مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 613|ئىنكاس: 1

ماھىر پىلانچى بولۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100365
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 04:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماھىر پىلانچى بولۇڭ

Eparhan413

ئىككىنچى  دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن جىك سېتىش دىرېكتورى ،ئايالى روللان بولسا كىيىم –كېچەك مودېلى ئىكەن.ئۇرۇش پارتىلاپ جىك ئۇرۇش جەريانىدا  يارىلىنىپ ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قاپتۇ.ئۇ دوختۇرخانىدا خۇرۇم پارچىلىرىدىن ئۇنى-بۇنى ياساپ ،ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدىكەن .

ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ جىك يۇرتىغا قايتىپ ،نورمال تۇرمۇشىنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ.بىر كۈنى ئايالىنىڭ دوستى ئۇلارنىڭكىگە مېھمان بولۇپ كەپتۇ ۋە گەپ ئارىلىقىدا بىر يېڭى سومكىنى چىقىرىپ :

-مۇشۇ بىر نەرسە 80دوللارنىڭ بېشىغا چىقتى دېسە ،-دەپتۇ.جىك ئۇنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بېقىپ:

-قىممەت بولۇپ قاپتۇ،مەن بۇ سومكىنى 15دوللار بىلەن تىكىپ چىقالايمەن،-دەپتۇ.ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ پو ئاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش سايمان ۋە ئازىراق خۇرۇم تېپىپ كىرىپ ،ئۇنى –بۇنى قىلىپ يۈرۈپ بىردەمدىلا ناھايىتى  نەپىس قول سومكىسىدىن بىرنى تىكىپ چىقىپتۇ.روللارنمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ.

جىك توساتتىنلا نېمىشقا مەنمۇ مۇشۇ ئىشنى قىلىپ باقمايمەن ،دەپ ئويلىنىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ كەسپى سەۋىيىسىمۇ يامان ئەمەس ،سېتىش تەجىرىبىسىگە ئىگە ئىكەن .روللاننىڭ سودا ساھەسىدە تونۇيدىغان ئادەملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ،شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتون ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ،ناھايىتى تېزلا بىر ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپتۇ.

دەسلىپىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيىدە ئىش باشلاپتۇ ،روللان لايىھىلەپتۇ،جىك ياسپتۇ.ئىككەيلەن بىر مىنۇتمۇ دەم ئالماي ،جان تىكىپ كىرىشىپتۇ.ئەمما ئۇلار ئۇلار تېخى ئەڭ مۇھىم نەرسىنى ،يەنى مال زاكاس قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا بولمايتتى .مالنىڭ سېتىش يوللىرىنى قولغا كەلتۈرمىسە ،بارلىق تىرىشچانلىقى يوققا چىقاتتى .

جىك ئەۋرىشكە ماللىرىنى قولتىغىغا قىستۇرۇپ ،نيۇيوركتىكى سودا دۇكانلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ چىقىپتۇ.ئەمما ئۇنىڭ ياش ،نوپۇزىنىڭ يوق بولۇشى ئۇنى ھەدىسىلا رەت قىلىشقا ئۇچرىتىپتۇ.ئەمما ئۇ توختاپ  قالماپتۇ ۋە   ئاخىرى نيۇيوركتىكى داڭلىق سودا سارىيى "سوكس"نىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى سارى بىلەن تېپىشىپ قاپتۇ.ئۇلار جىك ئېلىپ كەلگەن ئەۋرىشكە ماللارنى كۆرۈپلا قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك سېتېۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن جىكنىڭ كىچىككىنە ئۆيى كېچە-كۈندۈز يورۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ.ئەر –خوتۇن ئىككىسى زاكاس مالنى تەييالاش بىلەن كېچە –كۈندۈز ئارام ئالماي ئىشلەپتۇ.پول پارچە –پۇرات خۇرۇچ پارچىلىرىغا لىپمۇ لىق تولىدىكەن ،بالىلىرى ئاشۇ پاتپاراقچىلىق ئىچىدە ئوينايدىكەن ...

ئىككى –ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ زاكاس ماللىرى تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ،جىك بىر ماشىنا توختىتىش ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆينى ئېلىپ ،خىزمەت ئورنىنى شۇ يەرگە يۆتكەپتۇ.روللان بالىلار ئۈچۈن قوم خالتىسى شەكىللىك يەنە بىر سومكا لايىھىلەپتۇ ھەمدە بۇ لايىھىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىدىغان نەزەر (LOOK)زورنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ.مۇھەررىلەر روللانىڭ بۇلايىھىسىگە ئىنتايىن قىزىپ قاپتۇ ۋە مەخسۇس ماقالە يېزىپ ،ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.

بۇ ماقالىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلار بىركېچىدىلا پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇپتۇ ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر مىليون دانە سومكا سېتىلىپتۇ .كېيىنچە نيۇيورك ،لوس ئانزىلىسلاردا زاۋۇتى ،140نەپەر ئىشچىسى بار،مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئىتتىك چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپتۇ.ئۇلار مىليونىرغا ئايلانغان شۇ يىلى ئارانلا 30 ياشقا كىرگەنئىدى.

بىز يۇقىرقى مىسالدىن مۇۋاپىق پىلانلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىم رولىنى كۆرۈۋالايمىز .نېمە ئىش قىلمايلى ،ئالدىن پىلانلاش ،مۆلچەرلەشكە سەل قارىمايلى .

بىر ماھىر پىلانلىغۇچى بولۇش ئۈچۈن  تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

1.   ئاكتىپلىق .كۈچلۈك ئىنتىلىش ۋە قايناق ھەۋەس ئادەمنىڭ پائال ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2.   كۆزىتىش ئىقتىدارى .سەگەك ،تۇيغۇن بولۇڭ .كىشلەر بايقاپ يەتمىگەن نۇقتىلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ .

3.   گۇمانخۇرلۇق .ئىشلارغا يۈزەكى قارىماڭ ،يۈرەكلىك سوئال قويۇشقا ،گۇمان ،سۇئال نەزىرى بىلەن قاراشقا ماھىر بولۇڭ.

4.   مۇستەقىللىق .ئازراق تايىنىۋېلىڭ،دادىل ،ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ .

5.   ئىجادىيلىق ،باشقىلار ئويلاپ باقمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ ئادەتلەنگەن رامكىلارنى بۇزۇپ بېقىڭ ،يېڭىدىن يارىتىڭ .

6.   جانلىق ئۆزگىرىشچان بولۇش .تەپەككۇرىڭىز جانلىق ،ئۆزگىرىشچان بولسۇن.بىر نەيزىگە ئون قالقىنىڭىز تەييار تۇرسۇن ،ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىپ ،تەشەببۇس ،تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئالاھىدە ئۇتۇققا ئىرىشىڭ .

7.   ئىشەنچ.ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ قىممىتىگە قەتئي ئىشىنىڭ ،ئۆزىڭىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈچە ئۆز يولىڭىزدا تەۋرەنمەي مېڭىڭ .

8.   قەتئىيلىك .ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ تاماملىنىشى قەتئىي بوشاشماس ئىرادە ،غەيرەتكە موھتاج.پىلاننى سوقۇپ قويوپ ،ناخشىنى دۆڭ توۋلاپ ،بەڭ تارتىپ يېتىش مەغلۇبىيەتتىن باشقىنى چىللىمايدۇ.قەتئىي چىدامچان بولۇڭ.

9.   ھەممىنى قوبۇل قىلىش .باشقىلارنىڭ تەكلىپىدىن ،ئىجادىي تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ،ئۆرنەك قىلىپ ،ئۆز كاللىڭىزدا تېخىمۇ پىشۇرۇپ ،تېخىمۇ يېڭى خىيال ،پىلانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ.

10.            پۇختىلىق .بىرەر ئىشنى پىلانلىغان ۋاقىتتا ھەممە تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىڭ ،ئىجادىي پىكىر كۈچلۈك لوگىكىلىق ئانالىزغا مۇھتاج.ھەممىگە باب نۇقتىئىينەزەرلا ئىلھام ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ ،ھەققىي بايلىققا ئايلىنالايدۇ.

11.            تەسەۋۋۇر كۈچى .ئىدىيە قارىشىڭىزدا پەيدا بولغان قاراش ،ئوبراز ،تەسەۋۋۇر،خام –خىيال ... ھەممىسىنىڭلا ئورنى ،رولى ،تەسەۋۋۇر،خام –خىيال ... ھەممىسىنىڭلا ئورنى ،رولى ،قىممىتى بار .تەسەۋۋۇر كۈچى مول ئادەملەر ئىجادىيەتنىڭ چۈمپەردىىسىنى قايرىيالايدۇ...

مەنبە :"بايقىساڭ توپىمۇ –ئالتۇن  "دىگەن كىتابدىن ئېلىندى.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:14:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنى نەچچە قېتىم ئوقۇغاندىمەن،مۇشۇنداق تۇرمۇشقا يېقىن پايدا بېرىدىغان مەزمۇنلار كۆپتە

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش