تور ئالدامچىلىقى توغرىسىدىكى بىر تېمىنى كۆرۈپ بىر دوستىمىزنىڭ كەچمىشى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئالدىنقى يىلى بىزنىڭ يېقىنلاردىن بىرى مۇشۇنداق تور ئالدامچىلىقىدا 3000يۈەنگە قويۇلۇپ كەتكەن ئېدى. سۆزلەپ كەلسەك قىزىق بىر ھىكايە.....
ئۇ ئاغىنىمىز ئىدارىسىدىكى بىر قىز (توغرىسىنى ئېيىتقاندا بىر چوكان :D) غا كۆز تاشلاپ يۈرەتتىكەن،لىكىن ھەرئىككەيلەننىڭ ئائىلىسى بولغانلىغى ئۈچۈن، ئاشكارا كۆڭۈل ئىزھار قىلالماي، كۆز تاشلاپ مەقسىدىنى ئۇقتۇرالماي QQدا ئانچە-مۇنچە چاخچاق پاراڭلارنى قىلىپ، بەزىدە ئۈمىدلىنىپ، بەزىدە مەيۇسلىنىپ، بايا توردا بىرگەبىر دىيىشىپ
لىشىپ كۈلۈشكەن بولسا ھېلى كارىدوردا ئۇچرىشىپ قالسا ياتلارچە كالتە تەبەسسۇم ياكى باش لىڭشىتىشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەي كۈنلەرنىڭ كەينىدىن ئايلار قوغلىشىپ ئۆتۈۋىرىپتۇ. ئەلقىسسە بۇ دوستىمىز ئىشقى ئوتىدا ھالى خاراپ باغرى كاۋاپ بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كۈنى QQنى ئاچسا قارشى تەرەپنىڭ «بارمۇ؟»دەپ قالدۇرغان خېتىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى بولۇپ، بۇ دوستىمىز ئۆيىدە تورغا چىققان ئىكەن، قارشى تەرەپ قالدۇرغان خەت 2سائەتلەر بۇرۇن قالدۇرۇلغان ئىكەن. دوستىمىز ھاياجان بىلەن «بارغۇ، ئۆزىڭىزچۇ؟»دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.
نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا قارشى تەرەپنىڭ باش رەسىمى يانفون بەلگىسى بىلەن يورۇپ، جاۋاپ قايتىپتۇ:
-بار.
....سۈكۈت....
-كەچۈرۈڭ، بۈگۈن ئۆيدە بولغاچ تورغا كىيىنرەك چىقىپ، قالدۇرغان خېتىڭىزنى كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن.
-ھېچگەپ يوق. شۇ سىز بىلەن بىر ئىش توغرىسىدا پىكىرلىشىپ باقاي دەپ....
_ ۋاھ، ياخشىغۇ! نىمە ئىش ئېدى؟ مەن سىزگە يارىدەم قىلالامدىم؟
(ھاياجان)
_ سىزگە نىمە دەپ دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن....
_ تارتىنماي دەۋىرىڭ! بىز يېقىن دوستلاردىنغۇ!
(ھەجەپ دەۋالدىم)
_ ئازراق ئىقتىساد مەسىلىسى بىلەن بېشىم قېتىپ قالدى....بىرسىگە پۇل قايتۇرماقچىدىم...ۋاقتىدا قايتۇرىۋەتمىسەم بولمايتى....
_ ئۇنداقتا كارتا نومۇرىڭىزنى ماڭا دەپ بېرىڭ، مەندە تور بانكا كارتىسى بار
(ئۇھ، ئاخىر ئىندەككە كېلىپ قالىدىغان بولدى، مەرتنى مەيداندا سىنا دىگەن مانا مۇشۇدە!)، ھازىرلا توردىنلا پۇل ئۇرۇپ بېرەي، نەچچە پۇل كېرەك؟
_ ئۈچمىڭ. بولمىسا مەن قارشى تەرەپنىڭ كارتا نومۇرىنىلا سېلىپ بېرەي، شۇنىڭغىلا ئۇرۇۋىتىڭە، مەن ئەتىلا سىزگە قايتۇرۇۋىتىمەن.
_ بولىدۇ، چاتاق يوق!
كارتا نومۇرى يوللىنىپ كەپتۇ.
_ سىزگە قانداق رەھمەت ئېيىتسام بولار!
_ نىمە دەپ يۈرىسىز! رەھمەت ئېيىتقۇدەك قانچىلىك ئىش ئېدى؟ بەك كۆڭلىڭىز ئۇنىمىسا ئەتە تاماققا تەكلىپ قىلارسىز
_ چاتاق يوق! ئەتە كەچتە!
_ گېپىمىز گەپ! ئەتە كەچتە! ...پۇلنى ئۇرۇپ بولدۇم.
_ ئۇنداقتا ئەتە كۆرۈشەيلى!
قارشى تەرەپ توردىن چۈشۈپ كېتىپتۇ.
ئەتىسى دوستىمىز ئىشقا چىقىپ، ئەتىگەندە يىغىن، خىزمەت تاپشۇرمىسىنى ئورۇنلاش دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن بىرەر-ئىككى سائەتكىچە قىز بىلەن ئالاقە قىلالماي تولىمۇ تىت-تىت بولۇپتۇ. قولى بىكار بولغان ھامان QQنى ئېچىپ قارىسا قىز تۇرغۇدەك.
_ ياخشىمۇسىز!
_ ياخشىمۇسىز!
_ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
_ ھېچنىمە، ...سەل كۆڭلۈم يېرىم....
_ نىمە ئىش بولدى؟
_ بۈگۈن جىددى پۇل ئىشلىتىدىغان ئىشىم بار ئېدى، 1000يۈەن كەملەپ قالدى...
_ بۇ ئىش...بولمىسا مېنىڭ قېشىمغا كىرىڭ، مەن بېرىپ تۇراي.
_ يەنە سىزنى ئاۋارە قىلامدىم؟
_ ھېچگەپ ئەمەسقۇ. تەكەللۇپ قىلماڭ.
_ ئۇنداق بولسا كارتامغىلا ئۇرۇپ بېرەمسىز؟ تۈنۈگۈنكى كارتىغا ئۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۇ دوستۇمنىڭ كارتىسى.
_ شۇنداق قىلساممۇ بولاتتى، لىكىن توركارتامدا ئازلا پۇل قالغان. ئەمما يېنىمدا نەقپۇل بار ئېدى.
_ ھە....
قارشى تەرەپ يەنە توردىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. دوستىمىز تىت-تىت بولۇپ كارىدورغا چىقىپ تاماكا چەككەچ مېڭىپ قارىسا يەنە بىر ئىشخانىدا ئۇ قىز باشقا ئايال خىزمەتداشلار بىلەن كۈلۈشۈپ پاراڭلىشىپ تۇرغۇدەك. دوستىمىز بىر ئايال خىزمەتدېشى ئارقىلىق ئۇ قىزنى چاقىرتىپتۇ، قىز تولىمۇ ھەيرانلىق بىلەن چىقىپ دوستىمىزغا سۇئال نەزەرىدە تىكىلىپتۇ.
_ بۈگۈن يەنە پۇل لازىم بولۇپ قالغانمىدى؟
_ كىمگە؟!
_ بايا QQدا شۇنداق دىدىڭىزغۇ؟
_ ھە! سىزگىمۇ شۇنداق دىدىما؟ مېنىڭ QQنومۇرۇمنى بىرسى ئوغۇرلىۋاپتۇ، ئىككى كۈن بولدى، ئۆزۈممۇ ئاچالماي يۈرىمەن، تۈنۈگۈن يەنە ئىككى-ئۈچ دوستۇممۇ شۇنداق دىگەنتى ساڭا پۇل لازىم بولۇپ قالدىمۇ دەپ.
_ ھە؟! ئۇ QQدىكى سىز ئەمەسما؟!!
_ ئەمەس، نىمە بولدى؟
_ مەن سىزنى شۇ دەپ تۈنۈگۈن ئۈچمىڭ يۈەن سېلىپ بەردىم ئەمەسمۇ؟!
_ كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ يا سىزنىڭ QQدىكى گەپكە ئىشىنىپ خەقكە پۇل سېلىپ بېرىدىغان؟!
قىز شۇنداق دەپ پېشىنى قاققىنىچە كىرىپ كېتىپتۇ، دوستىمىز مانا شۇنداق داغدا قاپتۇ. ئەلقىسسە بۇ دوستىمىز شۇندىن كىيىن ھەرگىز QQدا قىزلارغا چاخچاق قىلمايدىغان بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلچۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 01:49 AM