مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1109|ئىنكاس: 14

ئادەم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 297
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11164
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 06:00:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(ساتىرا)
قاچان چىقتىڭ تەختىگە بىلمەيدىغان ئادەم بار،
دىدىڭ نامرات بۇ يۇرتقا مەندەك ئۇلۇغ ھاتەم بار،
بىلسەڭ تۆھپە ھەر ئىشتا ئەلدىن كۇچلۇك ھەمدەم بار،
ھوقۇق نەپكە بېقىنماي ياشايدىغان ۋەدەم بار،
سەن كەتسەڭمۇ ئورنۇڭغا ئىشلەيدىغان ئادەم بار.

ئەمەل تۇتقان دەۋرىڭدە پاتمىدىڭ ھىچ تېرەڭگە،
كۆڭۈل بۆلدۈڭ ھەممىدىن خۇلقى مەككار سەتەڭگە،
يېڭىلىق دەپ نام بەردىڭ كونا،ئەبجەق پەدەڭگە،
ئەل ئوخشىتار سېنى نەق ئىچى سېسىق پەتەككە،
سەن كەتسەڭمۇ ئورنۇڭغا ئىشلەيدىغان ئادەم بار.

ئاۋام ئۈچۈن دەپ قويۇپ يانچۇقۇڭنى توملىدۇڭ،
قۇرۇق قەغەز شەرەپكە تۆھپىكارنى گوللىدۇڭ،
تىلى كېكەش،تەخسىكەش خۇمسىلارنى قوللىدۇڭ،
ئۆپكىنى گۆش كۆرسۇتۇپ «چوڭغا» يالغان يوللىدۇڭ،
ئاڭلا كەتسەڭ ئورنۇڭغا سەندىن كاتتا ئادەم بار.


يىغىن ئېچىپ ھارمىدىڭ ،ئادەم تىللاپ تالمىدىڭ،
ھەق ئېيتىلغان پىكىرنى بىرەر قېتىم ئالمىدىڭ،
ماختاپ قويسا تۈلكىدەك ھىجىيىشتىن قالمىدىڭ،
جاپا تارتقان ئاجىزغا پەقەت نەزەر سالمىدىڭ،
خەلقى ئىسىل بۇ يۇرتنى سورايدىغان ئادەم بار.

توخۇ چىللاپ تاڭ ئاتار سەن كەتسەڭمۇ بۇ يەردىن،
تاغ كەينىدە تاغ باردۇر جاھان قالغان ھەر ئەردىن،
يۇرت گۈللىگەن ھالاللاپ ئەللەر تۆككەن قان –تەردىن،
‹‹سۇ كېتىدۇ تاش قېلىپ›› تەمسىل بارغۇ ئەزەلدىن،
ئاغرىنمايمىز كېتىۋەر سەن كەتسەڭمۇ  ئادەم بار.     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 12:03 AM  


ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6725
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7029 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:25:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ سابىق باشلىقىمىزغا نەق چۈشكىدەك شېئىر ئىكەن..مەنىسى چوڭقۇر شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 سالام !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 04:46:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستۈمدىكى قىزچاق ئالغايمۇ نىمە ؟ قاش ئاتسام ئىنكاس قايتۇراي دىمەيتىيا ؟!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 04:53 AM  


جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 04:54:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر گەپ چالا قاپتۇ ............... ياخشى يېزىپسىز .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 781
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 10:21:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 10:58:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز،كەتسىمۇ كەلگىنىنىڭ ئالدىنقىسىدىن  پەرقى يۇق زامان بۇپ كەتتى ھازىر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1520
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 01:26:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohtekin  ئەپەندىنىڭ ساتىراسىدىن يەنە بىرى دۇنياغا كەپتۇ.يوقاپ كەتتىڭىز يېزىپ تۇرۇڭ!!! بۇ ساتىرانىڭ تىلى قانلىق.مەزمۇنى چوڭقۇر،ئۆزگىچە ئىكەن.سىز خېلى بولىدىغان شائىر-جۇمۇ؟!!!!

  ‹‹xohtekin›› نىڭ ساتىرالىرىدىن پارچىگە قاراڭ!!!

جىن مەشرىپى  ـ(ساتىرا)
XOHTEKIN
ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى ئەجەپ ئىسىل ئەنئەنە،
تۇققۇز قىزلار جۆر بولۇپ ياسار قايناپ تەنتەنە،
ئوينار تېتىك بوۋايلار، مومايلارمۇ ھەم يەنە،
شوخ يۈرەككە ئوت ياقار خومار كۆزلۈك مەربىيە،
ئالار ئەدەپ،ئەقىلدىن مەشرەپ ئەھلى تەربىيە.

بولغاچ ئەرلىك پاك غۇرۇر پەرھات،تاھىر،ھاتەمدە،
سۆيگۈ،ۋاپا پارلىغان شىرىن،زوھرە،سەنەمدە،
ئەل ئۇيۇشار توي-مەشرەپ ھېيىت،تەبرىك،ماتەمدە،
توپان بالا ياغسىمۇ تەڭ تارتىشىپ ھەمدەمدە،
پاكىز ئىنساپ-دىيانەت ئۇرغۇپ ھەر بىر ئادەمدە.

ئەركىن ئەۋلاد دەۋرىگە كەلگەندە بۇ شوخ مەشرەپ،
ئەسلى قانۇن،مۇقامدىن ئېشىپ كەتتى بەك سەكرەپ،
تانسا ئوينار خۇتۇنلار يات قۇچاقتا چۆرگىلەپ،
بەرنا قىزلار بوش كەلمەي ئىشرەت سۈرەر ئەركىلەپ،
شۇنداق بەتخۇي قىلىقتىن يۈرەر چوڭلار ئەنسىرەپ.

بەرپا بولۇپ يېڭىدىن مودا ئېشىپ چاي سورۇن،
غىتمەك ئەرلەر، شاش خۇتۇن تۈزدى سىرلىق بىر ئورۇن،
گويا ھۆپۆپ،لالما ئىت دوست بولغاندەك بەك بۇرۇن،
سېسىق گەپتە بەسلىشىپ ئېغىز،قۇلاق،كۆز،بۇرۇن،
بۇزۇق ۋەدە تەكتىگە يۇشۇرۇنغان ئىش يۇچۇن.

مەدداھلارنى تاڭ قويار كەيپى ئايال چاقچاقدا،
ئون بال شامال چىقىرار بەل،ساغرىنى چايقاشدا،
تۆھمەتخورمۇ تەڭ كەلمەس پەس كۆڭۈلنى ئاقلاشدا،
جىن قاچىدۇ سەسكىنىپ قىقاس سېلىپ ۋاقراشدا
مىڭ خىل نەيرەڭ تەيياردۇر ھالال جۇپنى باپلاشدا.

ئېخ،بىچارە مەسۇملار ئاناڭ تۈنلەپ چاي ئوينار،
يالغۇز قالغان غەش ئاتاڭ دەرتنى يۇتۇپ نە ئويلار،
تۈگىمەسكەن قاتار چاي،خەتمە،پەتە،ھەم تويلار،
قاۋاقلاردا ‹‹ئاكا›› بوپ ئالا نىيەت شۇم گۇيلار،
بۇزدى ئەدەپ-ئەركامنى شەيتان سىياق زابۇيلار.

مۇپەتتىش ھەققىدە ساتىرا

ائارىپنى، مةكتةپنى ئةتمةك بولسا چوڭ تةپتىش،
مۇئةللىمگة ھارامدۇر، ھېيىت- بايرام تةنةپىس،
شۇنداق ئېسىل ئوقۇشنى، قىلسا ئوسال پةلپةتىش،
يالغان ساناق جةدۋةلگة كۆنۈپ كةتتۇق بةك رايىش،
ساختىلىقنى ئالداشنى يۈكلةپ كةلگةن مۇپةتتىش.

مةركةز بةرگةن تةتىلنى تارتىۋىلىپ ھةسةتتة ،
چارچاپ تالغان ئةپةندى يةنة جىددى ھةركةتتة ،
قان شورىغان پاشىمۇ ئۇخلار بىر پةس راھةتتة ،
ئىخ ! بىچارة باغۋةنلةر ئادةم ئىدى ئةلۋةتتة ،
قوشتىن ھارسا سۆرةمگة يۆتكةپ سالغان مۇپةتتىش .

ئىلىم-پةننىڭ كانىدۇر مةكتةپ ئةسلى ۋةسلىدىن،
مةرىپةتكة يول ئېلىپ ئاشار ھةركىم دةشتىدىن،
دۆلةت، مىللةت ئىقبالى يۇرار ئىرپان نةسلىدىن،
ئويغاتتىڭمۇ ئةۋلادنى نادانلىقنىڭ قةستىدىن،
سةللىسى چوڭ ئىمان يوق قۇرۇق سۆلةت مۇپةتتىش.

تۈزۈپ چىقساق ئوخشىتىپ بىر سائةتلىك دةرس پىلان،
ساختا ئارخىپ ئىشلةيمىز تاشلاپ قويۇپ شۇ ھامان،
ئىش ئۈستىگة پىش قوشۇپ ئۈستةل بولار زور خامان،
ئايرىماق تةس نة ئوقۇش قايسى قةغةز ۋة سامان،







ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 07:53:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن كەتسەڭمۇ ئورنۇڭغا ئىشلەيدىغان ئادەم بار
                                                   ياخشى يىزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئىلاھىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1520
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 03:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XOHTEKIN  ئەپەندىمنىڭ مۇنۇ شىئېرىنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭلار!!!! مەزمۇن جانلىق،شاش شىئېر-دە!!! ئەرلىك جاسارەتنى ئۇرغۇتىدىغان



يول بەرمىگىن خۇتۇنغا....

XOHTEKIN

جانان ئۈچۈن تەل بولغىن،
جاندىن كېچەر ئەر بولغىن،
ۋاپا جامغا لىق تولغىن،
ھالال ئىشلەپ تەر بولغىن،
يول بەرمىگىن خۇتۇنغا....

يوقنى تېپىپ ئۆينى باق،
سۆز-پىكىردە بولغىن ساق،
ھۆكۈم قىلساڭ توغرىراق،
خۇتۇن دىسە يەنە ياق،
يول بەرمىگىن خۇتۇنغا.....

مەزمۇت ئەركەك تاغ ئۆزۈڭ،
شەربەت تامغان باغ ئۆزۈڭ،
راست يېقىشلىق ياغ سۆزۈڭ،
نۇر شەپقەتلىك باق ئۆزۈڭ،
ئازار بەرمە خۇتۇنغا.......



دۇرۇس قىلىپ نىيەتنى،
ساقلاپ ئەرلىك قىممەتنى،
يېڭىپ جەۋرى قىسمەتنى،
بالاڭ يىسۇن نىمەتنى،
بوي بەرمىگىن خۇتۇنغا.....

پەن-ھۈنەرنى يار تۇتۇپ،
زەپەر قۇچۇپ ھەم ئۇچۇپ،
ئىشتا ئۈنۈم زور ئۇتۇپ،
مەغرۇر ياشاپ چوڭ تۇتۇپ،
يول بەرمىگىن خۇتۇنغا......


- (دىيارى كەلپىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 04:09:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىزقەلىمىڭىز ھارمىغاي.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش