ئككى يۈەنلىك <ئىشتان>
دەرس قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەن تەڭ وقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ، قەلبىنۇر مۇئەللىمنىڭ كىرىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى.... قىزغۇچ چاچلىرىنى قويىۋەتكەن ، تار كۆكۈچ رەڭلىك كوپتا ، تار ئىشتان(شەڭكۇ) كىيىۋالغان قەلبىنۇر مۇئەللىم سىنىپقا كىرە -كىرمەيلا ئېگىز پاشنىلىق ئايىقى مۇنبەرگە ئىلىنىپ قېلىپ ، ئالدىغا يىقىلىپ چۈشتى . دەرھال ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ، سېرىق رەڭلىك سومكىسى تاقىشىپ ، مۇئەللىمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . قەلبىنۇر مۇئەللىم ئورنىدىن تۇرۇپ دۈمبىسىگە تۈرۈلۈپ كەتكەن كوپتىسىنى ئوڭشاپ ، قولىدىكى كىتاب سومكىلىرىنى ئۈستەلگە قويدى .... بەلكىم سىز سىنىپتىكى شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىدىن بىرەرى مۇئەللىمىنى يۆلەپ قويماپتىغۇ؟.... دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن . ئۇلارنىڭ يۆلەپ قويغۇسى بار ، لىكىن ھەقىقى ئوقۇتقۇچىنى يۆلەپ قويغۇسى بار، <ئالدىمدا يىقىلسىڭىز يۆلەشكە مادارىم يېتىدۇ،ئەمما بەلبىمدىن يىقىلماڭ ، تەسكە چۈشىدۇ >دېگەندەكلا ئىش ... سىنىپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان قەدىردان بىلەن ئەنۋەر بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئولتۇردى ، بۇ ئىككى سىنىپ ھەيئىتىنىڭ كۆڭلىگىمۇ ھېچكىمنىڭ قەلبىنۇر مۇئەللىمگە ياردەم قىلمايدىغىنى ئايان ئىدى، چۈنكى ئۇلار نېمىلا دېگەن بىلەن سىنىپ كادىرىدە ، سىنىپتىكى بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئۇقمىسا قانداقمۇ سىنىپ كادىرى بولالىسۇن.... قەلبىنۇر مۇئەللىمنى كۆپ ساندىكى بالىلار ياقتۇرمايتتى ، سىنىپ كادىرلىرى ياقتۇرمىغاچقىلا ئەمەس ، قەلبىنۇر مۇئەللىمنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ، ئاددىيسى يۈرۈش-تۇرۇش ، گەپ سۆز جەھەتتە تۇنجى قېتىمدىلا ئوقۇغۇچىلارغا سەلبى تەسىر بېرىپ قويغانىدى ... _ئاغىنە ، ماڭا ماۋۇ مۇئەللىم ئالۋاستىدەكلا كۆرۈنىۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق يېرىم-يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىپ كىرىپ ، سىنىپىمىزدىكى قىزلارغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن -دېدى قەدىردان ئەنۋەرگە ، _ئالدىرىماي تۇر ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئەدىپىنى بېرىمىز -دېدى ئەنۋەرمۇ جاۋابەن .
قەلبىنۇر مۇئەللىم گىرىم قىلىمەن دەپ ئەتىگەندە ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەچكە ، ئوقۇغۇچىلارنى بالدۇرلا ئارامغا قويىۋەتكەنىدى ، مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ياتىقىغا قايتىپ ماڭغان قەلبىنۇر مۇئەللىم ياتاق بىناسى ئالدىدا ئولىشىۋالغان بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ بېرىپ قاراپ باقماقچى بولدى . يىراقتىن ئەنۋەر بىلەن قەدىرداننىڭ -ئىككى كويغا ئىشتان ئېلىپ كىيەلەيسىلەر قىزلار ... ئەڭ ئەرزان باھا ... تېز سېتىۋېلىڭلار ... پەقەتلا ئىككى كوي ... پەقەتلا پۇلۇڭلار بولمىسا بىر كويغا بېرىمىز .... ئىككى كوي ... ئككى كوي... -دەپ قولىغا قەلبىنۇر مۇئەللىم كىيىۋالغانغا ئوخشاش تار ئىشتاننى ئېگىز كۆتۇرۇپ توۋلاۋاتاتتى . ئەنۋەر قەلبىنۇر مۇئەللىمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، مۇئەللىمنى چاقىردى.
-مۇئەللىم ، سىزمۇ سېتىۋېلىڭ ، مائاشىڭىزنى گىرىم بويۇملىرىغىلا خەجلەپ ، كىيىم ئېلىشقا پۇلىڭىز يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ - دېدى . بۇنى ئاڭلىغان بالىلار دەرھاللا قەلبىنۇر مۇئەللىمگە تەڭلا قاراشتى . شۇ ئارىدا قەدىردان : -مۇئەللىمگە ساتىمەن دېگىنىڭ نېمىسى ، بىكارغىلا بەرمەمسەن!-دېدى ئەنۋەرگە . ئەنۋەر دەرھال توپنى يېرىپ چىقىپ مۇئەللىمگە ئككى تار ئىشتاننى تەڭلىدى ۋە : -مۇئەللىم ، سىزگە سوۋغا قىلايلى _ دەپ مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى . ئىزا ئاھانەتكە چىدىمىغان قەلبىنۇر مۇئەللىم قولىدىكىنى دەرھال تاشلىۋېتىپ ، يۈزلىرىنى توسقىنىچە ياتىقىغا قاراپ يۈگۈردى ... بۇ خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا تاراپ ، مەكتەپتىكى تار ئىشتان كىيىپ يۇريدىغان قىزلارنىمۇ ئاھانەتكە قويدى...
ئەتىسى قەدىردان بىلەن ئەنۋەر مەكتەپتە تار ئىشتان كىيىپ يۈردىغان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ، ئۇيغۇرغا خاس كىيىملەرنى كەيگەنلىكىنى كۆرگەن ئەنۋەر بىلەن قەدىردان بىر-بىرىگە مەنىلىك كۈلۈشۈپ قويدى ....
تامام .
(بۇ مېنىڭ مىسرانىمدىكى تۇنجى ئەسىىم بولغاچقا ، بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن . مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ ، تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-4 01:56 PM