مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2451|ئىنكاس: 16

چىرايلىق ۋە سەت، مەنپەئەت... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16153
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8512 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 04:58:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

kisturma.jpg


چىرايلىق ۋە سەت، مەنپەئەت...


   ئوۋچى ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپ، ئىككى قوشنى تىرىك تۇتۇۋاپتۇ. قۇشنىڭ بىرى چىرايلىق ھەم سىمىز، يەنە بىرى كۈرۈمسىز ھەم ئۇرۇق ئىكەن.  ئوۋچى ئۈچۈن مەيلى كۈرۈمسىز بولسۇن ياكى چىرايلىق بولسۇن، ئاران قولغا كەلگەن ئولجىنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ. ئوۋچى قۇشلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يەۋېتەي دېسە، چىرايلىققا قاراپ ھۇزۇرلىنىشتىن كېچەلمەپتۇ، كۈرۈمسىزنى يەۋېتەي دېسە، ئۇرۇق بولغاچقا يىيىشكە رايى بارماپتۇ.  ئوچى ئاخىرى چىرايلىق قۇشنى ئالاھىيدە ياسالغان قەپەسكە سولاپتۇ، ئۇرۇق، كۆرۈمسىزنى ئېغىلدىكى بىر كىچىك كاتەككە سولاپ قويۇپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئېغىلغا كىرسە سەت قوشنىڭ كاتىگىدە، ئوۋچى ئۆمرىدە كۆرۈپ بەقمىغان چىرايلىق ھەم يوغان بىر تۇخۇم تۇرغۇدەك. ئوۋچى تۇخۇمنى ئېلىپ چىقىپ پۇشۇرۇپ يىگەن ئىكەن، بەكمۇ مېزىلىك تېتىپ كېتىپتۇ. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك يېرى، ئوۋچىنىڭ ئۇزاقتىن ساقايمىغان باش ئاغرىيدىغان كېسىلى شۇ كۈنى تۇيۇكسىز ساقىيىپ كېتىپتۇ.
كۆرۈمسىز قۇش ھەر كۈنى بىردىن تۇخۇم تۇغۇۋېتىپتۇ، ئەپسۇس، ئوۋچى ئۇ كۆرۈمسىز قوشقا قىلچىمۇ كۆيۈنمەيدىكەن. يەيدىغانغىمۇ ئاشقان يىمەكلىكنى بېرىدىكەن. گەرچە ئوۋچى مۇشۇنداق باقسىمۇ، كۆرۈمسىز قوش داۋاملىق تۇغۇۋېرىپتۇ. ئوۋچى بەزىدە تۇخۇمنى سېتىپ خىراجەت قىلىدىغانمۇ بولۇپتۇ. لېكىن، چىرايىلىق قۇش تۇخۇممۇ تۇغمايدىكەن،پەقەت كۈرۈنۈشى چىرايلىق ھەم چىرايلىق سايراپ بەرگەچكىلا، ئوۋچى چىرايلىق قوشقا بەكلا ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر خىل ئېسىل يىمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئېسىل يىمەكلىكنى ئۆزى يىيىشكە كۆزى قىيماي ئايىماي بىرىپ بېقىپتۇ. بەزىدە يىمەكلىك بولمىغاندا، كۆرۈمسىز قوشنىڭ تۇخۇمىنى پۇشۇرۇپ بىرىپتۇ....
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ، بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. كۈرۈمسىز قۇش ئوۋچى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر تۇخۇم تۇغۇپ بىرىشتىن توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، ئوۋچى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىككى قوشقا ئىككى خىل قاراشتىن توختاپ قالماپتۇ.  بىر كۈنى ئوۋچى چىرايلىق قۇشقا كۈرۈمسىز قوشنىڭ تۇخۇمىنى پىشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپ ئېغىلغا كىرسە تۇخۇم كۆرۈنمەپتۇ. كەچتە كىرسە يەنە تۇخۇم يوق. بۇنىڭدىن ئاچچىقلانغان ئوۋچى كۆرۈمسىز قوشنى ئۆلتۈرۈپ گۆزىنى چىرايلىق قوشقا بەرمەكچى بولۇپ، كۆرۈمسىز قوشنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئاشۇ ۋاقىتتا بىز مۆجىزە يۈز بېرىپ، كۆرۈمسىز قوشقا زۇۋان كىرىپ مۇنداق دەپتۇ: «ئەي ئوۋچى: سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ. مەن سېنى ئاقكۆڭۈل بولسا بەلكىم ياخشى كۈن ئۆتكۈزەرمەن دەپ قېچىپمۇ كەتمىدىم، سېنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈپ، سەن ماڭا كۈيۈنمىسەڭمۇ، كۈندە بىر تۇخۇم تۇخۇپ، قوسۇقىڭغا ئۇزۇقلۇق بەردىم،  سېنىڭ ئىقتىسادىڭنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردىم. ئەپسۇس! ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سەن مېنى ئۆلتۈرۈپ چىرايلىق قوشقا يىگۈزمەكچى بولدۇڭ... سېنىڭدە ئىنساپ يوق ئىكەن. سەن ماڭا قەرزدارسەن. مېنى ياخشىسى قويۇپ بەرگىن. مەن جاپالىق بولسىمۇ ئۆز جاڭگىلىمدا ياشاي...» دەپ يۇم يۇم يىغلاپتۇ. بۇ ئىشتىن ھەيران قالغان ئوۋچى ئامالسىز كۆرۈمسىز قوشنى قويۇپ بېرىپتۇ... قۇي ئۇچۇپ كېتىش ئالدىدا يەنە مۇنداق دەپتۇ: :«ئەي ئىنسان!... سەن ھەقىقىي ئەقىل ئىگىسى ئەمەسكەنسەن، سېنىڭدە پەقەت تويماسلىق بىلەن ئىشرەتخورلۇق كۈچلۈك ئىكەن... خەير كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى ئەسلەپ قالىسەن..» دەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ... لېكىن، ئوۋچى كۆڭلىدە «سەن بىر كۆرۈمسىز قوشقۇ!؟ سېنىڭدىن يەنە نېمە مەنپەئەت كەلمەكچىتى. ئىچىم ئاغرىمىغان بولسا سېنى چىرايلىق قوشقا يەم قىلىپ بېرەتتىم» دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ.
ئىككى كۈن ياخشى يىمەكلىك يىيەلمىگەن چىرايلىق قوش سايراشتىنمۇ توختاپتۇ.  تەئجۈپلەنگەن ئوۋچى، ئۆيىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى سېتىپ، يىمەكلىك ئېلىپ كېلىپ يىگۈزۈپتۇ.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە، ئوۋچىنىڭ كونا باش ئاغرىق كېسىلى قوزغۇلۇپ قالغان ئىكەن، تىۋىپ، ئوۋچىغا: سىز بۇرۇن يىگەن تۇخۇمنى تېپىپ يىسىڭىز ساقىيىدىكەنسىز بولمىسا ئامال يوق، ياكى شۇ خىلدىكى قوشنىڭ گۆشىنى يەڭ شىپا بولىدۇ» دەپ بۇيرۇپتۇ. ئوۋچى ئۆيىگە كېلىپ، چىرايلىق قوشقا قاراپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ: «مەن بۇ قۇشنى ئەزىزلەپ باقتىم... ئەمدى مېنىڭ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ماڭا جاۋاپ قايتۇرسا بولاتتى. ئەپسۇس ماڭا بىر تۇخۇم تۇغۇپ بېرەلمىدى، ئەمدى گۆشىنى يېمىسەم ئامال بولمىغۇدەك... كەچۈرگىن» دەپ قۇشنى تۇتۇپ ئەمدىلا پىچاق ئۇراي دەپ تۇرىشىغا چىرايلىق قوش ئوۋچىنىڭ قولىنى چوقۇلاپ، بۇخۇشتىن بوشىنىپتۇدە زۇۋان كىرىپ مۇنداق دەپتۇ: «ئەخمەق ئوۋچى!... سەن مېنى تۇتۇپ كەلدىڭ، سەن مېنى بېقىش ئۆزۈڭنىڭ ئىشى. مەن ساڭا ‹مېنى باق› دېمىگەن. مەن ئەمدى جاڭگىلىمغا كېتىمەن... » مۇشۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ، سايرىغان ھالدا ئۇچۇپ كېتىپتۇ...
ئوۋچى كۆرۈمسىز قوشقا قىلغىنىغا ئەمدىلەتىن ئۆكۈنگەن بولسىمۇ، بىراق كېچىككەنلىكىنى چۈشىنىپ كۆزلىرىدىن ياشنى توختىتالماپتۇ... دەل شۇ ۋاقىتتا كۆرۈمسىز قوش، بىر دانە تۇخۇمىنى چىشلەپ، ئۇچۇپ كېلىپ، ئوۋچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن يەنە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
بۈگۈنكى زاماندا يوقارقى باياندا سۆزلەنگەندەك ئىشلار گتىراپىڭىزدا بارمىدۇ؟...  ئاق كۆڭۈل كىشىلەر دۆت سانلىدىغان بۈگۈنكى كۈندە ئەلۋەتتە بار... بۇ يازمامدا نۇرغۇن نەرسىنى يۇشۇرۇن ھالەتتە يېزىپ چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزى چۈشۈنىپ بېقىشىغا تاپشۇردۇم.

كۆيۈنسەم قەدرىمنى بىلمىدىڭ ھەجەپ،
كى بىلدىڭ سەن مېنى ياخشى ئولجا دەپ.
گاھىدا باشىڭغا چۈشسە ئېغىر كۈن،
قالىسەن شۇ چاغدا سەن مېنى ئەسلەپ.

ھەققىمنى ئالساڭمۇ ئېلىۋەر، ئەمما
ئادەملىك غورۇرنى دەبسەندە قىلما.
بىلگىنكى ئادەممەن غۇرۇرۇم بىلەن،
ئەمەسمەن ھەرگىزمۇ كېسەك يا چالما.



  مەنبە: ئۆز ئەسىرىم..
    2014-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كورلا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 04:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ئىدىيە كۈچلۈك ئىپادىل.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3637
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4040 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 07:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«گۈزەل» گە مۇپتىلا بولغاندا كۆڭۈل،
باقمىدى جاھانمۇ ئۇنىڭغا تەتۈر.
نە «ھاڭغىرت» سايرىماس شۇ زامانىدا،
بېشىڭغا كۈن چۈشۈپ بولغىنىڭدا كۈل.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86678
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 07:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹بۇ جەمىيەتتە ئاق كۆڭۈل كىشىلەر دۆت سانلىدۇ...››
قوشۇلىمەن،

كىلىۋاتدۇ دەپ ساقلاپ تۇرسام ، كىتىپ بولدۇم دەپ ئۆتەپ كىتىپتۇ  دىسە  ......

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1430 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 08:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esil817 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 07:39 PM
‹‹بۇ جەمىيەتتە ئاق كۆڭۈل كىشىلەر دۆت سانلىدۇ...››
قوشۇل ...

دۆتلا ئەمەس ساراڭ دەڭە

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 857
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 10:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىز ناھايتى چۇڭقۇر مەنىلىك يېزىلىپتۇ !
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16153
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8512 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 10:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن..
دېققەتسىزلىكتىن بىرنەچچە مۇھىم جايدا ئىملا خاتالىغى بار ئىكەن، تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن. بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمدا ئىملاغا ئاممىباپ تىلغا قاتتىق دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:36:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگەن مۇشۇكەندە ھە.      مەزمۇننى بەكلا ئەتراپلىق ئىپادىلەپ بېرىپسىز، ئىپادىلەش كۈچىڭىزگە قايىل بولدۇم.

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 02:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇركەن

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20029
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10625 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 07:41:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 08:08 PM
دۆتلا ئەمەس ساراڭ دەڭە

ساراڭ ،ئەخمەق .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 08:08:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش