|
|
|
|
قىمارۋاز دادا (1)
يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلانغان مەلۇم بىر كۈنى ،چۈشلۈك ئارام ۋاقتى بولغاچقا باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆيلىرىگە كېتىپ قېلىشقان، ئۆزۈم يالغۇز نۆۋەتچىلىك قىلىپ ، دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرغاچ تاپشۇرۇق تەكشۈرىۋاتاتاتتىم ،قولىدا بولاق -بولاق سۇلياۋ خالتىلارنى (سۇلياۋ خالىتىلاردىن كىيىم -كېچەك،ئويۇنچۇق دېگەنلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى)ئالتە -يەتتە ياشلار چامىسىدىكى كۆزلىرى چوڭ –چوڭ، چىرايلىق بىر قىزچاقنى يېتىلىۋالغان بىر خەنزۇ ئەر بىلەن بىر ئايال قېشىمغا كەلدى، مۆلچەرىمچە خەنزۇ ئەر ئەللىك ياشلار ئەتراپىدا ، ئايال بولسا ئوتتۇز ياشلار چامىسىدا بولۇپ،ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل جەلپ قىلارلىق گۈزەللىك چىقىپ تۇراتتى.مەن << نېمە ئىش بار ئىدى ....؟ >> دېگەن مەنىدە ئۇلارغا قارىدىم.
- قىزىمىزنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتايلى دەپ ئەكەلگەن ئىدۇق ،- دېدى ئايال
- قىزىمىزنى......!،- ھەيرانلىق بىلەن ئۇلارغا قارىدىم، ئەسلى <<بۇ قىز سىلەرنىڭ قىزىڭلارما؟>> دەپ سورىماقچى ئىدىم ،لېكىن بىئەپ بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئېغىزىمدىن چىقىرالماي قالدىم.
-ھە ،بۇياق مېنىڭ ئېرىم بولىدۇ،بۇ بىزنىڭ قىزىمىز، بۇ يىل يەتتە ياشقا كىردى،ئەر -ئايال ئىككىمىزنىڭ قىزىمىزنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتقىمىز بار ،قىزىمىزمۇ شاۋچۈدە ( ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى)ئادەتتە ئاساسەن ئۇيغۇر بالىلار بلەن ئوينىغاچقا ،ئۇيغۇرچە گەپنى ئوبدانلا قىلىدۇ،ئۆتكەن يىل ئۇيغۇرچە مەكتەپتە تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇتقان ئىدۇق -دېدى.
- ھە، ھازىر چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتى، چۈشتىن كېيىنكى ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بولمىدى،چۈشتىن كېيىن كېلىپ ،ئىلمىي مۇدىر بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىىلش ئىشىغا ئىلمىي مۇدىر مەسئۇل،-دېدىم مەن قاپىقىمنى سەل تۈرۈپرەك.
- دادا ،ئۇسساپ كەتتىم ،-دېدى قىزى دادىسىنىڭ پېشىنى تارتىپ . ,
- مەن بوبىڭ ئېپ بېرەي قىزىم،- دېدى ھېلىقى خەنزۇ ئەر قىزىغا ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپراق سۆزلەپ ۋە ئايال تەرەپكە بۇرۇلۇپ :
- سىزمۇ ئىچەمسىز؟ بالىغا ئۇسسۇلۇق ئېلىپ بېرىپ كىرىلىمۇ؟ -دەپ سورىدى.
- مەن بۇ يەردە ما خانىم بىلەن ئولتۇرۇپ تۇراي، سىز سۈبھىنۇرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ بېرىپ كىرىڭ، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم،- دېدى ئايال.
- ماقۇل، سىلەرگىمۇ ئەكىرىپ بېرەي، -دېدى ئەر.گەرچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپراق سۆزلىگەندىكى تەلەپپۇزى ئادەمگە كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ، گېپىنى خېلى ئۇققىلى بولغۇدەك سۆزلەيتتى.مەن ئۇ ئايالنىڭ قېشىمدا ئولتۇرىشىنى تازا خالاپ كەتمىسەممۇ ( ئۇنىڭ بىر خەنزۇ ئەرنى‹‹ ئېرىم›› دېگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر)ئۇ ئۆزى ‹‹ مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇراي›› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز قالدىم.خەنزۇ ئەر قىزىنى (ئايالنىڭ بايامقى ئاتىشىدىن قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ سۈبھىنۇر ئىكەنلىكىنى بىلدىم) يېتىلەپ چىقىپ كەتتى.ئايال قېشىمدىكى ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردى، مەن ئۇ ئايالغىمۇ قارىماي ،گەپ -سۆزمۇ قىلماي تاپشۇرۇقۇمنى تەكشۈرىۋەردىم.
-مەنمۇ بىللە چىقاي دېسەم، ئەتىگەندىن بېرى قىزىمىزغا بىرنەرسە ئېلىپ بېرىمىز دەپ بەك كۆپ مېڭىپ كېتىپتىمىز، سەل ھېرىپ قاپتىمەن، ھەم ئىسسىقتا ...- ئايال مېنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىز تۇرغان چىرايىمغا قاراپ بىئەپ ھېس قىلىپ قالدىمۇ قانداق سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا قىلىۋاتقان سۆزىنى توختاتتى.
- سىلىگە دەخلى قىلپ قويدۇممۇ نېمە؟- دېدى ئايال. - ياقەي،- دېدىم مەن تىلىمنىڭ ئۇچىدا.
- مەن ئەسلى قىزىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىلى دېگەن ،ھازىرقى تەرەققىياتمۇ شۇنى تەلەپ قىلىۋاتقاندىكىن،لېكىن ئېرىم <<ئۇيغۇرچىدا ئوقۇتىلى >>دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدى،شۇڭا مۇشۇ مەكتەپكە بېرىلى دەپ ئەلكەلدۇق ،- دېدى ئايال يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
- بۇ سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلارمۇ ؟- دەپ سوررىدىم مەن ئۆزەمنى بېسىۋالالماي بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە ئايالنىڭ گېپىنى بۆلىۋېتىپ.
- ھە، ئۆز قىزىمىز ،- دېدى ئايال.
- سىز ئۇيغۇر تۇرۇپ،- گېپىمنىڭ ئاخىرىنى چىقارمىدىم.
- نېمە دېمەكچى بولغانلىرىنى چۈشەندىم خانىم، سىلە‹‹ سىز ئۇيغۇر تۇرۇپ، نېمىشقا خەنزۇ بىلەن توي قىلغان ؟›› دېمەكچى شۇنداقمۇ؟ بېشىمدىن ئۆتكەنلىرىمنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولسام ،بىر رومان پۈتۈپ چىقىدۇ خانىم، سەزگۈرەشتىلىرىمنى باشقىلارغىمۇ سۆزلەپ بەرگەن،سىلىگىمۇ سۆزلەپ بېرەي، ئاڭلىغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىچ ئاغرىتىدۇ، بەزىلىرى زاڭلىق قىىلدۇ، مەيلى باشقىلار نېمە دېسۇن، مەن ھازىر بەختىمنى تاپتىم، تۇرمۇشۇم شۇنداق خاتىرجەم، سەككىز –توققۇز يىل ئىلگىرى مۇشۇنداق بەختنىڭ ماڭا نېسىپ بولىشىنى ئوڭۇمدا ئەمەس، چۈشۈمدىمۇ ئويلىيالمايتتىم،بۇ بەختنى ماڭا مۇشۇ خەنزۇ ئېرىم بەرگەن ،- دېدى ئايال،مەن ‹‹ئاخىرى قانداق چىقاركىن؟››دەپ قىزىقىپ ئۇنىڭ گېپىگە ئىپادە بىلدۈرمەي جىم تۇردۇم. .
-مەن قۇمباش يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىكەنمەن، ئېسىمنى بىلسەم كونا بولسىمۇ باغلىرى بار خېلى كەڭرى ئۆيىمىز بولۇپ، ئاپام –داداملار ئازىراق يېرىمىزنى تېرىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئانچە –مۇنچە مال –چارۋا باقاتتىكەندۇق ، بەك باي بولمىساقمۇ دادام ،ئاپام ، مەن ،ئۇكام تۆتىمىز تۇرمۇشىمىزنى خېلى ياخشى ئۆتكۈزەتتۇق،مېنىڭ ئەڭ غەمسىز، خوشال ئۆتكەن ۋاقىتلىرىم ئۇكامنىڭ قولىنى يېتىلەپ ئاپامنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ ، ئېتىزلىققا بېرىپ ئاپام –داداملارنىڭ ئارقىسىدىن چېپىپ ئوينىغان ۋاقىتلىرىم ئىكەندۇق ئويلاپ باقسام، ئالتە ياشلارغا كىرگەن ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن دادام ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرىغىمۇ يېقىن كەلمەيدىغان،كەچلىرى ئۆيگە كىرمەيدىغان ،ئۆيگە كىرسىمۇ ئاپامنى ئۇرىدىغان،ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئاپامغا ئېسىلىۋالساق بىزنىمۇ قوشۇپ ئۇرىدىغان بولۇپ قالدى، مەن ئۇ ۋاقىتتا كىچىك بولغۈچقا دادامنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى،دادام بەزى كۈنلىرى كەچلىرى ئاپامنىڭ ئېسىلىۋالغانلىرىغا ئۇنىماي ئىتتىرىۋېتىپ ئۆيدىكى قوي ،ئۆچكە،توخۇ دېگەندەكلەرنى تالاغا سۆرەپ ماڭاتتى،كۈنلىرىمىز بەكمۇ تەستە ئۆتەتتى،ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئاپام قايەرلەردىندۇ خەقنىڭ يەرلىرىگە قارىشىپ، كىر –قاتلىرىنى يۇيۇشۇپ بېرىپ ئىشلەپ تېپىپ ئەكەلگەن يىمەكلىكلەرنى يېيىش، كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىش بىلەن قورساق يېرىم ئاچ ،يېرىم توق ئۆتىدىغان بولدى.بەك چارچاپ كەتكەچكىمۇ ئاپام بەزىدە تۇرۇپلا يىقىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن دادامنىڭ ئاپامنىڭ نېمە بولىشى بىلەن پەقەتلا كاى يوق ئىدى،يەنىلا ئۆيدىكى بار نەرسىلەرنى سىرتقا توشىغىنى توشۇغان ئىدى.دادام بەزى كۈنلىرى كەچلىرى خوشال ھالدا كېلىپ بىزگە يەيدىغان نەرسىلەرنى بېرەتتى ۋە ئۇكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئاچكۆزلەرچە تالىشىپ يىيىشلىرىمىزگە قاراپ:
-ئالدىرىماي يەڭلار بالىلىرىم،خۇدايىم بۇيرىسا كۈندە مۇشۇنداق تەلىيىم كېپ قالسا،سىلەرگە جىق –جىق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىمەن،- دەيتتى. بەزى كۈنلىرى كەچتە ئۆيىمىزگە دادامنىڭ مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاغىينىلىرى بىردىن –بىردىن كىرەتتى ۋە قازناق قىلىۋالغان ئۆيگە يىغىلىشىپ ‹‹ياپىرىم، مېنىڭ قولۇم ئەمەس....›› دەپ بىرنىمىلەرنى ۋارقىرىشىپ قىيا –چىيا قىلىشىپ كېتەتتى، بۇنداق چاغدا دادام ئاپامنى ئۆيدىن سىرتقا پەقەتلا چىققىلى قويمايتتى ۋە مېنى ئىشىك سىرتىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ:
-ھويلىغا تونۇمايدىغا بىرەر كىم كىرگۈدەك بولسا دەرھال ‹‹دادا ،ئۆيگە ئادەم كەلدى !›› دەپ جېنىڭنىڭ بارىچە ۋارقىرا، شۇنداق قىلساڭ جىق پۇل بېرىمەن ،- دەيتتى، مەن پۇلنىڭ خوشاللىقىدا ئىشىك ئالدىدا مىدىرلىماي تۇراتتىم.لېكىن تەلىيىم كاجمىكىن تاڭ بۇنداق ۋاقىتتا ئۆيگە بىرەرسى كىرمەيتتى. شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ بەزى كۈنلىرى كەچلىرى ئۆيگە كىرمەسلىكى،ئاغىينىلىرىنىڭ كەچلىرى ئۆيىمىزگە كېلىشىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ،ئۆيىمىزدىكى مال –چارۋىلىرىمىزمۇ تۈگەپ ،پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىمىزمۇ قالمىدى،ئاپاممۇ دادامغا تولا يىغلاپ ،كۆز يېشى قۇرۇپ كەتتى،يالۋۇرۇپ ئاغزىنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كېتەي دەپ قالدى. ئاخىرى بىر كۈنى يامپىشىغا ئۇزۇن غىلاپلىق پىچاق ئاسقان ،ئىنتايىن يوغان ،چىرايى قورقۇنۇشلۇق بىر ئادەم ئۈچ –تۆت ئادەمنى باشلاپ كىلىپ،دادامغا :
-ئەمدى بۇ ئۆي مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتتى ،ئۆينى ئەتىلا بىكارلا، ئوغۇل بالا دېگەن ئۆزىنىڭ گېپىگە ئىگە بولىشى كېرەك، ئەتە بۇ ئۆيدە سېنى ۋە بالا –ۋاقىلىرىڭنى كۆرۈپ قالماي، مېنىڭ كىملىكىمنى ئوبدان بىلىسەن ،ئەمسە مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويما!- دېدى ۋە چىقىپ كەتتى، مەن ئۇ ئادەمنىڭ نېمىشقا ئۆيىمىزنى ‹‹ ئىلكىمگە ئۆتتى ››دېگەنلىكىنى ۋە دادامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي بىچارىلەرچە قول قوشتۇرۇپ تۇرغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم. بىچارە ئاپام بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،شۇ جايىدىلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشتى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، كېيىن ئۇقسام دادام مال –چارۋىلارنى ،ئۆي بىساتىمىزنى،يېرىمىزنى ئۇتتىرىۋېتىپ ،ئاخىرىدا ئۆيىمىزنىمۇ ئۇتتىرىۋېتىپتۇ.بىز ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن قېپ قالغان قازان -قومۇچ دېگەندەك ئازغىنە نەرسىلىرىمىزنى بىر ھارۋىغا بېسىپ،شەھەرگە كەلدۇق ۋە باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئىجارە ئولتۇردۇق.
مەن شەھەرگە كەلگەندىن شەھەردىكى تۇرمۇشنىڭ مەن ئارزۇلىغان خىيالىمدىكى تۇرمۇشقا پەقەتلا ئوخشىمايدىغانىلقىنى ھېس قىلدىم،ئۇ يەردە بالىلار بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلارغا ئوخشاش مۈكۈ -مۈكۈلەڭ ئوينىمايدىكەن، بىر -بىرىنى ئۇرۇپ بوزەك قىلىدىغان ئىشلار جىق ئىكەن، بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن دائىم باشقا بالىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ تۇردۇق،دادام -ئاپامغا بالىلارنىڭ ئۇرغىنى دېسەك دادام:
-ھەرقايسىڭنىڭ قولى ئاپاڭنىڭ ئىچىدە قېپ قالغانمۇ؟ قولۇڭ بولغاندىكىن سەنمۇ ئۇرۇشمامسەن،- دەپ ھۆركىرەيتتى. ئاپام بىچارە بولسا:
- ھېچۋەقەسى يوق بالىلىرىم، ئۇنچىلىك تاياققا ئادەم ھېچنىمە بولۇپ قالمايدۇ، سىلەر ھەرگىزمۇ خەقنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۇرۇشماڭلار ،- دەيتتى، كېيىنچە بىز دادامنىڭ گېپىنى بەكراق ئاڭلاپ، بالىلار بىلەن قورقماي ئۇرىشالايدىغان بولدۇق،بەزى كۈنلىرى خوشنىلار بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن داۋاغا كىرىدىغان بولدى، بۇنداق چاغدا بىچارە ئاپام ئۇلارغا ھۆزىرخالىق ئېيتىپ بولالماي ئاۋارە بولاتتى.
شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنمۇ تۇرمۇشىمىزدا قىلچىمۇ ياخشىلىنىش بولمىدى،بۇ يەردە ھەممە نەرسىنى پۇلغا سېتىۋالغاچقا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەك نامراتىلقتا ئۆتۈشكە باشلىدى،ئاپام بىچارە بىردىن –بىر قېرىندىشى بولغان ئاكىسىدىن ئازىراق پۇل قەرز ئېلىپ كىچىككىنە كۆكتات يايمىسى ئاچتى، تۇرمۇشىمىز ئاپام كۆكتات سېتىپ تاپقان ئازغىنە پۇلغا قاراشلىق ئىدى،ئۇكام بىلەن ئىككىمىز دائىم ئاپامنىڭ كۆكتات ساتقان يېرىگە بىرگە بېرىپ ياردەملىشىپ بېرەتتۇق، دادام يەنە كونا ئادىتىنى پەقەتلا تاشلىمىدى،ئاپامنىڭ قولىغا ئازىراق پۇل كىرىپلا قالسا ھەممىنى تارتىۋېلىپ ،نەلەرگىدۇ قىمار ئوينىغىلى كېتەتتى،قىماردا ئۇتىۋالغان كۈنلىرى خوشلىغى كىلىپ قالسا بازارغا چىقىپ ئاپامغا كۆكتات سېتىشىپ بېرەتتى، بىزگە ئانچە –مۇنچە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بېرەتتى، ئوتتىرىۋەتكەن كۈنلىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە يېتىپ ئۇخلايتتى ياكى بىزنى بولىشىغا تىللىۋېتىپ ،قاياقلارغىدۇ يوقاپ كېتىپ، كەچ بولغاندا مەس پېتى دەلدەڭشىپ كىرەتتى، بۇنداق چاغدا بىچارە ئاپام قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە مۆكىۋالمايدىغان بولسا،دادامنىڭ مۇشت –تېپىكلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتەتتى. دادامنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كېتىپتىكەن، بىردىنبىر قېرىندىشى بولغان ئاچىسىمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا دادامغا نەسىھەت قىلىدىغان، ئۇنى يامان ئىشتىن توسايدىغان جان كۆيەر تۇققانلىرى يوق ئىدى.
نامراتچىلىق، ئاچ –توقلۇق ئىچىدە يۈرۈپ شەھەرگە كەلگىلى بىر يىل بولاي دەپ قالدى، يەتتە ياشقا كىرگەن يىلىم ئاپام دادامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي مېنى مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى، مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىمدا خوشاللىقىمدىن بېشىم كۆككە يەتتى، 1- سىنىپتىلا ساۋادىم تولۇق چىقىپ بولدى، مۇئەللىمىم ۋە ساۋاقداشلىرىم ماڭا بەك ئامراق ئىدى، ئۇلار مېنى ‹‹نامرات ›› دەپ كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلارنى قىلمايتتى، مۇئەللىم تېخى ئاپامدىن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى ئۆزى تۆلىۋەتكەن ئىدى، لېكىن بۇ ئىشنى پەقەت ئاپام، مەن ۋە مۇئەللىم ئۈچىمىزلا بىلەتتۇق، ئويلاپ باقسام مېنىڭ ئەڭ بەختلىك، غەمسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىكەندۇق.
ئايال سۆزلەۋاتاتتى، مەن پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئۇنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدىم .
- ئاپا ،بۇنى سىلەرگە ئەكەلدۇق،- ئۇلارنىڭ قىزى بىر قولى بىلەن دادىسىنىڭ قولىغا ئېسىلىپ ،بىر قولىنى دادىسىنىڭ قولىدىكى ئىككى بوتۇلكا سوغۇق ئىچىملىككە ئۇزاتتى،ئۇنىڭغىچە ھېلىقى خەنزۇ ئەر قولىدىكى ئىچىملىكنى ئايالغا بەردى،ئايال مېنىڭ تۈزۈت قىلغىنىمغىمۇ ئۇنىماي ،سوغۇق ئىچىملىكنىڭ بىرسىنى ماڭا تۇتقازدى، مەن ئىچىملىكنى ئېلىپ ئاغزىنى ئېچىپ بىر ئوتلۇدۇم.
-ئىشقا چۈشىدىغانغا قانچىلىك ۋاقىت قالغاندۇ؟- دەپ سورىدى ئەر مەندىن خەنزۇچە. - يەنە بىر سائەتتىن ئارتۇقراق بار ،- دەپ جاۋاب بەردىم ئۇيغۇرچە.
- سىز سۈبىھنۇرنى بىردەم بازار ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىڭ، بۇ يەردە ئولتۇرسا ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ كەتمىسۇن، مەن مۇشۇ يەردە ،خانىم بىلەن پاراڭلاشقاچ، ساقلاپ تۇراي ،- دېدى ئايال.مەنمۇ ئايالنىڭ ھېكاىيىسنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ تۇراتتىم،ئەر ‹‹ ماقۇل ›› جاۋابىنى بېرىپ قىزىنى يېتىلەپ ماڭدى، ئۇنىڭ تۇرقىدىن قىزىغا ئاجايىپ بىر خىل ئامراقلىق چىقىپ تۇراتتى.ئايال ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى.
-مەن باشلانغۇچنىڭ 4- يىللىقىدا، ئۇكام 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشىدىغان ۋاقىتىلرى كۆپىيىشكە باشلىدى، بىر قېتىم كۆكتات سېتىۋاتقان يەردىلا يىقىلپ چۈشۈپتۇ ،باشقىلار ئاپامنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، دادامنى ھاراق ئىچىۋاتقان يەردىن چاقىرىپ كەپتۇ، دادام ‹‹ پۇل يوق ››دەپ ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپارماي، دولىسىنى چىقىرىپ ئىششىپ تۇرىۋالدى، يەنە شۇ ئاپامنىڭ كۆيۈمچان ئاكىسى ( ئاپامنىڭ ئاكىسىنى ‹‹كىچىك دادام›› دەپ چوڭ بولغان ئىدىم ) بىر قورساق قېرىندىشىغا چىدىماي،ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوختۇرلار ‹‹ ئاق قان راكى ››دەپ دىئاگنوز قويدى ۋە ئۆيگە ئەكىتىپ بېقىۋېلىشىمىزنى ئېيتتى،كىچىك دادام، ئۇكام ئۈچىمىز يىغلاپ –قاخشاپ ئاپامنى كىچىك دادامنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئەكەلدۇق،دادام ئارىلىقتا بىرنەچچە قېتىم كەلگەن بولدى،مەن ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ مەكتەپكە بارالمىدىم، ئۇكام دادام بىلەن قايتىپ كېتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى، بىچارە ئاپام ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىپ، قاتتىق ئېغىر كېسەل ئازابىنى تارتىپ ،ئانچە ئۇزۇن ياتمايلا بىز بىلەن خوشلاشتى،ئاپامنىڭ تۈگەپ كېتىشى مېنىڭ مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلىشىشىمنىڭ، بەختسىز كۈنلىرىمنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى،ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن دادام مېنىڭ يىغلاپ –يېلىنىشلىرىمغا قارىماي مەكتەپكە بارغۇزمىدى،مۇئەللىمنىڭ قايتا -قايتا كېلىپ دادامغا نەسىھەت قىىلشلىرىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى،ئەمدى مېنىڭ كۈنلىرىم ئاپام ئولتۇرغان كۆتات يايمىسى ۋە ئۆيدىكى قازان بېشى ئاتراپىدا ئۆتۈشكە باشلىدى.دادامنىڭ كۈنلىرى ئىلگىركىدەكلا قىمار ۋە ھاراق بىلەن ئۆتەتتى، دادام مەست بولۇپ قالغاندا تاياق يېيىش نۆۋىتى ئۇكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى.ئۇ پات –پات :
ـ خۇدايىم بۇيرىسا جەمشىتنىڭ روھى يۆلەپ بىر ئۇتىۋالسام،چوقۇم باي بولۇپ كېتىمىز ،- دەپ قوياتتى، دادامنى جەمشىتنىڭ روھىنىڭ قاچان يۆلەپ، قاچان ئۇتۇپ، باي بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمەيتتى.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى كۈنلىرىم ناھايتى تەس ئىدى،گەرچە دادام ئۆز دادام بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتلاردا نېمىشقىدۇر كۆڭلۈمدە ‹‹ ئاپام ئۆلۈپ كەتكۈچە دادام ئۆلۈپ كەتسىچۇ...!›› دېگەنلەرنى ئويلايتتىم.شۇنداق غۇربەتچىلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ يېشىممۇ 17 ياشلاردىن ئېشىپ قالغان ئىدى،ئارىلىقتا ئۇكام دادامنىڭ قاتتىق تايىقى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ يوقاپ كەتتى، مەن خېلى سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولساممۇ ئىز –دېرىكىنى ئالالمىدىم، دادام بولسا ئۇكامنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە :
- ھارام تاماقتىن بىرسى ئازايدى، ئۆلمىسە تاپا بىر كۈنى مېنى،- دەپ قويدى. دادام قىمارغا تېخىمۇ بەك بېرىلىپ كەتتى، مېنىڭ كۆكتات سېتىپ تاپقان پۇللىرىم ئۇنىڭ قىمار ئوينىشىغا يەتمەي كېتىۋاتاتتى، بىز بۇ ئارىلىقتا دادمنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن قىمارۋازلاردىن قېچىپ نۇرغۇن قېتىم ئۆي كۆچۈپ كەتتۇق،بىر كۈنى ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتسام ،ئىشىكتىن دادام بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئۆيگە پات –پات كېلىپ تۇرىدىغان قاسساپ كىردى.مەن چاي دەملەپ ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قويۇپ قوياي دەپ بېرىشىمغا ئۇ ئادەم قولۇمنى تۇتىۋېلىپ:
- ئۆمەر ئاداش، قىزىڭلا ماڭىلا ماس كەلگۈدەك چىرايلىق ئادەم بوپتۇ جۇمۇ ،-دەپ ئاغزىنى شۇنداق سەت كالچايتىپ كۈلمەسمۇ، قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى، مەن قولۇمنى ئىتتىك تارتىۋېلىپ تالاغا قېچىپ چىقىپ كەتتىم، ئۆي ئىچىدىن دادام بىلەن ئىككىسىنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنپ تۇراتتى، مەن ‹‹ بۇ سەت قاسساپ ئوغرى مېنىڭ قولۇمنى تۇتىۋاتسا ،دادام بولغان ئادەم نېمىشقا گەپ قىلمايدۇ؟›› دەپ دادامدىن ئاغرىندىم، ئويلاپ باقسام شۇ ۋاقىتتىكى بۇ ئاغرىنىشىم، دادامنىڭ مېنى ئوتقا ئىتتىرىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ھالدىكى ئەك ئاددىي، كىچىك بولغان ئاغرىنىش ئىكەن،ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ تۇرمۇشىمدىكى يەنە بىر ئېچىنىشلىق ئۆزگۈرۈش باشلاندى.
داۋامى بار
|
|
|
|
|
|