قەھرىتاننىڭ 6-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.85 ئەتراپىدا ،ئالدىنقى ھەپتىدە باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1400 دوللار ئەتراپىدا ،ئالدىنقى ھەپتە دوللار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ئاخىرىدا باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .ئالدىنقى ھەپتىدە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى بورناك قاتارلىق بىرقانچە ئەمەلدارلارنىڭ سۆز قىلىشىدىن كىيىن بۇ ھەپتىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادى ئۇچۇر -ئامرىكا 12-ئايلىق غەيرى يېزا -ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنىدۇ .
قەھرىتاننىڭ 6-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ھەممە مەبلەق بازىرى يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلدى .ئالدىنقى ھەپتىدە پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ،بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇ رايۇنى،ئەنگلىيە ۋە ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇلازىمەت كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ .يەنە ئامرىكنىڭ زاۋۇتلارنىڭ سودا زاكاس تالونى ۋە ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى ۋە ياۋرۇپا بانكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالاقىدار مەلۇماتلىرىغا دىققەت قىلىڭ .ئومومەن ئېيىتقاندا بۈگۈن بۇ ھەپتىدىكى بازار قىزىيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرسى .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
تېمىنى كۆرۈپ بۇلۇپ شىرئىلىغا بىر بېلەت تاشلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە . تۈنۆگۈنكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شىرئەلىجاننىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى تېخى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسكەن ،قېرىنداشلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى ! بېلەت تاشلاش ئادىرىسى
http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014
بېلەت تاشلاش ئوسولى رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-115578-1-1.html
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 240 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.91 يۈەن
بىر دوللار 6.0481 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.21321 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6370 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3585 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !