مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12482|ئىنكاس: 118

جىن _ شەيتانلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91716
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 04:10:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ` ئۇلۇغ اللەدىن ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ۋەئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ،بەرىكەت شۇنداقلا تۇرمۇشۇڭلارغا ، ئائىلەڭلارغا خوشاللىق،خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ئالدىنقى قېتىم ھوزۇرۇڭلارغا << پەرىشتىلەرنىڭبارلىقىغا ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى >> ئىكەنلىكىتوغرىسىدا بىر يازما يوللىغان ئىدىم ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنتور دۇنياسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاچقا قېرىنداشلىرىمنىڭھوزۇرىغا ياخشى بولغان ئەەر ۋە يازمىلارنى سۇنالماي قالدىم ..شۇ ۋەجىدىنھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن............................. !!!!! بۈگۈنقېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا << جىن ۋە شەيتانلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكىدەلىللەر ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشنىڭمۇ ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرىنىڭبىرى >> ئىكەنلىكى توغرىسىدا يېزىلغان يازمىنى يوللىماقچىمەن ،قېرىنداشلىرىمنىڭ تەپسىلىي ئوقۇپ چېقىشىنى ۋە تەپەككۇر قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزنىڭ زېھنىمىزنى ئوچۇق ، ئىلمىمىزنى زىيادە ۋە ئىككىلىدۇنيالىقتا ئۆزىمىزگە پايدىلىق قىلسۇن . ئامىن !!!

<< جىن ۋەشەيتانلار >>

مۆئىمنئەقىدىسىنىڭ ئىككىنىجى ئاساسى بولغان پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش توغرىسىدىكىمەسىلە مۇناسىۋېتى بىلەن جىن ۋە شەيتان مۇناسىۋېتىگىمۇ توختۇلۇپ ئۆتىمىز . چۈنكىجىن بىلەن شەيتاننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشمۇ مۆئىمن ئادەم ئەقىدە قىلىش لازىم بولغانمەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر . سەۋەب : جىن بىلەن شەيتان بولسا مۆئىمن ئادەم ئۇنىڭبارلىقىغا ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا اللە تائالا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭئېيتقانلىرىنى راسىت دەپ ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان غايىب ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر .ئەگەر مۆئىمن ئەقىدىسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈشكە قىزغىنلىقىمىز بولمىسا ئىدى ، بۇمەسىلىنى ئالاھىدە مۇنازىرە قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق ئىدى . ئىككى تۈرلۈك سەۋەبتىنبۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالدۇق .

1.اللە تائالانىڭ بارلىقى ، بىرلىكى ، ئىلمى ، قۇدرىتى ، ھېكمىتىگە ئىشەنگەن كىشىاللە تائالانىڭ غايىب نەرسە ياكى ھازىر بار نەرسە توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگەئىككىلەنمەي ئىشىنىدۇ . بولۇپمۇ جىن ، شەيتان مەسىلىسىدەك قۇرئاننىڭ ئونلارچەئايەتلىرىدە ئىسپاتلانغان مەسىلىگە ئەلۋەتتە راسىت دەپ ئىشىنىدۇ .

2.پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقلىي دەلىل ۋەھۆججەتلەرنىڭ ئۆز ئەينىنى جىن _ شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلىپ كەلتۈرىلىدۇ .

خۇلاسەشۇكى : ئالەمدە بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يا غايىب ، يا كۆزگە كۆرىنىدىغان نەرسىلەرتەركىبىگە كىرىدۇ . ئىنسان بىر يەردە بولسا ، ئىنسان تۇرغان يەردىن باشقا يەرلەرئۇ ئىنساندىن خالىي بولىدۇ . يىراق بولغىنى ئۈچۈن ئىنسان كۆرمىگەن ، ئاڭلىمىغان ،سەزمىگەن نەرسىلەر ئۇ ئىنسانغا غايىب بولىدۇ . ئەگەر ئىنسان كۆرمىگەن ، ئاڭلىمىغان، سەزمىگەن يىراق يەردىكى نەرسىلەرگە راسىت دەپ ئىشەنسە ئۇ غايىبقا ئىشەنگەنبولىدۇ . ئىنساننىڭ غايىبقا ئىشىنىشىنىڭ يولى شۇ غايىبنىڭ ئەسەرلىرى ياكى راسىتخەۋەرلىرىدۇر . قانداق بىر نەرسىنىڭ ئەسىرى تېپىلسا ، ئىنسان ئۇنى كۆرمىسىمۇ ،ئاڭلىمىسىمۇ ياكى ئىلىم _ مەرىپەت ھاسىل قىلىشنىڭ قورالى بولغان سېزىم ئەزالىرىنىڭبىرسى بىلەن سەزمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، ئىنسانغائىشەنچىلىك بىر ئادەم مۇمكىن ئىشلاردىن بىرەنى خەۋەر قىلسا ، ئۇ خەۋەرگە ئىشىنىدۇ. بىرلىشىپ يالغان سۆزلىشى مۇمكىن بولمايدىغان كۆپ كىشىلەر بىرلىشىپ بىر ئىشنىخەۋەر قىلسا ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئامال يوق . ئۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ھەرگىز ئىككىلەنمەيئىشىنىدۇ ، بەلكى ئۇنداق خەۋەرنى يالغان دېگەن كىشىنى ئەقلى ئاجىز ، ئىنسانىيەتمەرتېۋىسىدىن تۆۋەن چۈشكەن ، ئادەملىك ھۆرمىتىنى يوقاتقان ئادەم ھېسابلايدۇ .

ئەسەرۋە راسىت خەۋەردىن ئىبارەت ئىككى دەلىل ئارقىلىق خالىس غايىب بولغان پەرىشتىلەرنىڭبارلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم ئەلۋەتتە ، غايىب مەخلۇقلۇقىدا پەرىشتىلەرگەيېقىنلىشىدىغان ۋە يېقىن تۇرىدىغان جىن _ شەيتانلار دۇنياسىغىمۇ شەكسىز ئىشىنىدۇئەلۋەتتە ......

<< جىن _ شەيتانلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر >>

پەرىشتىلەرنىڭبارلىقىغا دەلىل كۆرسەتكىنىمىزدەك ، جىن _ شەيتانلارنىڭمۇ بارلىقىغا خەۋەر ۋەئەسەردىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك دەلىلنى ئوتتۇرغا قويىمىز .

1.ئەسەرلەر .

جىن_شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولىدىغان ئەسەرلەر بەك تولا ، ئۇنىڭدىنتۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىمىز :

1)ھوشسىزلىنىش كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالغان كىشىلەر ھېچ بىر زامان ۋە ماكانئۇنىڭدىن خالىي بولماي كېلىۋاتىدۇ . بۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرلىكى شەيتانلارنىڭروھلىرىدىن بولغان پاسكىنا روھلار سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ . بۇ كېسەلنىڭقالايمىقان ، ناچار يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن بولىدىغانلىرى بار ، ئۇ باشقا بولۇپ ماددىدورىلار بىلەن ساقىيىدۇ ، ياكى ساقايمايدۇ . بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز پاسكىنائەرۋاھلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن بولۇپ ، شۇ ئادەمگە جىن ،شەيتانلارنىڭئارلىشىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھوشسىزلېنىشتۇر .بۇنىڭغا ھېچقانداق تېۋىپ ،دوختۇر ئېلاج قىلالماي كېلىۋاتىدۇ . بۇ كېسەل جىن _ شەيتانلارنىڭ تەسىرى بولۇپ،جىن _ شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا كەسكىن دەلىلدۇر .

2)جىننىڭ ئادەم ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، ئۇ ئادەمنىڭ تېلى بىلەن سۆزلىشى ۋە ئۇ ئادەمبىلمەيدىغان ئىشلار بىلەن خەۋەر قىلىشىدۇ . ھەتتا ساق ۋاقتىدا بىرەر ھەرپنىمۇبىلمەيدىغان بەزى ئادەملەر جىن ئولىشىۋالغاندا ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ھەرخىل تىللارداسۆزلەپ كېتىدۇ .

3)ئىچىگە جىن كىرىۋالغان جىنلىق ئادەمگە پاكىز روھلۇق سالىھ كىشىنىڭ دۇئا ئوقۇشىبىلەن ياكى جىن _ شەيتان بىلەن دوست بولۇشقان پاسكىنا روھلۇق ئادەم ( جىنكەش ،ساھىرلار ) نىڭ سۈپكۈشلىشى بىلەن جىننىڭ ئۇ ئادەمدىن چىقىپ كېتىشى ۋە جىن ئۆزىنىڭچىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە قايتا چېقىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق سۆزلىشىدۇر . چىقىپ كېتىشىدۇئا ئوقۇغۇچىنىڭ قورقۇتىشى بىلەن بولىدۇ . بۇ ئىشنى بەزى ئالىملار يات سانايدۇ .ھەتتا ئىنكارمۇ قىلىدۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ شەكسىز راستلىقى ئىسپاتلانغان .

4)جىننىڭ بەزى ئادەملەرگە كۆرۈنىشى ۋە سۆزلىشىدۇر . بۇمۇ ئىنكار قېلىش مۇمكىنبولمايدىغان راست خەۋەر بولۇپ ، بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك بولسا بىلىمسىزلىك ،گالۋاڭلىق ياكى قەستەن ئەمەلىي ھەقىقەتكە قارشى تۇرغانلىق بولۇپ ،ئەقىل بۇنىڭغارازى بولمايدۇ .

5)بەزى ئادەملەر خەلق ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان زىنا _ پاھىشە ، بەچچىۋازلىق ، ئادەمئۆلتۈرۈش ،ئوغرىلىق ، ھاراق ئىچىش ، دىن ئىسلامغا ئىنكار قېلىش ، ئاتا _ ئانىنىرەنجىتىش ، يالغان سۆزلەش ، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ، ئەھدى _ توختامنى بۇزۇشتەكقەبىھ جىنايەتلەر ئىنساننىڭ خۇي _ تەبىئىيىتى ( پىسخولوگىيەسى ) گە زىت بولغان ۋەاللە تائالانىڭ قانۇنى يولىغا خىلاپ ، دۆلەتلەر قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولۇپ تۇرۇپئىنسانلاردا سادىر بولىشى ، شەك _ شۈبھىسىز شەيتانلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدۇر .

چۈنكىشەيتانلار مەزكۇر قەبىھ قىلىقلارنى ئىنسانغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . قىزىقتۇرىدۇ ،مەقسىدى ئىنساننىڭ ئاخىرەتتە بەخىتلىك ( ئەھلى جەننىتى ) بولۇشى ، ياكى بەخىتسىز (ئەھلى دوزىخى ) بولۇشىنىڭ تۇتقۇسى بولغان ئىنسان روھىنى بۇزۇشتۇر . شەيتانلارئىنسان روھىنى بۇزۇشتا ئىناننىڭ تەن ساقلىقىنى بۇزىدىغان مىكروبلارغا ئوخشاش رولئويناپ ئىنسانلارنىڭ روھىنى چىرىكلەشتۇرىدۇ .

بۇيەردە ئىنسانلاردىن ئەجەبلىنىپ ، سۇبھانەللاھ دەيمىزكى : بىر كېسەل ئادەمگە بىز :<< سىزنىڭ كېسىلىڭىز پالانى مېكروپ سەۋەبىدىن بوپتۇ ، پالانى دورىنىئىشلىتىڭ ،اللە خالىسا شىپا تاپىسىز >> دېسەك ، سۆزىمىزگە ئىككىلەنمەيئىشىنىدۇ ، شۇ دورىنى ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ . ئۇنى تەجرىبە قىلىدۇ ، ھالبۇكى ،ئۇكېسەل مەزكۇر مېكروپنى كۆرمەيدۇ ۋە سېزىم ئەزاسىنىڭ ھېچقايسى بىلەن ھېس قىلالمايدۇ. پەقەت مېكروپنىڭ ئۆز بەدىنىدە بولغان تەسىرىدىن ئىبارەت كېسەل ۋە دەرت _ ئەلەمگەئاساسەن بىزنىڭ سۆزىمىزگە ئىشىنىدۇ . ئەگەر بىز بىر ئادەمگە سىزنىڭ رھىڭىز كېسەل ،شۇڭا يالغان ۆزلەشنى ۋە خىيانەت قىلىشنى خالايسىز ، جىنايەتكە قىزىقىسىز ،پاسكىناقىلىقلارغا بېرىلىسىز ، سىزنىڭ بۇ روھى كىسىلىڭىزنىڭ ەۋەبى شەيتان ، شۇڭا سىز بۇروھى كېسەلدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇنداق چارە داۋالارنى ئىشقا سېلىڭ ، اللە خالىساساقىيىسىز ، دېسەك كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇ سۆزىمىزگە ئىشەنمەيدۇ ، قارشى چىقىدۇ .ھالبۇكى ، بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ دەلىلى بىر ، بۇ بولسا جىمانى كېسەلنىمۇ ، روھىكېسەلنىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىدىغان تەسىردۇر . ئادەملەرنىڭ روھى كېسەللىرى شەيتاننىڭتەسىرىدىن بارلىققا كېلىشىگە ئىشەنمەسلىكىمۇ ، شۇ ئادەمدە شەيتان بارلىقىغا دەلىل،چغنكى شەيتان ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە شەك ،گۇمان تاشلاپ ، ئىشىنىشتىن توسۇپتۇرىۋالغان ، ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇ ئادەم ئەلۋەتتە ئىشىنەتتى ، ئىنكارقىلمايتتى ، دېمەك ، بەدەندە مېكروپ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان نەرسىمۇ ، مېكروپنىڭئەسىرى بولغان كېسەل بولغاندەك ئادەمدە شەيتان بارلىقىنىڭ دەلىلىمۇ ئەسەردۇر ،يەنىئىنساننىڭ خاتالىققا بېرىلىپ كېتىشتىن ئىبارەت تەسىردۇر .

2.خەۋەرلەر .

جىن_ شەيتانلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان اللە تائالانىڭ خەۋەرلىرى ۋەرەسۇلۇللاھنىڭ راست سۆزلىرى بەك كۆپ . ئۇنىڭدىن بىر بۆلىكىنى سۆزلەيمىز ، ئاۋۋالاللە تائالانىڭ خەۋەرلىرىنى ئوتتۇرغا قويىمىز .

اللەتائالانىڭ خەۋەرلىرى :

اللەتائالانىڭ جىن _ شەيتانلارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق سۆزلەيدىغان خەۋەرلىرى كۆپ بولۇپ ،ئۇنىڭ بىرى اللەنىڭ ئىنساننى ، جىننى ياراتقانلىقى ھەققىدە سۈرە ئەرراھمان14_ئايەتتە << اللە تائالا ئىنساننى ( ئادەم ئەلەيھسالامنى ) چەكسە ئاۋازچىقىدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى . قىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى .>> دېگەن سۆزىدۇر . يەنە بىرى سۈرە ۋەرزارىيات 56_ئايەتتە : <<جىنلارنى ، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم ، ئۇلاردىن مەنرىزىق تېلىمەيمەن ، ئۇلارنىڭ ماڭا يىمەكلىك بېرىشىنى ئىرادە قىلمايمەن ، چوقۇمكىاللە تائالا رىزىق بەرگۈچى ،مۇستەھكەم قۇدرەت ئىگىسىدۇر . >> دېگەن سۆزىدۇر.

يەنەبىرى اللە تائالانىڭ پەرىشتىلەرنىڭ اللە تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقى ،ئىبلىسنىڭ اللە تائالانىڭ ئەمرىدىن باش تارتقانلىقىدىن خەۋەر قىلىشى توغرىىسىدا ۋەئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا يېقىن بولۇش ، دوست تۇتۇشتىن توسقانلىقى توغرىسىدامۇنداق دېگەن : << ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە ( ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار~!) دېدۇق . پەرىشتىلەر سەجدە قىلدى . ئىبلىس سەجدە قىلمىدى .ئىبلىس جىنجۈملىسىدىن ئىدى . ئۇ ياراتقان ئىگىسىنىڭ بۇيرىقىدىن باش تارتتى . سىلەر ئىنسانلار( ئىبلىسنىڭ ئۆزئىگىسىگە ئاسىي بولغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ) مېنى قويۇپئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست تۇتامسىلەر ؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە دۈشمەنغۇ ؟>> دېدى . ( سۈرە كەھپى 50 _ئايەت ) .

يەنە اللە تائالانىڭئىنساننى يوقتىن بار قىلىپ ياراتقانلىقى ، ئىنساننى گۈزەل سۈرەتتە ياراتقانلىقى ،پەرىشتىلەرنى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە ەجدەقىلىشا ئۇنىمىغانلىقى ،سەجدە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن اللە تائالانىڭ كايىغانلىقى،ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماسلىققا سەۋەب كۆرسەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ سەۋەپكۆرسىتىشىنىڭ گۇناھىدىنمۇ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكى ، اللە تائالانىڭ ئىبلىسنىجەننەتتىن قوغلاپ رەھمەت نەزەرىدىن ساقىت قىلغانلىقى ، شەيتانغا ۋە ئۇنىڭغائەگەشكەن ئادەملەرگە دوزاخنى تەييارلاپ قويغىنىنى خەۋەر قىلغانلىقى توغرىسىدا سۈرەئەئراف 11 _ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ : << شەكسىز سىلەر ئىنسانلارنى ( ئەسلىمادداڭلارنى ) ياراتتۇق . ئاندىن سىلەرنى گۈزەل ئادەم سۈرىتىگە كىرگۈزدۇق . ئاندىنپەرىشتىلەرگە : ( ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەجدە قىلىڭلار !!!) دېدۇق .ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى . ئىبلىس سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى . اللەتائالا ئىبلىسقا : ( سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان چېغىمدا ئادەمگە سەجدە قىلىشتىننېمە توستى ؟ ) دېدى . ئىبلىس : (مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق ، مېنى ئوتتىن ، ئۇنى لايدىنياراتتىڭ ) دېدى . اللە تائالا ئىبلىسقا : ( سەن بۇيردىن ( يەنى جەننەتتىن ) چۈشۈپكەت ،بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ ، يوقال بۇ يەردىن ! سەن چوقۇم خارپەسكەشلەر قاتارىدىن سەن ) دېدى . ئىبلىس : ( ماڭا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قايتاتىرىلدۈرىدىغان كۈنگىچە ( يەنى قىيامەتكىچە ) مۆھلەت بەرگىن ! ) دېدى . اللەتائالا : ( سەن مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىنسەن ) دېدى . ئىبلىس : ( سەن مېنى ( ئادەمگەسەجدە قىلمىغىنىم سەۋەبىدىن ) يولدىن ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ( ئادەمنى ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ) چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ( توسۇپ )ئولتۇرىمەن ، ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن ، ئارقىسىدىن ، ئوڭدىن ، سولدىن كېلىپھۇجۇم قىلىمەن . ئادەملەرنىڭ تولاراقىنىڭ سېنىڭ نېمىتىڭنى تونىمايدىغان ( كافىر ،مۇناپىق ، ئاسىي )لاردىن بولغانلىقىنى كۆرىسەن ) دېدى . اللە تائالا ئىبلىسقا : (جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە رەھمىتىمدىن مەھرۇم قىلىنغان ، قوغلانغان ھالدا چىقىپكەت . ئىنسانلار ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇمجەھەننەمنى توشقۇزىمەن >> دېدى .
   يەنە اللە تائالانىڭ جىن _ شەيتانلىرى ( توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن ئازدۇرغۇچىلىرى ) ۋە ئىنسانلارنىڭ شەيتانلىرى ( ئازغۇن ، بۇزۇق ) لىرى بىر _ بىرىگە ئاساسسىز ، يالغان تونۇش ۋە قىلىقلارنى ، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ خاتالاشتۇرۇش ، يامانلىققا باشلاش ئۈچۈن ئىلھام ۋە ئىشارەت قىلىدىغان ( كۈشكۈرتىدىغان ) لىقىنى خەۋەر قىلىپ سۈرە ئەنئام 112 _ ئايەتتە : << شۇنىڭدەك ( يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىنى سەن مۇھەممەدكە ( اللەنىڭ سالاملىرى ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن ) دۈشمەن قىلغاندەك ) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر _ بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق . ئۇلار ئىنسانلارنى ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەرنى بىر _ بىرىگە ئىلھام قىلىدۇ . >> دېگەن .
يەنە اللە تائالانىڭ ئۆز بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھسالامغا بەرگەن نېمەتلىرى ، جىن شەيتانلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغانلىقى ، سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ جىن _ شەيتانلارنى ھەر _ تۈرلۈك ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىش توغرىسىدا سۈرە سەبەرە 12 _ ئايەتتە : << بەزى جىنلار رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى . ئۇلاردىن كىمىكى بىزنىڭ بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز . ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى ( مىستىن ، ئەينەكتىن ) ھەيكەللەرنى كۆلدەك چوڭ لىگەنلەرنى ( چوڭلىقىدىن ) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى >> دېگەن .
يەنە بىر ئايەتتە اللە تائالا ئېيتىدۇ : << ھەم سۇلايمانغا كاتتا ئىمارەتلەرنى ياسىيالايدىغان ئۇستا ۋە دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە _ مارجان سۈزۈپ چىقالايدىغان شەيتانلارنى بويسۇندۇردۇق . ئىشكەل سېلىنغان يەنە بىر بۆلۈكلىرىنى بويسۇندۇردۇق >> سۇلايمانغا دېدۇقكى : << بۇ بىزنىڭ ساڭا بەرگەن نېمىتىمىز ( ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە ) بەرگىن ياكى بەرمەي چىڭ تۇتقىن ، سەندىن ھېساب ئېلىنمايدۇ >> ( سۈرە ساد 37 _ ئايەت ) . يەنە ( نىخيبين ) دېگەن جايدىن كېلىپ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام بىلەن بامدات نامىزىنى بىللە ئوقۇپ ، ئاندىن ئۆز قەۋمى قېشىغا كېلىپ ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىشكە چاقىرغان ، ئىشەنمىگەن تەقدىردە دەردلىك ئازابقا ( دوزاخقا ) دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان جىنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر قىلىپ اللە تائالانىڭ سۈرە ئەھقاف 29 _ ئايەتتە : << ئى مۇھەممەد ! ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى سېنىڭ قېشىڭغا قۇرئان تىڭشىغىلى ئەۋەتتۇق . ئۇلار قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان يەرگە ھازىر بولغاندا ( بىر _ بىرىگە ) جىم تۇرۇڭلار دېيىشتى . قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى . ئۇلار ئېيتتى : << ئى قەۋمىمىز ! ھەقىقەتەن بىز مۇسا ئەلەيھىسالامدىن كېيىن اللە تائالادىن چۈشۈرۈلگەن ، ئۆزىدىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن كىتابلارنى راست دەيدىغان ، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابلارنى راست دەيدىغان ، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى ( قۇرئان ) نى تىڭشاپ كەلدۇق . ئى قەۋمىمىز !اللە تائالانىڭ دىنىغا چاقىرغۇچى ( مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ) (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) نىڭ چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلىڭلار ! ۋە اللە تائالاغا ئىشىنىڭلار ! اللە تائالا بەزى گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ . سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ . >> دېدى ، دېگەن .
يەنە اللە تائالانىڭ جىنلارنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام قېشىغا كېلىپ قىرائەتنى تىڭشىغانلىقىنى ۋە جىنلار ئۆز _ ئارا ئۆزىنىڭ ئەقىدىلىرى ، سۆز _ ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن سۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا رەسۇلۇللاھنى بۇيرۇپ ، سۈرە جىن 1 _ ئايەتتە : << ( ئى مۇھەممەد ! ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) قەۋمى جامائىتىڭگە ) ئېيتقىنكى : << بىر قانچە نەمەر جىننىڭ ( مەندىن قۇرئان ) تىڭشاپ ( ئىمان ئېيتقانلىقى ) ماڭا ۋەھى قىلىندى . ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ) ئېيتتى :  بىز توغرا يوغا باشلايدىغان ئاجايىپ بىر قۇرئاننى ئاڭلىدۇق . ئۇنىڭغا ئىشەندۇق . بىزنى ياراتقان ئىگىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز . >> دېدى ، دېگەن .
يەنە اللە تائالانىڭ ئۈچ ئايەتتە اللە تائالانىڭ شەيتاندىن ساقلاپ قېلىشنى تىلەشكە بۇيرۇپ : << قۇرئان ئوقۇماقچى بولغۇنىڭدا ، اللەنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغان شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن قوغداپ قېلىشنى تىلىگىن . چوقۇمكى ، دىن ئىسلامغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز رەببىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل مۆئمىنلەرگە شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ . ( شەيتان ئىزىقتۇرالمايدۇ ) شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغان ۋە بويسۇنۇشتا اللە تائالاغا شېرىك قىلغۇچىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ . >> دېگەن . ( سۈرە نەھلى 98 _ ئايەت ) .
سۈرە ئەئراف 200 _ ئايەتتە : << ئەگەر ساڭا شەيتان تەرەپتىن ۋەسۋەسە كەلسە ، اللە تائالانىڭ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلاپ قېلىشنى تىلىگىن . >> دېگەن .
<< ئى مۇھەممەد ! ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن ئىگىسى ، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى ، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ( مۇھەببەت ، ئىخلاس بىلەن باش ئىگىدىغان ئىگىسى ) اللە تائالانىڭ پاناھىغا كىرىپ ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە يامان خىيال كەلتۈرگۈچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلاپ قىلىشىنى تىلەيمەن ، دېگىن ! >>  دېگەن . ( سۈرە ناس )
يۇقۇرىقى ئايەتلەر جىن _ شەيتانلارنىڭ بارلىقىدىن اللە تائالانىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر .

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالاتۇۋەسسالامنىڭ خەۋەرلىرى

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھسالامنىڭ خەۋەرلىرى كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ بىرى بولسا ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام ھەر _ بىر ئادەمگە ھەمراھ قىلىنغان جىن ھەمراھى بارلىقىدىن خەۋەر بېرىپ : << ھەر _ بىر ئادەمگە جىندىن بىرسى ھەمراھ قىلىندى >> دېدى . ئەسھابىلار : << ساڭىمۇ ھەمراھمۇ ؟ يا رەسۇلۇللاھ !؟ >> دېۋىدى ، رەسۇلۇللاھ : << ماڭىمۇ بىر جىن ھەمراھ ، لېكىن اللە تائالا ماڭا جىنغا قارشى ياردەم قىلدى ، جىن ماڭا تەسلىم بولدى ، شۇڭا مېنى ياخشىلىقتىن باشقا ئىشقا بۇيرىيالمايدۇ >> دېدى . بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان .

يەنە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام ، ھەركىم ئۆيگە كىرسە شەيتان بىللە كىرىدىغانلىقى ۋە ئادەمنىڭ يېمىكى ، ئىچىملىكلىرىگە شېرىك بولۇپ يەپ _ ئىچىدىغانلىقىدىن خەۋەر قىلىپ ئېيتتى : << ھەر _ بىر ئادەم تاشقىرىدىن ئۆيگە كىرەر چاغدا ، اللە تائالانى تىلغا ئالسا ، تاماق يەيدىغان چېغىدىمۇ تىلغا ئالسا ( اللە تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ، دېسە ) شەيتان ئۆزىنىڭ باللىرىغا ۋە بىللە بولغان شەيتانلىرىغا  ( سىلەرگە بۇ يەردە قونىدىغان يەرمۇ يوق ، يەيدىغان تاماقمۇ يوق ، قايتىڭلار ! ) دەيدۇ . ئەگەر ئادەم ئۆيگە كىرگەندە ، تاماق يىگىلى باشلىغاندا ، اللە تائالانى ئەسلىمىسە ،  شەيتان ئۆزىنىڭ تۋاباتلىرىغا ( سىلەرگە قونىدىغان يەرمۇ بار ، يەيدىغان تاماقمۇ بار )  >> دەيدۇ . بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام چەپ قول  ( سول قول ) بىلەن تاماق يېيىشتىن ، ئىچىشتىن توسۇپ ۋە شەيتاننىڭ چەپ قول ( سول قول ) بىلەن يەپ _ ئىچىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئېيتتى : << ھېچقايسىڭلار چەپ قول ( سول قول ) بىلەن يىمەڭلار ، ئىچمەڭلار ! چۈنكى شەيتان چەپ قولى ( سول قول ) بىلەن يەيدۇ ، ئىچىدۇ . >> ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى .

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۆئمىنلەرنى قولىدا تاماقنىڭ يۇقىسى بار ھالەتتە ئۇخلاپ  قالسا ، شەيتاننىڭ كېلىپ ئۇ قىشىنىڭ قولىنى يالاپ زەھەرلەپ قويىشىدىن ئېھتىيات قىلدۇرۇپ ئېيتتى : << شەيتان بەك سەزگۈر ، بەك يالىغۇچى نەرسىدۇر . ئۆزۈڭارغا ئېھتىيات قىلىڭلار !  ھەركىم قولىدا تاماق يۇقى بار ھالدا قېلىپ ئاپەتكە يولۇقسا ، ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن . >> تىرمىزى رىۋايەت قىلغان .

يەنە بىرى جىنلار ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى توغرىسىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامدىن سورىغاندا ، رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ : << ئىنسانلار يېگەن گۆشكە بىسمىللاھ دەپ يېگەن بولسا ، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى جىنلارنىڭ قولىغا كامىل گۆش بولۇپ چۈشىدۇ . ھايۋانلارنىڭ تېزەكلىرى جىننىڭ ئۇلاغلىرىغا يېمەكلىكتۇر . >> دېگەن سۆزىدۇر . بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان . شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام سۆڭەك بىلەن ، تېزەك بىلەن تاھارەت تازىلاشتىن  توستى ۋە توسۇشقا سەۋەپ بايان قىلىپ : << سۆڭەك بولسا سىلەرنىڭ جىن بۇرادەرلىڭىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى . >> دېدى .

يەنە بىرى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ << ئۆتكەن كېچىدە بىر جىن نامىزىمنى بۇزۇش ئۈچۈن قېشىمغا كەلدى . اللە تائالا ماڭا ئۇنى تۇتىۋېلىشقا كۈچ _ قۇۋۋەت بەردى . مەسجىدنىڭ تۈۋرۈكلىنىڭ بىرىگە باغلاپ قوياي ، تاڭ ئاتقاندا سىلەرنى ئۇنى كۆرسۇن دەپمۇ قەست قىلدىم . بىراق بۇرادىرىم سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ  دۇئاسىنى ئەسلەپ قويۇپ بەردىم >> دېگەن . ( مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ )

  يەنە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈممىتىگە خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا اللە تائالادىن ھاجىتىنى تېلەشنى ، ئىشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغاندا اللە تائالادىن شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداشنى تىلەشنى تەلىم بېرىپ : << خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ، اللە تائالدىن ئىلتىپات ، مەرھەمەت تىلەڭلار ، چۈنكى خوراز پەرىشتىنى كۆرىدۇ . ئىشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغاندا اللە تائالانىڭ شەيتاندىن پاناھ بېرىشىنى تىلەڭلار ! چۈكى ئىشەك شەيتاننى كۆرىدۇ >> دېگەن . ( مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ )

يەنە بىرى ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئەدەب _ ئەخلاق يولىنى كۆرسىتىپ : << ھا................. دەپ ئەسنەش شەيتاندىن ( ئاۋاز چىقىرىپ ئەسنىمەڭلار ) >> دېگەن سۆزىدۇر . ( ئىمام بۇخارى رىۋايىتى ) .

يەنە بىرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈممىتىگە شەيتاننىڭ ئادەم كۆڭلىگە تاشلىغان يامان ئوي _ پىكىر ، گۇمانى قاراشلىرىغا قارشى قانداق كۈرەش قېلىش ۋە ئۇنى قايتۇرۇش توغرىسىدا يول كۆرسۈتۈپ : << ھەر قايسىڭلار قېشىغا شەيتان كېلىدۇ . پالانى نەرسىنى كىم ياراتتى ؟ مۇنداق نېمىنى كىم ياراتتى ؟ دېگەن ئويلارنى كۆڭۈلگە تاشلاپ ئاخىرىدا سېنىڭ رەببىڭنى كىم ياراتتى ؟ دېگەن ئوينى ئەكىلىدۇ ، شۇ خىيالنى تاشلىغان زامان ئۇ كىشى اللە تائالادىن پاناھ تېلىسۇن ۋە ئۇنداق پىكىردىن يانسۇن . >> دېگەن سۆزىدۇر . ( مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ )

يەنە بىرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ : << كۈن كەچ بولۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇسى كەلگەندە ئۇششاق باللىرىڭلارنى ئۆيگە يېغىۋېلىڭلار ! چۈنكى شۇ چاغدا جىن _ شەيتانلار سىرتقا تارايدۇ . >> دېگەن . ( مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ ) ................

( داۋامىنى كېيىن يوللايمەن قېرىنداشلىرىم .......... اللە ھەممىڭلاردىن ۋە ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن !!!)


ئۇرە ئاغزىڭغا `!!!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1438 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 04:06:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى:جىنلار ئاشكارە بولغاي دەپ مۇشۇ كۈنلەردە كېچىسى سىرتلارغا چىقىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 04:43:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 04:06 PM
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى:جىنلار ئاشكارە بولغاي دەپ مۇشۇ ...

مەنمۇ شۇ قېرىندىشىم.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 05:16:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى ئىككى خانىم ئەجەپمۇ بىر ھېرىپ قالمىدى ؟ مەن مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىمۇ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ تۇراتتىكەن ؟! مۇمكىن بولسا تىلىكىڭلارنى بىلىپ باقساق بۇلارمۇ ؟

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4934
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 05:24:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچتا ئاتئېزىم دەرسىنى نوقتا دەرسلىك قاتارىدا، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ كاللىمىزغا قۇيغۇدەك بوپ ئۆتۈپ كىتەتتى مۇئەللىملەر..!!!!!!!

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2831
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 05:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق بىر سانىدا مەخسۇس‹ جىنلار توغۇرسىدا› دېگەن بىر ماقالە بولدىغان ...........شۇ ماقالىنىڭ خاتىمىسىدە غەيىپ ئىلىملەر پەقەت بىر ئاللاھقىلا خاستۇر  دەپ يىزىلغان ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 957 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 05:45:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن !!

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1438 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 05:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 05:16 PM
ئۈستىدىكى ئىككى خانىم ئەجەپمۇ بىر ھېرىپ قالمىدى ؟ مەن  ...

ئۇ تىلەكنى بىلمىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىغانسىز قېرىندىشىم،كاللىڭىز جايىدىمۇ قانداق؟باشقا كىشىلەر ئىتتەك قاۋىشىپ تېمىنى پاخال قىلسا گەپ يوق،نېمە بىزگىلا شالدىمىڭىزنى چاچرىتىسىز؟
ئى ئاللاھ،ماڭا سەۋىر ئاتا قىلغىن ،ئەمدى ئارتۇقى ئارتۇق؟سۆزلىمەيلا قوياي.
ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن كۆرۈشەرمىز..............
سىزمۇ ھومىيىپلا يۈرۈيسىزغۇ؟ئۇنداق قاپىقىنى تۈرۈپلا يۈرگەندىن دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ياخشى.........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100628
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 06:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە تېما يوللىغانلارمۇ ،  مۇنبەرداشلارنى  گەپ تالىشىپ ئۇرۇشسۇن دەپ يوللىمىغاندىكىن ،ياخىشى پىكىرلەنى بېرىپ ، ئۆز كۆز قاراشلىرىڭلانى مۇلاىزە قىلىشىپ   ، ياخشى پاراڭلانى قىلساڭلا بولدغۇ......،ھەيرانمەن جۇمۇ ھە دىسىلا ئۇرۇشۇپ ، گەپ تالىشىپ چارچىمامسلە....

بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ ، ئەمما گۈل خالىغان بۇلبۇلنى قوندۇرالمايدىكەن    !!!!!!!!!!!!

ئاللاھ خالىسا كۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24077
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7480
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 06:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزنى جىن شەيتانلارنىڭ زىيان زەخمىتىدىن ساقلىسۇن

بۇ شۇنداق ئاتالمىغان ئوقىدىن ،چىچالمىغان پوقىدىن كۆرۈپ ياشايدىغان زامانكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش