مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6871|ئىنكاس: 45

مۇقەددەس پەردە ،يىرتىلغان نىقاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23086
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1321 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 01:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ ،خىياللىرىم نەچچە يىل ئاۋۋالقى ئەسلىمىلەرگە كەتتى .قىززىق دەيمەن ،توي قىلىپ بولۇپمۇبەزىدە ئادام شۇ بويتاقچىلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ قالىدىكەن دېسە ،شۇ ۋاقىتلىرىمدا مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم ،ئۇقىزنىڭ ئويناپ تۇرغان كۆزلىرى شوخلۇقىدىن دېرەك بىرەتتى ،ھەر بىر نازلىنىشلىرى ،دومسىيىشلىرىمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلىرىم ئۇنتۇلغۇسىز تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولغانىدىم ،بولۇپمۇ شۇتاتلىق ئەسلىمىلەر ئىچىدىكى بىر كۈن تاھازىرغىچە ئىسىمدىن كەتمەيدۇ .شۇ كۈنى بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغانىدى ،مېنىڭمۇ شۇنداق بىر خۇيلىرىم بارئىدىكى ،ئويۇن-تاماششا دېسە جىنىمنى سىلىپ بەرگۈدەك ئىدىم ،ئۆزۈم ناھايىتى شوخ بولغاچقىمۇ بەزى دوستلىرىمغا كۆڭۈل غەشلىكىمۇ ئىلىپ كېلەتتىم .
شۇ كۈنكى سورۇن شەھرىمىزنىڭ قايسى بىر دىسكوخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى ،قۇلاقنى يارغۇدەك كۈچلۈك ناخشا-مۇزىكا ،كۆزلەرنى ئالا-چەكمەن قىلىۋاتقان چىراغ يورۇقلىرىغا قوشۇلۇپ ،ئاغزىمىزدىن پۈركۈپ چىقىۋاتقان ئىسلار بىر-بىرىگە تىگىشىۋاتقان رومكا ئاۋازلىرى بىزنى بىھۇشلۇق ئالىمىگە غەرق قىلغانىدى .
ئەسەبىيلەرچە سەكرەپ ھەممىنى ئۇنتۇيتۇق ،مەن ئالىيەنىڭ بىلىنى تۇتۇپ مۈرىسىگە بېشىمنى قويۇپ تانسا ئوينىغىنىمدا بولسا ،ئۆزۈمنى ئۇنىڭ دۇنياسىغا سېڭىپ كەتكەندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم ،ئالىيەدىن كېلىۋاتقان مىزىلىك پۇراقلار ،پات-پات تىگىشىپ كېتىۋاتقان بەدەنلىرىمىزمەندە چۈشىنىپ بولمايدىغان ئىستەكلەرنى قوزغىماقتا ئىدى ،ئۆزۈمنى مەيلىگە قويۇپ بىرىپ خۇددى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم .
قايسى ۋاقىتلاردا سورۇن ئاياغلاشتى بىلمىدىم ،بىر ۋاقىتلاردا يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتكەن سەلكىن شاماللار بىلەن ھوشۇمنى تىپىپ قارىسام ئالىيە بىلەن بىللە كېتىپ بىرىپتىمەن ،ئۇنىڭ يۇمران قوللىرى مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى ،ئۇنىڭ خۇمارلاشقان كۆزلىرىگە ،ئالمىدەك قىزارغان يۈزلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدۇم ،
بىز بىللە مېڭىشىپ شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۆلگە بىرىپ قاپتۇق ،كۆلنىڭ چىتىدىكى ئاستىغا چىم ياتقۇزۇلغان بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇردۇق ،پاجىئە مانا مۇشۇ يەردىن باشلاندى ،بايامقى ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ ،ياكى باياتىندىن بىرى ئاسىيە بىلەن تانسا ئوينىغاندىكى ھېسلارنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىنمۇ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپلا ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالماي قالدىم ،ئالىيەنىڭ بوينىدىن چىڭ قۇچاقلاپ ،لەۋ-بويۇنلىرىغا ئەسەبىيلەرچەسۆيۈشكە باشلىدىم،ئاستىمدىكى ئالىيە ھەريانغا تىپىرلايتتى ،مېنىڭ بولسام پەرۋايىم پەلەك ئاخىرى ئۆز مەقسىتىمگە يىتىشكە ھىچقانداق توسالغۇ قالمىدى ....................
بىر ھازادىن كېيىن لاسسىدە بوشاپ قالغان بەدىنىمنى ئاستا كۆتۈردۈم.ئۇۋاقىتقىچە ئالىيەمۇئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۇردى ،ماڭا ھىچكىشى چۈشۈنەلمەيدىغان ھەيرانلىق ئىلكىدە بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يىراققىراق بىرىپ كۆلدىكى سۇغا قاراپ ئولتۇردۇم ،بىردەمدىن كېيىن ئالىيەمۇ يىنىمغا كېلىپ ئولتۇردى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بايامقى ھەيرانلىق ئارىلاشقان ھېسىيات بار ئىدى ،ئۇنىڭ خۇمار كۆزلىرى ھىلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى ،مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ باياتىن چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئاستا تۈزەشتۇرۇپ قويدۇم ،ئۇ توساتتىنلا ئۆزىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا تاشلىدى ،مەن كېچىچە ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان مىزىلىك پۇراقلاردىن ھوزۇرلانغاچ بۇ شېرىن كېچىنى ئۆتكۈزدۈم ....
تاڭ سەھەردە قۇياش ئاخىرى شەپەقتە كۆتۈرۈلدى ،مەن ئالىيەنىڭ پۇتۇمدا بىشىنى قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قارىدىم ،ئۇ شۇنچىلىك خاتىرجەم ئۇخلاۋاتاتتى ،مەن ئۇنىڭغا ھەۋەسلنىپ قاراپ ئولتۇرۇپ ،كېچىچە قىلغان ئىشلىرىمغا پۇشايمان قىلماقتا ئىدىم .

ئارىدىن خىلى ۋاقىتلار ئۆتتى ،ئۇ ئەسلىمىلەرمۇ يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى ،مەنمۇ يىللار سوۋغىتى سۈپىتىدە شەھىرىمىزدىكى بىر غەربچە تاماقخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلىدىم ،بۇ يەردە ئىشلەش جەريانىدا خۇي-مىجەزىم خىلى ئوڭشالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا شوخلۇقىمنى تاشلىمىغانىدىم ،بەزىدە بىللە ئىشلەۋاتقان قىزلارغا چاقچاق قىلىپ قوياتتىم ،خۇمارىم تۇتۇپ قالسا بىرەر تال چىكىپمۇ قويىدىغان ئادىتىممۇ بار ئىدى ،ئىشقىلىپ مەن كۈنلىرىم بىر كۈن بولسىمۇ خۇشال ئۆتسە دەپ ئويلايتتىم ،مەندىكى يەنە بىر ئۆزگىرىش بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان قىزىقارلىق تارىخلارنى ئاڭلاش بولاتتى ،ئاڭلاش جەريانىدا ماڭىمۇ ئازراق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك،مەنمۇ بەزىدە تورلاردىن بەزىدە كىتابلاردىن ئوقۇپ يۈرۈپ خىلى بىر نەرسە بىلىدىغان بولۇپ قالدىم ،بەزىدە تېخى ھىلىقى خىزمەتدىشىم بىلەن مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتىم ،مەن بۇ جەرياندا شۇنى ھېس قىلدىمكى ،ئەجدادلىرىمىز باتۇر ،ئاقكۆڭۈل ،مەرد قەيسەر ،ئۈمىدۋار ياشاپتىكەن .ھەرگىزمۇ بىزدەك ئۆلۈك مىجەز ياشىماپتىكەن ،مەندە ھازىر شۇ ئەجدادلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىۋاتاتتى .
يەنە بىر قىززىق ھىكايە مەخمۇت ئىسىملىك بىر خىزمەتدىشىمنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى بىلەن باشلاندى ،مەخمۇت قارىماققا ئىنتايىن مۇلايىم ،ئىغىر بىسىقتەك كۆرىنەتتى ،ئاز ئۆتمەيلا مەخمۇت ھەممەيلەن بىلەن چىقىشىپ كەتتى ،چۈنكى بۇبالا ئۆزىنىڭ ئىيتىشىچە ئىسلام ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن ،راست دېگەندەك بۇ بالا كېلىپلا ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئالدىدا مىھراپقا ئۆتتى ،قىلغان قىرائىتى ھەممىنى قايىل قىلاتتى ،بەزىدە بالىلار يىغىلغان يەردە مەسلى مەرۇپ قىلاتتى ،ئەپسۇس ئىككىيلەن ئانچە چىقىشالماي قالدۇق ،چۈنكى مەخمۇت مېنىڭ تاماكا چىكىشىمنى ،قىزلارغا چاقچاق قىلىپ قويىشىمنى ياقتۇرمىغان بولسا كېرەك ،ماڭا گەپ قىلىپمۇ ئۆتكۈزۈپ بولالمىدى ،بولۇپمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا ئىككىيلەننىڭ قاراشلىرى ئوخشىماي تالاش-تارتىش قىلىپ قالاتتۇق .
بىركۈنى تاماقخانىمىزغا خىرىدار كېرمەي جىمىپ كەتتى ،مەن شۇنىڭ بىلەن .
ھەجەب خىرىدار كېرەي جىمىپ كەتتى دەپ ساپتىمەن .ئۇبالىنىڭ يىنىمدا ئىكەنلىكىنى مەن نەدىن بىلەي،ئۇ يىنىمدىراق كېلىپ سۆزلەپ كەتتى .
-قاراڭ ھەممە ئىشلار ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ،بۈگۈنكى سودىنىڭ ئاز بولىشىمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى ،بۇنىڭغا ئامال يوق.
مەنمۇ بوش كەلمەي تالىشىپ قالدىم .
-ئۇغۇ راست ھەممە ئىش ئاللانىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ،لېكىن ئاللامۇ ھەر كىشىنىڭ نىيىتىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ،،نىيىتىمىزدە بۈگۈن سودىنى ياخشى قىلىمىزدەيدىغان نىيەتلا بولىدىكەن ،بىز شۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قىلساق بەلىكم ئاللامۇ بىزنى نا ئۈمىد قويماستى .
-ئاللارىسىقىمىزنى پىشانىمىزگە پۈتىۋەتكەن بولىدۇ ،بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ .
-ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ‹‹يارىلىشىڭنى مەن ياراتتىم،يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن››دەپ رىسقىم شۇنچىلىككەن دەپ ئولتۇرساق بىر يەردىن پوككىدە چۈشۈپ قالمايدۇ،ھەرىكەت قىلساقلا ئاللا رىسقىمىزنى كەڭ بىرىدۇ.
-مەخمۇتنىڭ بۇ گىپى بىلەن مۇنازىرە چىڭىغا چىقتى .
سىز ئاللاغا ئىشەنمەي ،شىرىك كەلتۈرىدىغان ئوخشىمامسىز .
مانا مۇشۇنداق تالاش تارتىشلار داۋاملىق دېگەندەك بولۇپ تۇراتتى ،ئۇھەرقىتىم چوڭ يەردىن چۈشۈپ مۇنازىرىدە مېنى يەڭگەندەك قىلاتتى ،تېخى بەزىدە مېنى شەيتاننىڭ بىر نەرسىسىنى چىشلەيدىغانلىقىمنى شىپى كەلتۈرۈپ مېنى ئوسال قىلاتتى .
ئۇ بۇنداق ۋاقىتلاردا جەڭدە ئۇتۇۋالغان گىنىرالدەك مەغرۇر غادىيىپ مېڭىپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلەتتى،مەن ئۇنىڭ مېنى كەمسىتىۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ قانداقتۇر تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر شۇملۇقنىڭ بارلىقى سىزەتتىم .

بىر كۈنى بۇ سىرلىق نىقاب ئاخىرى يىرتىپ تاشلاندى ،شۇ كۈنى بىز ئادەتتىكىدەك ئىشلەۋاتاتتۇق ،توساتتىن ئىككى چەتئەللىك ئۆزلىرى تازىلىق ئۆيىگە كېرىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئۈستەل ئۈستىگە قويغان ،يانفۇنى بى؛ەن چاپىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى ،بىز بىر ھازا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كەچكىچە ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىغا نەرسىلىرىنى ئاپىرىپ بىرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ۋەدە بىرىپ ئاران يولغا سالدۇق  .
بۇۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن كەچ سائەت 9بولۇپ كەتكەنىدى ،قانداق قىلىش كېرەك ھىلىقى ئىككى چەتئەللىك ئەتە ئەتىگەندە بۇ شەھەردىن ئايرىلىدىكەن ،ئۇ نەرسىلەرنى خىرىدار ئىلىپ چىقىپ كەتكەنمىدۇ ؟ئاخىرى تاماقخانا تىجارىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىپ پۈتۈن خىزمەتچىلەرنى يىغىپ بۇ توغرىدا يىغىن ئىچىلدى ،يۈتكىنى ئاددى بىر تېلفۇن بىلەن چاپان بولغىنى بىلەن بۇ مەسىلە تاماقخانىنىڭ ئىناۋىتىگە ئىنىقراق قىلىپ ئىيتقاندا پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ،پۈتۈن بىر دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە بىرىپ تاقىلاتتى ،تاماقخانا دېرىكتورى بىز ھازا چۈشەندۈرۈش قىلسىمڭ يەنىلا جىم ،ئاخىرى ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلىش ئارقىلىق تاماقخانا ئىچىدىكى كۆزنەكلەرنى تەكشۈرسىلا تاپقىنى بولىدىغانلىقى ،ئەگەر ئۇنداق قىلغاندا ئىلىۋالغان كىشىنىڭ ئىغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ ئاخىرىدا  ھەممەيلەنگە بەش مىنۇت ۋاقىت بىرىپ تېلفۇننى ئىزدىگەچ ئوبدان ئويلىنىشىمىزنى ئىيتتى .

ئەمەلىيەتتە بۇ يەرگە ئورنىتىلغان كۆزنەكلەر ئارقىلىق ھەممە يەرنى كۆرگىلى بولاتتى ،دىرىكتور ئاللىبۇرۇن كۆزنەكلەرنى كۆرۈپ ئالغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بولغان بولۇپ نەرسىلەرنى كىمنىڭ ئالغانلىقى ئايدىڭ ئىدى ،شۇنداق بولسىمۇ يۈز-خاتىرە يۈزىسىدىن بۇنى ئىيتماي كەپتىكەن خالاس ،بۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن قوزغالدۇق ،ئەلۋەتتە ھىچكىشىنىڭ ئۆزىنىڭ گۇماندار قىلىپ قويغۇسى يوقدە ،شۇ ئارىدا مەخمۇت ئورنىدىن ئاستا قىمىرلاپ ئارقا ھويلا تەرەپكە چىقىپ كەتتى ،ھازىر ھەممە ئىش ئاشكارىلانغانىدى ،بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئارقىدىكى پار تۇرۇببىنىڭ ئارقىدىن ھىلىقى تېلفۇن بىلەن ،چاپاننى تاپقانلىقىنى قىزارماي سۆزلەپ كېردى ،ئۇ نەرسىلەرنى بىرىۋاتقىنىدا ھەرقانچە چاندۇرماي دېسىمۇ قوللىرى بىلىنمەي تىترەۋاتاتتى ،ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايى تاھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ .
ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى ،تېلفۇن تىپىلغان بىلەن ،كارتىسى يوق ئىدى ،بۇ كىچىككىنە كاتا نەگە كەتكەندۇ؟ئۇنى تاپماق ئاسانغا توختىمىدى ،يانفۇنلىرىمىزنىڭ چىراغلىرىنى يىقىپ مەخمۇتنى ئالدىمىزسېلىپ ئىزدەشكە باشلىدۇق ،ئاغزىمىزدىن چىقارمىغىنىمىز بىلەن كۆڭلىمىزدە كارتىنى تاشلىغان بولغاندىكىن ،جايىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن ،ئۇنى بىزگە كۆرسەت دەۋاتاتتۇق ،ئۇمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئالغانلىقىنى يوشۇرماقچى بولغاندەك بىزنى بۇرنىمىزدىن يۆتىلەپ بىر ھازا ئىزدىتىپ ئاران دېگەندە كارتىنى تاپتۇق ،بىز ھىلىچەئەللىك ياتقان ياتاققا تېلفۇن قىلىپ نەرسىلەرنى ئىلىپ بارغىنىمىزدا ئاللىبۇرۇن يېرىم كېچە بولغانىدى بىز بۇ نەرسىلەرنى باشقا خىرىدارلارنىڭ ئۇقۇشماي ئىلىپ چىقىپ كېتىپ قالغانلىقىنى كېيىن بۇ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇقۇشماي ئىلىپ چىقىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بىزگە ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ كەچۈرۈم سورىدۇق .

چەتئەللىك ھىچقانداق ئىپادىسىزلا رەھمەت ئىيتىپ قويدى ،بىز ئۇھ!دەپ بۇ ئىشنى تۈگەتكەن بولدۇق ،لېكىن مېنىڭ بۇ نەرسىلەرنى مەخمۇتنىڭ ئىلىۋالغانلىقىغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى ،باشقا بىرەيلەن ئىلىۋالغان بولسا ئانچە ئىرەنشىپ كەتمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى ،لېكىن ھەممىنى بىلىدىغان ،ھەممىنى  قايىل قىلىدىغان بىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى قەتئى قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم ،بولۇپمۇ ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوغرى دەپ نامىمىز چىقىپ ،يۈزىمىز يوق ،ياتىلى دېسەك ياتاق يوق ،خەلقئاراغىمۇ مۇشۇ نامدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقىنىمىزدا ،بۇنىڭ بۇ قىلمىشى بىزنى خەلقئاراغا ھەقسىز تەشۋىق قىلغان بولماي نېمە ؟راست دەپتىكەن ‹‹ھەممە ئىشنى موللا بىلە ،موللا قوپۇپ كۆلگە سىيە ››دەپ قاقشاپمۇ كەتتىم .بىر تەرەپتىن ئۇنى ئاقلاپمۇ باقتىم ،ھەممە كىشىدە نەپسى دەيدىغان بىر نەرسە بارئەمەسمۇ ؟ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسامچۇ؟مەن بولساممۇ ئىزىپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى دە .
يامان يىرى ئۇ چەت ئەللىكنىڭ بولۇپ قالغىنى بولۇپ قالدى دەپمۇ باقتىم ،لېكىن نېمىلا دىمەي ،ئۇ ئىش يۈرىكىمدە بىر يۇيۇلماس داغ قالدۇردى .

بۇ ئىش بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن بالىلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى ،ئۇمۇ بۇرۇنقىدەك كۆپ سۆزلىمەيدىغان باشقىلار ئارىلاشمايدىغان بولدى ،بىر كۈنى تورخانىغا كېرگىنىمدە ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،ئۇنىڭ قولىدا تاماكا،قويۇق ئىس پۈدەپ تۇراتتى ،بىر ۋاقىتلاردا مېنىڭ تاماكا چېكىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ دېگەن گەپلىرى يادىمغا كەلدى ،شۇھامان ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ شەيتاننىڭ بىر نېمىسىنى سەنمۇ شورىۋاپسەنغۇ ؟دېگۈم كەلدى .
ئىست سېنىڭ ھالىڭغا ...ماڭا قىلغان نەسھىتىڭگە ئۆزۈڭ ئەمەل قىلساڭ بولمامدۇ ؟دەپ يۈزىگە تۈگۈرگۈم كەلدى ،بەلكىم مەن ھازىر ئۇنىڭ ھالىغا ئىچىنۋاتقاندىمەن ،بەلكىم سىلەر مېنىڭ ھالىمغا ئىچىنىۋاتقانسىلەر ،راست مەن شۇچاغدا ھەقىقەتەن ئازغانىدىم .

ئۇ ئىشلاردىن بىرە يىللار ئۆتۈپ كەتتى ،قەلبىمدىكى ئۇداغمۇ بارا-بارا سۇسلاشتى ،يەنە بىر ئالاھىدە ئىش مەن توي قىلدىم ،ئەلۋەتتە بۇ توينى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئالىيە بىلەن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى توي قىلالماي قالدىم ،مەن بۇ ئىشتىن ئۆكىنەتتىم قەلبىمدە نۇرغۇن تىپىشماقلار بار ئىدى ،ئۇ تىپىشماقلارغا پەقەت ئالىيەلا جاۋاب بىرەلەيتتى ،شۇنداق ئوي-خىياللار ئىچىدە تويۇم بولۇپ تۆتىنجى كۈنى ئالىيەگە تېلفۇن قىلدىم،ئالىيە يەنىلا بۇرۇنقىدەك خۇش ئاۋازى بىلەن تېلفۇننى ئالدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
-بۇمەن
-ھە تونۇدۇم
مەن قانداق گەپ باشلاشنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدىم .
ئۇ ۋاقىتقىچە ئالىيە ئۆزى ئىغىز ئىچىپ قالدى .
-گەپ قىلىڭە جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟
-ھە ،ئالىيە مەن توي قىلدىم .دەپ بولۇپلا ئازراق يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم .
ئالىيە چوقۇم ئازابلاندى ،ئەمدى گەپ قىلمايلا تېلفۇننى قويىۋىتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم ،لېكىن ئالىيە ئەكسىچە ھالدا .
-مۇبارەك بولسۇن ،سېزگە بەخت تىلەيمەن ،مەڭگۈ بەختلىك بولۇڭ دېدى .
ئارىمىزنى يەنە جىمجىتلىق باستى ،ئالىيەنىڭ كۈچلۈك ھاسىراشلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى ،مەن ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ كەلگەن سۆزۈمنى ئالىيەگە ئىيتالماي تۇراتتىم نەچچە كۈندىن بىرى باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىم مېنى ئىغىز ئىچىشقا مەجبۇر قىلدى .
-ئالىيە سەندىن بىر گەپنى سوراي دېگەن
-سوراۋىرىڭ ،قۇلىقىم سىزدە ،غەيرەت
-بۇ گەپنى سورىسام خاپا بولۇپ قالارسەنمۇ ؟
-ياقەي سوراۋىرىڭ خاپۇلايدىغان ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتتۇق ئىككىيلەن .
مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىچىمدە ساقلىنىو كېلىۋاتقان بۇ سۆزۈمنى ئاخىرى ئالىيەگە ئىيتتىم
-ئالىيە سەندىن بىرگەپنى سوراي ،ماڭا راستىڭنى ئىيتقىن ،قىزلىقىڭنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتامسەن
ئاغزىمدىن بۇنداق گەپنىڭ چىقىشىنى كۈتمىگەن ئالىيە بىردەم تۇرۇپ كەتتى ،ئەلۋەتتە بۇ سۆزگە ئالدىراپ جاۋاب بەرگىلى بولمايتتى ،ۋەزنىمۇ ئىنتايىن ئىغىر ئىدى .
-ھەئە ،ئالىيە يەڭگىل جاۋاب بەردى .......
مېنىڭ ئۈمىد قىلىدىغان جاۋابىممۇ دەل شۇ ئىدى ،راستىنى ئىيتقاندا ھىلىقى كۈنى بىز چەكلەنگەن مىۋىنى يىمىگەن ئىدۇق ،شۇنداق تىپىرلاۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئالىيەنىڭ يۈزۈمگە تەككەن بىر كاچىتى يۈزۈمدىن ئوت چىقىرىپ بىشىمدا چاقماق چاققاندەك بولۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن لاسسىدە توختاپ قالدىم .
ھازىر ئويلىسام ئەگەر شۇ كاچات تەگمىگەن بولسا ھاياتىمدا ئىغىر گۇناھقا يول قويغان بولىدىكەنمەن ،بۇ ھېس-تۇيغۇنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئانچە ھېس قىلمىغان بولسام توي كېچىسى ھەممىنى ھېس قىلدىم ،ئىپپەتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ،ئۆز ھالال جۈپتىدىن بۆلەك باشقا ھىچقانداق بىرى ئىرىشسە بولمايدىغان مۇكاپات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ،قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۆزۈمدىن پەخىرلىنەتتىم ،ئەگەر ئالىيە مۇقەددەس ئىپپىتىنى كەلگۈسىدىكى جۈپتىگە بىرەلىسە مەن ئالىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمگە رازىمەنلىك بىلەن قارار ئىدىم .ئالىيە بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېلفۇننى قويۇپ شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئويلاپ خىيالغا چۆمۈپ كەتتىم.
بىر ۋاقىتتا ئايالىم ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ ،بۇ ئىللىق تەبەسسۇم تەن-تەنلىرىمگە سېڭىپ ۋۇجۇدۇم ئاستا-ئاستا ئىرىگەندەك بولدى .

مەنبە:قەلىمىم

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 09:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت تېما مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇردى دەپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاكىنا تېما ، چاكىنا مەزمۇنلارنى دەيمىز !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ihbal99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 09:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1384 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 09:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۈرەتتىكى تىما ئىگىسى شۇما ئۆزۆڭلار؟

پەخىرلەنگۈدەك مۇنبەرگە يوللاپ يۈرگىنىنى. چاكىنا بالىكەن بۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96874
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 10:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزكۆڭلىڭىزدىكى تۈگۈننى يېشۋىىتپسىز مۇبارەك بولسۇن!
ئەمدى يېڭى تۇرمۇشىڭىزدىكى يېڭى قەدىمىڭىزنى ئوبدان بېىسڭ !
ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96874
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 10:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihbal99 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 09:25 PM
ئەخلەت تېما مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇردى د ...

مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازنى سىزچە قانداق تېما بولسا يورۇتۇپ ،يالتىرتىپ بېرىدۇ؟
يۇقىردىكى قېرىندىشىمىزنى يېڭى قەدەم بىسش ئالدىدا تۇرۋېتىپتۇ،سىزئەسلى مۇشۇ كىشىگە،ئۇلۇغ رەببىمىزدىن!بۇندىن كېيىن يېڭى تۇرمۇشنىڭ يېڭىچە ،ئسلاميەتكە يېقىن قەدەم بىسشنى تىلىشىىز كېرەك ئىدى،ئەفسۇس!سىزچاكىنا دەپسىزيۇ!سەۋەپ يازماپسىز!ۋەقەلىكتە!راست ئوچۇق دېيىلگەن گەپلەربار!ئەمما بۇ بىرئۆتۈپ بولغان ئىشنىڭ تارىخى خالاس!سىزئەمدى تۆۋبە قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە ئىسلامىي شىرىن سۆزلىرىمىزدىن بۇ قېرىندىشىمىزغا سوۋغاقىلپ كۆڭلىگە ئسلامنىڭ يەنەبىرئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك ئىدى.ئويلۇشۇپ گەپ قىلىڭ،گۇناھنى كەچۈرۈش كەچۈرمەسلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە!پەتىۋا بېرىش ئۈچۈن سىز بىلەن  مەن سالاھىيەتكە توشمايمىز!

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23086
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1321 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 11:19:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىلەر بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىڭلەرمۇقانداق؟بىر يەردىن ھەرقايسىلىرىغائىنكاس ئالۋىڭى سالمىغاندىكىن ئالدى _ ئارقىنى ئوقۇپراق ئىنكاس يىزىشسا، يەنە بىر گەپنى دەپ قوياي يازمىدىكى «مەن»بىلەن مېنى ئوبدانراق تونوۋىلىشسا.
ھيكايىدىكى تەسۋىرلىمەكچى بولغىنىمنى— ئازراق چۈشەنمىگەن ئوخشايسىلە، مەن قانداقتۇر مۇسۇلمانلارنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ يازمىدىم .پەقەت مۇسۇلمان تونىغا ئورنىۋىلىپ مىللەتنىڭ نامىنى سىسىتقان بىر پىرسۇناژ بىلەن ياشلىقىدا شوخلۇق قىلىپ بىر تەستەك بىلەن ئۆزىنى ھاڭدىن تارتىپ كېيىنكى كۈنلەردە ھەقىقەت ۋە ئۇلۇغلىقىنى چۈشەنگەن «چاكىنا »ياشنى سىلىشتۇردۇم خالاس.

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23086
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1321 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 11:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىلەر بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىڭلەرمۇقانداق؟بىر يەردىن ھەرقايسىلىرىغائىنكاس ئالۋىڭى سالمىغاندىكىن ئالدى _ ئارقىنى ئوقۇپراق ئىنكاس يىزىشسا، يەنە بىر گەپنى دەپ قوياي يازمىدىكى «مەن»بىلەن مېنى ئوبدانراق تونوۋىلىشسا.
ھيكايىدىكى تەسۋىرلىمەكچى بولغىنىمنى— ئازراق چۈشەنمىگەن ئوخشايسىلە، مەن قانداقتۇر مۇسۇلمانلارنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ يازمىدىم .پەقەت مۇسۇلمان تونىغا ئورنىۋىلىپ مىللەتنىڭ نامىنى سىسىتقان بىر پىرسۇناژ بىلەن ياشلىقىدا شوخلۇق قىلىپ بىر تەستەك بىلەن ئۆزىنى ھاڭدىن تارتىپ كېيىنكى كۈنلەردە ھەقىقەت ۋە ئۇلۇغلىقىنى چۈشەنگەن «چاكىنا »ياشنى سىلىشتۇردۇم خالاس.

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:11:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئوقۇپ مۇنبەرگە يوللانغان مەن بىر ئەبجەش دىگەن ساتىرا يادىمغا كەپقالدى،

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:40:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىدىن سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ :
سىز دەپ ئۆتكەن ئاتالمىش «مەخمۇد» ئىسىملىك بالىنى ناماز ئوقۇيدۇ ، چىرايلىق قىرائەت قىلىدۇ ، تەبلىغ قىلىدۇ ، دىيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىنى ئىتىقادىنى بىرەر قۇر تونۇشتۇرۇپسىز .ئاخىردا ئۇنىڭ يانفۇن ئوغۇرلىغانلىقىنى ۋە ئاشۇ سۆزلىگەنلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بايان قىپسىز .ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي ، ئۇنداقتا سىز ئاشۇ بالىنىڭ « ئىتىقادى » توغۇرلۇق بىرپاتمان نەرسە يىزىپ كەينىدىن ئۇنىڭ يانفۇن ئوغۇرلىغانلىنى يازسىڭىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانداق تەسىر پەيدا قىلار ؟ غەيرى مۇسۇلمان ياكى دىنسىزلار ئارىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى قانچىلىك چۇشۇپ كىتەر ؟ ئەلۋەتتە ئوغرى پاھىشىۋاز قاراقچى دىگەن بۇ ئۇچ نەرسە ئىنسان مەۋجۇد بولىدىكەن مەڭگۇ يوقالمايدۇ .ئەجىبا بۇنى ئۇنىڭ قارىيلىقىغا ناماز ئوقۇيدىغانلىقىغا تەبلىغ قىلىدىغانلىقىغا چىتىۋىلىشنىڭ نىمە زۆرۇرىيىتى ؟  ئەجىبا سىز تەسۋىرلەپ يازغۇدەك نى نى ساۋاب ئىشلارنى قىلىۋاتقان دىنىمىز مىللىتىمىز ئۇچۇن قان تەر تۆكۇۋاتقان قارىيلىرىمىزنى ئەھلى ئىلىم ئۆلىمالىرىمزنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى يىزىشقا تەسۋىرلەشكە قولىڭىز بارمامدۇ ؟ ياكى كۆزىڭىز كۆرمەمدۇ ؟ كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىۋالامسىز ؟  ئەجىبا بەزىبىر ئىپلاس مۇناپىقلارنىڭ ئەھلى ئىلىم ئۆلىمارلارنىڭ يۇزىنى تۆكىۋاتقان قىلمىشلىرىنى پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا قارىتا ۋەكىل قىلىپ ئەسەر يىزىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ئەگەر ئاشۇ ئاتالمىش خىزمەتدىشىڭىز راستىنلا شۇنداق خاتالىق ئۆتكۇزگەن بولسا نىمىشقا يىنىغا بىرىپ نەسىھەت قىلمايسىز ؟ نىمىشقا شۇ ئوغۇرلۇق قىلغان قولىدىن تۇتۇپ « جىنىم قىرىندىشىم ، نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز ، ئاللاھتىن قورقۇڭ» دىمەيسىز ؟؟؟

   ئاخىردا كىلىپ سىزنىڭ بۇرۇنقى سۆيگۇنىڭىز بىلەن دىسكوخانىدا ئاپپاق چاپپاق بولۇشۇپ تۇرۇپمۇ يەنىلا چەكلەنگەن مىۋىنى يىمىگەنلىكىڭىزنى ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاتالمىش ناماز ئوقۇمايدىغان تاماكا چىكىدىغان ھەتتا ھاراق شاراپمۇ ئىچىپ قويىدىغان ئادەتلىرىڭىز بىلەن كۇچلەندۇرۇپ ،ناماز ئوقۇماي  تۇرۇپمۇ يامان ئىشنى قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپسىز .تاماكا چىكىپ دىسكوخانىلاردا لاغايلاپ يۇرۇپمۇ ئاتالمىش «چەكلەنگەن مىۋىنى » يىمىگەنلىكىڭىزنى ئالتۇن مىدال ئالغاندەك پەخىرلىنىپ سۆزلەپسىز .
   
  دىمەك ئاخىردا بۇ ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ، ھازىر ئەتراپىمىزدا «قارى ،ناماز ئوقۇيدىغان تاماكا چەكمەيدىغان ، تەبلىغ قىلىدىغان » كىشىلەرنىڭ بارلىق يامان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ، تاماكا چىكىدىغان دىسكوخانىلاردا قىزلار بىلەن ئاپپاق چاپپاق بولىشىپ يۇرىدىغانلارنىڭ ھىچقانداق گۇناھ ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بىرىپسىز . شۇنداقمۇ ؟
   سىز ئىسلامغا بۇقەدەر ھاقارەت قىلغۇدەك ئىسلام سىزگە نىمە يامانلىق قىلغاندۇ مىللەتدىشىم ؟؟؟
   ئەگەر ئىغىر كۆرمىسىڭىز ئاشۇ ئاتالمىش «قارى ، ناماز ئوقۇيدىغان تەبلىغ قىلىدىغان » كىشىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويۇڭ .مەن ئۇ قىرىندىشىمىز بىلەن يۇز تۇرانە پاراڭلىشىپ باققۇم بار ؟؟؟

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
amannisa + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
miskin-ahu + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
kulak + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 189   باھا خاتىرىسى

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4681
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:41:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىپسىز   ،شەخسەن مەن ياقتۇرسۇم ھىكايىڭىزنى ، ماۋۇ باشقىلار ھىكايىنى تولوق ئوقىمىدىمۇ ياكى چۈشەنمىدىمۇ ئەخلەت تىما دەپ يۈرۈپتۇ مەن ھىس قىلمىدىم ئۇنداق يەرلىرىنى ، ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىشىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش