مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 10

سەھرادىكى بالىلىق چاغلىرىم(نەبىجان نۇراخۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99380
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-11-9
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        ‏‏ سەھرادىكى بالىلىق چاغلىرىم

ھازىر كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان،ئەسلىدە خوشال بولسام بولاتتى لىكىن بىر جانغا زالىم بولۇپ تۇرۇپ قانداقمۇ خۇش بولاي.
ئاشۇ مىنوتلارنى ئويلىساملە بەك كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ گەرچە خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ.
مەن تولىمۇ كىچىك ئىدىم ،بىزنىڭ ئويىمىز سەھرادا بولۇپ ئۇ چاغلاردا ئائىلە شارائىتىمىز خېلىلا ناچار ئىدى.
بىزنىڭ ئىككى ئۈچ توخۇ بار بولۇپ بىز ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى تاماققا سەي كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتەتتۇق ھەم شۇ تۇخۇمغا قاراشلىق ئىدۇق.
كۈنلەر ئەنە شۇنداق غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى،بىر كۈنى ئانام تاماق ئەتكىلى تۇردى ۋە ئارقىدىنلا مىنى ئۇۋىلققا چىقىپ تۇخۇم ئېلىپ كىرىشنى بۇيرىدى.
مەن ئۇۋىلىققا چىقتىم لىكىن بىرمۇ تۇخۇم كۆرۈنمەيتى،مەن قايتىپ كىرىپ ئانامغا بىرمۇ تۇخۇم يوقكەن دېدىم ،ئاناممۇ ھە بوپتۇ بالام بۇگۈنچە مۇشۇ تاماقنى ئىچىپ تۇرىلى ئەتەگىچە كاكىلاپ قالار دېدى.
ئارقىدىنلا بالام توخۇلار ئاچ قېلىپ كاكىلىمىغان ئوخشايدۇ داننى كۆپرەك سېلىپ بەر دېدى ،مەنمۇ دەرھال بەجا كەلتۇردۇم ;تۇ تۇ……يەڭلار توخىلىرىم،يەپ جىقراق ماڭا تۇخۇم تۇغۇپ بىرىڭلار دەپ دان بەرگەچ تۇيۇقسىز دالاندىن بىر قاغا غاقىلداپ ئۇچۇپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدىم دە دەرھال ئانا ئانا دالاندىن بىر قاغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى دىيىشىم بىلەنلا ھە نەچچە كۈندىن بىرى توخۇلار تۇخۇم تۇغماپتۇ ئەمەس بالام قاغا ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ دېدى.
مەن ئانا قاغىمۇ تۇخۇم يەمدۇ دەپ سورىدىم،ئانام ھەئە بالام قاغىنىڭ يىمەيدىغان نەرسىسى يوق ئۇ ئوغرى پوقمۇ يەيدۇ،يۈر بالام ئۇ دالانغا ئۈگۈنۋاپتۇ بىز ئۇۋىلقنى ئېغىلغا يۆتكىۋاتىلى يۈر دېدى.
بىز ئۇۋىلىقنى ئېخىلغا يۆتكىۋاتتۇق لىكىن ئۇ ئوغرى قاغا ئۆي چۆرىسىدە غاقىلداپ ئۇچۇپ ئەگىپ يۈرەتتى.
ئەتىسى بىز چوڭ ئاناملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايتىپ كەلسەك توخۇلار ۋاقاقشۋاتقىنىنى كۆرۈپ خۇش بولاپ كەتتىم دە ئانا ئانا توخۇلار كاكىلاپتۇ دەپ ئېخىلغا يۈگۈرۈپ كىرىشىم بىلەن ئۇۋىلقدىن قاغا تۇخۇمنى قۇچاقلاپ ئۇچۇپ تۇڭلۈكدىن چىقىپ كەتتى .بۇنى ئانام كۆرۈپ ھە بالام بۇ ئوغرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە ئارام بەرمەيدۇ دېدى مەنمۇ ئەمىسە قانداق ئۆلتۈرىمىز دەپلا ئارقىدىن مەن ئانچە مۇنچە بالىلار بىلەن بىر كىچىك قاپقا ئارقىلىق ياۋا توشقان،ياۋا كەپتەر……دىگندەك قۇشلارنى تۇتۇپ كىلەتتىم دەل شۇ كىچىك قاپقام ئىسىمگە كەلدىدە بولدى ئانا مەن تۇتىمەن دەپ توپا باسقان قاپقامنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ قويۇشقا باشلىدىم ھەم ئۇ قاغىنى ئاۋۋال ئۈگۈتىش ئۈچۈن نەلەردىندۇ سېسىپ قالغان تۇخۇملارنى تېپىپ كىلىپ ئەتىراپىغا يەمچۈك قىلدىم،مەن ئۆيدە دەرىزە ئىچىدىن ئۆگزىگە قاراپ ئولتۇراتتىم ئۇ قاغىمۇ ئاخىرى كىلىپ سېسىق تۇخۇمنى ئېلىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن داۋاملاشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئوغرى مەن قويغان قاپقىغا چۇشۇپ قالدى،ئۇ تىۋىتلاپ غاقىلداپ قاناتلىرىنى ئۇرۇپ پالاقشىپ ياتاتى بەلكىم ئۇنىڭ پۇتى سۇنمىسا قويۋەتكەن بولاتتىم لىكىن ئۇنىڭ سۇنۇق پۇتىدا سۆرىلىپ،ئازاپتا قىينىلىپ ئۆلۈشىنى خالىمىدىم ھەمدە ئامالسىز ھالدا پىچاق بىلەن بوينىنى يۇلۇپ ئۆلتۇرۋەتتىم.
ئاشۇ ۋاقىتتا ئۈستىمىزدە مىنى قاغاپ ياكى يالۋۇرۇپ ھەتتا تىللىغان بولۇشى مۇمكىن.
قاغىلار توپ-توپى بىلەن يىغلاپ پەرۋانىدەك ئەگىپ يۈرەتتى غاق غاق ……قاتتىق يىغا-زاغۇن بىلەن.
ئۇلار ئارىسىدا بەلكىم ئەكەك ياكى چىشى جۆرىسى باردۇر لىكىن مەن ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتىم.
ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئائىلىسى،ئۇرۇق-تۇققانلىرى،بالا-چاقىلىرى ھەتتا ياشانغان ئاتا-ئانىسى بار بولغىتى لىكىن مەن ھەممىنى ئايرىدىم،بالىلىرنى بولسا ئۇنىڭدىن ئايرىپ يىتىم قىلدىم،مەن نىمە دېگەن ياۋۇز.
ئەگەر مەن قاغا بولسام مەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تۇخۇملارنى،نانلارنى ئوغۇرلاپ جان بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتىمغۇ لىكىن مەن بۇنى بۇرۇنراق بىلسەمتى كاشكى.
ئەنە شۇ بىر توپ قاغىلار قاراڭغۇ چۇشكىچە ئۇياق-بۇياققا توپ توپ بولۇپ غاقىلداپ ئۇ بىچارە سەپدىشىنى ئىزدەۋاتقاندەك بولاتتى،بۇ ئىزدەشلىرى ئەتىسىمۇ داۋاملاشتى،بەلكىم بىرەر مەزگىل ھەتتا نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن.
ئەجىبا مىنىڭ جېنىم جان ئۇنىڭ جېنى جان ئەمەسمۇ؟ياق ئۇ بىر جانغۇ.ئەنە شۇنىڭدىمۇ تۇرمۇش،مىھىر-مۇھاببەت،ئارزۇ-ئىستەك ۋە ياشاش قانۇنىيەتلىرى بار ئىدىغۇ ،ئەپسۇس ئۇنى مەن ئۆلتۇرۋەتكەن ئىدىم.
شۇنىڭدىن كىيىن قاغىلار ئۆيۈم ئەتىراپىغا كەلمەس بولدى ھەتتا مىنى كۆرسە ھۇركۈپ قاچىدىغان بولدى.
مەن بۇ ۋەقەدىن كىيىن ھەربىر جان-جانۋارلار بىزنىڭ ئاسىراپ-قوغدىشىمىز كىرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم لىكىن ھازىر شۇدەمدىمۇ ئەنە شۇ قاغىلارنىڭ غاقىلداشلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۆۋىمدە جاراڭلايتى.

‏نەبىجان نۇراخۇن(ئاقتۇ ناھيە ئويتاغ يىزىستىن)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nabijan527 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 03:56 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى تازا ياخشى كۈرۈنمەيدىغۇ مىنڭ كومپىيوتىرمدا مەسلە بارمۇ يا؟

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gultaj يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 12:45 PM
خەت شەكلى تازا ياخشى كۈرۈنمەيدىغۇ مىنڭ كومپىيوتىرمدا  ...

مەن تىلىفۇندا چىقىۋاتىمەن،نورمالغۇ؟!

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ھارمىغايسىز!

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10043
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 822 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ قاغىنى ئۆلتۈرمىسە ئاپتور تۇخۇمسىز قالىدۇ .....

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6891
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6617 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىغىمنى ئەسلىگۈم يوق.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 05:12 AM  


مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
okoguqi9 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 11:18 PM
ئاشۇ قاغىنى ئۆلتۈرمىسە ئاپتور تۇخۇمسىز قالىدۇ .....

يۇمۇر يىزىپسىز ئىنكاس يازدىم دەپ

يۈرەكتىن يۈرەككە يول بار.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇخۇم يەيمەن دىسىڭىز چۇقۇم ئۆلتۇرۇش كىرەك ئۇ قاغىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78281
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشىڭ بۇرادەر!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilbar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 05:12 AM
بالىلىغىمنى ئەسلىگۈم يوق..

نىمە ئۈچۈن قېرىندىشىم؟

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش