتى، مېنى تونىمايدىغان چوڭ- كىچىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خۇددى خام قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك ئۆزىنى توتۇۋالالماي ۋالاقلاپ كۆلۈپ، مەندىن يىراقلاشقا ئالدىرايتى. بۇ ئىشلارغا ئاچچىقىم كىلەتتى، ئاستى-ئۈستۈمگە، ئالدى-ئارقامغا يەنە بىر قۇر نەزەر سالدىم،لېكىن مەندە چاتاق يوق ئىدى.                        
   تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ:
  -خۇدايىم توۋا، ساق بىر ئادەم ئىدى، قاچاندىن بىرى ساراڭ بولۇپ قالغاندۇ؟!-دىگەن سۆزى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.
ۋاسسىدە يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ كانىيدىن كاپلا ئېلىپ تازا بىر دىيىشەي دىدىم، لېكىن نىمىشقىدۇر ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم.
  «ئۇرۇش-جىدەلنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، شۇڭا كونىلارمۇ ‹يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر› دەپتىكەن، دىمىسىمۇ يېشىم 45 تىن ھالقىغان تۇرۇقلۇق چاچلىرىمنى مايلاپ، ئاپپاق كاستىيوم-بورولكا، قىزىل كوڭلەك، ئاق گالئاستۇك تاقىغانلىقىم كىشلەرنىڭ قارىشىدا يېشىمغا ماس كەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. بولدىلا مىنى ساراڭ دىگەننىڭ ئۆزى ساراڭ، نوچى بوسا ئۆزلىرىمۇ مەندەك ياسىنىپ، ئۆزلىرىنى ياشارتىپ يۈرسىنا؟ ‹ئىشىتلار قاۋاۋېرىدۇ، كارۋانلار يۈرىۋېرىدۇ›...» ئىچىمدە شۇنى ئويلىغاچ يولىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم.
دىيىشكەن جايغا يېقىن كېلىپ قارىسام قىيامەتلىك ئۈچ ئاغەينەم مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. يېقىن كىلىشىمگە ئۇلار ماڭا بىر قاراپلا يوتىلىرىغا ئۇرۇپ كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىشتى.
   - ۋاي-ۋۇي نىمە بولۇشتۇڭ؟! يولدىن كەلگۈچە مىنى تونۇيدىغان، تونىمايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماڭا بىر قاراپلا جۇباجىنى كۆرگەندەك بىر ھەيران بولۇپ، ئاندىن تېلىقىپ كۆلۈپ، توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇشتى. مەن ئىشتاننى تەتىر كەيىپتىمەنما؟! ھەرقايسىڭ مىنىڭ دوسلىرىممۇ، ياكى دۈشمەنلىرىممۇ؟-دەپ ئاچچىقلاندىم.
شۇ ئارىدا دوستۇمدىن بىرى كۈلكىسىنى ئاران توختىتىپ:
    -ھەي ساراڭ، كۆزئەينىكىنى ئېلىپ بىر قارىغىنە؟-دېدى.
كۆزئەينەكنى ئېلىپ قارىسام، بۇ رەڭ ئۆزگەرتىدىغان كۆزئەينەكنىڭ كۆزىمنىڭ ساق تەرىپىدىكىسى رەڭ ئۆزگەرتىپتۇ، كۆزىمنىڭ غۇۋا كۈرىدىغان تەرىپىدىكىنىڭ ئەينىكى يوق تۇرىدۇ. پىشانەمگە پاققىدە بىرنى ئۇردۇم-دە، كۆزئەينەكنى يەرگە قاتتىق بىرنى ئۇردۇم ۋە دەسسەپ ئىزىۋەتتىم...
    بۇنىڭغا بىر كۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقى، ئاساسلىقى ئاخشامقى ھاراقنىڭ ئۇشۇق كەتكەنلىكى سەۋەپ بولغان ئىدى. دوستلۇرۇم ئالدىدا يۈزلىرىم بوينۇمغىچە شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.
  كۆرمەمدىغان بۇ سەتچىلىكنى! ئەمدى تونۇش بىلىشلەرنىڭ، ئەل-جامائەتنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن ھە!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halpambag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 01:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1083 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:26:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا نىمانداق قىزىقارلىق.ئەينەككە بىر قۇر قاراپمۇ باقماپسىز شۇنداق ياسانغان ئادەم.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇش-جىدەلنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، شۇڭا كونىلارمۇ ‹يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر چوڭلار ھەقىقەتەن توغرا دەيدۇ، مۇشۇ سۆزنى ھەرگىز ئېسمىزدىن چىقارساق بولمايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:27:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇش-جىدەلنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، شۇڭا كونىلارمۇ ‹يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر چوڭلار ھەقىقەتەن توغرا دەيدۇ، مۇشۇ سۆزنى ھەرگىز ئېسمىزدىن چىقارساق بولمايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78352
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك كۈلكىلىك ئىش بوپتۇ...تۇنۇش بىلىش كىشىلەر تاماشا كۆرگۈچە دەپ قويسا بولىدۇ...نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ شۇنچە تېز ئوقۇپ كېتىپتىمەن ئاخىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2639 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قىزىق

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1285 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 04:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا قىزىقكەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 04:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقكەشلەرلا مۇشۇنداق سەتلىشىپ يۈرۈيدىكەن دىسە .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 04:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن .لىكىن ماڭا ھىچ بىر تەسىر قىلمىدى ...ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن ھىكايىدىن ھۇزۇرلىنىشنى سەزمەس بۇلۇپ قالغان ئوخشايمەن

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88747
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 04:10:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش