مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8383|ئىنكاس: 63

رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپات بولۇش تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85182
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 10:56:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپات بولۇش تارىخى

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى، ئاللاھ تەئالانىڭ مائىدە سۈرىسىدىكى: «بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى پۈتۈنلەپ بەردىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم بەردىم، ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ  دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»
دىگەن ئايەت نازىل بولغاندىن باشلانغان.
ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىنتايىن قاتتىق يىغلىدى، ساھابە كىراملار ئەي ئەبۇ بەكرى! بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ باشقا ئايەتلىرىگە ئوخشاش بىر ئايەت تۇرسا، نىمىگە بۇنداق
قاتتىق يىغلايسىز؟ دېگەندە، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇ بولسا ئالەملەرنىڭ رەھمىتى ئاللاھنىڭ ھەبىبى مۇھەممەدۇررەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدۇر، دەپ جاۋاپ بەردى.
رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىغا 9 كۈن قالغاندا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ بەقەر سۈرىسىدىكى:«سىلەر شۇنداق قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بىر كۈندىن  قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر، ئاندىن كىيىن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى- يامان ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ. ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. (يامان ئەمەللىرى كۆپەيتىلىپ، ياخشى ئەممەللىرى كەمەيتىلمەيدۇ،) » دىگەن ئايەت نازىل بولدى.
شۇنىڭدىن كىيىن رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېسەللىرى باشلاندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇھۇد كۈنى شەھىد بولغانلارنى زىيارەت قىلغۇسى كىلىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ: ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن، ئەي ئۇھۇد شەھىدلىرى! سىلەر ئاللاھنىڭ ئالدىغا بىزدىن ئىلگىرى باردىڭلار، مەنمۇ پات ئارىدا سىلەرگە قوشۇلىمەن، دەپ ئۇلارغا سالام بىرىپ قايتىشىدا يىغلاپ كەتتى، ئەي رەسۇلۇللاھ! نىمىگە بۇنچە يىغلايلا؟ دىگەن ئىدۇق، رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېرىنداشلىرىمنى سېغىنىۋاتىمەن دېدى، بىز دىدۇق ئەي رەسۇلۇللاھ! بىز سىلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ياق! سىلەر مىنىڭ ئەسھابىلىرىم، قېرىنداشلىرىم بولسا مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن كىلىپ مىنى كۆرمەي ماڭا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر، دەپ جاۋاپ بەردى. « ئى ئاللاھ بىز شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشنى تىلەيمىز» ئامىين! .  
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىغا ئۈچ كۈن قالغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىسەللىرى ئېغىرلاشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ۋاقىتتا مەيمۇنە ئانىمىزنىڭ ئۆيىدە ئىدى، ئۇ ئاياللىرىنىڭ يىغىلىشىنى بۇيرىدى، مۆئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى يىغىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنىڭ كېسىلىم ئائىشەنىڭ ئۆيىدە كۈتۈلسە قانداق قارايسىلەر؟ دەپ ئاياللىرىدىن رازىلىق سورىدى، ئانىلىرىمىز ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى شۇنداق قىلسىلا! بىز رازى دەپ جاۋاپ بەردى.
رەسۇلۇللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، ئەمما تىنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە تۇرالماي قالدى، شۇئان ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىەن فەزلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رەسۇلۇللاھنى يۆلەپ مەيمۇنە ئانىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چىقتى، بۇ بولسا ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى مۇشۇ ھالەتتە تۇنجى قېتىم كۆرىشى ئىدى.....
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇھالىنى كۆرۈپ ئالاقزادە بوپ كەتتى، بىر بىرىگە، رەسۇلۇللاھقا نىمە بولدى؟ رەسۇلۇللاھقا نىمە بولدى؟ دىيىشىۋاتاتتى.
كىشىلەر مەسچىدكە بەك كۆپ يىغىلغانلىقتىن بىر بىرىنى قىستىشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈستى بېشى شۇنچىلىك قاتتىق تەرلەپ كەتتى، بۇ توغرىسىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ : مەن بۇ ئۆمرۈمدە بىرەسىنىڭ بۇنداق قاتتىق تەرلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولى بىلەن پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدىم ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولى مىنىڭ قولۇمدىن بەكرەك ئۇلۇغ ۋە پاكىزە بولىدۇ دە.
ئائىشە ئانىمىز يەنە شۇنداق دەيدۇ؛ مەن يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: « ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن ئۆلۈمنىڭ سەكراتى بار ئىكەن» دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. كىشىلەرمۇ رەسۇلۇللاھدىن ئەندىشە قىلىپ بىر بىرى بىلەن بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى، رەسۇلۇللاھ: نىمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى ، ئۇلار : ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز دىيىشتى، رەسۇلۇللاھ  ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى لىكىن تۇرالماي قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنىڭ ئۈستىمگە سۇ تۆكۈڭلار دېدى، رەسۇلۇللۇھنىڭ ئۈستىگە سۇ تۆكۈلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئاز ماغدۇرىغا كەلگەندىن كىيىن، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى  يۆلەپ مۇنبەرگە ئېلىپ چىقتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردە تۇرۇپ  ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋىدالىشىش خۇتبىسىنى ئوقىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبىسىدە: ئەي ساھابىلىرىم، مەندىن ئەنسىرەۋاتامسىلەر؟ دىدى،
ساھابىلەر : ئەي رەسۇلۇللا! شۇنداق بىز سىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەۋاتىمىز دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ساھابىلىرىم! مىنىڭ سىلەر بىلەن بىللە بۇلىدىغان ئورنۇم دۇنيا ئەمەس، بەلكى ھەۋزى كەۋسەردۇر.....ئاللاھ بىلەن قەسەم مەن ھازىر مۇشۇ ئورنۇمدا تۇرۇپ ئاشۇ ئورۇنغا (يەنى ھەۋزى كەۋسەرگە) قاراپ تۇرغاندەك بولىۋاتىمەن. ئەي ساھابىلىرىم!  ئاگاھ بۇلۇڭلار، مەن سىلەرنىڭ كەمبەغەل بۇلۇپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىمەيمەن، لېكىن سىلەردىن ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ئوخشاش مال دۇنيالىرىڭلاردا بىر بىرىڭلار بىلەن پەخرى قىلىشىپ ھالاك بولۇشۇڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.
ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە: ئاللاھ بىلەن قەسەم، ناماز! ئاللاھ بىلەن قەسەم، ناماز! دىدى، بۇ سۆزى نامازغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ مۇھاپىزەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىگەن كىشى ئاسانلا ئېزىپ كىتىدۇ دىگىنى ئىدى.
يەنە: ئەي ئىنسانلار ئاگاھ بۇلۇڭلار! ئاياللارغا زۇلۇم قىلىش ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاياللارغا زۇلۇم قىلىش ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇڭلار! مەن سىلەرگە ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىمەن!  بىر بەندە دۇنيا تۇرۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايتىش ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارغا قويۇلغان ئىدى، ئۇ ئاللاھ بىلەن مۇلاقات بولۇشنى تاللىدى، دىدى.  
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزىدە كىمنى نىيەت قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىدى ئەمەلىيەتتە رەسۇلۇللاھ ئۆزىنى دەۋاتاتتى، پەقەت ئەبۇ بەكرى سىددىيق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلا بۇ گەپنى چۈشەنگەن بىردىن بىر كىشى ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆزىنى تۇتۇتالماستىن ئىچ ـ ئىچىدىن ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى، ۋە: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! ئاتىمىز ساڭا پىدا بولسۇن! ئانىمىز ساڭا پىدا بولسۇن! باللىرىمىز ساڭا پىدا بولسۇن! ماللىرىمىز ساڭا پىدا بولسۇن! ئاياللىرىمىز ساڭا پىدا بولسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. كىشىلەر ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك سۆزىنى ئۈزۇپ قويىۋاتقانلىقىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنى سۆزدىن توسماقچى بولغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئەي ساھابىلىرىم! ئەبۇ بەكرىنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلا. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياخشى پەزىلەتلىك بولساڭلار بىز ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىشىمىز مۇمكىن، لىكىن ئەبۇ بەكرىگە مۇكاپات بىرىشكە بىزنىڭ قۇربىتىمىز يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ ئۆزى بىرىدۇ، مەسجىدكە قارايدىغان ھەممە ئىشىكلەر ئىتىلىدۇ لىكىن ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىشىكى مەڭگۈ ئىتىلمەيدۇ، دىدى.
سۆيۈملۇك رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەركەتلىك دۇئالىرىنى قىلدى.
ئاللاھ سىلەرنى ساقلىسۇن! ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلسۇن! ئاللاھ سىلەرنى دىنىڭلاردا مۇستەھكەم قىلسۇن! ئاللاھ سىلەرنى كۈچلەندۈرسۇن!....
  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنبەردىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۈممىتىگە بولغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزىنى قىلدى: ئەي ساھابىلىرىم! مىنىڭ ئۈممىتىمدىن قىيامەتكىچە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرگە مەندىن سالام ئېيتىڭلار!!
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر قېتىپ كۆتۈرۈلۈپ ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلدى، ئۇ يەردە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا قولىدا بىر مىسۋاكنى كۆتۈرۈپ كىردى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىدىكى مىسۋاكقا قارىدى لىكىن سۆزلەشكە قۇربىتى يەتمىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەخسىتىنى چۈشىنىپ مىسۋاكنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېغىزىغا سالدى، لىكىن رەسۇلۇللاھنىڭ مىسۋاكنى يۇمشاتقۇدەكمۇ مادارى قالمىغانىدى، ئائىشە ئانىمىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مىسۋاكنى ئېلىپ ئېغىزىغا سېلىپ چىشلەپ يۇمشىتىپ رەسۇلۇلاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۇندى.
ئائىشە ئانىمىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ ئاخىردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېغىزىغا كىرگىنى مىنىڭ شۆلگىيىم بولدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بۇلۇشتىن ئىلگىرى مىنىڭ شۆلگىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ شۆلگىيى ئارلىشىپ كەتتى، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ پەزلى دەپ بىلىمەن.
ئائىشە ئانىمىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆز قارچۇغى بولغان پاتىمە  رەزىيەللاھۇ ئەنھا كىرىپلا يىغلاشقا باشلىدى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ يېنىغا كىرسىلا ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قوياتتى، بۇ قېتىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرالمىغان ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەي قىزىم پاتىمە ماڭا يېقىنراق كىلىڭ دىدى. پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا يېقىن كىلىۋىدى پاتىمەنىڭ قۇلىقىغا مەخپى ئاۋازدا بىر قانچە سۆز قىلغان ئىدى پاتىمە يىغلىدى. ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇنداق سۆز قىلغان ئىدى پاتىمە كۈلدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندىن كىيىن بىز ئەي پاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساڭا نىمە دىدى دېگەن ئىدۇق، ئۇ جاۋاپ بىرىپ دادام ماڭا ئەي سۆيۈملۈك قىزىم مەن بۈگۈن كېچە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن دىگەن ئىدى يىغلىدىم. دادام مىنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەھلىدىن ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ ئەگىشىدىغان كىشىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى دېگەن ئىدى كۈلدۈم دەپ جاۋاپ بەردى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ، كىيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنى ئۆيدە يالغۇز قۇيۇڭلار دىدى، ھەممەيلەن چىقىپ كەتكەندە رەسۇلۇللاھ بېشىنى مىنىڭ كۆكرىكىمگە قۇيۇپ، قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، بەلكى ئەي ئاللاھ مەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن ! ئەي ئاللاھ مەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن! دىدى.
  مەن رەسۇلۇللاھسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇنيا بىلەن ئاخىرەت بىلەن دۇنيانىڭ ئىختىيار قۇيۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىنىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئەي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆلۈم پەرىشتىسى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇ سىلىدىن ئىلگىرى ھېچكىمدىن رۇخسەت سوراپ باقمىغان... دىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ئى بۇرادىرىم جىبرىئىل! ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىڭ، دىدى.
ئۆلۈم پەرىشتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھنىڭ سالامى سىزگە بولسۇن، ئاللاھ مىنى سىزگە دۇنيادا قېلىپ قېلىش ياكى ئاللاھقا قۇشۇلۇش توغرىسىدا ئىختىيار قۇيۇشقا ئەۋەتتى،دىدى.  پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بەلكى ئاللاھ ئەڭ ئۈستۈن ھەمراھدۇر ! بەلكى ئاللاھ ئەڭ ئۈستۈن ھەمراھدۇر !! دىدى، ئۆلۈم پەرىشتىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە : ئى پاك پاكىز روھ! ئى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ روھى! ئاللاھتىن رازى بولغان ھالەتتە رەببىڭنىڭ نىئمىتىدىن رازى بولغان ھالەتتە چىققىن رەببىڭ سەندىن رازى دېدى!......
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قولى چۈشۈپ كەتتى، ۋە ئۇنىڭ مۇبارەك بېشى مىنىڭ قۇچىقىمغا چاپلىشىپ ئېغىرلىشىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەستىن مەسجىدكە قاراپ تۇرىدىغان ئىشىكىمنى ئاچتىم ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولدى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولدى!!!!
مەسجىد ئىچى، پۈتۈن مەدىنە شەھرى ئىنتايىن قايغۇلۇق مۇسىبەتتە يىغا زار ئاۋازىغا تولۇپ كەتتى!! مانا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي بىھۇش ھالەتتە ئولتۇرىدۇ! مانا ئوسمان ئىبنى ئەفان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىچىك بالىغا ئوخشاش ئوڭ سول قولىنى تۇتۇپ سىقىۋاتىدۇ! مانا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىدا قېلىچنى كۆتۈرۈپ كىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋاپات بولدى دىدى، مەن ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى كىسىمەن! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىشقا كەتتى، خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىشقا تۇر تېغىغا  كەتكەندەك ئۇ پات يېقىندا قايتىپ كىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ۋاپات بولدى دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىدۇ، دەۋاتىدۇ!!
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى باغرىغا بېسىپ، ئەي ئاللاھنىڭ خەلىلى! ئەي ئاللاھنىڭ سىردىشى! ئەي ئاللاھنىڭ ھەبىيبى! ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!!! دىگىنىچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈز كۆزلىرىگە سۆيۈۋاتىدۇ!!!!
ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا خۇددى ئىبراھىيم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغدۇرسەن ھەممىدىن بۈيۈكسەن!!!
مانا سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىلادى
633 – يىلى ھىجىرىيە 11- يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە سەھەر تەرەپتە رەببىمىز ئاللاھ تەئالانىڭ ھۇزۇرىغا كەتتى. مانا دۇنيادا مەڭگۈ تۇرۇش بولسا ئىدى ئاللاھنىڭ ھەبىبى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرغان بولاتتى. ئەي قېرىنداشلىرىم ئۆلۈم ھەر بىر جان ئىگىسى ئۈچۈن بار بولغان ھەقىقەت. ئۇنى ئىنكار قىلىش بىر ئەخمەقلىق ھەممىمىز ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىمىز. ھەر مىنۇت ئۆلۈمنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.





ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
قۇمباغ79 + 213 ماختاشقا تېگىشلىك
panar + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
dunya5201314 + 10 ئاللا رەخمەت قىلسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 273   باھا خاتىرىسى

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 11:25:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈم ھەممىمىزگە  كېلىدۇ شۇڭا يامان ئىشلادىن يىراق تۇرۇپ ،قۇلىمىزدىن كىلىشچە ياخشىلىق قىلىپ ئىبادەت قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 11:28:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپاتىدىن باشلانغان پىتنىلەر ساھابىلەرنىڭ چاھاريا دەپ ئاتالغان ئوسمان، ئەلى...لارنىڭ  ئارقا ئارقىدىن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرىلىشى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئوسماننىڭ قان قەرزى ئۈچۈن ئەلى بىلەن قىلغان داڭلىق جەمەل ئۇرۇشى، بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن سانسىزلىقغان مۇسۇلمان... كىيىنكى ھوقۇق ئۇرۇشىدا چىققان كەربالا پاجىئەسىدىكى رەسۇلىللاھ نەبىرىلىرى ئىمان ھەسەن  ۋە ئىمان ھۈسەيىنلەرنىڭ ئۆلىمى، شۇنىڭدىن چىققان بىربىرىنى كاپىر دەپ قارايدىغان سۈننى ،  شىئە مەزھەپلىرى، ئىراقتىكى، ئافغاندىكى، پاكىستاندىكى... ئىچكى ئ ۇرۇشتا ئۆلىۋاتقان سان ساناقسىز مۇسۇلمانلار، پارتلاۋاتقان مەكتەپ، ئاشخانا، مەسچىتلەر، ھەتتا مال بازارلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان، تويلاردىن ھەتتا ھەتتاكىم مېيىت نامازلىرىدا ياڭراۋاتقان ئادەمبومبا ئاۋازلىرى دۇنياغا مۇسۇلمان دىگەن مۇشۇنداق دەپ خاتا سىگنال بىرىۋاتىدۇ....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjahan0997 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 11:58:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kamalkam يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 11:28 AM
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپاتىدىن باشل ...

ئۇنداقتا قىنى ھەزىرتى ئەلى ۋە ئوسمانلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۆرەشلىرىنى تارىخى مەنبەدىن مىسال كەلتۇرۇپ بىقىڭە ؟
   ئائىشە ئانىمىز بىلەن ھەزىرتى ئەلىينىڭ ئۇرۇشى ھەققىدە ئىنىق تارىخى مەنبەنى مىسال كەلتۇرۇپ بىقىڭە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 12:06:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي قېرىنداشلىرىم، جىبىرئىلنىڭ كىرگىنىنى راسلا كۆرگەنمۇ ياكى تۇقۇپ چىققانمۇ بىلىدىغانلار دەپ بىرىڭلار؟            

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 12:10:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulak يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 11:58 AM
ئۇنداقتا قىنى ھەزىرتى ئەلى ۋە ئوسمانلارنىڭ ھوقۇق تال ...

ئىختىلاپ مۇشتا باشلىنىدۇۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 12:15:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0102. يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 12:10 PM
ئىختىلاپ مۇشتا باشلىنىدۇۇ

ئىتخىلاپ ئەمەس ،  دىنىي مەسىلىلەردە  ئىنىق مەنبەسىنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك . بولمىسا باشقىلارغا خاتا چۇشەنچە بىرىپ قويىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97246
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1487
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1301 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 12:17:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى  مۇشۇ ئاسماندىكى ئاي ،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۆۋلىت ئېيى ھەم ۋاپات بولغان ئېيى   كۆپرەك دۇرۇت ،سالام يوللاپ قۇيايلى.

ئاللاھنىڭ بەرمەيدىغان ۋەدىسى يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 12:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulak يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 12:15 PM
ئىتخىلاپ ئەمەس ،  دىنىي مەسىلىلەردە  ئىنىق مەنبەسىنى  ...

ئىسلام تارىخى كىتاپلىرىنى تېپىپ ئوقىسىڭىز بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 01:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئاللا رەخمەت قىلسۇن....ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلۈرۈمدىن ئاققان ياشنى توختىتىتالمىدىم...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش