مەن پەقەت سېنىڭلا سارىڭىڭ
ئاخسا شۇم
ھېكايە
توغرا ، ئۇنىڭ تۇغلىشىدىنلا نېرۋىسى سەل ئاجىز ئىدى ، ئاچچىقى كەلسە بىراقلا كېسىلى قوزغۇلۇپ ، كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى . ئالدىغا ئۇچۇرغاننى ئۇراتتى ، چاقاتتى ، بۇزاتتى . شۇڭا كىچىكىدىن ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر دوستى بولمىغان ئىدى . ئۇنىڭمۇ باشقىلار بىلەن ئوينىغۇسى ، كۈلگۈسى ، خۇشاللىققا جۆر بولغىسى بار ئىدى .
ئۇمۇ باشقا بالىلاردەك مەكتەپكە كىردى ، باشقا بالىلاردەك دەرىسكە قاتناشتى ، بىراق ئۇ ئەقىلىق ئىدى ، ئوقۇتقۇچىللىرى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى ، باشقا بالىلار ئۇنى كەمسىتىپ ‹‹ ساراڭ ›› دىگەندە ئۇ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپمۇ قالاتتى . بىراق ئۇ ئانىسىنىڭ دىگىنى بويۇنچە ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى ئۈگەنگەن ، ئالدىراپ باشقا بالىلار قارىشلاشمايتتى ، باشقا بالىلار ئۇنى ‹‹ ساراڭ ›› دىگنىدىمۇ ئۇ تىلىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۋالاتتى .
ئۇ باشلانغۇچنىڭ ئالتىنجى يىللىقىغا چىققاندا شەھەردىن بىر قىز بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇدى ، ئۇ قىز باشقا بالىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى . يەنە كېلىپ ئۇ قىزنىڭ باينىڭ بالىسى بولىشىغا قارىماي ھالى چوڭ ئەمەس ئىدى ، ھەممىنى ئوخشاش كۆرەتتى . شۇ قاتاردا بايقى ‹‹ ساراڭ ›› بالىنىمۇ ساق ئادەملەردەك ئوخشاش كۆرەتتى ، پۈتۈن سىنىپتا پەقەت شۇنىڭ يېنىدىلا بوش ئورۇن بار ئىدى .
- ئەقىدە ، مەن بالىلارنى بۇيرۇي سىزگە يېڭى پارتا ، ئۈستەل ئەكىرىپ بەرسۇن ! – ئوقۇتقۇچى شۇنداق دەپ بۇيرىشىغا قىز سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە ‹‹ ساراڭ ›› بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
- مۇشۇ يەردە ئورۇن باركەنغۇ ! بولدى مۇئەللىم .
ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇنداق دىيشىدە بۇ باينىڭ قىزىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ، دادىسىدىن پايدىلىنىش ئىدى ، شۇنداق بولغاندا بۇ باي بۇ مەكتەپكە غەمخورلۇق قىلىپ كۆمۈر ، قىشلىق كىيىم كېچەك بېرىشى مۇمكىن ئىدى . دۆلەت قارمىقىدىكى بۇ مەكتەپكە چۈشكەن مەبلەغلەرنىڭ قايسى كادىرنىڭ قولىدا سورۇلۇپ تۈگەيدىغىنى ئېنىق بولسىمۇ ، بېرەرسى سىرىتقا چىقىرالمايتتى .
- ئىسمىڭىز نىمە ؟
ئەقىدە يېنىدا ئولتۇرغان ، قوللىرىنى غەلتە قىلىۋېلىپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ، كۆزلىرىدە بىر خىل ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇرغان ساۋاقدىشىدىن سوردى .
- ئۇ دىگەن ساراڭ .
ئالدى پارتىدىكى بالا شۇنداق دىيشىگە سىنىپتىكى بالىلار كۈلۈشۈپ كەتتى ، ‹‹ ساراڭ ›› بولسا قولىنى غەلتە قىلىپ ئورۇندۇق ئاستىغا قاراپ ساناشقا باشلىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى باسماقتا ئىدى .
ئەقىدە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن بۇ بالىغا قاراپ قويدى . ھېسداشلىق قىلىش بۇ باينىڭ قىزىغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ خىسلەت بولسا كېرەك . ئۇ يېنىدىكى ساراڭ بالىنىڭ ساناقنى ساناپ بولۇپ بېشىنى كۆتۈرۈشىنى كۈتتى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈشىگە ئەقىدە يەنە سورىدى .
- ئىسمىڭىز نىمۇ ؟
- دېدىمغۇ ساراڭ .
ئالدى پارتىدىكى بالا شۇنداق دىيشىگە ئەقىدە جوزىنى قاتتىق مۇشلىدى . ئۇ قاپىقىنى تۈرۈپ ئالدىدىكى ئوغۇلغا شۇنداق قارىدىكى ئالدىدىكى ئوغۇل بالا نىمە قىلىشىنى بىلمەي ، ئالىمان-تالىمان ئالدىغا قارىۋالدى .
- سېنىڭدىن سورىدىمما ؟ - ئەقىدە ئاچچىقىدا ئۇنى سەنلىمەكتە ئىدى – سورىمىغان سۇئالغا جاۋاپ بەرگەن ئادەمنى ساراڭ دەيمىز ، شۇنى بىلىۋال .
ئۇ گەپلىرىنى دەپ بولۇپ ئورنىدا شارتتىدە ئولتۇردى ، ئۇنىڭ ئاچچىقى تېخى بېسىلمىغاندەك ئىدى . قولىغا قەلەمنى ئېلىپ بارماقلىرى ئارسىدا ئوينۇتۇشقا باشلىدى . قاپاقلىرى چىڭ تۈرۈلگەنلىكتىن بولسا كېرەك ، پېشانىسدە مۇنجاق – مۇنجاق تەرلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى . ئۇ ئاچچىقىنى سەل بېسىۋالغاندىن كىيىن ، يېنىغا قارىدى .
- ئۇ ساراڭ ئەمەس – يېنىدىكى ساۋاقدىشنىڭ ئاۋازى شۇنچە يېققىملىق ئىدى ، گەرچە ئازراق دۇدۇقلىغاندەك تۇيۇلسىمۇ ، ئەقىدەگە شۇنچە يېققىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى . بىراق ئۇ ئازراق ھەيران بولدى .
- ئىسمىڭىز نىمۇ ؟ - ئەقىدە يەنىلا ئوخشاش بىر سۇئالنى تەكرارلىدى .
- دىلشات – ئۇ قوللىرىنى يەنىلا غەلتە گىرەلەشتۈردى . ۋە ئەقىدەگە قاراپ – سىز مەندىن قورقمامسىز ؟
- نىمىشقا سىزدىن قورقىمەن ؟ سىز يا ئادەم يىمىسىڭىز – ئەقىدەنىڭ ھەيرانلىقى يەنىلا بېسىلمىغان ئىدى .
- سىنىپتىكى ھەممىسى مېنىڭدىن قورقىدۇ . ئۇلار ‹‹ ساراڭ ›› دەپ مەن بىلەن بىرگە ئوينىمايدۇ ، بىرگە ئۈگىنىش قىلمايدۇ . سىز راستلا مەندىن قورقمامسىز ؟
- سىز راست ساراڭ بولمىسىڭىزلا سىزدىن قورقمايمەن ، ساراڭلىق قىلماڭ ھە !
ئەقىدە شۇنداق دىگىنىچە قولىغا كىتابىنى ئېلىپ كىتاپ كۆرۈشكە باشلىدى . شۇ ۋاقىتتا دىلشاتنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى تۇنجى پارتىدىشى ، تۇنجى دوستى ، ئۆزىگە تۇنجى مۇئامىلىنى ياخشى قىلغان ئەقىدە ئىدى . دىلشات شۇ كۈنى بىر كۈن كۈلۈپ چىقتى ، ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ‹‹مېنىڭمۇ پارتىدىشىم بار بولدى ›› دەپ ۋارقىرىغۇسى كېلىۋاتاتتى .
ئەقىدەمۇ دىلشاتقا ھەيران قېلىۋاتقان ئىدى ، دىلشاتنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئاجىز بولىشىغا قارىماي دەرسىلەرگە شۇنداق ئۇستىلىقىدىن ، ئىنكاسىنىڭ تىز ، كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ھەيران ئىدى . بولۇپمۇ دىلشات ماتىماتكىغا ئۇستا ئىدى ، مىسالنى بىر تەرەپتىن يېزىپ بولغىچە يەنە بىر تەرەپتىن جاۋابىنى يېشىپ بولاتتى . ئەقىدە ماتىماتكىغا ئانچە ئۇستا ئەمەس ئىدى .
- دىلشات ، ماڭا ماتماتكا ئۈگىتىپ قويامسەن ؟
ئەقىدە يېزا مەكتىپىگە كېلىپ بىر نەچچە ھەپتىدىلا دىلشات بىلەن سەنلەشتى ، ئۇلار بىر مەھەللىدىن ئىدى ، ئۆيلىرىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى ، دىلشاتمۇ ئۇنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتى ، ئەقىدە كەلسە ئاندىن بىرگە ماڭاتتى . ئاخشىمى مەكتەپتىن يانغاندا ئەقىدەنى ئۆينىڭ ئالدىغا ئاپرىپ قويۇپ يېنىپ كېلەتتى .
- مەن ئۈگتەلمەسمەنمىكىن ، ئۆزۈم چۈشەنگەن يول بويۇنچە ساڭا چۈشەندۈرسەم بولماس ، مېنىڭ چۈشەنگىنىم مۇئەللىمنىڭ ئۆتكىنى بىلەن ئوخشىمايدۇ .
- ئەمسە بىللە ئۈگىنەيلى ، سەن مۇئەللىمنىڭ ئۆتكىنى بويۇنچە يېشىشنى ئۈگەن ، ئۈگىنىپ بوپ ئاندىن ماڭا ئۈگەت .
دىلشات شۇ كۈندىن باشلاپ ماتماتكا دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ، چۈشەنمىگەنلىرىنى ئوقۇتقۇچىدىن دادىل سورىدى . ئۆزى چۈشەنگەن بويۇنچە يېشىش ئۇسۇلۇنى سۆزلىگەندە ئوقۇتقۇچى بەزىدە تۇرۇپمۇ قالاتتى . بۇ بالىنىڭ يېىشىش ئۇسۇلىنى خاتا دىيشىكىمۇ بولمايتتى ، ئەمما كىتاپتا سۆزلەنگىنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس ئىدى . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭ سورغان سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇردىغان ، ھەتتا بەزىدە ئاچچىقلاپ ۋارقىرايدىغانمۇ بولىۋالدى .
باشلانغۇچنى تۈگۈتۈپ تولۇقسىزغا چىقتى ، دىلشات خۇددى بىر نىمىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى ، ئەقىدە باشلانغۇچنى تۈگۈتۈپ تولۇقسىزنى ناھىيدە ئوقۇماقچى ئىدى . ئۇ بۇ ئىشنى دىلشاتقا دىگەندە دىلشات پەقەت قوللىرىنى غەلتە كىرىشتۈرۈپ بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ نارازلىقىنى ئىپادىلىدى . ۋە ئەقىدەگە قاراپ
- سەنمۇ كەتسەڭ مېنىڭ يەنە دوستۇم قالمىغۇدەكتە ؟ - دىگىنىچە كېتىپ قالدى .
راست ، ئۇ پارتىدىشىسىز ، دوستسىز ھالدا سېىنىپتىكى يەككە بەگلىك بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ يېنىدا باشلانغۇچتىكىدەكلا بوش ئورۇن ھەمراھ بولۇپ قالغان ئىدى .
ئۇ بىر نەچچە قېتىم يېنىدا ئەقىدە باردەكلا سۆزلەپ كەتتى . تېخى بەزى مىساللارنى ئۆزىچە چۈشەندۈرۈپمۇ كېتەتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغىننى ھېس قىلماقتا ئىدى . بەزىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيالمۇ سۈرەتتى ، كىچىكىنە قەلبىدە زادى قانداق سېزىمنىڭ بولىۋاتقىننى بۇ ‹‹ ساراڭ ›› بالا ھېس قىلالمايتتى ئەمەس ، بەلكى تەن ئالغۇسى كەلمەيتتى .
تولۇقسىزنى ئىككى ئاي شۇنداق يالغۇزلۇقتا ئوقۇدى ، بىر نەچچە قېتىم ناھىيگە بارغان بولسىمۇ ئەقىدەنى يىراقتىن كۆرۈش بىلەن چەكلىنىپلا قايتىپ چىققان ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسە ئەقىدەنىڭ يۈزىگە سەت بولدىغىننى بىلەتتى ، چۈنكى ئۆزىنىڭ قايسى ھالدىلىكى بۇ ساراڭ بالىغا ئېنىق ئىدى ، بىرسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويمىسا ، ياكى ئاچچىقلانغان ھالىتىنى كۆرمىسە ، قوللىرىنى غەلتە كىرىشتۈرۋالمىسا ساراڭلىقىنى بايقىيالمايتتى .
تولۇقسىز بىرىنجى يىللىقنى تۈگۈتۈپ ئىككىنجى يىللىقىغا چىققاندا ، ئەقىدە يەنە قايتىپ كەلدى ، بۇ ئارلىقتا دىلشاتنىڭ ناھىيەگە كىرىپ ئەقىدەنى قانچە قېتىم كۆرگىنى دىلشاتنىڭ ئۆزىگىمۇ نامەلۇم ئىدى . ئەقىدە ئوقۇتقۇچىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ دىلشات بار سىنىپقا ئالماشتى ۋە دىلشاتنىڭ يېنىدىكى بوش پارتىدا ئولتۇردى . دىلشات ئەنە شۇ كۈنمۇ پۈتۈن بىر كۈن كۈلۈپ چىققان ئىدى ، چۈنكى ئۇ پارتىدىشغا ، دوستىغا يەنە بىر قېتىم ئېرىشكەن ئىدى .
ئەقىدەنىڭ كىرىپلا بىر ساراڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىغا سىنىپتىكى بەزى ئوغۇللار ئاچچىقلا قالغان ئىدى ، ھەتتا تېخى ئەقىدەگە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرماسلىقىنى ئۇنىڭ ساراڭلىقىنى ئېيتىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى ، دىلشات بار يەردە بۇنداق دىيەلمەيتتى ، چۈنكى دىلشات تولۇقسىزغا چىققاندىن كىيىن ياماننى بوزەك قىلمايدىغان ياماندىن قورقمايدىغان ھەققىي ئەركەك ئىكەنلىكىنى بىر نەچچە قېتىم ئىسپاتلىغان ئىدى .
ئەقىدەگە بېرەرسى يامان گەپ قىلسا ياكى ئاچچىقلىسا ۋە ياكى چىشىغا تەگسە ، خاپا قىلسا بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن شۇنداقلارنىڭ بېرەر يېرى ئىششىپ ياكى كۆكۈرۈپ قالاتتى دە ئەقىدەدىن ئەپۇ سورغىلى كېلەتتى . ئەقىدە بۇنى دىلشاتنىڭ قىلغىننى بىلەتتى ، بىر نەچچە قېتىم بۇنداق قىلماسلىقنى دىگەندە دىلشات كۈلۈپلا قويۇپ يەنە داۋاملاشتۇراتتى .
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇقتا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھانى ئېلىندى ، ئەقىدە ئۆزىدىن ئەنسىرىمەيتتى ، چۈنكى ئۆتەلمىسىمۇ ناھىيىدىكى شۇ تولۇقتا ئوقۇيدىغىنى ئېنىق ئىدى ، قالغان بالىلار ئۆتەلمىسە مۇشۇنداقلا ‹‹ كەتمەن داشۆ›› گە چىقاتتى . چۈنكى ناھيىدىكى تولۇققا يېزىدىكى ھەممە بالىنى ئەۋەتسە مەكتەپكە بالىلارنىڭ پاتماسلىقى ئېنىق ئىدى . شۇڭلاشقا ھەر قايسى يېزا مەكتەپلىرىگە ئەللىكتىنلا سان بار ئىدى .
نەتىجە ئېلان قىلىنغان كۈنى ئەقىدە ھەممىدىن بۇرۇپ چوڭ داسكا ئالدىغا بېرىپ نەتىجە كۆرۈشكە باشلىدى . قىستا – قىستاڭدا ئۇ مىڭ بىر جاپادا ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى .
- نىمە قىستايدۇ ما مىكىجىن – يېنىدىنلا چىققان ئاۋازدىن ئەقىدە ئۆزىگە قارتىپ دەۋاتقىننى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ يەنە قىستالدى . چۈنكى ئۇنىڭ نەتىجىلەر ئىچىدە دىلشاتنىڭمۇ ئىسمى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلاتتى .
ئۇ نەتىجىنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى . ئۇنىڭدا دىلشاتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى . ئۇ ئىشنەتتى دىلشاتنىڭ ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشنەتتى . بىراق يەنىلا نەتىجىنى كۆرگىسى كېلەتتى .
- سېنىڭ ئىسمىڭ يوققۇ ؟ - يېنىدىنلا چىققان تونۇش ئاۋازدىن ئەقىدە چۈچۈدى ، چۈنكى يېنىدىلا دىلشات تۇراتتى .
- ھە ، شۇ . مەن قانداقمۇ ئەللىكنىڭ ئىچىگە كىرەلەي ؟
دىلشات يەنىلا بۇرۇنقىدەك قولىنى كىرىشتۈرۈپ ئېگىز كۆتۈردى ۋە بالىلار ئارسىدىن قىستالغىنىچە چىقىپ كەتتى . ئەقىدە بولسا دىلشاتنىڭ بۇ ھەركىتىدىن ھاياجانلاندىمۇ ياكى تەسىرلەندىمۇ بىلمەيتتى . ئۇ ئورنىدا بىر نەچچە سىكىنۇت تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن دىلشاتنىڭ ئارقىسىدىنلا توپنى يېرىپ چىقتى .
- كىم مىكىجىن ؟ ئېيتە ھاراملىق !
توپ ئىچىنى يېرىپ چىققان ئەقىدە تۇرغان جايىدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالدى ، دىلشات بىر بالىنىڭ چېچىدىن قاماللاپ تۇتۇۋالغىنىچە ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۋاتاتتى . ھېلقى بالا بولسا ئەتراپىغا بىچارىلەرچە قاراپ ، باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتاتتى . بىراق باشقىلار يېققىن بېرىشقا پېتىنالمايتتى ، چۈنكى دىلشاتنىڭ جۇغى بەكلا چوڭ ھەم تەلۋە ئىدى .
ئەقىدە نىمە قىلىشىنى بىلەلمىدى ، بارغان تەقدىرىدە دىلشاتنىڭ ئۇنى قويۋېتىشىگە كۆزى يەتمەيتتى ، بىراق سىنىمايمۇ بولمايتتى .
- بولدى دىلشات ، ئۇنى قويۋەتكىن – ئەقىدە بېرىپ دىلشاتنىڭ قوللىرىدىن چىڭ تۇتۇۋالدى . دىلشات ئەقىدەنىڭ قوللىرىنى سىلكىۋەتتى ، ۋە بارماقىلىرىنى ھېلقى بالىنىڭ چېچىدىن ئاجراتقىنىچە يۈگۈرۈپ مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كەتتى . ئەقىدە يەنە بىر قېتىم ھەيرانلىق ، گاڭگىراش ئىچىدە تۇرغان جايىدا تۇرۇپ قالدى . ئۇ ئېسىنى تاپقاندا ئەتراپىدا ھېچكىم قالمىغان ئىدى .
تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمۇ باشلاندى ، ئەقىدە ئويلۇغىنىدەك تولۇققا كىردى ، بۇ قېتىم ئەقىدە ئوقۇتقۇچىللىرىنى ئىزدەپ ئارتۇقچە ئاۋارىمۇ بولمىدى ، چۈنكى ئەقىدەنى دىلشات بار سىنىپقا بۆلگەن ئىدى . بىراق دىلشات دەملىش بولغاچقىمىكىن سىنىپتا يوق ئىدى . پۈتۈن بىر ئورۇندۇقنىڭ بىكارلىقىنى كۆرگەن ئەقىدە ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ئاساسەن شۇ يەرلىكىنى جەزىم قىلىپ ئولتۇردى . چۈنكى سىنىپتا بۇنىڭدىن باشقا بوش ئورۇنمۇ يوق ئىدى .
- ھەي بۇ يەردە بىر ساراڭ بالا ئولتۇرىدۇ . سىز ياخشىسى ئوقۇتقۇچىغا ئېيتىپ باشقا ئورۇندا ئولتۇرۇڭ .
كەينىدىنلا چىققان ئاۋازدىن ئەقىدە قاپاقلىرىنى چىڭ تۈرگىنىچە ئارقىغا قارىدى . بىراق ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، چۈنكى بۇ ‹‹مىكجىن›› ۋەقەسىنىڭ باش قەھرىمانى ئىدى . بايقى گەپنى دىگەن بالىمۇ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتمىدى ، ئەمما ئۇنىڭ بېرىسى بولغان ئىدى .
دەرىس باشلىنىپمۇ دىلشات سىنىپقا كىرمىدى ، ئەقىدەنىڭ كۆزى سىنىپ ئىشكىدە ئىدى ، ئەقىدە تۇيۇقسىز قارا دىگەندەكلا سىنىپ دېرىزىسىگە قارىدى ، دىلشات بېشىنى سىنىپ دېرىزىسىغا چىڭ تاقىغىنىچە سىنىپ ئىچىگە يەنى ئەقىدەگە قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى . ئەقىدەمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئۇنى كىرىشكە شەرەتلىدى .
ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى ، دىلشاتنىڭ قىزىقارلىق قىلىقلىرى ، خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ چۈرۈك ، ئوچۇق گەپلىرى ، قوپال چاخچاقلىرى ئەقىدەنى كۈلدۈرۈپ ، خاپا قىلىپ دىگەندەك ئىدى . بىراق ئەقىدەنى خاپا قىلغان مىنۇتتا يەنە ئۇنى كۈلدۈرەتتى ، ئەقىدەنىڭ كۆڭلىگە قىلچە ئازار بېرىشنى ئويلىمايتتى . بېرەرسىنىڭ ئەقىدەگە يامان نەزەردە قارغىننى كۆرسىلا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئەسەببىيلىشەتتى .
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېققىنلاشقانسىرى دىلشات ئەقىدەنىڭ ئۈگىنىشىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىۋالدى ، ئەقىدەنىڭ باشقا دەرىستىن سىرىتقى كىتاپلارنى ئوقۇشىنى توستى . راستىنى ئېيتقاندا ئەقىدەمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىدىن خاتىرجەم ئىدى ، چۈنكى شۇ بولغاچقىلا ئۇ خاتىرجەم ئۈگىنىش قىلالايتتى .
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھاننى بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ئارزۇنى يەنىلا ئوخشاش تولدۇردى .
تەقدىر دەپ زارلانسىمۇ ، قاخشىسىمۇ ، تىللىسىمۇ ئوخشاشلا ئۆزگىرىپ قالمايدىغان تەقدىر بۇلارغا ئىككىلا كۆزىدە قارىغان ئىدى ، ئۇلار بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى .
ئالىي مەكتەپ ئاجايىپ دە ، ئۇ بەزىلەرگە شۇنچە ئۇزۇن بەزىلەرگە شۇنچە قىسقا ، بەزىلەرگە شۇنچە بەخىتلىك ، بەزىلەرگە قارا ئازاپ ، بەزىلەرگە مېھىرلىك ، بەزىلەرگە بولسا رەھىمسىز ........ ئىشنى قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھەر بىر كۆڭۈلدە ھەر خىل ئىدى . راستىنى ئېيتقاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتى مەيلى نىمىلا بولسۇن ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلۈگە بىر تامغا باسىدىغان ھايات ئىدى .
ئەقىدە ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىنىپىدىكى بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالدى . دىلشات بۇنى سېزىپ تۇراتتى ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىگەن ‹‹ ساراڭ ›› ئەلۋەتتە بۇنىچىلىك ھېسياتنى چۈشىنىدۇ دە . بىراق ئۇ ئەقىدەنى ياخشى كۆردىغىننى ھازىرغىچە ئاشكارلىمىدى ، ئاشكارلىمىدىلا ئەمەس ، ئاشكارلاشنى خالىمايتتى . چۈنكى ئۇنىڭ يۈرگىدە ئۆزىنى ئەقىدەگە ماس كەلمەيدىغاندەكلا سېزەتتى .
ئەقىدە بارا-بارا دىلشاتتىن يىراقلاشتى ، دىلشاتقا بۇ ئازاپ كەلسىمۇ بىراق سىرتىغا چىقارمايتتى ، سىنىپتا ئەقىدە بىلەن يەنە بىر يىگىتنىڭ بىر قاتاردا ياكى ئارقىمۇ – ئارقا ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش قىلۋاتقىننى كۆرسە ئۇ ئۈن تىنسىز قاراپ تۇراتتى . ئۇ يەنە نىمە قىلالايتى ، نىمىمۇ قىلالىسۇن ، بىر چەتتە تۇرۇپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن يەنە بىر يىگىتنىڭ بىرگە يۈرشىنى تاماششا قىلىشقا ھەر قانداق بىر ئوغۇلنىڭ ۋىجدانى چىدىمايتتى . دىلشاتمۇ ئەنە شۇنداق ئوغۇللارنىڭ برى ئىدى .
- دىلشات ، قاسىم ماڭا تەلەپ قويدى .
ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي جايىدىلا تۇرۇپ قالدى . بۈگۈن ئۇ ئاشكارلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى .
- ئەقىدە – ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ – تىتىرەپ چىقاتتى – مەن ساڭا بىر گەپنى دەيمۇ ؟
- دەۋەر – ئەقىدە دىلشاتنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەستايىدىل ھالدا ئۆزىگە نىمە دىمەكچى بولغىننى كۆڭلىدە ئويلاۋاتاتتى .
- مەن سېنى ياخشى كۆرەتتىم
ئەقىدە دىلشاتقا قايتا بىر قارىدى ، ئۇنىڭ ھەممە يېرىگە قايتىدىن قارىدى .
- دىلشات ، سەن ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن ؟ - ئاقىدەنىڭ نەزىرىدە ئۇ ياخشى كۆرۈشنى بىلمەيدىغان بىر مەخلۇق ئىدى .
دىلشاتنىڭ كېچە ئۇخلىماي ماتىماتىكا كۆرشى ، ئۇنىڭ قېرىنداش قەلىمىنى ئۇچلىغىچە قولىنى نەچچە يەردىن كېسۋېلىشلىرى ، قىشتا قوللىرى بىلەن ئۇۋلاپ ، ئاغزىدا ھورداپ ئەقىدەنىڭ قوللىرىنى ئىستىشى ، ئاغرىپ قالغاندە مەكتەپ دورخانسىدىن دورا ئېلىپ ئەقىدەگە ئىچۈرشى ، بىرگە تاماق يىگەندە قاچىسىدىكى ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئەقىدەگە بېرىشى ، يازدا ئۇنى كىتاپ دەپتەر بىلەن يەلپۈشى ، ئۇنى سوغۇق يىمىسۇن دەپ شىۋىرغالىق قاردا ئەقىدەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مېڭىشى ، باشقا يىگىتلەر ئۇنىڭغا سالام خەت يازغاندا دىلشاتنىڭ مەيدە كېرىپ چىقىپ ئۇلارنى يوقىتىشى ، پويىزدا ئۆز ئورنىنى ئەقىدەگە بېرىشى ، يامان كىشىلەردىن قوغداپ كېچە-كېچە كىرپىك قاقماي چىقىشى ، ئىششىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۇۋلاشلىرى ، ئۇخلاپ قالغاندا يۇشۇرىنچە چاچلىرىنى مېھىر بىلەن سىيلاشلىرى ، تۈزەشتۈرۈشلىرى ................... ئەجىبا بۇلار مۇھەببەت ئەمەسمىكىنا ؟
ئەقىدەدىچۇ ؟ ئۇ يۈرىكىنى كۆرۈپ باقمىدىمۇ ؟ كۆردى ، ئۇنىڭ يۈرگىدە بار بولغىنى ئېچ ئاغرىتىش ۋە ھېسداشلىقتىن ئىبارەت ئىككىلا ھېسيات ئىدى ، بۇنداق ھېسيات پەقەت بىچارىلەرگىلا ئىشلىتىلىدىغان ، شۇلارغىلا خاس بولغان ھېسيات ئىدى . بىراق ئۇ خاتالىشىۋاتاتتى .
ئۇمۇ دىلشاتقا كۆنۈپ قالغان ئىدى ، تاماق يىگەندە قاچىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان سەيلىرىنى دىلشاتقا بېرەتتى ، ھازىرچۇ ؟ قاچىسىدا قالغىنى قالغان . دىلشاتنىڭ قاچىسىدىكى گۆش ، تۇخۇم.... ئىشنى قىلىپ ياخشى سەيلەرنى تېرىپ يەۋىلاتتى . ھازىرچۇ ؟ پەقەت ئۆز قاچىسىدا بارىنلا يەلەيدۇ . دىلشاتمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى . ئۆزىنىڭ ئەقىدەنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىشىنى خالىمايتتى . چۈنكى ئۇ بىر ساراڭدە .
بىر كۈنى قاسىمنىڭ يېققىن دوستى دىلشاتنى ئىزدەپ كەلدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە قاسىم بۈگۈن كەچ ئەقىدە بىلەن ياتاق ئېچىپ ، ئەقىدەنى ئويناپ بولۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۈدەك . دىلشاتنىڭ قوشۇمملىرى چىڭ تۈرۈلدى ، ئەقىدەنىڭ بۈگۈن قاسىم بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتكىنى راست ئىدى . قاسىمنىڭ دوستى دىلشاتقا ئۇلارنىڭ بارماقچى بولغا يېرىنى ئېيتىپ بەردى . دىلشات مەكتىپىدىنلا تاكسى توسۇپ قاسىمنىڭ دوستى ئېيتقان يەرگە باردى ، سىلشات ئۇ يەرگە بارغاندا كەچ قاراڭغۇلۇقى ئەتراپنى يالماشقا باشلىغان ئىدى . دىلشات شۇ ئەتراپتا بار بولغان ياتاقلاردىن ئۇلارنى سۈرۈشتۈردى ، ئاخىرى بىر مېھمانساراينىڭ بەشىنجى قەۋتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلدى .
دىلشات بەشىنجى قەۋەتكە قانداق چىققىنىنىمۇ بىلەلمەي قالدى ، ئۇ ھاسراپ كەتكەن ئىدى ، تۇيۇقسىزلا يېنىدىكى ياتاقتىن ئەقىدەنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، دىلشات ياتاق ئىشكىنى ھەر قانچا ئىتتىرىپمۇ ئاچالمىدى ، مىھمانساراي خادىمى ئىشنىڭ يامانلىقىنى پەمىلىدى بولغاي قولىدىكى كارتىسى بىلەن ئىشىكنى ئاچتى .
دىلشات ياتاق ئىچىگە كىرگەندە ئەقىدە يېرىم يالىڭاچ ھالدا تۈگۈلگىنىچە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇراتتى ئۇ دىلشاتنى كۆرۈپ يۈزىنى توسۇۋالغىنىچە يىغلاپ كەتتى ، قاسىم دىلشاتنىڭ كىرگىننى كۆرۈپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمىدى ، ئۇ ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە تۇراتتى .
- ئىپلاس
دىلشات شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى دە قاسىمنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرگىنىچە ياتاق دېرىزىسىدىن بىرگە چۈشۈپ كەتتى .
دوختۇرخاننىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققان دوختۇر ئەقىدەنىڭ بېشىغا كەلدى .
- ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرشىۋېلىڭ ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۈمۈد قالمىدى .
ئەقىدە يۈگىرگىنىچە جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە كىردى .
دىلشات قان ئىچىدە ياتاتتى ، ئاغزىدىنمۇ قۇلقىدىنمۇ قان يېنىپ تۇراتتى ، ئەقىدە ئۇنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدى ، نۇرغۇن گەپلەرنى دىگۈسى بار ئىدى ، بىراق قايسسىنى باشتا قايسسىنى ئايقىدا دىيىشنى بىلمەيتتى .
- ئەقىدە – دىلشات شۇنداق دىيشىگە ئاغزىدىن لىققىدە قان يالاپ بويانلىرىدىن ساقىپ ئاستىغا سېلىنغان ئەديالنى قېپقىزىل بويىدى – سېنىڭ سارىڭىڭ ئەمدى سېنى ساراڭلىق قىلىپ قوغدىيالمايدىغان ئوخشايدۇ ، بىلەمسەن ؟ مېنىڭ پەقەت بىرلا ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ ساڭا چاكار بولۇش – دىلشاتنىڭ بۇرنىدىنمۇ قان ساقىپ چىقىشقا باشلىدى – ساڭا تاماق ئېتىپ بەرسەم ، گەرچە ئەتكەن تامىقىم ئوخشىمىسمۇ . سېنىڭ پۇت-قوللۇرۇڭنى تۇتۇپ قويسام ، سېنىڭ ھەممە ئىششىڭنى قىلىپ بەرسەم . ..... بىراق ، بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىغۇدەك ، ساڭا دىسەم مەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن ، ئەمما سەن ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرىشكىمۇ مەن رازى ئىدىم ، مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن ، ئەمما سەن ئۈچۈن بارلىقىمدىن كېچەتتىم . بىراق بۇندىن كىيىن بۇنداق قىلالمايدىغان بولدۇم . مېنى كەچۈر ئەقىدە .
ئەقىدە چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلىدى ، بوزلىدى ، دىلشاتنىڭ قوللىرىغا سۆيەتتى ، ئۇنىڭ قانلىرىنى ياشلىرىنى سۈرتەتتى ، بىراق ئۆزۈ بوغۇلغان بولۇپ بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايتتى .
دىلشات قان يۇقى قوللىرى بىلەن ئەقىدەنىڭ يۈزلىرىنى چاچلىرىنى قايتا سىلىدى ، پۈتۈن مېھرى بىلەن ، ئەنە شۇ مېھىر ئۇنىڭ بارلىقى بولۇپ قالدى ، ئاخىرقى دەمدە ئۇنىڭ قوللىرى ئەقىدەنىڭ چاچلىرى ئارسىدا قېتىپ قالدى .
دىلشاتنىڭ جەسىدى يېزىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن كۈنى ئانىسى پۈتۈن بىر كۈن يىغلاپ ئۈنلىرى پۈتۈپ كەتكەن ئىدى . دادىسى بولسا ئوغلىنىڭ جەسىدى ئۈستىگە دەممۇ-دەم ئۆزىنى ئېتىپ يىغلايتتى .
ئۇنىڭ مىيىت نامىزى چۈشۈرلىدى ، پەقەت مەھەللىدىكىلىرىلا ، بۇ مىيىت نامىزى باشقا مىيىت نامازلىرىغا ئوخشايتتى ، ئوخشىمايدىغان يېرى بۇنىڭغا بىر قىز قاتناشتى ، ئۇ قىز ئەقىدە ئىدى ، باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي بېرىپ جىنازىنىڭ بىر تەرپىنى كۆتۈردى ، باشقىلار ‹‹ توۋا ›› دەپ ياققىلىرىنى چىشلەپ قارىسىمۇ ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كېتىپ باراتتى . دىلشاتنى يەرلىككە قويىدىغاندا ئەقىدە يەرلىككە كىرىپ يېتىپ بېقىپ چىقتى ۋە دىلشاتنىڭ مىيىتىنى باشقىلار بىلەن كۆتۈرۈپ ئەكىردى ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇردى ، ھەتتا جامائەتنىڭ كۆپۈنچىسى مىيىت نامىزىدىن كىيىنلا قەبرىستانلىققا كەلمىگەن ئىدى . چۈنكى بۇنىڭغا بىر ئايال زاتى قاتناشقان ئىدى .
دىلشاتنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئەقىدە يەرلىكتىن چىققىلى ئۇنىمىدى بىر نەچچە ئەر كىشى تارتىپ چىقارغاندىن كىيىنلا ئۇ دىلشاتنىڭ باش تەرپىنى تۇتۇپ تۇرۇپ
- خاتىرجەم ياتقىن ، سېنىڭ سارڭىڭ ساڭا ئۆمۈر بويى ھەمراھ ، مەن پەقەت سېنىڭلا سارڭىڭ – دېگىنىچە قەبرىستانلىق ئىچىدە غايىپ بولدى . ئۇنىڭ جەسىدى بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دىلشاتنىڭ يەرلىكى ئىچىدىن تېپىلدى ، بىراق ھېچكىم بۇ جەسەتنى كېپەنلىمىدى ، مىيىت نامىزىنىمۇ چۈشۈرمىدى ، بەلكىم ئەقىدە ئۆزىنىڭ مىيىت نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بولغان بولسا كېرەك ..........
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چاڭشادا يېزىلدى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى قەشقەردە قايتا تۈزۈتۈلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahsaxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 09:34 AM