dillani يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:08 AM 
بەدۆلەت دىگىنى ھېلىقى سەئىدىيە خانلىقىنى تىرىلدۈر ...
ياقۇپبەگنىڭ ھەربىي ،سىياسىي تالانتىغا شۇدەۋردىكى ھىچكىم سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ زىيادە گۇمانخورلۇقى مەقسەتكە يېتىشتە ۋاستە تاللىمايدىغان زالىملىقى ئۇنىڭ ئۆلىمىگە ۋە ھاكىمىيتىنىڭ ھلاكىتىگە سەۋەپ بولغان .
بىراق كۇچادىكى راشىدىن خان غوجا ، يەكەندىكى ئابدۇراخمانخان ھەزىرەت ۋە خوتەندىكى ھەبىبۇللا ھاجى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى سىياسەت -لەشكىرىي ئىشلاردىن خەۋەرسىز دىنىي ئۆلىما ،ئىشان -خوجىلار تەبىقىسى ئىدى. بۇلار خەلق ئىچىدىكى ئابرويى سەۋەبلىكلا ھاكىمىيەت بېىشىغا چىقىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىردىن خەۋەرسىز بۇ زاھىتلار خەلقىمىز نۇرغۇن قانلار بەدىلىگە قولغا ئالغان ھاكىمىيەتنى ياخشى تۇتالمىدى ،ئىتپاقلىشىپ بىر بايراق ئاستىغا كېلىشكە تىرىشماستىىن ئەكسىچە بۆلۈنمىچىلىك قىلىپ،ئۇيغۇر ئېلىنى نەچىچىگە بۆلۈپ ھەممىسى ئۆزىنى كاتتا پادىشاھ ھىسابلىشىپ ،شەخسىي مەنپەئەتلىرى يولىدا ئورۇنسىزجەڭلەرنى قىلىشىپ ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنى ئۆزئارا قان تۆكشىكە سالدى . ئاقىۋەتتە ئاران تەستە قولغا كەلگەن ئىستىقلال غەلبە مېۋىسىنى باشتا قوقەندىن ئازغىنە ئادەم بىلەن كەلگەن ياقۇببەگكە تاتقۇزۇپ قويغان بولسا ،ئاخىرىدا مانجۇلارغا قايتا موپتلا قىلدى .
دىمەك ئۇ پادىشاھلىرىڭىزمۇ ئۇنچە ئاھ-ۋاھ دەكېتىشكە ئەرزىمەيدۇ. موللا مۇسا سايرامنىڭ كىتابىنى ئوقۇسڭىزلا چۈشىنىسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 01:17 AM