تۇردى سامساق ئاكا كەچۈرۈڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مېنى كەچۈرۈشۈڭلارنى چىن دىلىمدىن ،ئۈمۈد قىلىمەن ،ھەم ئۇلۇغ ئاللاھدىن بۇ گۇناھىم ئۈچۈن چىن دىلىمدىن تۆۋبە قىلىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ناۋا پىروگىراممىسى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا تىزىملىتىدىغانلار بەس- بەستە كۈپۈيۈپ كەتتى ،مەنمۇ بۇ ئىشىتىن مۇستەسنا ئەمەس،2014-يىلى1.ئاينىڭ 5. كۈنى ماڭا ناۋا پىروگىراممىسىنىڭ 41.سانىغا قاتنىشىش ئۇختۇرۇشى كەلدى ،مەن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ تۈنۈگۈن كەچ سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشتىم ،خېلى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ بىراق 1.مەيداندىلا شاللىنىپ كەتتىم.ئەمما مەن ئۈكۈنمىدىم،چۈنكى ھېچ بولمىغاندا سەھنىگە چىقىۋالدىم.بىراق بىر ئىشقا ئۈزۈممۇ بىلمەي قىپ سالغان بىر ئىشقا بارلىق ئۇيغۇر خەلقىدىن كەچۈرۈم سورايمەن ،قىسقىسى مەرھۇم تۇردى سامساق ئاكىدىن كەچۈرۈم سورايمەن ،.نەق مەيدانغا چىقىپ بىرىنچى نۇمۇرلۇق ماھىر بولغاچقا بىرىنچى ناخشامنى ئۇقۇپ بۇلۇپ سەھنىدە تۇردۇم رىياسەتچىلەر چىقتى ،ئۇلار مەندىن ھەرخىل سوئاللارنى سورىدى .ئۈزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇڭ؟ كەسپىڭىز نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ناۋاغا قاتناشتىڭىز؟ دېگەندەك.
مەن كەسپىم ئەدەبىيات دىگەچكە ئۇلار مەندىن ئۆزۈم يازغان شىئېردىن بىرنى نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلىشنى ئېيتتى.
بۇ سۇئالغا مەن چۈقۈم جاۋاپ بىرىشىم كېرەك ؟بولمىسا ئەدەبىياتچىلارنىڭ يۈزىنى تۈكۇۋالاتتىم، شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ شىئېر يېزىپ تۇرامسىز؟دېگەن سۇئالىغا "ھە" دىگنىمدىن پۇشايمان قىلدىم،ئەمىلىيەتتە يازىمەن بىراق ھەممىسى بۇزىلىۋاتقان دەۋىر،يۇقىلىۋاتقان ئىپپەت ،توغرىسىدىكى شىئېرلار ئىدى، ئۇنى ئۇ يەردە دىيىشنى توغرا كۆرمىدىم،شۇ دەقىقە ئىچىدە ئىسىمگە كەلگىنى تۇردى سامساق ئاكىمىزنىڭ مۇنۇ شىئىرى بولدى.
دۇنيادا بولمايدۇ كۆڭۈلدىكى ئىش،
گاھىدا تىلنىمۇ چىشلەپ ئالار چىش.
گاھىدا لەززەتلىك شىرىن ئۇخلايسەن.
گاھىدا كۆرىسەن قورقۇنۇچلۇق چۈش.
بۈنى دەپ بولۇپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتىم يۇ،بىراق كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم،چۈنكى پۈتۈن ئۇيغۇرخەلىقى ئالدىدا قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئۈزۈمنىڭ قىلىۋالدىم.كەچتە ياتاققا كىلىپ شۇنداق بىر خىل بوپ قالدىم ،ئاخىرىدا توردىن پايدىلىنىپ بۇ كەچۈرۈمنامىنى يازدىم .مۇشۇ دەملەردە يۈركۈم لەختە-لەختە بولىۋاتىدۇ ،تۇردى ئاكا مېنى كەچۈرۈڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 09:29 PM