  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					دۇنـيادىكى ئـەڭ بـەختـلىك ئـائىلە 
 
 
ئايزۆھرە ئابدۇمىجىت (سۈزۈك ئاي)    
 
 
  
   
دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئائىلە ئېسىل بېزەلمىگەن ، ئېسىل سەرەمجانلاشتۇرۇلمىغان ئەمما بۇ ئائىلىدە ھەركۈنى ئاللاھنىڭ بۈيۈك نامى تىلغا ئېلىنىدۇ . بۇ ئائىلىدىكى ھەر بىر كىشى نېمە ئىش قىلسا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىدۇ . بۇ ئائىلە مۇستەھكەم ئىتقاد ۋە ئىمان نۇرى بىلەن بېزەلگەن ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ بەختلىك ئائىلىدۇر . a} Iz   
بۇ ئائىلىدىكى بىردىنبىر بايلىق سۈپىتىدە ساقلانغىنى ئاللاھنىڭ بۈيۈك دەستۇرى قۇرئان كەرىمدۇر . شۈكۈر -قانائەت ، تەقدىرگە ، مۇسىبەتكە سەۋىر قىلىش بۇ ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ تۇرمۇش مىزانىدۇر . ھەركۈنى دادىنىڭ نامازدىكى قىرائەتلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئالتە ياشلىق بالا نامازدا ئوقۇشقا تىگىشلىك سۈرىلەرنى يادا ئېلىپ بولغان . ئانا ئېرىگە شۇنداق ئىتائەت قىلىدىكى ، خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقسمىۇ ئېرىىنىڭ رۇخستىنى ئالىدۇ . ئۇنىڭ قەلبىدە ھەزىرتى مۇھەممەد مۇستافا سەلللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ شۇنداق بىر ھەدىسى يادلىنىپ تۇرىدۇ . ‹‹ ئەگەر ئاللاھ بەندىنى ئۆزىدىن باشقا يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلدۇرۇشقا بۇيرىسا ئىدى ، مەن ئاياللارنى ئەرلىرىگە سەجدە قىلدۇرغان بولاتتىم .›› ئايال شۇنداق ئىتائەتمەن ۋە قانائەتچان . ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغان جاي بولغىنىدىن ، ئېرىگە ۋە باللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن . ئاللاھ بۇ ئائىلىگە ئۆزىنىڭ نۇرىنى ۋە ھىدايىتىنى شۇنداق تۆككەنكى ئاتا ۋە ئانا بۇ ئائىلىدە شۇنداق ھۆرمەتلىك شەخىسكە ئايلانغان . ھەممەيلەن بىر-بىرىدىن ھايا قىلىدۇ . ئەخلاق ۋە ئىمان بۇ ئائىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مىزانىدۇر .   
دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئائىلە بۇ ئائىلىدە قانائەت بولغاچقا ھەمەيلەن ئۆز نىسىۋىسىدىن شۈكرى قىلىپ ياشايدۇ . بۇ ئائىلىدىكى كىشلەر ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ماللىرىنى  زاكات ۋە ئۆشرىگە ئايرىلىدۇ . بىرەرسى مۇشۇنداق تۇرمۇش سىلەرگە يىتەمدىكەن ؟ سىلەر مۇشۇنداق تۇرمۇشتىن رازىمۇ سىلەر ، دېسە ئۇلار ‹ مۇسۇلمانغا نېمە يەتمەيدۇ قېرىندىشىم ؟ قىيامەت كۈنى ھېچكىم -ھېچكىمگە ياردەم قىلمايدىغان ئەشۇ ھېساب كۈنىدە سىز ئارتۇق نەرسىڭىزدىن بىر-بىردىن بىر ھىساب بېرىسىز . ئاللاھتىن قورقايلى ، ئاللاھ مەرھەمەتلىرىنى بىزدىن ئايىمىغاندىكىن بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىش قىلايلى ›› دەيدۇ . نېمە دېگەن قانائەت ، نېمە دېگەن ئېسىل خىسلەت -بۇ ؟ 
دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئائىلە ، بۇ ئائىلىدە رىياكارلىق يوق ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتى پەقەت قىلىنمايدۇ . پەقەت ئاللاھنىڭ كەلامى ئاڭلىنىدۇ . ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇ ئائىلىنى ئۆزىنىڭ ھىدايىتى ۋە نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغان .  
پۇل ۋە مال دۇنيا ئىنسانغا ھېچقانداق پايدا ئەكىلەلمەيدىغان ،پەقەت ياخشى ئەمەللەر جەننەتكە ئاپىرىدىغان ئەشۇ ھىساب كۈنى ئۈچۈن  ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن مۇشۇ ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزا  تەييارلانماقتا . قېرىندىشىم سىز نېمە ئىش قىلىۋاتىسز ؟ تەييارلاندىڭىزمۇ ؟ يا كىچىك قىيامەت يەنى ئۆلۈمنى كۈتۈپ غەپلەتتە ياشاۋاتامسىز ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىن ئىمان ۋە ئىتقادنى ئايرىمىسۇن . ئاللاھ ئۈچۈن سوقىدىغان ساپ ۋە سەمىمىي  يۈرىكىڭىز بارمۇ ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتكە تىگىشىپ يالغان -ياۋىداققا ئالدىنىپ بەندىنى رازى قىلىپ ياشاۋاتامسىز ؟ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىۋاتىسز ؟ يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بېقىڭ ، مەن مۇشۇ بىر كۈنۈمدە نېمە ئىش قىلدىم ، قايسى ئىش ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قايسى ئىش بەندە رازىلىقى ئۈچۈن بولدى دەپ . مەن تېخى يېقىندا ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ مەنىسىنى ۋە ھەقىقىيتىنى چۈشەندىم ‹‹ ئىنساننى ۋە جىننى بىزگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتۇق .›› قۇرئان ھەققىقىدە ، ئىسلام دىنىمىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئىمانى ھەققىدە قانچىلىك تەپەككۇر قىلىپ باقتىڭىز ؟ ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق مۇسىبەت بولمىسا كېرەك . بىر روھ پۈتۈن دۇنيانى ئايلانسىمۇ دۇنياغا قايتا كېلىپ بىر قېتىم  سەجدە قىلىش پۇرسىتىگە نائىل بولالمايدۇ . سىز تىرىكلىكىرڭىزدە ئاللاھقا قانداق قۇلچىلىق قىلىۋاتىسىز ؟ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلكىدە ئاللاھ رىزالىقىنى ئۇنتۇپ ناماز ئوقىماي دۇنيدىكى ئەڭ بەختسىز ئائىلىدە ياشاۋاتقان بولسىڭىز سىز نېمانچە بىچارە . بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئىش بارمىدۇ ؟ ئاللاھتىنمۇ ئۇلۇغ بىرى بارمىدۇ ؟ ئاللاھ شەپقەتلىك ۋە مېرىباندۇر . ئاللاھقا يېقىنلاشقان ئەنە شۇنداق بەختلىك ئائىلىلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلارغا ئاللاھ ھەقىقەتەن نۇرىنى يايىدۇ . تىرىشىڭ ، قېرىندىشىم ، ئۆلۈم يېنىڭىزدىلا ..... ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن نىممەتلىرىنى ۋە سىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئويلاڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئويلاڭ ۋە ۋاقتىدا تۆۋە قىلىڭ ....  
   
ئاللاھىم ھەممىمىزگە ئەنە ئەشۇنداق بەختلىك ۋە ئىمان نۇرى بىلەن تولغان ئائىلەرنى ۋە قەلىبلەرنى ئاتا قىلسۇن ، ئامىن !  
 
   
مەنبە : قەلىمىم .   
  
2014-يىل   2- يانۋار   ئۈرۈمچى   
 
 |  
 |   
 |   
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   suzuk-ay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 08:19 PM  
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |