مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3540|ئىنكاس: 98

ئوقۇتقۇچىلار نىمىش قىلىۋاتىدۇ ؟(تىلسىم)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72776
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسكەرتىش : بۇ ماقالىدا ئىيتىلغىنى ئۇيغۇر مائارىپ سىپىمىزدىكى ھەقىقى باغۋەننىڭ ئوبرازىنى ھەرگىز خۇنۇكلەشتۈرۈش ئەمەس ،  ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا چەكسىز بەخىت ، خۇشاللىق تىلەش بىلەن بىرگە بىر قىسىم مەرىپەت گۈلزارىغا يوشۇرۇنغان گۈلزارلىق قۇرۇتلىرىغا ئاتاپ يىزىلدى .

ئوقۇتقۇچىلار نىمىش قىلىۋاتىدۇ ؟
تىلسىم



دانالار ئىيتقانكى:‹‹ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى  مائارىپتا،مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا!››
مەن مەكتەپ نامى بىلەن ئاتالغان جايدا 12 يىل تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ.  ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلۇغ دەپ ھۆرمەتلەيتۇق ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلاردەك ئۇلۇغ كىشىلەردىن بولۇشنى ئۈمۈت قىلىدۇ ، ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ . زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن.
ئەجەبا ، ئوقۇتقۇچۇنىڭ بۇرچى پەقەت بىلىم بېرىشلا بولامدۇ ؟ ئۇزاقتىن بېرى ، ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ تەسىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆز خىزمىتىنىڭ ماھىيىتى ، مەقسىتى ۋە تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى دوگما ھالدا بىلىم بېرىش دەپ چوقۇنۇپ ، تەييار كىتابىي بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى مائارىپنىڭ ھەقىقىتى دەپ تۇنۇپ كەلدى . نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار يۈزەكى بىلىمگە ئىگە بولالىدى ، ئوقۇتقۇچىلار شۇ بۈيۈك ۋەزىپىسىنىلا ئورۇنداپ باشقا نۇرغۇن ئىشلارغا دىققەت قىلمىدى . مەسىلەن ئۆزىنىڭ يۈرۈش - تۇرىشى ، كىيىنىشى ، ھەر تۈرلۈك ھەركەتلىرى...
ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن ئاۋال ئادەم بولۇش زۆرۇر ، مەرىپەت گۈلزارلىقىنى قالقان قىلىۋىلۋاتقان ئىككى يۈز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئاشۇ قالقاننىڭ ئارقا تەرىپىدە نىمىشلارنى قىلىشىۋاتقانلىقى ئۆزىگە ئايان .
ئىچكى گۈزەللىك يەنى قەلىب گۈزەللىگى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن بەك موھىم .ئوقۇتقۇچىلاردا بالىلارنى، مائارىپنى ،مەكتەپنى سۆيىدىغان گۈزەل قەلىپ بولمىسا ئۇنى ئالتۇن كۈمۈشكە ئوراپ قويساڭمۇ ،ئۇنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كەتكەن كىر تېشىغا تېپىپ چىقىپ ،ھامان بىر كۈنى بالىلارنى زەھەرلەيدۇ .ھازىر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار تاشقى گۈزەللىك موھىم دەپ ئاياللار  ئارتىسلاردەك ياسىنىپ سىنىپقا كېرىدىغان ،ئەرلەر تويغا كېرگەندەك ياسىنىپ قېتىۋىلىپ كىلىدىغان ئىش ئېغىرلاپ كەتتى . ئوقۇتقۇچىلىق ئۇ بىر خىل ئەقلىي ئەمگەك ،گەرچە ئۇنىڭ جىسمانى ئەمگەكتەك مەينەتچىلىگى بولمىسىمۇ ،يەنىلا ئۆزىگە چۇشلۇق چاڭ -توزىڭى بار .قولىغا قىزىل سىيا تەگمىگەن ياكى چاپىنىنىڭ پېشى ،يېڭىغا بور يۇقمىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسكە بولغان ئۆزىنى بېغىشلاش پوزىتسىيەسىدە چوقۇم مەسىلە بار .  ئوقۇتقۇچىلار پاكىزە، رەتلىك، ئاددى كېيىنمىسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىنىڭ يېتىلىشىگە موھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ .
مەن ئوقۇغۇچى ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ، قىشلىق تەتىلىمنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەسلىك ، شۇنداقلا تۇرمۇشنى كۆزۈتۈپ بىقىشنى نىيەت قىلىپ ناھىيىمىزنىڭ ئاۋات بىر يىرىدىكى رىستۇراندا بىر ھەپتە ئىشلىدىم ، ئەسلىدە مەن تولۇق بىر ئاي ئىشلەپ ئۆزۈمنى بىر سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم ، لىكىن مىنى نۇرغۇن ئىشلار قىينىۋەتتى ، ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى . شۇڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلەشكە رايىم بارمىدى.
چۈنكى مەن ئىشلىگەن ئاشۇ رىستۇران بىزنىڭ ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىلەن ئاۋات بولۇپ مىنى چارچاتتى .
ئىشقا چۈشكەن تۈنجى كۈنۈم ئاخشىمى ناھىيىمىزنىڭ مەلۇم بىر يىزىسىدىكى بىر مەكتەپتىن بىر توپ ئەر ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ رىستۇراندا سورۇن تەشكىلىدى ، رىستۇرانغا باشقا خىزمەتتىكىلەر ، جەمىيەتتىكىلەر مۇ بولسىمۇ لىكىن مىنىڭ دىققىتىمنى دەل ئوقۇتقۇچىلار تارتىپ تۇراتتى .
رىستۇرانىمىزغا كىرگەندىلا ئۇلارنىڭ سالاھىتىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئاشۇ ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى ئۆزۈم قىلماقچى بولدۇم . چۈنكى ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ نوتىلىرىنى كۆكلىتىۋاتقان ۋە كۆكلەتمكچى بولغان باغۋەنلەر  ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلدىم . ئۇلار تولۇق ئورۇن ئىلىپ بولغاندىن كىيىن رىستۇران تىز سۈرەتتە ئۇلار بۇيرۇتقان قورۇمىلىرىنى تەييار قىلدى . ئەپسۇس ، قورۇمىلار بىلەن بىرگە ئۈستەلگە ھاراقمۇ چىقىپتۇ . ئۇلارنىڭ چاقىرىشى بىلەن نىمە لازىملىقىنى سوراپ قىشىغا باردىم ، ئۇلار ماڭا رۇمكا بۇيرىدى .
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئۆزۈمنى خورلۇقتا قالغاندەكلا ھىس قىلدىم، مەن ئۆزۈم ھۆرمىتىنى قىلغان مىللىتىمىزدە چەكلىنىدىغان ھاراق ئىچمەكچى بولغان مۇئەللىملىرىمىزگە زەھەر ئىچىشكە قاچا تەييارلاپ ئۇلارنىڭ تىنىنى زەئىپلەشتۈرۈشكە قولۇم بارسۇنمۇ ؟
بولىدۇ مۇئەللىم ، مەن ھازىر كەلتۈرەي دىدىميۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ دىگەن رومكىسىنى مەن ئەمەس ، مەندىن بۇرۇنلا مۇشۇ رىستۇراندا ئىشلەيدىغان مەكتەپ قارىسى كۆرۈپ باقمىغان بىر بالىغا بۇيرۇپ قويدۇم . تەگسىز خىيال مىنى ئورىۋالدى .
ئۇلار ئىچىپ قىززىۋالغاندىن كىيىنكى ھالىتىنى تەسۋىرلىگۈممۇ يوق ، چۈنكى قەلىمىمنىڭ رىڭىنى ئىسراپ قىلىپ ئۇلارنىڭ تىتىقسىز دىئالوگلىرىنى بۇ يەردە يىزىپ ئولتۇرغۇم كەلمىدى . شۇنداق قىلىپ يىرىم كىچىدىن ئاشقاندا لەلەڭشىگەن پىتى جەمىيەتتىكى تەربىيە كۆرمىگەن زابويلاردەك سورۇندىن تارقاشتى . شۇ جەرياندا رىستۇراننىڭ باشقا ئۈستەللىرىدە ئولتۇرغانلارنىڭ بەزى گەپ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ، ‹‹ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق سورۇندا ھاراق ئىچىپ ، مازلىشىپ يۈرىدىكەن توۋا ، قاراڭلار ئاۋۇ مۇئەللىمنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئويناۋاتقان دىسكوسىغا ››
مەن نىمە دەي ، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالايمۇ ؟ بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى... بۇلار مەن خىزمىتىنى قىلماقچى بولغان ئۇلۇغلۇرۇم ، بوپتۇلا ، بەرىبىر مەن تونىمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارغۇ بۇ ، مەن ئوقۇغان مەكتەپلەردە بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار يوق ، ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىىسىنى سەھراغا ھەيدىۋەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئۆزەمگە شۇ كۈنى شۇنداق تەسەللى بىرىپ تۇردۇم .
كەچ بولغاندا مەن شۇلارنىڭ ئولتۇرغان ئۈستىلى ئاستىنى تازلىماقچى بولۇپ باردىم  ، ئەمما قاراپ ھەيران قالدىم .
ئاستىنى ھەقىقەتەن مەينەتچىلىكلەر قاپلاپ كىتىپتۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ئىچكەن ھارىقىنىڭ بوتۇلكىسىنى بىر ساناپ باقماقچى بولۇپ سانىغان ئىدىم ،  12 بوتۇلكا ھاراقنى 10 ئادەم ئىچىپ تۈگۈتۈپتۇ . نۇرغۇن تاماكىنىڭ قالدۇقلىرى ئۈستەلنى قاپلاپ كىتىپتۇ ، ئۈستەلدە بەزى قورۇمىلار چوكا تىگىش شەرىپىگە ئىرىشەلمەپتۇ . مەن ئۇلارنىڭ ئىچكەن ھارىقىنىڭ باھاسىنىمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ باققۇم كەلدى . مەندىن بۇرۇن كەلگەن ھىلىقى بالىدىن بىلىشىمچە مۇشۇلار ئىچكەن ھاراقنىڭ رىستۇراندىكى باھاسى 120 يۈئەن ئىكەن .1440 يۈئەن ھاراققا كىتىپتۇ .
مەن بۇ رىستۇرانغا 1000 يۈئەن مائاش بىلەن كىلىشىپ ئىشلەشكە كىرگەن  . ئەجىبا قورۇمىلار ، تاماكىلارنىڭ پۇلى قوشۇلسا مەن ئۇلارنىڭ بىر كۈندىكى ئولتۇرۇشقا خەجلىگەن پۇلىغا ئۈچ ئاي قۇل بولۇپ ئىشلىسەم بولىدىكەن .
مەن ئۆزۈمنى 2. قىتىم يەنە خورلۇقتا قالغاندەك ھىس قىلدىم . چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇشۇم كىرەك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم ھىس قىلغاندەك بولدۇم .
شۇ كۈننىڭ ئەتىسى كەچتە مىنىڭ تولۇقسىزدىكى مۇئەللىملىرىم ئىشىكتىن ئالدى كەينى بولۇپ كىرىپ كەلدى ،
گەرچە ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا دەرىس بەرمىگەن بولسىمۇ مەن تامامەن ھەممىسىنى تونۇيتىم .
كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ يىڭى يىلنى كۈتىۋىلىش پائالىيىتىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈمگە گۈزەل - سەنئەت دەرىسى بەرگەن بىر ئايال ئوقۇتقۇچۇمدىن بىلدىم ، ۋە سىنىپ مۇدىرىمنىمۇ كىلەمدۇ دەپ سورۇدۇم . ئۇ كىلىدىغانلىقىنى ئىيىتتى .
راست دىگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي تولۇقسىزدىكى سىنىپ مۇدىرىممۇ رىستۇرانغا كىرىپ كەلدى ، مەن چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن كۆرۈشتۈم . مەن سىنىپ مۇدىرىمنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلىمەن . قايسى بىر چاغلاردا بىزگە سىنىپتا دىگەن سۆزى ئىسىمدىن كەچتى ‹‹ مەن سىلەرنىڭ ئالدىدا ئوبرازىمنى ساقلاش ئۈچۈن ، كەشلىك بازارغا بىرىپ ، بىر تەخسە لەڭپۇڭنى شالاپلىتىپ ئىچمەيمەن ، چۈنكى ئىغىزىمنىڭ ئەتراپى لازا يۇقى ئولتۇرسام ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بىرەرسى ئۇچراپ قالسا قانداق بولار دەپ ، بەك لەڭپۇڭ ئىچكۈم كىپ كەتسە خالتىغا ئىلىپ ، ئۆيگە ئاپىرىپ ئىچىمەن . يەنە بۇرادەرلىرىم چاقىرغان نۇرغۇن سورۇنلارغا بارمايمەن ، چۈنكى مەن شۇ سورۇندىن لەلەڭشىپ چىقسام ، بىرەر ئوقۇغۇچۇم كۆرۈپ قالسا ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىمغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن . ›› بۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا 4 يىل بۇرۇن تەربىيە قىلىش داۋامىدا ئىيىتقان سۆزۈم بولسىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ .
بۈگۈن بۇ مۇئەللىملەر ھەرقانچە بولسىمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار بار يەردە ھاراق ئىچىۋالماس دەپ ئويلىدۇم ،ئاياللار بىر تەرەپتە ، ئەرلەر بۇلۇڭدىكىرەك بىر ئۈستەلگە ئورۇنلاشتى . ئەپسۇس يەنە خاتالىشىپتىمەن .
ئەر مۇئەللىملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى يەنىلا ھاراقنى ئۈستەلگە تەل قىلدى ، ئۇ ئۈستەلدە مىنىڭمۇ سىنىپ مۇدىرىم بار ئىدى .  بۈگۈن سىنىپ مۇدىرىمنىڭ ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇپ باقماقچى بولدۇم.
رىستۇران خوجايىنى قىرىشقاندەك مىنى ئاشۇ مۇئەللىمىم بار ئۈستەلگە رۇمكا ئاپىرىپ بىرىشكە بۇيرىدى . ئەگەر سىنىپ مۇدىرىم ھاراق ئىچمەكچى بولۇپ قالسا ،مىنى كۆرۈپ خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ  بۇ قىتىممۇ يەنە ھىلىقى بالىغا رۇمكا ئاپىرىپ بىرىشنى ئىيتىپ ئۆزۈم يىراقتىم شۇ ئۈستەلگە قاراپ تۇردۇم .
مەن خۇشالمەن ، چۈنكى مۇئەللىمىم ئۇ يەردىن تۇرۇپ كەتتى ، بىر نىمىلەرنى دىگەنچە چىقىپ كەتتى .شۇ چىقىپ كەتكەنچە قايتىپمۇ كەلمىدى. ماڭا بەرگەن بىلىمىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدى . ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ھەقىقەتەن مىنىڭ ئالدىمدا ساقلاپ قالدى .
بۇ سورۇنمۇ شۇنداق قىلىپ ئاخىرلاشتى ، مەس بولغانلار مەس پىتى ، ساقلىرى ساق پىتى كىتىپ قىلىشتى .
كىيىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ھاراق ئىچىشكە كەلدى ، نۇرغۇن بوتۇلكىلار قۇرۇقدالدى ، يىنىپ چىقماقچى بولغان كۈنۈم دەسلىپىدىكى يىزىدىن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ يەنە بۇرۇنقىدەك نەچچە بوتۇلكا ھاراقنى قۇرۇقداپ ئاغزىدا شەھەر ئالغىنىچە قايتىپ كەتتى . ب جەرياننى يەنىمۇ تەپسىلى سۆزلەپ ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويغۇم يوق .  ئەگەر مۇشۇ رىستۇرانغا خەجلەنگەن پۇللار بىزنىڭ تۇرمىشىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ياردەمگە خىراجەت قىلىنسا دۇنيا نە قەدەر گۈزەل بولاتتى . ئوقۇتقۇچىلار پۇلغا باي بوپتۇ ، ئەمما ئادىمىيلىككە ، ئالىجاناپلىققا نامراتلىشىپتۇ .
بىز داۋاملىق ئويلىنىپ باقايلى ، يالقۇن روزىنىڭ ‹‹ بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچىلار كىرەك ؟ ›› ناملىق لىكسىيەدە : ‹‹  ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ،ھەقىقىي ئەۋلادلارغا كۆيىنىدىغانلىرى _ 10% گىمۇ يەتمەيدۇ ...›› دەيدۇ .
جىق ئىشلارغا باش قاتۇرغۇممۇ يوق ، مەن ئون مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بىر پەرزەنتى. بۇ خەلقنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش، ئازاپلىرىنى يىنىكلىتىش، ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئازادىلىك بىلەن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىش ۋە  ئۇنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن جىلغىدىكى بىر تال يىگانە چاتقال كەبى بولسىمۇ ياشاش- مىنىڭ ئىستىگىمدۇر.
كىلىۋىلىۋاتقان ئۇيقۇ دۇشمەنلىرىنى چىدام قامچىلىرىم قامچىلىماقتا. ھارغىنلىق ھىسلىرىمنى  سۆيگۇ پەرىشتىلىرى ئۆزىگە رام قىلماقتا. مەن ئۇخلاشقا تىگىشلىك ۋاقىتتا ئۇخلىمايۋاتىمەن،ئۇخلىيالماۋاتىمەن، ئىيتىڭلارچۇ نىمە ئۇ مىنى ئۇخلاتمايۋاتقان؟!


ئويغىنىپ كەتتى جاھان ، مەغرىپى مەشرىق تامان ،
مەن تىخى سۈت ئۇيقىدا ، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36417
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7186 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسلارغا نەزەر سالاي...

تىللىۋېلىڭلار، بالىلار....سىلەرگە ھىچ بولمىسا مۇشۇ مۇنبەرگە خەت يازغۇدەك قىلىپ قويغان مۇئەللىمىڭلارنى.
ئەلۋەتتە تىللىماسلىقڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق چەكلىگۈدەك مادارىم يوق، ئۇ ئىللەتلەر بىزدە يوق دىيەلمەيمەن. بىراق ئۈمىتىۋارمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sazguri + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 789
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ تىللىرى قىسىقلىق ،پۇتلىرى كىشەنلىك ھەتتا تەپەككۈرىمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95484
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقىقەتەن بەك ھۆرمىتىم بار ، لېكىن تېما ئىگىسى دەپ ئۆتكەندەك ئىللەتلەرمۇ مەۋجۇت ،لېكىن مېنى ئوقۇتقان ئۇستازلىرىم ئىچىدە بەك ئاز ساننى ئىگەللەيدۇ .ئەينى يىللىرى بىزنى تەكرار كىرىپ ئوقۇغانلار دەپ كەمسىتىش مۇئامىلىسىدە بولغان بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ ، بىز تۈرمىگە قايتا كىرمىدۇق ،بەلكى مەكتەپكە كىردۇق ،قايتا ئوقۇپ ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىش ئۈچۈن كىردۇق . تېمىنى كۆرۈپلا شۇ ئىشلار ئېسىمگە كىلىپ قالدى .مېنىڭ نەزىرىمدە كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ياخشى ،ئۇستازلارغا يەنىلا ھۆرمىتىم چوڭقۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيىپلەيلى قېرىنداشلار،تازا ئەيىپلەيلى! ھازىر ئۇلارنى ئەيىپلىمىگەن بىزلا قالدۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىي مائارىپنىڭ تەرەقىياتى توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئەمەلدارلار كۆپلەپ چىقسا ،ئاندىن ھەققىي ئوت يۈرەك مائارىپچىلار چىقسا ئوڭشىلىدىغان ئىشلار بۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناچار بولمايدۇ.شۇڭا بىرتەرەپلىمىلىك ئارلاشقان كۆزقاراشلاردىن خالىي بولمىساق بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇ ئوقۇتقۇچىلارنى بىرەرسى ئۇنداق مۇنداق دەپ ئەيىپلىسە بەكلا ئاچچىقىم كىلىدۇ مىنىڭ. خۇددى ئۇنداق ئىللەتلەر باشقىلاردا يوقتەك. بىر نەرسە يازغۇچىلارمۇ موشۇنداقلا نەرسىگە بەكلا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئەجىبا يازاي دىسە ئەتراپىمىزدا تەشۋىق قىلغۇدەك ياخشى ئىشلار، ياخشى ئىنسانلارمۇ نۇرغۇنغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بىر–بىرىمىزنى ئەيىپلەيدىغان،تىللايدىغان چاغ ئەمەس قىرىنداشلار! بىر–بىرىمىزگە مەدەت بىرىدىغان، يار–يۆلەكتە بولىدىغان ، ئىلھام بىرىداىغان. ۋاقىتتۇر. چۈنكى قىيداش، ئەيىپلەش بىلەن ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ.

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14631
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5504 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 10 يىل جەرياندا شۇنداق ئىچەرمەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇرەسسەسىز خاسلىقىم بىلەن ئۈتۈپتىمەن ، ئاخىرقى ئىككى يىل جەريانىدا (تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدا ) مۇشۇ كەيىپنى قىلمىغانلىقىم ، بۇ كەيىپنى قىلغانلارنى ، ئادەمدەك ياشىمىغانلارنى نەزىرىمگە ئىلمىغانلىقتىن يەكلەندىم ، ئۇلارنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىتسىزلەندىم ...................
  ھازىر ئۈمىدۋارمەن ، چۈنكى ئۇيغۇرىمدا ئويغىنىش چوڭ ، ئېتىقاددا كۈچلىنىش ، ئاڭدا ئۆرلەش ، ساپادا يۇقۇرىلاش تىز ، شۇڭا بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىغۇم كىلىدۇ : ئالغا ئۇيغۇرۇم ، ھۇررا ئۇيغۇرۇم ................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100350
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى ھەر قايسى جەھەتلاردە ئىسلاھ قىلمىسا چاتاق،ھازىر كۆپ قىسىم  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى بىلىم سەۋيەسى بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلاردىن  جىىق يۇقىرىكەن.

اللە دىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن!اللە دىن قورققانلارنى ھۆرمەت قىلمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش