يېڭى يىلدىكى ئىزتىراپلار
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
بۈگۈن كېچە سائەت 12بىلەن تەڭ يېڭى بىر يىلغا يۈزلىنىمىز.ئۆزۈلمەي كېلىۋاتقان يېڭى يىل تەبرىكلىرىنى كۆرۈۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم. بىز نېمىنى، نىمە ئۈچۈن تەبرىكلەيمىز؟يېڭى يىلنىڭ كېلىشى خۇشاللىنارلىق ئىشمۇ ياكى ئەپسۇسلىنارلىقمۇ؟ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىپ كەتكىنىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بۇ يىللار شۇنچە تېز ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىتلەر كېلەر يىلغا قېلىۋەردى.يېشىمىز كۈندىن-كۈنگە،يىلدىن-يىلغا چوڭىيىۋەردى.مانا يەنە مۇشۇنداق ئىككى قېتىملىق تەبرىكلەردىن كېيىن 40ياشقا ئۇلىشىمەن. قىرىق يىل، مېنىڭ دۇنياغا كەلگىنىمگە قىرىق يىل بولغىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يىللاردا مەن پىشىپ يىتىلدىم،يىتىلدىملا ئەمەس،ئۆمۈر مۇساپىلىرىمنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە يېقىنشلىشىشقا باشلىدىم.يەنە قانچىلىك يىللارغۇچە بۇ ھاياتتىن نىسىۋەمنى تېتىيالايمەن بىلمەيمەن. يېڭى يىل، ھەر يىلى زىمىستان باغرىدا بىزگە كىچىككىنە خۇشاللىق ۋە ئالەمشۇمۇل خىياللارنى ئاتا قىلىپ كېلىۋېرىدۇ. بىز قېرىۋېرىمىز. خۇددى نەچچە ئەسىر ياشايدىغاندەك ھىسلاردا تىرىشىمىز،تىركىشىمىز،ئىنتىلىمىز،ئۈمىتلىنىمىز... ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدىكى نۇرغۇن پىلانلىرىمنىڭ شۈمشەيگەن،چەكچەيگەن پېتى يېڭى يىلغا مەن بىلەن بىرگە سۆرىلىپ كىرىشى ماڭا بېسىم بىلەن تەڭ يەنە نۇرغۇن كونا-يېڭى مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەيدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا نىمە ئىشلارنى قىلالىدىم؟دېگەنلەرنى ئويلىدىم.توغرا ئۆتكەن بىر يىلدا ماڭا نىسىپ بولغان ھاسىلاتلارمۇ،خۇشاللىق ۋە ياخشى پۇرسەتلەرمۇ كۆپ بولدى. تۇققانلاردىن، دوستلاردىن نەچچىسىگە مۇسىبەت يەتتى،يىغلاشتۇق. تويلار بولدى قۇتلۇقلاشتۇق. نەچچە بوۋاق تۇغۇلدى سۆيۈندۇق،تەبرىكلىدۇق.ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالىدىغان ۋە يېقىن دوستلار بىرەر يىل كۆرۈشەلمەيدىغان ئىشلارمۇ بولدى. نۇرغۇنلىغان ئەدىب-ئەدىبەلەر سورۇنىدا بولدۇم.يىغىن-لىكسىيەلەرگە قاتناشتىم.تۈرلۈك مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرگىمۇ داخىل بولدۇم. مەن بۇ يىغىلىشلاردا كۆپلىگەن سۆھبەتلەرگە نائىل بولغان،روھىيىتىمگە ھۇجۇم قىلغۇدەك ئىسىل دۇردانىلەردىن تەلىم ئالغان بولسام، كۆپلىگەن ئۇستازلار،قەلەمكەشلەر،ھەمنەپەس ھەمشىرەلەر بىلەن دىدارلىشىش، ھەمسۆھبەت بۇلۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم.ئۆتكەن بىر يىل ئىجادىيەتلىرىم ئۈچۈنمۇ مول-ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى... شۇنداق، يېڭى يىل مەيلى بىز خالايلى، خالىمايلى بىزنى قانۇنىيەت بويىچە ئۆز قوينىغا چىللىدى. بىزنى كەلگۈسى يېڭى يىللاردا يەنە نىمىلەر كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقى ھەممىگە قاراڭغۇ. بۇ بىر يىلدا مەن كۆرگەن،ئاڭلىغان ئەقلىمنى داڭ قالدۇرغۇدەك يېڭىلىقلارمۇ بار.مېنى سۆيۈندۈرگەن خۇشاللىقلار،باغرىمنى ئېچىشتۇرغان تۈرلۈك كارتىنىلارمۇ بار.كۆزلىرىم نۇرغۇنلىغان مەمنۇن ۋە غالىپلارچە قاراشلارنى،ئىلتىجا ۋە تۈرلۈك سۇئاللار بىلەن مىسكىن بېقىشلارنى،ھۆرمەت ۋە ئەدەپ بىلەن قىلىنغان سالاملارنى كۆرگەن،ئىلىك ئالغان پەيتلەرمۇ بار. ئوي-خىياللىرىمغا، كىشىلىك قىممەت قارىشىم ۋە روھىيىتىمدىكى توقۇنۇشلارغا تەسىر قىلغۇدەك،ئۆزۈمنى يېڭىلىشىمغا، داۋاملىق تىرىشىپ،ئالغا ئىنتىلىشىمگە تۈرتكە بولغۇدەك،نېرىپلىرىمنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھالسىرىتىۋاتقان سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشىمغا ياردەم قىلغۇدەك ئىشلارمۇ بولدى. يېڭى يىل ھارپىسى،سىرتتا قار يېغىۋاتىدۇ. مەن دەرىزە تۈۋىدە ئاشۇ قارغا ياق كېلەركى يلغا ئىپادىسىز ھالدا قاراپ تۇرىۋاتىمەن.ھەر بىر قار ئۇچقۇنى ماڭا مىسالى بىر قىسسە سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ. بىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ بېرىۋاتىدۇ... شۇ تاپتا يوقسىزلىقنىڭ ئالقىنىدا مۇجۇلۇپ، سوغۇق ئۆيلەردىكى نەچچە يېرىگە ياماق سېلىنغان مەشتىكى ئاخىرقى ئىلىمان ھارارەتكە قوللىرىنى سۇنۇپ ئولتۇرۇپ،ئىشىككە ئۈمىت بىلەن تەلمۈرىۋاتقانلار يوق ئەمەس. كېسەلنىڭ رەھىمسىز ئىسكەنجىسىدە قىلدەك تولغىنىۋاتقان،دوختۇرنىڭ ‹‹بۇ كارىۋاتتا سېنىڭ ھەققىڭ يوق، پۇل تاپشۇرمىساڭ كوچىغا ئەچىقىپ تاشلىۋېتىمىز››دېگەندەك سوغۇق ھومىيىشلىرىدا كېسىلىگە ئاچچىق ئەلەم ۋە خۇرسىنىش، ۋەھىمە قوشۇلۇپ تىترەۋاتقان جىسمىنى قويغۇدەك بوشلۇق تاپالماي ئىسسىق ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقانلار يوق ئەمەس. گەرچە كىيىملىرى يالاڭ بولسىمۇ،چېھرىدىكى كىچىككىنە ئاچچىق كۈلكىنى قالقان قىلىپ زىمىستاننىڭ باغرىدىكى مۇزغا زەرپ بىلەن ئۇرغان پۇتلىرىغا ئاغرىق قۇشۇلۇپ تاراۋاتقان كىچىككىنە ھاياتلىق ھارارىتىدىن مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ ،ئالدىدىكى ھارۋىسىدىكى ئۈششۈپ قالاي دېگەن ئالمىلارنى يۈرىكىدىكى ئىنىرگىيە بىلەن ئىللىتقۇسى كىلىۋاتقاندەك مىھرى بىلەن ئاۋايلاپ تىزىپ ئۈمىت بىلەن خېرىدار كۈتۈۋاتقانلار يوق ئەمەس. زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان، ئاخشام ئۆزىگە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئېلىپ كەلگەن،تىنىنى،دىلىنى ئاغرىتقان ۋە ئاخىرقى تۈگۈچلىرىنى قۇرۇقداپ قويۇپ يوقالغان ئوغلىدىن ئەنسىرەپ، جەينامازدىن چۈشمەي ئېسەنلىكىنى تىلەپ، يۇم-يۇم ياش تۆكۈۋاتقان ئاتا-ئانىلار يوق ئەمەس. ئېرىنىڭ نەچچە كۈن ئۆيگە كىرمىگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىرتتىكى بىر ئايالغا ئۆزىگە تەئەللۇق بولىشى كېرەك بولغان خۇشاللىقلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىنى ئاڭلىغىنىدا ئۆزىدىكى سەۋەنلىكنى تاپالماي خامۇشلۇق،ئۈمىتسىزلىك ۋە تۇللۇق كوچىسىغا تاشلىنىشتەك ۋەھىمىنىڭ چاڭگىلىدا قىلدەك تولغۇنۇپ، ئېرىنىڭ ئىنساۋىنى، بالىلىرىنىڭ تىرىك يىتىم بولۇپ قالماسلىقىنى تىلەپ، ئىسەنكىرەپ ئىشىككە،ئەتىگە،ئېرىنىڭ ئۆزىگە تۇنۇش قەدەم تىۋىشلىرىگە زار بولۇپ ئولتۇرغان مەزلۇمەلەر يوق ئەمەس. ئۈلپەتداشلىرىنىڭ يېڭى يىل تەبرىكلىرى تولدۇرۇلغان رۇمكىلارنى قايتۇرماي كۆتۈرىۋېتىپ،‹‹ھاراقكەشلەر مارشى››نى ئالىتاغىل توۋلاپ قاۋاقلاردا قۇسۇق-نىجاسەتلەرگە چىلىنىپ يېتىپ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس. ‹‹يېڭى يىللىق چاي››نىڭ تەسىرىدىن رېستۇرانلاردا مەڭزىنى قىزارتىپ،كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ،ئېچىرقاپ كەتكەن مەنىۋىيىتىگە يات ئەرلەردىن تەسەللى ئىزدەپ،ئۆيدىكى ‹‹قولىدىن چوڭ-چوڭ ئىشلار كەلمەيدىغان،رايىش››ئېرىنىڭ شىكايىتىنى قىلىپ،دەرت ئېيتىۋاتقان.ئۆزىنىڭ شەرمىي-ھايادىن چەتنىشىنى ئېرىنىڭ بولۇمسىزلىقى بىلەن ئاقلاپ،تازا بىر پۇخادىن چىقىۋېلىش مەقسىتىدە ئەسەبىيلەشكەن شەھۋىتىنىڭ كەينىدىن ‹‹ئەركىنلىك شۇئارى››توۋلاپ مىھمانسارايلارنىڭ پىنھان خانىلىرىگە ئەسلىنى يۇشۇرىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. زىيادە چارچاشتىن ياكى مەستخۇشلۇقتىن ۋە ياكى بىخۇتلۇق-ئالدىراڭغۇلۇقتىن ماشىنىسىدا بىرەر ئىنساننى، بىرەر كىچىك ھايۋاننى بۇ دۇنيادىكى ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان. تالاي كىشىلەرنىڭ يىتىم، تۇل ۋەياكى ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقانلارمۇ،ئاشۇ بېخەستەلىكى،جىنايىتى تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك ھەسرەت-نادامەتلەرگە دۇچار بولىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. يېڭى يىلغا بېغىشلاپ بىرەر كۇبلىت شېئىر،بىرەر جۈملە نەسىر ۋەياكى تەسىرات ماقالىلىرىنى يېزىش ئىستىكىدە ئىزتىراپلىق خىياللار قوينىدا ئىزدىنىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى قەدەمنى مەزمۇت بېسىپ،ئەتىگە ئۈمىت بىلەن يۇزلىنىۋاتقان بەردەملەرمۇ يوق ئەمەس.نۇرغۇن غەملەرنىڭ قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،يىنىك تىنىپ ھاياتنىڭ گۇزەللىكىنى كۈيلەۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. قەلبىگە پۈككەن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ يارقىن نۇرلىرى ئاستىدا مەنزىل تامان ئات سالغان نەۋقىرانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۆز ئىلىنىڭ غېمى،ئۆز قەۋمىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىۋاتقان،ئۆزى چىقىش يولى دەپ يەكۈنلىگەن مەنزىللەرگە يالغۇز قالغىنىدىن ۋايىم يىمەستىن،ئۆكۈنمەستىن دادىللىق بىلەن كېتىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. ئىشقىلىپ مۇشۇ دەقىقىدە جاھاننىڭ ھەر يېرىدە ھەرخىل سىياقتىكى، ھەرخىل كويلاردىكى،ھەرخىل ئېرىقتىكى قارا،يېشىل، كۆك كۆزلەر قاتارىدا يېڭى يىلغا قەدەم ئالغان قوي كۆزلەرمۇ يوق ئەمەس. يېڭى يىل ،بىزگە يېڭىچە ئۈمىت ۋە ئاسايىشلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى. يېڭى-يېڭى نەتىجىلەر،غەلبىلەر ۋە خۇشاللىقلار بىزنى كۈتۈپ تۇرغۇسى. غەلبە ئۆزلۈكسىز تىرىشقانلارغا، بەل قويۇۋەتمەي ئىزدەنگەنلەرگە ۋە ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلىگەنلەرگە مەنسۇپ! بىز يەنىلا ھەممىگە كۈلۈپ باقالايدىغان غەمسىز،تەمكىن، سەمىمى ئورتاقلىقىمىز بىلەن ھەممىنى ئاشۇ كۈلۈپ قويۇشلىرىمىز بىلەن يېڭىپ كېتەلەيمىز. ھەر بىر ئەتىگە كۈلۈپ باقالايمىز.ھەممىمىزگە قاردەك ئاپئاق كۆڭۈل،خرىستالدەك سۈزۈك قەلب، گۇناھ،مەئىشەتلەردىن، مەستخۇشلۇقلاردىن ساقلانغۇچى سەگەكلىك ۋە مۇستەھكەم ئىتىقات-ئىرادە يار بولسۇن! بىر-بىرىمىزگە مىھىر-مۇھەببىتىمىزنى، تەبەسسۇمىمىزنى ئايىمايلى.بىزنىڭ دۇنيارىمىز، چېھرىمىز ئاشۇ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››دىن تارايدىغان مىھىر-مۇھەببىتىمىزدىن نۇرلانسۇن.ھەممىمىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن! مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 12:57 AM
|