مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 5

زىمىستاننى ئىللىتتى 《بىلىپ》 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىلھامى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41713
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5709
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-1-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

          زىمىستاننى ئىللىتتى 《بىلىپ》         
(بىلىپ لىكسىيەسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن)         


قەھرىتاننىڭ سۇغۇقلىرىدا،
نۇرغۇن بۇيۇن قالغان قىسىلىپ.
ساخاۋەتنىڭ ئىللىق مىھرىدىن،
كۈلدى مەسۇم بارغاندا《بىلىپ》.

كىسەل بالا كۆزىگە قاراپ،
كەتكەن قەددى يا دەك ئىگىلىپ،
دادا قەلبى تولدى ئۈمۈدكە،
《مىھىر》لەرنى يىغقاچقا 《بىلىپ》.

ئۇماق كۆزلەر نۇرلاندى يەنە،  
ئوقۇش قۇرال كەلگەندە يىتىپ.
مىللەت ئېڭى كۈچەيدى قايتا،      
ئاڭا خىتاپ قىلغاچقا《بىلىپ》.

يىتىم ئوغۇل-تۇل خۇتۇن كۈلدى،
قازىنىدا شورپا قاينىتىپ.
ئايەم كەلسە ئۆي-ئۆيلەر تامان،
《مىھىر》لەرنى ئاققۇزغاچ《بىلىپ》.
........     ........
بولدى ئەمدى بەك كۆپ سۆزلىمەي،
(قاقشاپ يۈرمەڭ 《رىياكار》بىلىپ).
نىمە قىلسا بىلىپ قىلغاچقا،
زىمىستاننى ئىللىتتى《بىلىپ》.   
(ئۆز قەلىمىم)  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 01:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2253
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7186
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1758 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(قاقشاپ يۈرمەڭ 《رىياكار》بىلىپ).....
مۇشۇ بىر مىسرانى ياقتۇردۇم....

ئېي بۇرادەر ،سەن مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى ئويلىغان بولساڭ ،رەببىم شۇنى ساڭا ھەسسىلەپ بەرسۇن،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ يېقىندىن بېرى ئىش -ئىزلىرى بىلەن خېلى تەسىر پەيدا قىلدى .ھەر نىمە دىگەنلەرمۇ بار،ئەمما مۇشۇنداق مىھىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن سۈيۈنسەك بولىدۇ جۇما،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھىر - مۇھەببەت بىلەن دۇنيا گۈزەلدۇر.ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆنۆگۈن كەش بىر تېما يوللىسام ئىزدېرەكسىز غايىپ بولدى ، بەك كۆڭلۈمگە كەلدى جۇمۇ......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dunya5201314 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 05:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1270
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ قالدىم. تۆۋەندىكى تېمىنى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىكەن دەپ ئىككى قېتىم يوللىسام، ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئەخلەتخانىغا تاشلاندى. قېرىنداشلارنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورايمەن.
------
   ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېغا ئىلتىماس قىلىڭ.

              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزقىرىنداشلار، مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇۋەلى، مەن ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېدا ئېلېكترون ئېنژېنىرلىقىدا ئوقۇيمەن.يىقىندا مەن ئوقۇۋاتقان مەزكۇر مەكتەپ ماگېستېرلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى باشلىغاچقا مەن بۇ ئۇچۇرنى ئىمكان قەدەركۆپرەك قىرىنداشلارغا يەتكۈزۈش نىيىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،يازمىدا بەلكىم ئىملا خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئالدى بىلەن مەكتىپىم توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.

مەكتەپ توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە:
           تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پىيېمونتې رايونىدىكى مەركىزى شەھەر تۇرىنغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋرۇپاسانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەكتەپ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇرۇلۇشقاباشلانغان بولۇپ، 1859-يىلى ئەمىلى ئېنژىنىرلىق مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇمەكتەپنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 都灵理工大学،ئىنگىلىزچە ئىسمى:
          Polytechnic University of Turin . بۇمەكتەپ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرگەن سانائەت مەكتىۋى بولۇپ، بىناكارلىق،ماشىنسازلىق ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە خەلىقئاراغا داڭلىق.تۇرىنداFerrari, FIAT قاتارلىق ماشىنالاھىلەش ۋە ياساش زاۋۇتى بار، ھەم ئامرىكىنىڭ ھەممىباب ماشىنسازلىق شىركىتىنىڭ دىزىل ماتور تەتقىتات مەركىزى بار. شۇنداقلا تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئېنژىنىرلىق ساھەسىدە ئىتالىيەدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى.

ئىنىستىتۇت ۋە فاكۇلتىتلار:
         مەكتەپتەجەمئې 7 ئىنىستىتۇت بار يەنى 2 بىناكارلىق ئىنىستىتۇت، 4 سانائەت ئىنىستىتۇت، 1دوكتۇرلۇق ئىنىستىتۇتى، 18 فاكۇلتىت بار. مەكتەپنىڭ تىخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن بىلەلەيسىز: http://www.baike.com/wiki/%E9%83 ... 5%E5%A4%A7%E5%AD%A6،
مەكتەپنىڭ تور بىتى: http://www.polito.it/index.php?lang=en
تەسىس قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن بىلەلەيسىز:
باكلاۋۇرلۇققائائىت كەسىپلەر: https://didattica.polito.it/pls/ ... nco=T&p_lang=EN
ماگىستېرلىق ئوقۇشقا ئائىت كەسىپلەر:
https://didattica.polito.it/pls/ ... nco=T&p_lang=EN
(ئەسكەرتىش: يۇقىرقى توربەتتە ھەر بىر كەسىپنىڭ قايسى تىلدا ئۆتۈلىدىغانلىقى شۇ كەسىپ نامىنىڭ ئارقىسىدا ئەسكەرتىلگەن.)
  ئەگەر سىز يۇقىرىدا دىيىلگەن مەلۇم كەسىپكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىن شۇ كەسىپتە ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز: https://didattica.polito.it/pls/ ... it_new?p_a_acc=2014
بۇتوربەتنى ئاچقاندىن كىيىن Engineering ياكىArchitecture نىڭ ئاستىدىكى
1st level, 2nd level, Master دىگەنلەرنى باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭدىن ئۆزىڭىز قىزىققان كەسىپلەردە نىمە دەرىسلەرنىڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

ئوقۇش راسخوتى ۋە مۇكاپات پۇلى:
          سىزمەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مەكتەپكەتۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتەلەيسىز. ئادەتتە ئوقۇش راسخوتىنى كىمەيتىشتىن بۇرۇن مەكتەپ 1800 ياۋرۇ ئەتراپىدا تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ،لىكىن ئادەتتە ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتىشكەئىلتىماس قىلىدۇ، ھەم ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇش پۇلى كىمەيتىلىدۇ. ئادەتتە بىزگە نىسبەتەن ئوقۇش پۇلىنى كىمەيىتكەندىن كىيىن مەكتەپكە تۆلەيدىغان بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 365 ياۋرۇ ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى 3000يۈەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق چىقىم ياتاقنىڭ چىقىمى بولۇپ، ئادەتتە ئىيىغا كامىدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىدۇ، يەنى 1 يىللىق ئومۇمى چىقىمنى ھىساپلىساق نورمال ئەھۋالدا 35000 كويدىن 40000 كويغىچە پۇل كىتىدۇ.
         ئەمدى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، ھازىر پېيېمونتې رايونىدىن بىرىلىدىغان EDISUئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، بۇ مۇكاپات پۇلى 3 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياتاق، نەقپۇل ۋە مەكتەپ تاماق باھاسىدا ئىتىبار بىرىش قاتارلىقلار.  ئۇندىن باشقا يەنە ماركوپولو پىلانى(خەنزۇچىسى 马可波罗项目)دەپ دۆلىتىمىزنىڭ چىقارغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مەن ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://international.polito.it/zh/node_1106/node_1170/node_1286
        سىز بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا يەنى EDISU غا مەكتەپكە تولۇق تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلالايسىز، ھەم ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلار ھەر بىر ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ، ھەم ياتاق ۋەمۇكاپات پۇلىنى شۇ رەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ تارقىتىدۇ. ھەم كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئافرىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتقاكۆپرەك ئىرىشىدۇ. شۇڭا بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئىمكان قەدەر تۆۋەن يازغان ياخشى. 2-يىلىدىن باشلاپ، بۇ مۇكاپات پۇلى سىزنىڭ مەكتەپتىكى دەرىسلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىڭىزگە ئاساسەن بىرىلىدۇ. ئەگەر سىز1-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسىڭىز، 2-يىلى مەكتەپ بەلگىلىگەن نەتىجەئۆلچىمىگە يەتسىڭىزلا ئەسلىدىكى مۇكاپاتنى داۋاملىق ئالالايسىز.
        بۇ مۇكاپات پۇلى بىرىدىغان نەق پۇل 3300 ياۋرۇئەتراپىدا بولۇپ، ياتاققا ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار قايتىدىن ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا ئاساسەن رەتكە تىزىلىپ مۇكاپات پۇلى نامزاتىغا تاللىنىدۇ.
        ئادەتتە9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىپ 10-ئاينىڭ بىشىدا ياتاققا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاندىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا نەق پۇلغا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      شۇڭا ھەر ئىھتىمالغا قارشى 4000 ياۋرۇ دىن 5000ياۋرۇغىچە نەق پۇل تەييارلاپ چىققان ياخشى.
       بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئېنجېنىرلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. قىرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مەزكۇرمەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەكتەپنىڭ ئىلتىماس ئاخىرلىشىش چىكى3-ئاينىڭ 20-كۈنى. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش پۈتۈنلەي توردىلا بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش ھەقسىز. ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تور بىتىدە تىزىمغا ئالدۇرىسىز،ئاندىن شۇ توربەت تەلەپ قىلغان ماتېرياللارنى تورغا چىقارسىڭىز بولىدۇ. بۇماتېرياللارنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى مەكتەپكە كەلگەن چاغدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كۆرسىتىسىز.
  مەكتەپكە توردىن ئىلتىماس قىلىش ئادرىسى: http://apply.polito.it/index_en.html
بۇندىن باشقا، مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى توربەتتىن بىلەلەيسىز:
http://page.renren.com/601424309/photo/6484143802#6484143798
ئەگەرئىلتىماس جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ۋە ياكى بىلەلمىگەن تەرەپلەر بولساتۆۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىغا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ:
s184403@studenti.polito.it (ئابدۇۋەلى)
s192058@studenti.polito.it    (ئاتىكەم)
سالاملاربىلەن:
ئابدۇۋەلى.
2014-1-1

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش