«بۇۋام» نىڭ ھەقىقى نۇسخىسى ئېلان قىلىنماقچى! 2014.1.2
بۇۋامنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىماقچى (دىتال سېغىمى 0.7mb). ھازىرچە (يۇمۇرلار)سەھىپىسىگە ئاساسلىق كۈچەۋاتىمىز ،بىز يېڭىلىغاندا ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى چىقىدۇ ،يېڭىلاشنى باسسىڭىزلا يېڭىلىنىدۇ ،ئەگەر ئالدىن يېڭىلىماقچى بولسىڭىز يانفۇنىڭىزدا
www.buwam.com تورىغا چىقىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ !
بىۋاستە چۈشۈرۈش
1. خەتلىك قىزىقارلىق مەزمۇننى تۈر تاللاپ يوللاش ئىقتىدارى ،ۋە كۆچۈرۈلگەن خەتلىك مەزمۇننىڭ ئاپتۇماتىك چاپلىنىپ يوللاش (دىتالنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئوڭۇشلۇق يوللانمايدۇ ۋە تەستىقلىغۇلى بولمايدۇ .)
2. ئىنكاستا يېزىلغان ئەخلاقسىز ،يۇرىتۋازلىق ،مەدىنىيتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان سۆزلەرنى ئاپتۇماتىك بايقاپ سۈزۈپ ئېلىۋىتىش ئىقتىدارى قېتىلدى .
3. (ئابونىتلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن .)بۇۋام كونۇپكا تاختىسى ۋە يانفۇن كونۇپكا تاختىسىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى .(تەڭشەك) بەلگىسىنى بېسىپ ئۆزگەرتىسىز .
4. ئىنكاس ئىچىگە چىراي ئىپادىسى قېتىپ يوللاش ئىقتىدارى .
5. قىزىقارلىق مەزمۇننىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ باش بەتتە كۆرسۈتۈلىشى ھەل قىلىندى .
6. ئىنكاسنىڭ ئالدىنقى 10نى كۆرسۈتۈپ ،پەسكە ئەكەلسە داۋاملىق كۆرسۈتۈش ئىقتىدارى قوشۇلۇپ مەزمۇننىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تىزلىتىلدى .
7. جۇغلانما نۇمىر ھېساپلاش ئىقتىدارى :(1) يوللىغان مەزمۇنى ئېلان قىلىنسا ،باشقىلار سىز يوللىغان مەزمۇنغا ئىنكاس ياكى باھا يوللىسا (2)سىز باشقىلار يوللىغان مەزمۇنغا ئىنكاس يازسىڭىز ياكى باھا سۆزى يازسىڭىز جۇغلانما نۇمىر قېتىلىپ ماڭىدۇ.دېتالىمىز كىيىنكى نۇسخىسىدا جۇغلانما نۇمىرغا ئاساسەن دەرجە تارقىتىلىنىپ ئالدىنقى 10-40نەپەر ئابونىت تاللىنىپ چىقىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەستىقلاش ئىقتىدارى قېتىلىدۇ .
كىيىنكى نۇسخسىدىن قىسقىچە مەلۇمات : ئابونىتلارغا دەرجە قېتىش ، قىزىقارلىق رەسىم يوللاش ئىقتىدارى قېتىلىدۇ ،دەرجىسى يۇقرى ئابونىتلارغا تەستىقلاش باشقۇرۇش تۈرى قېتىلىدۇ . مەزمۇن ئېچىلىش سۈرئىتى 3ھەسسە تىزلىتىلىپ ئېقىم مىقدارىنى تېخىمۇ ئاز كېتىدىغان قىلىپ ئەلالاشتۇرىلىدۇ .24سائەتلىك مەزمۇن تەستىقلاش تۈزىمى قوللىنىلىپ مەزمۇن يېڭىلىنىشى تېخىمۇ تىزلىشىدۇ. ۋە باشقا پىلانلىنىۋاتقان ئىقتىدارلار داۋاملىق قوشۇلىدۇ .
ئاخىرقى چۈشەنچە :
ئەزەلدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «بۇۋام»دىتالىغا ئوخشاش دىتال يوق بولغاچقا .بۇ نۇسخىسىدىكى ھەر بىر مەسىلىنى ئوڭشاش ۋە يېڭى ئىقتىدار قېتىش بەك تەسكە توختىدى ،بىز يەنىمۇ ئۈزلۈكسىز تېرىشىۋاتىمىز ،ئابونىتلاردىن كۈتىدىغىنىمىز:«بۇۋام»غا بۇرۇن يوللىنىپ بولغان ياكى مەدىنىيىتىمىزگە ،ئەخلاقىمىزغا زىت بولغان ،ئىملادا ئېغىر خاتالىق ئېغىر بولغان قىزىقارلىق مەزمۇن ياكى ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىنى سورايمىز !«بۇۋام» دىتالىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر سالىمىمىزنى يوللايمىز ،رەھمەت سىلەرگە !
«بۇۋام»خىزمەت گورۇپپىسى
2014.1.2