مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5336|ئىنكاس: 50

ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (7) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99740
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 706
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (7)

         شەپكىلىك قىز ۋە  ئۆز ئۆيۈمدىن قوغلۇنۇش

   3 ‏-ئۆيۈمنى  كۆرگىنى كەلگەن  ئىجارىچى نامزاتى ئىككى ئاق تەنلىك قىز، ھەر ئىككىسىدىكى دىمىقى ئۈستۈنلۈك تۇرۇش ۋە بېقىشلىرىدىن مانا مەن دەپ مەلۇم.  جورا تاللىمايۋاتقان بولغاندىكىن نېمە قىلىمەن روھ ھالىتىنى كۆزىتىپ دەيمەنۇ، يەنىلا  بىر ئاختۇرۇپ كوچىلىۋەتمەي ئارام تاپالمايمەن:  بۇ ھالى چوڭلۇقنىڭ يېرىم دەسمىسى چوقۇم بويلىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئېگىزلىكى، بولۇپمۇ قامەتتىكى تاناسىپلىق؛ قالغان يېرىمى بەلكىم نەسەپ، بەلكىم ياشلىق ۋە بەلكىم  قورساقتىكى ئىلىم-ھۈنەر. بىرسى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان شەپكىسى ۋە تەمكىن-تەمكىن بېقىشى بىلەن بىراز تۈرگۈن؛ يەنە بىرسى ئاسمانغىراق ئۇچۇپ تۇرغان ئىنچىكە قاشلىرى ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ  سۈزۈلۈشلىرى بىلەن  بىراز نازىنىنراق. يېرىم سائەتچە داۋام قىلغان  ئۆينى كۆرۈش ۋە سۆزلىشىش داۋامىدا شەپكىلىكى نەچچە قېتىملاپ كۆزلىرىدىن ئوت چاچراتقان؛  نازاكەتلىكى نەچچە قېتىملاپ  قاش ئۇچۇرۇپ بويۇن قاققان بولسىمۇ، بۇ جىلۋە ۋە جەزىبىلەر ئالدىدا  تەمكىنلىكىمنى ھىچ بۇزمۇدۇم، قارشى تەرەپ بەدەن تىلىنى مەيلى مەقسەتلىك، مەيلى مەقسەتسىز ئىشقا سالغان بولسۇن.   چۈنكى بۇ چاغ قالغان ئىككى ئۆيۈم  ئىجارىگە بېرىلىپ بولغان مەزگىل، ئۆينى ياراتماي چىقىپ كېتىپ قېلىشى مەن ئۈچۈن  بەك چوڭ مەسىلە ئەمەس. شەپكىلىكى  سافانىڭ گىرۋىكىدە پۇت ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ، نازاكەتلىكى  سافانىڭ كۆرپىسىدە بوي ئۇزۇتۇپ يېتىپ تۇرۇپ مەن بىلەن سودىلاشتى. كېلىشتۇق ۋە توختامغا ئىمزانىمۇ ئېتىۋەتتۇق.  ئىككىسى ئەسلى باھاسى 2500 دوللار بولغان بۇ ئۆينى 1800 دوللارغا  ئېلىۋالغىنىغا خوش؛ مەن بولسام  بەش كىشىگە بېرىلمەكچى بولغان بەش ياتاقلىق  بۇ ئۆينى ، ئىككى كىشىگە ، بولۇپمۇ رەڭگى-روھىي پاكىز ئىككى ئاق تەنلىك قىزغا بېرىۋالغىنىمدىن مەمنۇن.  

    دەسلەپكى ئىككى ئايدا  نورمال ،  3 ‏-ئايدا چاتاق چىقتى، قارشى  مۆھلەتتىن 5  كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ ئىجارە پۇلىنى بەرمىدى؛ مۆھلەتتىن 10 كۈن ئوتكەندە ئۈچىنجى قېتىم بېرىپ خەت ساندۇقىنى تەكشۈرۈدۇم؛ ئىجارە پۇلى يەنە يوق. " توختىغىنە، قانداقراق تۇتىۋاتىدۇ بۇ خەق بۇ ئۆينى" دېگەن قىززىقىش بىلەن  ئىشىكنى يېنىك بىر چېكىپ شەپە بېرىپ قويۇپلا ئۆيگە كىردىم. مېنىڭ مېھمانخانا ئۆيگە كىرىشىم ئىككىسىنىڭ ئۇدۇلدىكى ياتاق ئۆيىدىن چىقىشى توغرا كەلدى. ئۈستى-بېشىدىن كارۋاتنىڭ ئۈستىدىنلا چۈشكەنلىكى ئېنىق. " ئۆي چوڭ بولغاچقا ئايرىم-ئايرىم ياتاقتا يېتىشتىن قورقۇپتۇ-دە، نېمىلا دېگەن بىلەن يەنە قىز-دە"  دەپ ئويلىدىم . ئۇلار سالىمىمغا سۇسلا بىر جاۋاپ قايتۇرغاندىن كېيىن ، شارتتىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ياتىقىغا كىرىپ كېتىشتى. ياتاق ئىشىكىنىڭ جالاققىدە قاتتىق يېپىلىشىدىن " نېمە ئۈچۈن بىزنى خەۋەرلەندۈرمەي كىردىڭ دېگەن" ئاچچىق ئايان. مەنمۇ " ئىجارىنى نەق ۋاقتىدا بەرمىدىڭ" دېگەن قورساق كۆپۈكۈم بىلەن ئەسلىدە تېگىشلىك بولغان "كەچۈرۈڭلار"دېگەن سۆزنى ئاياپ قالدىم.
  بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈپ تۆتىنچى  قېتىم كەلگىنىمدە خەت  ساندۇقى يەنە قۇرۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەكشەنبە چۈش مەزگىلى بولغىنىغا قارىماي مېھمانخانىنىڭ چىرىقى يورۇق. توختام بويىچە توك-سۇ پۇلىنى مەن تۆلەيمەن؛ ئەمما توك-سۇنى ئورۇنسىز ئىشلەتمەسلىككە ئۇلار مەسئۇل. شۇڭا كىرىپ توكنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئىشىكنى چەكتىم، جىمجىت، قوللىرىغا تېلىفون قىلدىم يەنە جىمجىت. " ھە بازارغا چىقىپ كېتىپتۇ-دە" دەپ ئويلاپ توكنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن  ئىشىكنى ئېچىپلا ئۆيگە كىردىم  ۋە كۆز ئالدىمدىكى  مەنزىرىنى كۆرۈپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇدۇلدىكى سافادا ئىككى  نازۇك بەدەن بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش ۋە گىرەلەشكەن ھالەتتە تۇراتتى. بەدەندىكى تولغۇنۇشلار تۈپەيلى بۇ بىر ئولتۇرۇشمۇ ياكى يان يېتىشمۇ، ئۇنىمۇ بىلگىنى بولمايتتى. ئىڭراش، تىپىرلاش ۋە ھاسىراش بۇ يۆگۈشۈلگەن بەدەنلەر تەرەپتىن كېلىۋاتامدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى  تېلېۋىزوردىن چىقىۋاتامدۇ  بۇنىمۇ ئاڭقىرالمىدىم، تېخىمۇ توغرىسى ئاڭقىرىغۇدەك پۇرسىتىممۇ بولمىدى، دەرھال ئېسىمنى يىغىپ ئارقامغا  ئۆرۈلدۈم ، مۇشۇ چاغدا سافا تەرەپتىن "يوقال! يوقال!" دېگەن ئاۋاز چىقتى ۋە بىر سۇ بوتۇلكىسى قۇلاق تۈۋۈمدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئالدىمدىكى ئىشىككە ئۇرۇلدى؛ مەن ئىشىكنى  قولۇم ئەمەس پۈتۈن بەدىنىم بىلەنلا ئىتتىردىم. ئۆي ئىشىكىدىن چىقىپ  قورونىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاشقىنىمدا   ئارقامدىن "  گېپىمىزنى ئاڭلا، گېپىمىزنى ئاڭلا" دېگەن غەزەپلىك ئاۋاز چىقتى، ئارقامغا بۇرۇلدۇم،  ئىككىسى ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپ بەس-بەستە چېچىلىپ-قايناۋاتاتتى، قۇلىقىمغا گەپ كىرمىدى، كۆزۈم ئۇلارنىڭ تۇرقىدا : شەپكىلىكىنىڭ شەپكسى تەتۈر كىيىلگەن،  ئۈستىدە ئەرەنچە بىر كۆينەك،  كوينىكىنىڭ تۈگمىلىرىدىن  ئەڭ ئاستىدىكىسىدىن  باشقا ھەممىسى ئوچۇق، كۆينەك كاسىسىنى تولۇق ياپقانمۇ ئەمەس، يەنە بىرسىنىڭمۇ ئۈستىدە بارى پەقەتلا كۆينەك سىياقىدا  بىر پار-پۇر رەخت ، ئەمما ئۇنىڭمۇ  بىر يېڭى سېپىقسىز.  چەبدەسلىك بىلەن ئارقامغا قايتا ئۆرۈلۈپ قورودىن چىقىپ كەتتىم. . قورودىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمىدىم، تېلىفونۇم  ئەنسىز جرىڭلىدى، ئاۋاز دەل بايىقى شەپكىلىكنىڭ:
--- بىلىپ قال ماۋۇ دېگەن ئامېرىكا!  بۇ بىز ئىجارىگە ئالغان ئۆي، بۇ سېنىڭ دۆلىتىڭدىكى قوي قوتىنى ئەمەس، خالىغان ۋاقتىڭدا ئۈسسۈپ كىرىپ، يەم  تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىدىغان!  شۇنىمۇ ئۇنتۇما، بۇ ئەتراپتا ئىككى ياتاقلىق بىر ئۆينىڭ  باھاسى 1200 دوللار، بىز بۇ يەردە 1800 دوللار تۆلەپ تۇرۇۋاتىمىز...بىزنىڭ قىزىققىنىمىز بەش ياتاق ياكى ئۇ قوتۇر سافالار ئەمەس، خالىيلىق! خالىيلىق! خالىيلىق!!

بۇ سۆزلەردىن كېيىن بايىقى غەزەپلىك ۋارقىراش ، قول شىلتىش ۋە بوتۇلكا ئېتىشلارنىڭ  بىزنىڭ يالىڭاچ بەدەنلىرىمىزگە قارىدىڭ دەپ ئەمەس، " بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى ئۇچاردىڭ، ئىلھامىمىزنى قاچۇردۇڭ"، پەللىگە چىقىۋاتقان پەيزىمىزنى يوقاتتىڭ "  دەپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ئەلۋەتتە Lesbian دېيىلىدىغان بۇ ھەمجىسلار ئاشىق ھادىسىسى ۋە ئامېرىكىدا  ئۇنىڭغا تالاش-تارتىشلار  ئىچىدە بېرىلىۋاتقان ھەق-ھوقۇقلاردىن گېزىت-ژۇرناللار ئارقىلىق خەۋىرىم بولسىمۇ، رېئال ھاياتىمدا ئۇچرىتىپ باققان ئەمەسكەنمەن. بولۇپمۇ بۇ تۈر ئاشىقلىقتىكى ھارارەتنىڭ  ئىككى تەرەپنى مۇنداق  خۇد يوقاتقۇزغاۇدەك  دەرىجىدە  ئەسەبىي ۋە مەست قىلغۇچ ئىكەنلىكىنى ھىچ تەخمىن قىلمىغان ئىكەنمەن.  ماشىنامنى چەتكە توختۇتۇپ ئېسىمنى يىغىپ ئويلانغىنىمدا ئىككىسىنىڭ كارۋات ئۈستىدىكى ھالىتىدىن يىرگەنمىدىم، ئۇ ھالىغا  ئىچ ئاغرىتتىم؛ ئۇلارنىڭ بوسۇغۇدىكى تۇرقىدىن سەسكەندىم، ئەمما ئەيىپلىيەلمىدىم.
ئىچ ئاغرىتىشىم، بۇ بىر روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن يارىلىشتىكى   غەيرىي نورماللىق، بۇ  ھېچكىم بولىمەن دەپ بولىۋالىدىغان ۋە بولىۋالالايدىغان ھالەت  ئەمەس. شۇڭا  " ھەي ئاللاھ ، ھەر مەۋجۇداتىڭدا بىر ھىكمەت، ھەر ھادىساتىڭدا بىر ئىبرەت بار" دەپ ياقامنى تۇتتۇم. بوسۇغۇدىكى ئۇ تېرە -پېرەڭ تۇرق ۋە چالۋاقاشلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە " ئادەم كىيىم بىلەن  ئادەم" دېگەن بىر سۆز ئىچىمدە تەكرارلاندى ، بۇ بىزدە بار بىر ماقالمۇ ۋە ياكى شۇ دەقىقىلەردە  كاللامدا توقۇلدىمۇ ئۇمۇ ماڭا نامەلۇم. ئامېرىكىدا جامائەتچىلىك ئەخلاقى  دىيىلىدىغان كۈچلۈك بىر بىر تۈزۈم ۋە ئىنتىزام بار؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ شۇ بوسۇغىدىكى تۇرقىنى كۆرگەن خولۇم خوشنىلار دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلسا جازاسىنى كېچىكمەستىن تارتىدىغنالىقىنى ئۇ ئىككىسى مەندىنمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئۇلارنى بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇزغان نەرسە، شۇ دەقىقىلەردە  ئۇلارنىڭ ئەقلىنى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ  قۇترىغان ۋە نەرە تارتىۋاتقان شەھۋەت تۇيغۇسى.  بوسۇغۇدىكى تۇرق قانچە ۋەھشى ۋە سەسكىنەرلىك بولسۇن، ئۆيگە ئىجارىكەشنى خەۋەرلەدۈرمەي كىرگەن -توختامنى بۇزغان- مەن. گۇناھ مەندە بولغاندىكىن، ئۇلار چوقۇم ئۈستۈمدىن ئەرز سۇنىدۇ دەپ ئويلىدىم ۋە ۋاقتى ئۆتكەن ئىجارىنىڭ بېرىلىشىدىنمۇ ئۈمىد ئۈزدۈم.

ھەرقانچە تىرىشساممۇ، ھادىسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدىم؛ سىرتتا ئاق تەنلىك ئورۇق،  ئېگىزرەك قىزلارنى كۆرسەملا ھېلىقى بوسۇغا ئېسىمغا كېلىۋالىدۇ ۋە تېنىم شۈركىنىدۇ؛ خۇددى  قىزلار ھېلىلا ئۈستىدىكى كۆينىكى ياكى مايكىسىنى  سېلىپ تاشلاپ   ماڭا قول شىلتىپ ئېتىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ.   ھادىسىدىن كېيىنكى بىردىن-بىر ئىجابىي تەسىرات، سىرتتا  يۈزى ئورالغان، ھىجاپ كەيگەن مۇسۇلمان خانىم- قىزلارنى كۆرسەم، ئېگىلىپ بىر سالام قىلغۇم، ھۆرمەت بىلدۈرگۈم كېلىدۇ؛ ئىلگىرى پەقەتلا ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە دىققەت ۋە ھۆرمىتىمنى قوزغىغان  ئۇ لېچەك ۋە جىلبابلار ، ئەمدىلىكتە ھەم  بىر گۇزەللىكنىڭمۇ  بەلگىسى سۈپىتىدە دىققىتىمنى تارتىدۇ؛ ھەتتا بەزى ياشتا ئۇيغۇن ئۇچرىشىشلاردا ھەۋىسىمنىمۇ قوزغاپ قويىدۇ.

ھادىسىدىن 2 ھەپتە ئۆتكەندە شەپكىلىك قىز مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى. تەئەججۈپتە ئۆيگە باشلىدىم؛ قايسى كۈنكى غەزەپ- نەپرەتلەردىن ئەسەر يوق، دەسلەپكى ئۇچرىشىشتىكى دىماق ۋە شوخلۇقلاردىنمۇ  ھەم شۇنداق.  شەپكىلىك  قىز گەپنى "سىز ئۇيغۇر ئىكەنسىز شۇنداقمۇ؟ " دەپلا باشلىدى.
--- بىز سىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. قايسى كۈنى ئىسمىڭىزنى گوگۇلدىن ئىزدىسەك، ئۇيغۇر ئامېرىكىلىقلار دېگەن بەتتىن تېپىلدى؛ ئۇيغۇر دېگەن گەپنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمىز؛ 10 كۇندىن بېرى ئىنتەرنەتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت  نېمە بولسا شۇنى كۆرىۋاتىمىز، ئاجايىپ مىللەت ئىكەنسىلەر، جوڭگۇلۇقلارغىمۇ ئوخشىمايدىكەنسىلەر، ئەرەپلەرگىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدىكەنسىلەر. سىلەردە ئاياللار نېمانداق يامان؟ ئولىمپىك مەزگىلىدە كۇچا دېگەن يېرىڭلاردا ساقچىخانىغا موتسىكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلار ئارىسىدا ئىككى قىز  باركەن شۇنداقمۇ؟! ‏-‏-‏- شەپكىلىك قىز مېنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن تەسىراتىنى سۆزلىمەكتە --- تېخى 18 ياشلىق بىر قىزىڭلار ئايرىپلانغا ئوت قويماقچى بولغاندا پاش بوپ قاپتۇ.....ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلىقىڭلارمۇ ئايال ئىكەن.....
باشلىقىمىزنىڭ كىملىكى كۆڭلۈمگە ئايان، شۇنداقتىمۇ " خەلچەم ئىسلام ياكى ماينۇر قاسىمنى دېمەيۋاتقاندۇ؟" دەپ ئويلاپمۇ   قالدىم؛ ئارقىدىن " دىلنار ئابدۇللا بوپ قالمىسۇن، يېقىندىن بۇيان سەھنىدىن جىقراق گەپ قىلىپ يۈرەتتى" دەپ ئەسلەپمۇ  ئۈلگۈردۈم. نېمە بولسا- بولسۇن مېنىڭ غېمىم ئۇنىڭ بىزنى توغرا ياكى خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدا ئەمەس، قانداق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئىجارە پۇلنى تولۇق ۋە ۋاقتىدا ئېلىشتا. شۇڭا ئۇ قىززىقىشلىرىغا  ئىپادە بىلدۈرمەي، سۆزىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالدىم:
---بىزنىڭ ئامېرىكىدىمۇ ئەركىنلىك يوق، باراۋەرلىك يوق، چەتكە قېقىش، ئايرىمىچىلىق بەك ئېغىز.
ئۇنىڭ سۆزى بۇ نۇقتىغا كەلگەندە مېيىغىمدا كۈلۈپ تاشلىدىم، ئۇ دەرھاللا ئىنكاس قايتۇردى:
--- توغرا،  سېنىڭ ۋەتىنىڭگە قارىغاندا ، باشقا نۇرغۇن  دۆلەتلەرگە قارىغاندا ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن كۈتكەندەك، مەن قانائەتلەنگۈدەك ئەمەس! ھەتتا تەڭسىزلىكنىڭ، ئايرىمىچىلىقنىڭ دەستىدىن ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان چاغلىرىممۇ بار..... ئاۋازلىرى تىترەپ چىقىشقا باشلىدى، مەنمۇ جىددىي پوزىتسىيەدە  تىڭشىدىم:
--- سەنغۇ بىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈپلا  توغرا چۈشەندىڭ، دوستۇم بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت  ھەققىدە ھېچقانداق گەپ سورىمايلا، شەرت قوشمايلا  ئۆينى ئىجارىگە بەردىڭ؛ ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا بىز  ئاز دېگەندە 15 ئۆيگە ئىلتىماس سۇندۇق، كۆپىنچىسىدە  رەت قىلىندۇق. ئىككى ھەپتە بولدى خىزمەتتىنمۇ توختۇتۇلدۇم. باشقا گۇناھىم يوق، قىز دوستۇمنى شىركەتنىڭ بىر زىياپىتىگە باشلاپ ئاپارغان ۋە زىياپەتتە  كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ھىسسىياتىمىزنى يوشۇرالمىغان گۇناھىمىز بار!!!!!
   شەپكىلىك قىز  شۇ كۈنكى زىياپەتتىن كېيىنلا  شىركەت باشلىقىنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى ۋە باشقا بىر باھانە بىلەن  خىزمەتتىن توختاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىش ئۈچۈن  ئاتا-ئاناىسىنىڭ ئۆيىگە بارغانلىقى، ئۇ يەردىمۇ  يېنىدكى قىز دوستى بىلەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بايقىلىپ قېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ سوغۇق مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى قاتارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى سۆزلىگەندىن كېيىن" بۇ دۆلەتتە  ئەركىنلىك يوق، باراۋەرلىك يوق!"  دەپ مىشىلداپ يىغلاپ تاشلىدى. ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم بىر كىشىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈشۈم، بىراز ئىچىم ئېچىشقاندەك قىلىپ تۇرۇۋېدى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن پەركايىم مىڭ گەز ئۆرلىدى:

--- شۇ خاپىچىلقتا ئاتا-ئانامدىنمۇ پۇل سورىمىدىم. بۇ ئايلىق ئىجارىدىن 1000 دوللارنىلا بېرەلەيمەن، قالغىنىنى خىزمەت تاپقاندىن كېيىن تولۇقلاپ بېرىۋېتىمەن.......

گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمدىم، چۈنكى مەن مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە باشقا بىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىغۇدەك، ھالىغا يەتكۈدەك ئەھۋالدا ئەمەسمەن. تېخى قالغىنىنى خىزمەت تاپقاندىن كېيىن بېرەرمىش؟ خىزمەتنى قاچان تاپىدۇ، كېلەر ئايلىقنى،  يەنە بىر ئايلىقنى كىم تۆلەيدۇ؟ يۈزسىزلىكنى ئۆتكەندە بۇمۇ قىلغاندىكىن مەنمۇ ئاياپ كەتمەي دېدىم-دە ،  قولىدىكى 1000دوللارنى تارتىپلا ئېلىۋېلىپ  گېپىنى بۆلدۈم:
  ---- توختا، توختا‏!  ئوشۇق گەپكە ھاجەت يوق، قالغان پۇلنى بېرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، دەرھال ئۆينى بىكارلا، ئەگەر ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە بىكارلىمىساڭ، ھەممە لاقا-لۇقاڭنى ئاچىقىپ تاشلىۋېتىمەن!!!
  ---- نېمە؟!!!!
ئۇ شۇنداق بىر ۋارقىرىدىكى ئاچچىقى مەندىن يامان ئىدى؛ بايا كىرگەندىكى مۈشۈكچە قىياپەتتىن بىردىنلا يولۋاسچە ھالەتكە ئۆتكەن ئىدى. بۇ مۇشۇ ۋارقىرىشىدىكى ئىنتوناتسىيىسى ئارقىلىق  خۇددى ماڭا: " سەن بايا كۆز يېشىمغا قاراپ ئالدىمدا ئاجىزلىقىنى چاندۇردى، ، يېلىندى، شاپائەت كۈتتى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسەن، بىلىپ قوي، مەن سەندىن شاپائەت كۈتمۈدۈم، سەنمۇ ئۆز دۆلىتىڭدە ئاز سانلىق ئىكەنسەن، مەنمۇ بۇ دۆلەتتە ئاز سانلىق؛  ئەركىنلىك ۋە بارۋاەرلىك مەسىلىسىدە   تەقدىرداش ئىكەنمىز دەپ  ھال ئېيتتىم" دەۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
--- ئۇنتۇما ، سەن مېنى چىقىرىۋېتەلمەيسەن، ساقچىلا چىقىرىۋېتەلەيدۇ، ساقچىلارمۇ سوت ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنلا چىقىرالايدۇ.
--- ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىمەن، سوت ھۆكۈمى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 3 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.  3 ئاي ئەمەس، 3 كۈنگىمۇ تاقىتىم يوق، ئۆينى دەرھال باشقىسىغا ئىجارىگە بېرىشىم كېرەك، قوپ ئورنۇڭدىن،  خوشالاشتۇق ئەمىسە.
--- ئۆتكەن ئىككى قېتىمدا سېنى كۆچمەن، قانۇننى تولۇق  بىلمەيدۇ دەپ ساقچى چاقىرمىدۇق؛ ئەمدى رۇخسىتىمىزسىز،  ئۆيگە  كىرسەڭ دەرھال ساقچى چاقىرىمىز، ئۆزۈڭنى تۈرمىدە كۆرىسەن!
---  بۇنىمۇ بىلىمەن. سېنىڭمۇ ئېسىڭدە بولسۇن، بانكىغا پۇلىنى تۆلەلمەيۋاتقان ئۆيدە تۇرغاندىن تۈرمىدە تۇرغان ياخشىراق.--- ئاخىرقى سۆزلىرىم تەسىر قىلدى بولغاي  كۆزلىرى بىراز چەكچەيدى، ئەمما بۇ باسقۇچتا ، ئۇمۇ باشقىلار ئۈچۈن باش قاتۇرغۇدەك ئەھۋالدا ئەمەس؛ شۇنداقتىمۇ  ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمدىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك بېشىنى تىك تۇتۇپ ۋە ئىشىكنى سىلىقچە يېپىپ چىقىپ كەتتى.

  2-3 كۈندە بىر شەپكىلىك تۇرىۋاتقان ئۆيگە بېرىپ تۇرىمەن، ئۆيگە كىرىشكە ئەلۋەتتە جۈرئەت قىلالمايمەن. ئارىلاپ قورودا شەپكىلىكىنى ئەمەس، نازاكەتلىكىنى ئۇچرىتىمەن؛ ئۇ ئارىمىزدا ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئوماققىنە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ. "دوستۇڭ قېنى دەپ سورىسام " ئىش ئىزدەپ" ياكى " ئىش كۆرۈشمىسىگە چىقىپ كەتتى" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ تائىپىنىڭ ئەلمە-تەلمىنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن، بىلىشكىمۇ قىززىقمايمەن؛ پەقەت ئۆيدىن بالدۇرراق چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى چۈشۈنۈشكە ئېھتىياجىم بار.  قارىغاندا ئۇ شەپىكىلىكى ئۆينى باقىدىغان، نازاكەتلىكى ئۆينى تۈزەيدىغىنى ئوخشايدۇ. "بۈگۈن كۆچكەندۇ ھەرقانچە بولسا" دەپ كەلگەن چاغلىرىمدا قورودا نازاكەتلىكىنىڭ شەپكىلىككە ئەكىلەۋاتقان،  شەپكىلىكىنىڭ ئۇنى پەپىلەۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ قالىمەن. ئۆي ئىچىدىن ئارىلاپ ئاڭلىنىدىغان تېلىقپ ۋە  قاقاھلاپ كۈلۈشلەر  ھەرگىز ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەلمەيۋاتقان، ئىش تاپالمايۋاتقان بىر ئىنساننىڭ روھ ھالىتىدىن بىشارەت ئەمەس. بۇ كۈلكىلەردىن، ئۇ نازلىنىشلاردىن  بىئارامچىلىقلا ئەمەس خورلۇق ھېس قىلىشقا باشلىدىم.  ئۇلار بۇ ياڭراق كۈلكىلىرى، غەمسىز تۇرقلىرى ئارقىلىق خۇددى ماڭا " سەن قانۇندىن پايدىلىنىشنى بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز،  ئۈچ ئايغىچە ئۆيۈڭدە بىكارلىق تۇرغىنىمىز تۇرغان " دەپ مازاق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. دېمىسىمۇ، سوتقا ئەرز سۇناي دېسەم، سوتتا ئىشلەيدىغىنى ئىنگىلىزچىنىڭ قانۇن تىلى دېيىلىدىغان ئايرىم بىر تىل؛ پارچە كۇرس ۋە كوچىدىن ئۈگۈنىۋالغان ئىنگلىزچە بىلەن سوتتا داۋالىشىش ئەمەس، جەرياننى چۈشۈنۈشۈممۇ قېيىن؛ ئادۇكات تۇتاي دېسەم، ئۇنىڭ ھەققى، بۇ ئىجاردىن ئۈستۈن؛ شۇڭا مەن ئۈچۈن "  ھەق خۇدا، مېنى بۇ ئىككىسىدىن بالدۇرراق قۇتقازغىن"  دەپ دۇئا قىلىشتىن باشقا چارە يوق .

   ھېلىقى ئۆز ئۆيۈمدىن قوغلۇنۇش ھادىسىسىدىن نەق بىر ئاي ئۆتكەندە،  شەپكىلىكتىن تېلېفون كەلدى:

---  ئۆي بىكار بولدى، ئاچقۇچلار تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدە.--‏- گەپ قىسقا، تون مۆتىدىل.
     خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىرىنچى قىلغان ئىشىم ئۆيدىكى شۇ سافا ۋە كارۋاتنى ئاچىقىپ ئەخلەتكە تاشلايدىغانغا مۇلازىمەتچى چاقىرىش بولدى. مۇلازىمەتچىلەر ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا  ئۆيگە كىردىم : ئۆينىڭ ئىچى ئوڭتەي-توڭتەي. تازىلىقچى  چاقىرسام  ئاز دېگەندە 200 دوللار تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا تازىلىقنى ئۆزۈم قىلدىم. تازىلىق نۆۋىتى ئىككىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كەلگەندە قولۇمدىكى پەلەي ۋە ئاغزىمدىكى ماسكىمۇ ئاجىزلىق قىلدى. ئۆيدە چېچىلىپ ياتقان ئالا-يېشىل-قۇتىلار، ئۇزۇن-قىسقا پايپاق- كۇسار ،  چوڭ-كىچىك سىقما مايلارنى كۆزلۈرۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ لاخشىگىر بىلەن قىسىپ يەشىككە ئاتتىم. بۇ ئارىلىقتا لاخشىگىرگە ئۇرۇلغان يۇمۇلاق، سوقۇچاق قاتتىق-قۇرۇق نەرسىلەرمۇ بولدىيۇ، كۆزۈمنى ئاچمىدىم. يەشىكنى كۆتۈرۈپ ئاچىقىپ تاشلاۋاتقاندا كۆزۈمگە چېلىققان تانا، شوينا ۋە تورلارنىڭ نېمىلەرگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەتقىق قىلىپمۇ ئولتۇرمۇدۇم.  تازىلىقنى تۈگۈتۈپ ئۆينىڭ خەت ساندۇقىنى ئاختۇردۇم. ساندۇقتىن ماڭا تەۋە بىر پارچە كانۋىرىت چىقتى، كونۋېرت ھېلىقى شەپكىلىكتىن. " ھە دېمەك، قايتقان چېغىدا راسا بىر تىللىۋلاي دەپتۇ-دە"  دەپ ئويلىدىم ۋە ئىككىلىنىش ئىچىدە خەتنى  ئاچتىم. كانۋېرتنىڭ ئىچىدە ئۈچ  قۇرلا خەت يېزىلغان بىر ۋاراق ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە 2900 دوللار پۇل تۇراتتى. ۋاراقتا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
"  ئۆينى تازىلاشقا ۋاقتىمىز بولمىدى، تۇغدۇرغان ئاۋارىچىلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزۈر تىلەيمىز.
ئالدىنقى ئايدىن قالغان ئىجارە 800 دوللار+ بۇ ئايلىق ئىجارە 1800 دوللار+ تازىلىقچى ھەققى 300 دوللار.
ئۆيۈڭگە تېزراق ئىجارىكەش چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. "

  ھىچ كۈتۈلمىگەن بىر ئىش ، پېشىنى قېقىپلا چىقىپ كەتسە مەن ھېچنېمە قىلمايتتىم، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگىلا رازى ئىكەنلىكىمنىمۇ بايان قىلىپ  بولغان ئىدىم. بۇ ئىلتىپاتىنى  ئىنساپ دەيمىزمۇ، ئەرز  قىلىپ  قېلىشىمدىن ئېھتىيات دەيمىزمۇ؛  گېپىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ۋە ئىنتىزامچانلىق  دەيمىزمۇ بىلمدىم. ھېلىقى كۈنى مەن شەپكىلىكنى ئۆيدىن چىقىرىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ  " خىزمەت تاپقاندا تۆلەيمەن" دېگىنىگە قارىغاندا  ئاخىرقىسى بىراز ئۇيغۇن.   مەن  ماڭا ياغدەك ياققان بۇ 2900 دوللارنى يانچۇققا سېلىۋېتىپ  ئامېرىكا مائارىپىچىلىرىغا رەخمەت ئېيتقۇم كەلدى؛ چۈنكى مەن  بۇ يەردە كۆرگەن بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىدا  ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ غايىسى بايان قىلىنغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن  ئىدى: " بالىڭىزنى راست گەپ قىلىدىغان ۋە ياشىيالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ بېرىمىز" . بۇ گەپلەر مەن بۇرۇن كۆرۈپ ئادەتلەنگەن " سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچى يېتىشتۈرۈش" دېگەن  سۆزلەردەك دەبدەبىلىك ئەمەس، ئەكسىنچە  ئاددىي ۋە ياپىلاق بولسىمۇ مېۋىلىك ئىدى.  مەن بۈگۈن دەل شۇ مېۋىنى تىتىۋاتاتتىم.   ئوتتۇرىمىزدا خاپىلىق بەك ئۈستى-ئۈستىگە بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈنمۇ شەپكىلىككە بىر تېلېفون قىلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىچىمدىن كەلمىدى؛ كەلگىنى پەقەت  " ئاللاھ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن " دېگەن دۇئادىنلا ئىبارەت ئىدى.
چاتمىنىڭ  8 ‏-قىسىمنىڭ ماۋزۇسى: " قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇش" ،  ۋەقەلىكى پاكىستانلىق ئىككى سابىق بوكسېر چىمپىيونىغا تىجارەتتىن دەرس سۆزلىشىم بىلەن باشلىنىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nim-japa + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4938
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە كىرىپلا ئاخىرىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم بۇ تېمىنىڭ...  تۆردىن ئورۇن ئېلىپ قويۇپ بىر كۆرەي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 دىۋان ! مۇبارەك بولسۇن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ئاخىرى چىقىپتۇ دىسە، ئاخىرىنى ساقلايمىز

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 بىكەنداز ! مۇبارەك بول.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۆرگىنىمدىن شۇنداق خۇرسەنمەن.
بۇ قسىىمدا ماڭا تەسىر قىلغىنى ھېلىقى ھەمجىنىس ئاشىقلارنىڭ پۇلنى ساق قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكىنى بولدى. لىكىن بىزنىڭ خېلى كۆپ بەزى ئاتالمىش مۇسۇلمانلىرىمىزدىمۇ بۇنچىلىك ئىنساپ يوق. پىلنىڭ ئۆلىكىمۇ ئىتتىن چوڭ دىگەن شۇ بولسا كېرەك. مەدەنىيەت دىگەن شۇ.
لىكىن كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقىنى ئامېرىكىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۇنداق ناشايىن ئىنشقا يول قويۇش توغرىلىق قانۇنلار بار دىگەندەك ئاڭلىۋىدىم، ئەجەبا ئۇلار ئىتىقات قىلىدىغان ئىنجىلدا ئۇنداق ناتوغرا جىنسى مۇناسىۋەتنى  قىلغانلارنىڭ جايى دەۋزەختۇر دىيىلگەن، ئەلۋەتتە تەۋبە قىلىشتىن باشقا.  بەلكىم ئۇ جايدا ھۈكۈمەت بىلەن دىن ئايرىلغانلىقتىن شۇڭا يول قويامدۇ يا...
لىكىن قارىغاندا خېلى كۆپ ئامېرىكان بۇنداق كىشىلەرنى پاتۇرمايدىكەن، ئەينىكا...
بېرىپ باقمىغاندىن كىيىن بىر نىمە دىيىشكە بىزنىڭ سالاھىيەت كام دە. بەلكىم ئۇ ئىككىسى كىيىنچە تەۋبەقىلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamalkam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 11:20 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 گىلەم ! مۇبارەك بولسۇن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇندىن قورقمىغان بولسا،ئاللاھ كۆڭلىگە ھىدايەت بەردى بولغاي،ياكى مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 كىگىز ! مۇبارەك بولسۇن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7072
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2436 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يوللاندى ھە بۇ. ئادەمنى تەقەززا قىلغان تىما.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 داق يەر ! مۇبارەك بولس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەشۇ ئىككى گۈزەلگە مەنمۇ ئىنساپ تىلىدىم...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 شورلۇق يەر ! مۇبارەك ب.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىمۇ تەلىيىڭىز باركەن، ئۆي ئىجارىسىنى تۇلۇق بىرىپتۇ ،داۋامىغا تەشنامىز.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 لاي پاتقاق يەر ! مۇبار.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23766
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6189
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2966 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«باشلىقىڭلارمۇ ئايال ئىكەن» ھا ھا ھا .
راسىت، بىزنىڭ ناھىيەنىڭ باشلىقى ئايال ئىدى (ئارقىمۇ ئارقا ئىككىسى تېخى) قانداق بىلىۋالغاندۇ بۇ شەپكىلىك.
ھەر بىر قىسىملاردىكى قىزىقارلىق تىراگىدىيە ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان كۈچلۈك تەپەككۇر ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 پوق يەر ! مۇبارەك بولس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78281
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمىنىڭ ئەركىنلىك ،نىمىنىڭ ھۆرمەت،  نىمىنىڭ مەسئۇلىيەت  نىمىنىڭ  مائارىپ تەربىيە ئىكەنلىكىنى ئەمدىلەتىن چۈشىنىۋاتىمەن!!!!   ئىزچىل كۈزۈم سىزدە قېرىندىشىم!!!!!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 wc ئورنى ! مۇبارەك بولس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش