يولۋاش بىر كۈنى ئوزۇق ئىزلەپ چىقىپ ،بىر تۈلكىنى كورۈپ قاپتۇ .خېلىدىن بېرى تۈزۇكرەك بىر نەرسە تېپىپ يىيەلمىگەن يولۋاسنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەن تۈلكىمۇ لولىلىغىنى ئىشقا سىلىپ تەلىينى سىناپ باقماقچى بوپتۇ .
-ئى ،جانۋارلارنىڭ ئاتىسى ،جاڭگاللارنىڭ غوجىسى ،- دەپتۇ تۈلكە كۆزىگە ياش ئىلىپ ،-مەن ھوزورلىرىغا شىكايەت بىلەن ماڭغان ئىدىم ئۆزلىرى يولوقۇپ قالدىلا .......
تۈلكىنىڭ ياغلىما سۆزىدىن مەغرۇرلانغان يولۋاس بۇ ھەرقاچان تىرناقلىرىمنىڭ ئاستىدىكى تەييار ئولجا ،ئاۋال بۇنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلاپ باقمايمۇ ،ئىھتىمال ،ئۇنىڭدىن بىرەر پايدىلىق ئىش چىقىپ قالار دىگەن ئويغا كېلىپ :
-قۇلىغىم سەندە –دەپتۇ .
-ھەي ،كىرەملىك شاھىم،-دەپتۇ تۈلكە ئۆزىنى ئوينىتىپ،-مەن ئاخىرقى ئۆمرۇمنى قاناپلىرنىڭ خىزمىتىدە ئۆتكۈزەي دىگەن نىيەتتە چۆلنى ئارىلاپ جاناپلىرىغا ئاتاپ راسا بىر سېمىز كىيىكنى كىلىۋاتاتتىم ،ئالدىمدىن بىر بۆرە چىقىپ كىيىكنى تارتىپ ئەكەتتى .يالۋۇردۇم ،يىلىندىم زادى گېپىمنى ئاڭلىماي ،كىيىكنى پارچىلاپ يىيىشكە باشلىدى مەن ھەي بىەدەپ سەن قانداق قىلىپ ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ رىسىقىغا چاڭگال سالىسەن ؟ دىسەم ھاي ئەخمەق تۈلكە بۇ ئەتىراپتا مىنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراق ھايۋاننىڭ يوقلۇغىنى بىلەمسەن ! دەپ جاناپلىرىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈشكە باشلىدى .ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەسلىگىمگە كوزەم يىتىپ جاناپلىرىغا شىكايەت قىلغىلى كېلىۋاتاتتىم ،ئەمدى مىرادىمغا يەتتىم ،قالغان ئىختىيار ئۆزلىرىدە .
تۈلكىدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يولۋاس غەزەپتىن تىتىرەپ تۇرۇپ :
-مىنى شۇ يەرگە باشلاپ بارالامسەن ؟-دەپتۇ .
-جىنىم بىلەن !-دەپتۇ تۈلكە ۋە يولۋاسنى ئوۋچىلار قاپقانغا چىشلىتىپ قويغان كىيىك گۆشىنىڭ يىنىغا باشلاپ كەپتۇ.
ـ ئۇ ھارامزادە ھىلىراقتا مۇشۇ يەردە قىلېۋىدى ،ئەنە كىيىك گۆشلىرى تۇرىدۇ ،جاناپلىرىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ تىكىۋەتكەن ئوخشايدۇ ،-دەپتۇ تۈلكە قاپقاندىكى گۆشنى كورسىتىپ.
گۆشنى كۆرگەن يولۋاس :ئاۋال گۆشنى يەپ ئۆزەمگە ئاز – تولا ماغدۇر توپلاي ،ئاندىن بوررىنىڭ ئەدىۋىنى بېرىپ ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى تونۇتۇپ قوياي دىگەن خىيال بىلەن ئۆزىنى گۆشكە ئۇرۇپتۇ –دە شۇ ھامان قاپقانغا چۈشۈپتۇ .بۇنى كۆرگەن تۈلكە :
-سەن ھەمىشە ئۆزۈڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلاپ باشقىلارغا ئارام بەرمەيتىڭ ،ساڭىمۇ ئارام بەرمىگۈچى ،سېنىڭمۇ جېنىڭنى قىينىغۇچى چىقىدۇ ،بىلىپ قوي –دەپ قۇيرۇغىنى ئوينىتىپ ئۆز يولىغا كېتىپتۇ .
مەنبە : ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talantim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-4 07:07 PM