قەھرىتاننىڭ 3-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.50 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1230 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن ئۆسكەندىن كىيىن يەنە ئازراق كەينىگە قايتىپ بازار يېپىلدى .تۈنۆگۈن بولسا 2014-يىلىدىكى تۈنجى سودا كۈنى ،گەرچە بىر قىسم دۆلەتلەر بايراملىق دەم ئېلىش قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن بازار يەنىلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىشقا باشلىدى .
قەھرىتاننىڭ 3-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ياپۇنىيە يەنىلا بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بازار دەم ئالىدۇ .لېكىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە ئامرىكا بايراملىق دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلدى،بازارمۇ بۇرۇنقىدەك تېنىچ ھالەتتە بولماسلىقى مومكىن ،بۈگۈن كەچ ۋە ئەتە ئەتىگەن ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ نەچچە ئەمەلدارى سۆز قىلىدۇ ،نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيقۇدا ياتقان فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتى قايتىدىن بازارنى قالايمىغان قىلىشقا باشلايدۇ .بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن شىۋىتسارىيەنىڭ PMI كۆرسەتكۈچى، ئىسپانىيە ئىشسىزلار سانى ،ئەنگىلىيە ئۆي مۈلۈك باھا كۆرسەتكۈچى ،ئەنگىلىيە قەرز ئىجازەتنامىسى سانلىق كۆرسەتكۈچى ،ئەنگىلىيە قۇرۇلۇش كەسپى PMI قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
تېمىنى كۆرۈپ بۇلۇپ شىرئىلىغا بىر بېلەت تاشلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە . تۈنۆگۈنكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شىرئەلىجاننىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى تېخى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسكەن ،قېرىنداشلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى ! بېلەت تاشلاش ئادىرىسى
http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014
بېلەت تاشلاش ئوسولى رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-115578-1-1.html
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 239 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.89 يۈەن
بىر دوللار 6.0478 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.26159 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6440 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3650 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !