مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 4

يىللىق خۇلاسىدە ئىلغار بولالمىغانلار ئىلغار خىزمەتچى ئەمەسمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100365
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 12:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىللىق خۇلاسىدە ئىلغار بولالمىغانلار ئىلغار خىزمەتچى ئەمەسمۇ؟
Eparhan413
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ، ھەر قايسى كەسىپ ،ھەر قايسى ساھەدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر  بىر يىللىق جاپالىق خىزمىتىڭىزنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئۇھ دىگەنسىز.بىر يىلدا جاپالىق ئىشلىگەنلەرنىڭ يىللىق خۇلاسىدە ئىلغار خىزمەتچى بولغۇسى كېلىدۇ ئەلۋەتتە .لېكىن مەيلى ئىدارىدە بولسۇن ياكى مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ،ئىلغار بولۇپ سايلانماق ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى ئىلغارلىقنى يېقىن دوستلاردىن ئارىيەت ئالغىلى بولمايدۇ.كىيىم ئورنىدا  پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. يولىنى مېڭىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا سىز ئىلغار خىزمەتچى بولىمەن دەپ نىشان بەلگىلەپ ،تىرىشىپ ئىشلەپ ،ئىلغار خىزمەتچى بولالمىغان بولسىڭىز ،ئەلۋەتتە  ئازابلىنىسىز .قايغۇرسىز.مۇشۇ تاپتا ئىلغارلار سېپىگە كىرەلمەي قورساق كۆپىگى تارتىپ يۈرگەنلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىدارە _جەمىئيەتتە ئىلغارلارنى بېلەت تاشلاپ سايلايدۇ.شۇغىنىسى ،ھازىر ياخشى ئىشلىگەنلەر ئىلغار بولالماي ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدىغان لېكىن خىزمەتتە   تۆھپىسى يوق، خەقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ماھىر،مۇناسىۋەتتە ئۇستا كىشلەر ئىلغار بولۇپ سايلىنىۋاتىدۇ.مەكتەپتە ،نۇمۇر قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ،كىم يىللىق خۇلاسىدە يۇقىرى نۇمۇر ئالغان بولسا شۇ ئىلغار بولىۋاتىدۇ.لېكىن بۇ نۇمۇر قويۇش ئۇسۇلىدا مەسىلەر ساقلانغان .بىر يىل ئەستايىدىل ئىشلەپ ،ئىلغار بولالمىغان ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئۈمىدسىزلەڭمەڭلار ،نىشانىڭلاردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭلار ، سىلەر گەرچە تۆمۈر دەپتەردە ئىلغار بولمىساڭلارمۇ ،ياخشى ئىشلىگەن بولساڭلىلا،خەلقنىڭ ئالدىدا ،مىللەتنىڭ ئالدىدا ئىلغار خىزمەتچىسىلەردۇر .
2013-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى.دىلنۇر مۇئەللىم يىللىق خۇلاسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپتۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەكتەپ تورىغا چىقتى.ئۇنىڭ بۇ كۈننى ساقلاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان ئىدى.يولدىشىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،"بۇ يىل خىزمەتكە ئۆزىڭىزنى بەك ئۇرۇپ كەتتىڭىز ،يىللىق خۇلاسىدە ئىلغار بولۇپ باھالانسىڭىز ،كېلەر يىلدىن باشلاپ ئازادە ئىشلەپ ،ۋاقتىڭىزنى ئۆيگە ۋە كەلگۈسىدىكى بالىمىزغا كۆپرەك ئاجىرتاسىز "دېگىنى كۆز ئالدىدىن يالىت قىلىپ ئۆتتى .
دىلنۇر مۇئەللىم ئوتتۇرا بوي ،بۇغداي يۈزلۈك ،چىرايدىن مېھرىبانلىق ،سەمىمىلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياش ئايال ئىدى.ئۇ بۇرۇن ئىلغارلىقنى چوڭ بىلمەيدىغان ،ئىلغارلىقنى تالىشىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن قىزىرشىپ يۈرىدىغانلارنى كۆرسە ئۇلارغا سوغاق نەزەردە قارايدىغان ئايال ئىدى   .مەكتەپتە ئىشلىگىلى بەش يىل بولغاندىن كېيىن مۇھىت ئۇنى ئۆزگەرتتى. ئىلغار بولۇشقا قىستىدى.ئۆز مەنپەتىگە تاقىشىدىغان ئىش بولسا ،بۇرۇنقىدەك بېشىنى ئىچىگە تېقىپ كەڭ قورساقلىق بىلەن كۆرمەسكە ،ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدىغان كىشىدىن  ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن تەڭ تۇرىدىغان،يۈز ئاياپ قويمايدىغان  ئادەم بولۇشقا مەجبۇرلاندى. چۈنكى مەكتەپتە ھەممە ئىشلار ئۇنۋانغا تاقىلىپ ،يىللىق خۇلاسىدە بېرەر قېتىم ئىلغار بولالمىغانلارنى  ئۇنۋان ئالىدىغانلار  سېپىگە كىرگۈزمەيدىغان تۈزۈم بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىشتۈرۈپ ،ئائىلىدە كېلەر يىلى ئىككىنچى بالىنى ئېلىشقا پىلانى بار ئىدى.ئايال كېشى دېگەن  بىر قورساق كۆتۈرسە خىزمەتتە ئۈچ يىل ئارقىغا چېكىنىدىغان گەپكەن .قورساق كۆتۈرۈپ توغۇش ،بالىنى بىر ياشقا كىرگۈزۈش ،بىر ياشتىن ئاشقاندا بالام ئاغرىپ قالدى دەپ ئۆي بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىسىدا قاتىراش  دەپلا ئۈچ يىللنى بىلىپ –بىلمەيلا پەرزەنتلەرگە ،ئائىلىگە سەرپ قىلىدىكەن .
شۇڭا بۇ يىل دىلنۇر يىل بېشىدىلا كۆڭلىگە ئىلغارلىقنى پۈككەن ،خىزمەتنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىگەن ئىدى.بۇ يىل ئۇنىڭ ئامىتى كېلىپ ئىلغاربولۇپ كەتسە،دۈمبىسىدىكى  ئېغىر يۈكتىن بىراقلا قۇتۇلغان بولاتتى.ئۇ توردىن خوش خەۋەر ئىزدەش ئۈچۈن مائۇسنى قولىغا ئالدى-دە ،يۈرۈكى دۈپۈلدەپ ،بەدىنىگە تىتىرەك ئولاشتى .بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىللىق خۇلاسىدە ئىلغار بولۇپ چىقىشنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانئىدى .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلغار بولۇش قائىدىلىرى باشقا ئىدارىلەردىكىدىن پەرقلىنەتتى .بۇ مەكتەپتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا نومۇر قويۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇمۇرىنى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تامغا چاپلىناتتى. مەكتەپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر بىر يىل ئىچىدە تولۇق ئىشلىگەن بولسا ،ئاساسىي نۇمۇرغا 80 نومۇرنى بېرىلەتتى .بىر يىل ئىچىدە ئىككى مەۋسۇم سىنىپ مەسئۇلى بولسا ئۈچ نۇمۇر قۇشۇپ بېرىلەتتى .ئەگەر سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسا ،سىنىپ مەسئۇللىرىغا ۋاقىت ناھايتىمۇ قىممەتلىق ،بىرنۇمۇرغىچە نۇمۇر قوشۇپ بېرىلەتتى.ئۇندىن باشقا ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرى ،ھۆسنىخەت يېزىش مۇسابىقىلىرى،ئوچۇق دەرس ئۆتۈش پائالىيەتلەردە نەتىجىگە ئىرىشكەن بولسا ۋە ياكى نۇقتىلىق زورناللاردا  ماقالە ئېلان قىلغان بولسا ،يىللىق خۇلاسىدە نۆل پۈتۈن ئىككى  نۇمۇردىن بىر پۈتۈن بەشكىچە نۇمۇر قۇشۇلۇپ بېرىلەتتى.دىلنۇر بۇ جەھەتتە ۋەزىپىنى ياخشى  ئورۇندىغاندىن باشقا ،دەرسىنىمۇ 400سائەت ئاشۇرغانئىدى. دىلنۇر تورغا چىقىپ  ئىسمىمنى باش بەتتىن تۆۋەنگە سىرىپ تېپىشقا باشلىدى .مەكتەپتە 147ئوقۇتقۇچى باربولۇپ،بىرىنچى بەتتىن دىلنۇرنىڭ يىللىق خۇلاسە ئۇمۇمىي نەتىجىسى 94.5 دىگەن  نۇمۇرنى چىققانلىقىنى كۆردى.ئۇ بۇ نەتىجىنى كۆرۈپ قانچە تېز خوشال بولغان بولسا ،خوشاللىقى شۇنچە تېز يوققا چىقتى .چۈنكى دىلنۇر  مەكتەپ بويىچە 20-رەت بولۇپ تىزىلغان بولۇپ ئىلغار بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئالدىنقى 17نىڭ ئىچىگە كېرىشى كېرەك ئىدى.دىلنۇر دەرھال سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ،ئىنچىكىلەپ قارىدى .بىر يىل ئىچىدە بالىسى ئاغرىپ قالغانلىغى ئۈچۈن بەش كۈن سوراپتۇ .بەش كۈن سورىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى نۇمۇر كولاپتۇ.ھەمدە مائاشىدىن قائىدە بويىدە پۇل تۇتۇپ قالىدىكەن .بالا ئاغرىپ قالسا  پۇل تۇتسا مەيلى ئىدى ، يىللىق خۇلاسىدىن نېمە ئۈچۈن نۇمۇر كولايدۇ.دىلنۇر يەنە ئىنچىكىلەپ قارىدى .بەزەن ئوقۇتقۇچىلار بىر يىل ئىچىدە سىنىپ مەسئۇلى بولمايمۇ،دەرسنى ئۇنىڭدەك جىق ئۆتمەي تۇرۇپمۇ ،نوقتىلىقى زورناللاردا ماقالە ئېلان قىلمايمۇ  ئىلغارلار سېپىگە كىرىپتۇ.ئۇلار گەرچە دىلنۇردەك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ ، دەرس پىلانىنى مائارىپ نازارىتى ئويۇشتۇرغان دەرس پىلانى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇپ ،نەتىجىگە ئىرىشپتۇ .ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇكاپات بولغاندىكىن 3-دەرىجگە ئىرىشكەن بولسىمۇ ،مەكتەپ دەرىجىلىك پائالىيەتلەردىكى 1-دەرىجىنىڭ نۇمۇرى قوشۇلىدىكەن .ئالغان مۇكاپىتىنىڭ قالپىقى ،دەرىجىسى قانچە چوڭ بولسا ،ئىرىشىدىغان نۇمۇرى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن .بىز قۇدۇق پاقىسى بولۇپ ،مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە كۈچەپلا يۈرۈپتىمىز دەپ ئويلىدى –ئۇ .ئۇندىن باشقا ،بۇيىل يەتتە ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ،ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەملىشىپ ،پاراكتە قىلىپتۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە ئوقۇتقۇچىغا 5نۇمۇردىن 7نۇمۇرغىچە  نۇمۇر قوشۇلۇپتۇ .شۇڭا بۇ مۇئەللىملەرنىڭ نەتىجىسى بىراقلا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپتۇ . دىلنۇر نەتىجىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانلىقتىن ئورنىدىن دەرس تۇرۇپ كەتتى .قورسىقى ئاچ  بولسىمۇ ،نەتىجىنى كۆرۈپ قورسىقى تويغاندەك بولدى،مۇشۇ پەيىتتە بىر يىلدا ئىلغار بولىمەن تارتقان جاپالىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋاتاتتى .ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى 15كېلومىتىر كەلگەچكە ،ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.بولۇپمۇ دۈشەنبە كۈنى مەكتەپتە بايراق چىقىرىشقا ئۈلگۈرۈمەن دەپ تېخى ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن  قىزىنىڭ ئەسنىشىگە ،پۇت –قوللىرىنى سۇزۇپ كىرىۋىلىشقا  كەتكەن ۋاقىتقا چىدىماي ، بالىنى  ئالدىرتىپ تېز سۈرئەتتە يۆگەپ بالىنى قىيناشلىرى ،مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئادىتى بويىچە ، بىرىنچى بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى چىقارغان دوسكىدىكى سىنىپىنىڭ نۇمىرىغا قاراپ ،قىزىل رەقەملەر بولسا تاڭ سەھەردىلا پوق يىگەن بولغاندەك بولۇپ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا چېچىلىشىلىرى. يوخلىمىنى ئاق چىقىرىش ئۈچۈن  بىر كۈندە تۆت ۋاق قول بېسىشىلىرى،بىر ھەپتىدە 20 سائەت دەرسىنى ئۆتۈپ ،ئۇھ دەپ تۇرىشىغا مەكتەپتىدىن ھېلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسى ،قوش تىللىق دىكىلماسسىيە مۇسابىقىسى ،ئەدەبىيات –سەنئەت مۇسابىقىسى دەپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن چۈشنى چۈش دېمەي ،كەچىنى كەچ دېمەي مەشق قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلىرىنى بىرمۇ بولسا نەتىجىگە شان-شەرەپكە ئىرىشىسىكەن دەپ كۈچەشلىرى ،بۇنى ئاز دىگەندەك ئۆيگە كەلگەندە يولدىشىدىن " سەنمۇ ئايال بولىدىڭمۇ ،مەكتىپىم يىراق دەپ چۈشتە كەلمەيسەن ،كەچتە بىرەر ۋاق ئىسسىق تاماق يەي دىسەم ،قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەنكەندە سوكولداپ كېلىسەن ،بۇمۇ ئۆي بولدىمۇ دەپ سەت قىلىشلىرى، ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا قىزىنىڭ ئەتە يەنە" ئا ،ب ،س " غا بارامسەن دەپ ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن "ياق"دىگەن جاۋابنى كۈتىشى ... بىزئوقۇتقۇچىلار ھېلىمۇ چىدايدىكەنمىز دىدى ئۇكۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.چۈش ۋاقتى بولغانئىدى.تاماققا چىقىشى كېرەك ئىدى.   نەتىجىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايىدا ئادەتتىكى كۈنلەردىكى مېھرىبانلىق ،كۈيۈمچانلىق ئۆچكەن ،كۆزلىرى غەزەپ ئوتىدىن مىختەك قادالغان،چىشلىرى كىرىشكەن ئىدى .دىلنۇر ئاشخانىغا بارغۇچە ئوقۇغۇچىلار”ياخشىمۇسىز مۇئەللىم “دەپ سالام بەرگەندە ،ئۇ ئۇلارنىڭ سالىمىنىمۇ ئىللىك ئېلىشنى ئۇنتىغانئىدى .ئالدىدا توساتتىن ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ جۇرىننى ئۇچراپ قالدى .دىلنۇر ئۇنىڭغا  ئادەتتىكى كۈنلىرىدەك سالام بېرىش  تۈگۈل كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.قەلبىدە  ئادىل بولمىغان ئىلغار سايلاش تۈزۈمىگە مېڭنى تىللاپ ئىلغارلار ئىلغار بولىۋىرىدىكەن چۈنكى ئۇلار ئىلغار بولۇشنىڭ ئېپىنى بېلىپ بوپتۇ.مەن بۇيىل بىكاردىن بىكار ئائىلەمدىكىلەرنى ۋە ئۆزەمنى قىيناپ يۈرۈپتىمەن دەپ ئويلىدى. ئاشخانىغا بېرىپ ،ھېچنىمە يېمەي قۇرۇق قول يېنىپ كەلگەنلىكىنى تېلىفون كەلگەندە بىلدى.خوتەنلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاپىسى ئىكەن ،ئانا تېلىغوندا :خانىم تېچلىق تۇردىلىمۇ ،بالام ئايگۈلنىڭ  ئۆگىنىشىدىن بەك ئەندىشە قىلغان ئىدۇق .بۇ قېتىم خەنزۇ تىلىدا كىنىشكە ئالدىم دەپ تېلىفون ئاپتىكەن مەن بەك خوش بولدۇم ،رەخمەت خانىم سىزگە،سىزدەك ياخشى مۇئەللىم بولغاچقا ،بىز ئاتا –ئانىلار خاتىرجەم."دېدى .دىلنۇرنىڭ باياقى ئىلغار بولۇش خاپىلىقلىرى نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتتى.ساۋاقداش ئايگۈل  مەكتەپكە كەلگەندە،خەنزۇچە سەۋىيسى ئاجىزراق بولغاچقا ،ئۆگىنىشتە بېسىم بولۇپ قالغانئىدى.بالىلار بىلەن كۆپ ئارىلاشمايتتى .ئىچ مېجەز بولغاچقا ،بىرەرسى بىلەن ئوچۇق –يۇرۇق پاراڭداشقىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى .دىلنۇر مۇئەللىم ئۇنىڭغا خەنزۇچە ئۆگىنىشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى .ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەندە ،باشقىلارغىمۇ ياردەم قىلغىلى ھەم باشقىلارنىڭ غەمخورلىقىغا ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ،ئۇنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندى .ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىغىنى بىلدۈردى.ئۇنىڭ بۇ قېتىم خەنزۇ تىلىدىن سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجەبنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى.دىلنۇر تېلىغوندا ،ئايگۈلنىڭ ئاپىسىغا :"ئەرزىمەيدۇ ،بۇ بىزدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇريىتى ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ ،مەن قىزىڭىزغا ئوبدان قارايمەن "دېدى .تېلغۇننى ئالغاندىن كېيىن دىلنۇر مۇئەللىم خېلى يىنىكلەپ قالدى. سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى  ئىككىنچى مەۋسۈمدىلا خەنزۇ تىلىدىن سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىسىدا كىنىشكە ئېلىپ بولغانئىدى.بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللىي ئىدى.دىلنۇر مۇئەللىم ئۆز -ئۆزىگە  ”يىللىق خۇلاسىدە ئىلغار  بولالمىغانلار ئىلغار خىزمەتچى ئەمەسمۇ؟“دىگەن سۇئالنى قويۇپ ،گەرچە سەن ئىلغاربولالمىساڭمۇ ،خىزمەتنى ئىلغار خىزمەتچىلەردەك ئىشلىدىڭ ،ئۆزەڭنى ئەيىبلىمىگىن دەپ تەسەللىي بەردى.يىللىق خۇلاسە جەدىۋىلىنى رەتلىك ،مەزمۇنلىق تولدۇرۇپ ،ئىشخانىدىن  مەغرۇر چىقىپ كەتتى.
2013.1.8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16514
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3661 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 09:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماي شۇلاردا بىر يىل ئىچىدە ھېچ بولمىغاندا ئادىمىيلىكنى يىتىلدۈرگەن ئۆز دائىرىڭىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىم بېرەلىگەن بولسىڭىز سىز ئاشۇ بالىلارنىڭ،ئاتا-ئانىلارنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ ئادىدا ئىلغار ھېسابلىنىسىز.ئەگەر ساختىپەزلىك قىلىپ باشلىقنىڭ ئالدىدا تەخسىكەشلىك،گۇروھۋازلىق قىلىپ ئىلغار بولغان بولسىڭىز يەنىلا سىز مىللەتنىڭ ،خەلقنىڭ ئالدىدا تۇزىكور بولىسىز خالاس!

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7496
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7734 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 11:51:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىل ئىشلەپ ئۆزىڭىزگە يۈز كلەلىسىڭىز،سىز يەنىلا ئىلغار ئوقۇتقۇچى .ئەكىسچە بولغاندا سىز بىر لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 11:56:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلغارلىق پەقەت نۇمۇر مەسىلىسى بولسا كېرەك،ئەمما ئۆزىڭىزگە سەمىمىيلىك بىلەن  نۇمۇر قويۇپ كۆرسىڭىز دان بىلەن سامان مانا مەن دەپلا ئايرىلىپ قالىدۇ.ھەممە ئادەمدە ۋىجدان تارازىسى ئادىل ئۆلچەملىك بولسا قويۇلغان نۇمۇرمۇ ئۆلچەملىك بولىدۇ،بۇ مەسىلىگە يەنىلا ئۆزىڭىز جاۋاپ بەرسىڭىز توغرا بولغۇدەك.

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:11:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئادەم ئالدايدىغان ئىشلار. بەك ئىلغار بولغۇسى بارلار تىرشىپ ئىشلىمەي دائىم سېكىرتارلارنىڭ ياكى بىرىنچى قول باشلىقلارنىڭ چاپىنىنى كوپرەك كۆتۈرسىلا ئىلغار بولۇپ سايلىنىۋىرىدۇ. بۇ گىپىم 100 پىرسەنىت ئىشەنچىلىك 100000  قىتىملىق تەجرىبىدىن ئۆتكەن. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ پايدىسى بولمىسا بىرگە ئون زىينىڭىزنى تۆلەپ بىرىمەن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش