ئىزىلگەن قەلىپ
(بىر قىزنىڭ قەلىب خاتىرسىدىن)
ئىنسان بۇ دۇنيادا بىلىپ -بىلمەي قىلىپ قويغان ئىشلىرىنى ئويلىغىندا، تولىمۇ ئەپسۇس، بەكمۇ كېچچكەن بولىدىكەن. شۇڭلاشقمۇ بىز ئىنسانلار <<خام سۈت ئەمگەن ئىنسان>>دېيىلىدىكەنمىز.
ئاشۇ ئۆتۈپ كەتكەن مېنۇتلارنى ئەسلىگىنمدە، شۇ ھاياتىمدىن ئاچچىق بىلەن تاتلىق، غەم -قايغۇ بىلەن خۇشاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ بىر تۇيغۇنى ھېس قىلىپتمەن. بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمدا، ئۇنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا بۇنچىلىك تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. شۇ تاپتا كۆزلىرىم ئارقىدا قالدى، كىرپىكلىرىم خۇددى يامغۇردا قالغان مايسىلاردەك ھېچبىر قۇرۇمايدۇ. ئاشۇ يېراققا تىكلىگەن كۆزلىرىم ئۇنىڭ ئىلگىرىكى دائىملا پاكىز، رەتلىك كىينىپ يۈرىدىغان چوڭ كۆزلۈك، تەمكىن، جۈرئەتلىك ھالىتنى ئىزدەشكە ئىنتلىدۇ. ئەمما يۈرىكىمدىكى ئاچچىق بىر ئازاپ تۈپەيلىدىن مەھكەم يۇمۇلىدۇ.
مانا بۈگۈن مەۋسۈملۈك ئىمتىھاننى تۈگىتىپ، چوڭقۇر تەقەزالىق ئىچىدە ئۆيگە يىتىپ كەلدىم. ئاتا-ئانام ۋە ئىنى -سىڭىللىرىم بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئېغىر چامادانلىرىمنى جايلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۈز-كۆزلىرىمنى پاكىز يۇيۇپ، ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا توساتتىن ئالتە-يەتتە قەدەم يىراقلىقتىكى ئاپئاق چېچەكلىگەن ياۋا شاپتۇل كۆچىتىگە كۆزۈم چۈشتى. ئۆزۈمنى زورىغا بېسپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئانام ئۆز قولى بىلەن ئاشكۆكى سېلىپ ئەتكەن ئۈگىرىنى ئىچىپلا ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. سەپەر ھاردۇقى ئېغىر كەلدى بولغاي تاتلىق ئۇيقۇ قاينىمغا غەرق بولدۇم. ئەتسى سەھەردىلا ئالدىن ئويلىۋالغان پىلانىم بويچە ئەڭ يېقىن دوستۇم گۈلنۇرنىڭ ئۆيگە قاراپ چاپتىم. گۈلنۇرنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن مۇڭداشتىم. بولۇپمۇ مەن ئالي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ماختىنىش ئىلىكىدە سۆزلەيتتىم. بىراق مەن چىراي ئىپادىلىرىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ماڭا دېيەلمەيۋاتقان قانداقتۇر بىر گېپى بارلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. بىر ۋاقتتا ئۇ مەندىن تۇيۇقسىز سوراپ قالدى:
-گۈلنىگار ، ھازىرمۇ ئەكرەم بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتامسەن؟
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالغا مەن دەمالققا جاۋاپ تاپالماي قېلىپ، يالغاندىن:
-ياخشىغۇ -دەپلاقويدۇم.
ئۇ ماڭا قارىغان پېتى :
- سەنمۇ ياخشى ۋاقتتا قايتىپ كەلدىڭ، يەكشەنبە كۈنى ئىككىمىز ئۇنى كۆرۈپ كېلەيلى،بولامدۇ؟-دېگىنىچە
ماڭا تىكىلدى.
مەن ھېچ ئويلانمايلا: - مىنىڭ ئەتە ئازراق ئىشىم بار، سەن ئۆزۈڭ بىرىۋەر، ئۇ مەن ئەتە بارمىغانغا ئۇ بىر يەرگە قېچىپ كەتمسىە يا -دەپ ئىپادىسىزلا جاۋاپ بەردىم.
گۈلنۇر ھەيرانلىق ئېلىكدە قايتۇرۇپ: - نېمە، سەن تېخچە بىلمەمسەن؟ ھازىر ئەكرەم ئاق قان ھۈجەيرىسى ئارتىپ كېتىش كېسلى(قان راكى)بىلەن بالنىستتا يېتىپ قالغىلى نەچچە ئايلار بولۇپ قالدى. بىچارە ئاتا-ئانسىمۇ ئۇنىڭ بۇ كېسلىنى بىلگەندىن كېيىن قان -زار قاقشاپ سۈيۈملۈك پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قىلشىدىن قاتتىق قايغۇرۋاتىدۇ. ئاڭلسام ئۇنىڭ كېسلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتلىغان بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىمگە خۇددى بىرسى "غاچچدە'' پىچاق سانجغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ يەنلا ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. شۇنداقلا:
-بولدى، قويساڭچۇ بۇنداق چاقچىقىڭنى، مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسەن ئەمدى!
ئۇ تەرىنى جىددىي تۈسكە كىرگۈزۈپ ماڭا تىكىلدى: -ياق، بۇ چاقچاق ئەمەس، مەن تېخى سېنى ھەممە ئىشنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. بىلسەڭ، ئۇ ھازىر ساڭا بەكمۇ مۇھتاج.
ئۇنىڭ بۇ گېپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئاغدى، ئۆزەمنى توختۋاللالماي كۆزلىرىمدىن تارام -تارام ياشلار مارجاندەك يۈزلىرىمنى نەمدىدى . ئۇنىڭ تەسەللىلىرى قۇلىقىمغا ھېچ كىرمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ روھسىز ھالاتتە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
ئەكرەم مېنىڭ بىر يۇرتلۇقۇم ئىدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا ھاياتنىڭ مەنسنى تۇنجى قىتىم ھېس قىلدۇرغان ئىدى. بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپ ھاياتىمنىڭ ھەر بىر ۋاراقلىرىغا ئۇنىڭ ئىزناسى سىڭگەن ئىدى. بىز دەسلەپتە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتۇق. ئاي ۋە كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشگە ئەگشىپ بىزنىڭ بۇ دوستلۇقىمىز، رىشتىمىز مۇھەببەتكە ئۆزگەردى. تەغدىر دېگەن ئاجايىپ بىر نەرسە ئىكەن، بىزنىڭ مۇناسۋىتىمىز تۇنجى يىلغا قەدەم قويغان ۋاقىتتا، مەن شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنۋېرستىتىغا، ئۇ ئىچكىر ئۆلكىدىكى بىر داڭلىق ماليە -ئىقتىساد ئۇنۋېرستىتىغا قوبۇل قىلندۇق. ئارىمىزدىكى نەچچە مىڭ چاقىرىملىق مۇھىت ئامىلى بىزنى يىراق-يىراقلارغا ئايرىپ تاشلغان بولسىمۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپ يېتىلگەن سەممىي ساداقەت ۋە ئىشەنچ بىزنى ھېسيات جەھەتتىن باغلاپ تۇراتتى. گەرچە ئۇ يېنىمدا بولمىغان بولسىمۇ تەتىللەردە، ھەر خىل بايراملاردا ماڭا مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى. كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسام ،ئىچ- ئىچىمدىن روھلىنىپ قالاتتىم. شۇ پەيتلەردە ئۆزۆمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىز ھېساپلايتتىم، كۆڭلۈمدە مۇھەببەتنىڭ شۇنچىلىك قۇدىرەتلىك ئىكەنلىكىدىن سۈيۈنەتتىم.
بىزنىڭ ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك ھاياتىمىز ۋاقتنىڭ ئۆتۈشگە ئەگشىپ ئاستا -ئاستا سارغىيىپ خازان بولۇشقا باشلدى ، مەن دائىم ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلسە ،تۈرلۈك باھانلەر بىلەن ئالمايدىغان بولۋالدىم ،چۈنكى ئۇنىڭ يېنىمدا بولماسلقى مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسياتمنى سۇسلاشتۇرۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئىلگىرى ماڭا ئېيتقان "نىگارىم ،سېنى سېغندىم ، سېنى كۆرگۈم كەلدى" دېگەندەك مىنىڭ قەلبمنى ئىللىق لەرزىگە چۆمۈلدۈردىغان سۆزلىرى مۇشۇ تاپتا ھېچقانچە ئىنكاس پەيدا قىلالمايۋاتاتتى، چۈنكى ئەتىراپىمدا قوغلشۋاتقان بىر يىگىت مىنى بارغانسېرى ئۆزىگە رام قىلۋالماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ بىلەن يېڭدىن يۈرگەن ۋاقتلىرىمدا ، دائىم مۇشۇنداق كۈنلەرنى سېغناتتىم ، ئەمما مۇشۇ كۈنلەر كۆز ئالدىمدا ھازىر بولغىنىدا ،يەنە قانائەت قىلمايۋاتاتتىم ، دائىم ئورۇنسىز باھانلەرنى كۆرسىتىپ ،ئۇنىڭغا دوق قىلاتتىم ،دوستلىرىمنىڭ ئوغۇل دوستلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىنى سۆزلاپ ،ئۇنىڭدىن شۇ بىر ئېغىز "ئايىرىلىپ كېتەيلى " دىگەن سۆزنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلاتتىم ، لىكىن ئۇ بۇنداق دېمەيتتى. مۇشۇنداق ۋاقتلاردا ئۇ شۇنچلىك جىمىپ كېتەتتكى ، مىنىڭ تاپا -تەنلىرىمنى جىمجىت ئاڭلايتتى، ھەم ئاخىرىدا مەندىن ئەپۇ سورايتتى.
"ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە " دەپ مەن ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنمۇ بولدۇم ، قىلغان خاتالىقلىرىمنىڭ جازاسنى ئاستا -ئاستا تارتۋاتاتتىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ،نەچچە ھەپتە ئۆتەر -ئۆتمەيلا مىنى قوغلىشىپ يۈرگەن ئۇ بالنىڭ مىنىڭ يېقىن دوستۇم سۈبھى بىلەن يۈرگەنلكىنى بىلدىم .دەرسلەردىممۇ چېكىنىپ كېتىپ باراتتىم ، ئەكرەم بىلەن يۈرگەن ۋاقتلىرىمدا ،ئۇ ئەۋەتىپ بەرگەن ئىنگلىز تىلى سىن -لېنتلىرىنىڭ مەزمۇنىى يادلاپ ۋاقتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈپ كەتكننى سەزمەيلا قالاتتم ، شۇ سەۋەپتىن ياتاقداشلىرىمنىڭ ھەممسى مىنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەمگە قايىل ئىدى ، ئەمما ھازىرىچۇ.....
مانا بۈگۈن كۆڭلۈم پەرشان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن دائىم كۆرشىدىغان شۇ دەريا بويغا كەلدىم ، شۇ كۈۋەجەپ ئېقۋاتقان دەريا سۈيگە قاراپ ئىككىمىزنىڭ شۇ كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلىرىم يادىمغا كېلۋالدى ، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تەتلدە ئىككىمىز مۇشۇ دەريا بويدا كۆرۈشكەن ، بىر -بىرىمىزگە چوڭقۇر ۋەدلەرنى بېرىشكەن ئىدۇق ، ئۇ تېخى تىزىغا كەلگۈچە سۇغا كېچىپ دەريانىڭ ئوتتۇرسىدىن سۆيگىمىزنىڭ شاھىدى بولغان ئىككى تۈپ ياۋا شاپتۇل كۆچتىنى يۇلۇپ ئېلىپ چىققان ئىدى ، ئىلگىرى تېلۋىزۇر ۋە باشقا كىتاپ قاتارلىقلاردىن سۆيگەن ئادىمىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان كىشلەرنى كۆرسەم قاتتىق ئۆچلكىم كېلەتتى، مانا شۇ تاپتا ئۆزەمنىڭ ھەققىي بىر ۋاپاسىز ،قارا يۈزگە ئايلانغانلىقىمغا ئىقرار بولۋاتاتتىم.
ئەتسى ئانامغا بىر دوستۇمنى يوقلاپ كېلەي دەپ دوستۇم گۈلنۇر بىلەن ئەكرەم ياتقان دوختۇرخانغا باردىم ، ئۇ ياتقان بۆلۈمگە كىرگىنىمدە ، دوختۇرلار ئۇنىڭغا خىميلىك داۋالاش ئېلىپ بېرۋاتقان ئىكەن ، ئۇنىڭ كېسلى ئېغىر كېسەللەرگە تەۋە بولغاچقا ئادەتتكە كىشلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىكەن ، ياتاق ئىشكىنىڭ دېرزىسىدىن ئۇنىڭغا سەپسالدىم ، ئۇ پۈتۈنلەي ھۇشسىز ئىدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ پەرىشان كۆڭلىنى تېخمۇ بۇزماي دەپ ئويلىغان بولساممۇ ، ئۇنىڭ بىر تېرە بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان ھالتىگە قاراپ ،كۆز -ياشلىرىمنى توختتۋالالمىدىم، دوستۇم گۈلنۇر مىنىڭ بۇ ھالمنى كۆرۇپ باشقا تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. بىز بىر نەچچە سائەتلەرچە ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خۇدادىن شىپالىق تىلەپ تەسەللەرنى بەرگەندىن كېيىن قايتتۇق.
توپتوغرا ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلدىم ، شۇنىڭدىن كېيىن قەلبمنى بىر ئوت توختىماي كۆيدۈرەتتى، پۇشايمان ۋە نادامەت ئىچىدە ئۆرتىنەتتىم ، ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ھەربىر ئەسلىمىسنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلايتتىم ، پاك سۆيگۈنى ھېس قىلالماي ئېزىلگەن بۇ قەلبىم تاكى ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتاتتى.
مەنبە : قەلبىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 12:37 AM