مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1378|ئىنكاس: 9

يېڭى سورت( فېليەتون) (پەيلىمۇچ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90206
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 585
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-1-17
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 05:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      يېڭى سورت
                 (فېليەتون)
               مەمتىمىن ئابلىز ( پەيلىمۇچ)


ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى يازغاندا باش قەھرىماننىڭ ئىسمىنى ئەتراپلىق ئويلىنىپ دىيارىمىزدا كەم ئۇچرايدىغان ئىسىملارنى قوللىناتتىم. شۇنداقىمۇ يەنە قۇيرىقىدا شالتىقى بار بەزى ئۇلۇغ ئۇششاق ئاقساقاللارنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ «قىلىقىمىزنى ئوچۇق يازغاننىڭ ئۈستىگە  ئىسمىمىزنىمۇ ئەينەت يېزىپ قويسا سېپى ئۆزىدىن چوڭ دېلو بولۇپ قالمامدۇ، تەشكىل ئۆزى ئۇقۇپ تەكشۈرسىمۇ بۇنداق يېيىۋەتمەيدىغان تۇرسا» دەپ يىراقتىن قارىغا ئېلىپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىدىغان ئاسىي دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدىم. ئېرىشكىنىم ئەجرىمگە بويلاشماي ئاران نېنىمنى تېپىپ يەۋاتقان مەندەك بىر ئۇششاق يازغۇچىغا نىسبەتەن ئاڭلاپلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان پىچىقى ئىتتىك تۆرەملەرنىڭ غەزىپىگە ئۇچراش چۆمۈلىگە زەمبىرەك ئاتقاندەك كۆتۈرۈپ قوپقىسىز چوڭ زەربە بولۇپ بىر يىقىلسام بىر قانچە يىلغىچە ھۇشۇمغا كېلەلمەيتىم. شۇڭا بۇ قېتىم كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئەپلىك چارىدىن بىرنى تاپمىغىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرمەي قەلىىمىمگە يۈگەن سېلىپ سەگەكلىك بىلەن باش قاتۇردۇم.
  ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ناھىيىدىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلانىڭ ئىسمىنى تىزىىملاپ قاتاردا يوق ئىسىمنى قوللىناي دېسەم، ۋىلايات بويىچە تىزىملاشتا چىقىپ قالدى. ۋىلايەت بويىچە يوق ئىسىمنى قوللىناي دېسەم ئۆلكە بويىچە تىزىملاشتا چىقىپ قالدى. دائىرە كېڭەيگەنسىرى ئەمەلنىڭ دەرىجىسى ۋە ئوخشاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى تەڭ چوڭىيىپ مېنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىۋەتتى. قەلەمنى تاشلاپ  خوتۇننىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ ئولتۇرسام مېنى بىرسى نىمىشقا يازمايسەن دەپ سوراققا تارتماستى دەپمۇ ئويلىدىم. لىكىن شەيتىنىم مازاق قىلىپ ئۇنچىۋالامۇ قورقۇپ كەتمە ئەمەلدارلار دېگەن ئەدەبىي نەرسىلەرنى كۆرمەيدۇ. كۆرسىمۇ ئۇنچىلا كۆرۈپ تاسقاپ يۈرمەيدۇ دېسە، ئەقلىم قوپۇپ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ ئېقىنى قارا قىلىپ يەتكۈزىدىغانلارمۇ مۇ يوق ئەمەس دەپ سەگىتىپ قۇياتتى.
  شۇنچە سەۋەپ قىلسام  سۆۋەتتە سۇ توختىماسمۇ زادى!؟ ئويلاپ كېلىپ ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى قوللىنىشتىن  ئۈمىت ئۈزۈپ  ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قوللىنىشنى  ئويلاپ روھلىنپ قالدىم. لىكىن قوللىنىپ بولۇپ سۈت ئىچكەندە ئاغزى كۆيگەن ئادەم قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچكەندەك ئىككىلىنىپ قالدىم: ھايۋان دېگەننىڭ  ئالىسى تېشىدا مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرسا، ئادەمدەك يوشۇرۇن پايلاپ يۈمەي ئۇدۇل كېلىپلا چىشلەپ، تېپىپ يەنچىۋەتسە مېيىپ بولۇپ قالمامدىم!.
   باشنى قاتۇرىۋەرسە ئەقىلنىڭ ئىشلىمەي ئىلاجى يوقكەن. ئاخىرى سۆۋەتتە سۇ توختىدى. ئەڭ بىخەتەر ئىسىم ئەتراپىمدا تۇرسا بىلمىگىنىمنى قاراڭ! ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسمىنى قوللانسام كۆز قۇلىقى، پۇت، قولى يوق؛ كېسىپ كۆيدۈرىۋەتسىمۇ ۋايجان دېمەيدىغان تۇرسا شۇلارنىڭ ئىسمىنى قوللانسام بولمامدۇ!؟ ئەقلىمگە بارىكاللا ئېيتىپ، غەمدىن بىراقلا خالاس بولۇپ، خاتىرجەم يېزىشقا كىرىشىپ «يېڭى سورت» دېگەن فىليەتونىمنى  مۇنداق باشلىدىم:
  - قاپاق يېزا باشلىقى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي نوگاينى كەنت مۇدىرلىقىغا كۆرسەتتى. قارىغاي، سۇۋادانلار كېسىلىپ باراڭ ياسالدى. قوغۇن، تاۋۇزلار قاپاقسىمان، ئالما، ئامۇتلار نوگايسىمان تۈس ئېلىپ باغۋەنچىلىك كەسپىدە ەسەۋۋۇردىن ھالقىغان پوخاقسىمان«يېڭى سورت» بارلىققا كەلدى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 05:17 PM  


سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5774
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 08:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ تەسەۋۋۇر !!!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2710
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2034 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 08:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزنى مۇنداقلا  تەۋرەتسىڭىز  ئۈنچە ياغىدىكەن قېرىندىشىم......تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئىكەنسىز!

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 08:56:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان، ماڭا ئوخشاش ئۈزىڭىزنىڭ ئىسمىنىمۇ يېزۋېلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 11:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشەك تەختكە چىقسا  جىمى خەلىق ھاڭرامىش ...

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:41:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىت شەپىگە قاۋىسا ئون ئىت ئەگىشىپ قاۋاپتۇ  دەپ سىز دىگەندەكلەرمۇ خېلى باركەن، ئەمما ئاۋۇ ئاخىرقى بىر بۆلەك دەششەت چىقىپتۇددە،بىر كۈلىمەن بىر ئويلىنىپ تۇرۇپ قالىمەن،ھەيييييييي

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 02:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما چارە بۇلىدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96423
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 02:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  ھەقىقەتەن پەيزى يېزىۋىتىپسىز .
مۇقەددىمىسى  شۇنچە جېق بولسىمۇ .  فېليەتونىڭىز  شۇنداق  شۇنداق  يېغىنچاق .ۋە مەزمۇنلۇق  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 04:58:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى چوڭقۇركەنغۇ...

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60898
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 05:16:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ئابلىز- فېليەتون يولىدا ئۇزۇندىن بېرى قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان فېليەتون يازغۇچىسى، .ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇق تىلەيمەن. ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى مۇشۇنداق ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرگە مۇھتاج.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش