مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 14

قاتناشمايچۇ مەجلىسكە(ساتىرا)ئەنگەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 788
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13455
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 1065 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



قاتناشمايچۇ مەجلىسكە



بېرىڭ رۇخسەت باشلىقىم، قاتناشمايچۇ مەجلىسكە،
يوقتۇر مېنىڭ ساقلىقىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە،
بەك سىقىلدى بۇ ئىچىم ،قاتناشمايچۇ مەجلىسكە،
تۈگەپ بولدى تاقىتىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

سەۋەبىنى سورىماڭ ،سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا،
ھەر قاتناشسام مەجلىسكە گۈل چىرايىم تۇتۇلا،
دەۋېتىڭچۇ بىر قېتىم –قاتناشمىساڭ بوپتۇلا،
ئاشسۇن سىزگە ھۆرمىتىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

ئالدىڭىزغا كەلدىمغۇ بۇ يۈزۈمنى داپ قىلىپ،
دىگۈدەكمەن ھەممىنى يۈرىكىمنى قاپ قىلىپ،
دەيدىغاننى دەۋالاي يىسىڭىزمۇ  ھاپ قىلىپ،
تۆكۈلسىمۇ ئىززىتىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

مەجلىس بولسا مەيلىتى ئەھمىيەتلىك قىممەتلىك،
ئەھمىيىتى نە تۇرماق ئېچىلىدۇ ئاپەتلىك،
ياخشى قىپسەن دىمەستىن تىللاپ كېتەر «ھۆرمەتلىك››،
ئاتالساممۇ بىجىقىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

كىم تويمايدۇ مەجلىستىن كۇندە ئۈچ ۋاق ئېچىلسا،
سەھەر ئېچىپ توختىماي تۇن كەچلەردە يېپىلسا،
ئىش ئۇستىگە ئىش تولۇپ يوق ۋەزىپە  قېتىلسا،
قاتتى ئەجەپ بۇ بېشىم ،قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

تەلمۈرىدۇ بالىلار قاچان كىرەر مالىم دەپ،
باشلىق ئاچار مەجلىسنى مېنىڭ نىمە كارىم دەپ،
بىزلەر دەيمىز ئۈنتىنسىز  ئاشتى مېنىڭ  زارىم دەپ،
بولسىمۇ گەر بەك موھىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

تەكرار تەكرار ئوقىلار قىزىل باشلىق ھۆججەتلەر،
(ئەمما سۈسىز قالىدۇ ،قاغچىرىغان كۆچەتلەر،)
تېرەك كەبى ئۆسىدۇ قەغەزدىلا سۈپەتلەر،
تۇتىلسىمۇ مۇئاشىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

بىرى دىسە قول شىلتىپ ئىش تۈگمىسە ئاتىمەن،
ھېلى چىقساڭ سۆرەمدىن،ساپانغىمۇ قاتىمەن،
گەر كەينىدە قېلىشساڭ پۇت قولۇڭنى چاقىمەن،
توختىماستا تىنىقىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

قاتناشماستىن مەجلىسكە مەن باللارنى ئوقىتاي،
شامدەك ئېرىپ كەتسەممۇ دىللىرىنى يۈرىتاي،
ھە-،دىسىڭىز خۇشلۇقتا  سىزگە ناۋات چاي تۇتاي،
ئۈشبۇ مېنىڭ تەكلىپىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە.

2014.1.7




ئاپتورنىڭ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرى ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونىدا .ئىزدەش نامى:angarxeirliri
سالوننى قوشۈۋېلىپ يېڭى يېڭى مەزمونلاردىن بەھىرلەنگەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 02:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ھارمىغاي،كۆڭلىمىزدىكىنى ئپادىلەپسىز

قانداق ياشاش ئىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42074
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1486 سائەت
تىزىم: 2011-5-25
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:16:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن يەنىمۇ تىرىشىڭ !!!!

ئۇيغۇر ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھاياتقا كىرەكتۇر ۋىجدان ۋە غۇرۇر.
يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
دىيارىڭ شىنجاڭ مىللىتىڭ ئۇيغۇر!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1430 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپونىيەدە پىلان كۆپ،جۇڭگۇدا يىغىن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

يوقتۇر مېنىڭ ساقلىقىم قاتناشمايچۇ مەجلىسكە،
ماۋۇ گەپ نەق جايىغا چۈشۈپتۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78352
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 03:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە ياخشى يېزىلغان شېئىر بۇ....خۇددى ھەممىمىزنىڭ ئىچىدىكىنى تېپىۋالغاندەكلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90413
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 06:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ مېنىڭ ھەم شۇنداقلا خزمەتداشلىرمنىڭ يۈرەك سۈزكەنغۇ .ئەجەپ بىىزار بۇلدى شۇ ئايقى چىقماس يىغندىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 06:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار تەكرار ئوقىلار قىزىل باشلىق ھۆججەتلەر،
(ئەمما سۈسىز قالىدۇ ،قاغچىرىغان كۆچەتلەر،)

بەكلا ياقتۇردۇم، ئىشلىرىڭىز ئاسان بولغاي.

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 716
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 07:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىز ئاتاقلىق شائىر  مەرھۇم  تېيۇپچان ئىليۇپنىڭ «ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلىمى» دىگەن شېئىرنى ئىختىيارسىز ئەسلىتىپ قويدى.جەمئىيەتتە سىز قامچىلىغاندەك ئىللەتلەر ھېلھەم تۈگىگىنى يوق .  سىزنىڭ بۇ ساترىك شېئىرىڭىزنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىللە قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ زور ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 07:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 08:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياقتۇردۇم

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش