«پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇر ياراتقان سەككىز تۈرلۈك جىننېس دۇنيا رېكورتى ؛
خەلق تورى مۇخبىىرى ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى: «پەلەك شاھى» دەپ چىرايلىق نامى بار، ئېلىمىزگىلا ئەمەس دۇنيا خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان ئادىل ھوشۇر 1997-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي سەككىز قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىشنىڭ پېشۋاسى بولۇپ قالغان. ئادىل ھوشۇرنىڭ ھېچقانداق قوغدىنىش قورالى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ قېتىم پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىپ جىننېس دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىشتەك يۈرەكلىكلىكى ۋە باتۇرلۇقى دۇنيا ئەھلىنى زىلزىلىگە سالغان.
تۆۋەندىكىلىرى ئادىل ھوشۇر ھازىرغىچە ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى:
1. پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ تۇنجى قېتىملىق پولات ئارقاندا مېڭىشى 97-يىلى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا بوغۇزى ئۈستىگە تارتىلغان پولات ئارقاندىن ئۆتۈشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ئۇزۇن پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىشى ئىدى.
2. كانادالىق كوكرايىن 95-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەنشيا بوغۇزىدىن 53 مىنۇت 10 سېكونتتا ئۆتۈپ پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئادىل ھوشۇر «چەتئەللىكلەر قىلالىغان ئىشنى بىزمۇ قىلالايمىز، قىلغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلالايمىز» دەپ ئويلاپ بۇ تۈرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، 97-يىلى 22-ئىيۇن سەنشيا بۇغۇزىغا تارتىلغان، ئۇزۇنلۇقى 646 مېتىر، ئېگىزلىكى 402 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارقاندا 13 مىنۇت 48 سېكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكرايىن ياراتقان رېكورتنى يېڭىلىغان ۋە جىننېس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن شان - شەرەپ كەلتۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز سەنئىتى ئارقىلىق خەلقئارانى زىلزىلىگە سېلىشى ئىدى.
4 - 3. 2002-يىلى 16-ئاپرېلدىن 11-مايغىچە جىنخەي كۆلى ئۈستىدە 25 كۈن تۇرۇش ئارقىلىق جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان ۋە بۇ جەرياندا 12 كلوگراملىق ئېغىر تەڭشەكنى كۆتۈرۈپ كۈندە توختىماي 8 سائەت 20 مىنۇت مېڭىپ بۇ تۈردىمۇ بىر قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
5. 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىر، ئېغىرلىقى 12 كىلوگرام كېلىدىغان تەڭشەكنى كۆتۈرگەن ئادىل ھوشۇر خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن تېغىدىكى جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 1399.6 مېتىر، ئېگىزلىكى 436 مېتىرلىق پولات سىمدىن 52 مىنۇت 10 سېكونتتا مېڭىپ، يەنە بىر قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان. بۇ ئۇنىڭ جىننېس دۇنيا رېكورتى تارىخىدىكى ئەڭ تەستە قولغا كەلگەن بىر قېتىملىق رېكورتى. 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ تەڭشەكنى قۇلىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يامغۇر يىغىپ، ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ، سىم ھەم تىيىلغاق، ھەم كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. گەرچە ئۈچ ئايروپىلان تۇماننى تارقاقلاشتۇرغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، زەمبىرەك ئىتىپ تۇماننى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭمۇ ئۈنۈمى بولماي، 5 مىنۇتقا قالمايلا ئەتراپنى يەنە تۇمان قاپلاپ كەتكەنلىكتىن بۇ مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغاندا، ئۇ «مېنىڭ ئۆزۈمگە ئىشەنچىم بار، مەن چوقۇم غەلىبە قىلىمەن» دېگەن. ئالدىنقى قېتىم بىلەن ئوخشىمايدىغىنى بۇ مۇسابىقىدە تارتىلغان ئارقاننىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سىم ھۆل ھەم تېيىلغاق بولۇپ، ئەگەر تاسادىپىي تېيىلىپ كەتسە، ھاۋا تۇمان بولغانلىقتىن ئارقاننى كۆرەلمەي ئۇنى تۇتۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بولماي قالىدۇ، شۇنداقلا تۇمان ئىچىدە ئۇنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ كۆرەلمەيدۇ ۋە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋالالايمىزكى، بۇ قېتىمقى غەلىبە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى غايەت زور تەۋەككۇلچىلىك بەدىلىگە ھەقىقەتەنمۇ تەستە قولغا كەلگەن نەتىجە.
6. 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، چۇڭچىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئازگال جېڭ جيې ئازگىلىدا ئۇزۇنلۇقى 570 مېتىر، ئېگىزلىكى 662 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارقاندا مېڭىپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتقان. بۇ ئازگالنىڭ دىئامېتىرى 620 مېتىردىن ئارتۇق، چوڭقۇرلۇقى 666 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئادىل ھوشۇر بۇ ئازگالدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش ئارقىلىق «دۇنيادىكى بىرىنچى ئازگال»نى بويسۇندۇرغان قەھرىمان بولۇپ قالغان.

7. 2009 -يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئادىل ھوشۇر قاناس مەنزىرە رايونىدا پولات ئارقاندا مېڭىشقا رەسمىي جەڭ ئېلان قىلغان، بۇ قېتىملىق يۇقىرى بوشلۇقتا پولات ئارقاندا مېڭىش ماھارىتى دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز يەنى 1530 مېتىر كېلىدىغان بوشلۇقتا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، ماھارەت كۆرسىتىشنى باشلىغاندا ئىككى ئادەم پولات ئارقاننىڭ ئىككى تەرىپىدىن مېڭىپ، ئوتتۇرىدا كېسىشكەن ۋە مۇساپىنى غەلىبىلىك تاماملاپ يەتتىنچى قېتىملىق جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
8. 2010-يىلى مايدا، شىنجاڭ داۋاز سەنئىتىنىڭ داڭلىق ۋارىسى ئادىل بېيجىڭ ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى «قۇش چاڭگىسى»دا ئىككى ئايلىق بوشلۇقتا دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلغان. ئۇ «قۇش چاڭگىسى»نىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى 9 كۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيدە تۇرۇپ، كۈندە تەخمىنەن 5 سائەت ئەتراپىدا پولات ئارقاندا مېڭىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، «بوشلۇقتا ياشاش» داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، «بوشلۇقتا مېڭىش» جۇغلانما ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولۇشتەك دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتقان.
ئەسلى مەنبەسى : خەلق تورى