كەچۈر يارىم خوش ئەمدى
كېتەر بولدۇم يېنىڭدىن،كەچۈر يارىم خوش ئەمدى،
ئۆزگە يارنى تاپقىن سەن،كەچۈر يارىم خوش ئەمدى.
ۋىجدانىم بار غورۇرۇم يول قويمايدۇ خارلىققا.
گەر سۆيسەممۇ ۋاز كەچتىم،كەچۈر يارىم خوش ئەمدى.
ئۇنتۇش بەلكىم بەك تەستۇر دىلدىن سۆيگەن كىشىنى،
ئەمما ئۆزگە چارە يوق، كەچۈر يارىم خوش ئەمدى.
بەختىمىزگە ئۆزگىدىن كۆز تەگدىمۇ بىلمىدىم،
دىل ئازارى يەتتى بەس، كەچۈر يارىم خوش ئەمدى.
كېرەك ئەمەس ئارتۇق گەپ ،ئازاپلانغان يۈرەككە،
رىزىق تەلەي شۇ ئىكەن كەچۈر يارىم خوش ئەمدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-4 06:47 PM