ھايات سىرلىرى
بۇ ھايات تۇلىمۇ سىرلىق گۈزەل ھايات.شادلىقتىن كۈلگەنگە سۈيلىرى سۈزۈك ئاققان دەريا،ئاڭلاپ -ئاڭلاپ قانمايدىغان مۇڭلۇق بىر ناخشا،رەسسام سىزىپ ھارمايدېغان گۈزەل تەبىئەت،خىلمۇ-خىل قىسسەلىرى بىلەن تولغان سۈيۈملۈك بىر كىتاب.
قايغۇدىن ئازاپقا دۈچيار بولغانغا قاپ-قاراڭغۇ بىلنىدىغان قارا ئۆڭكۈر،شاۋقۇنلاپ تۇردېغان چوڭقۇر ئېقىن ، ھايات يوللىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئەگرى -تۇقايلىقى گاھىدا ئازاپلارغا دۇچچار قىلسا گاھىدا خۇشاللىقتىن بېشىمىزنى كۆككە يەتكۈزىدۇ.ئىنساننىڭ سەۋرە- تاقىتى ھاياتنى قىزغىن سۈيىشى بولسا ھەر قانداق ئازاپ قايغۇدىن غالىپ كىلىپ ھايات يۇلىدا داغدام ماڭالايدۇ.
ئۈزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام بۇ بىر يىلقى ھاياتنىڭ ماڭا بەرگەن قايغۇ -ئەلىمى ۋە خۇشاللىقىمۇ ئاز ئەمەسكەن.خۇشاللىقىمدىن ئازابىم كۆپ بولسىمۇ ئەمما مەن قانداق ياشاشنى مىنى سۆيگەن مىنى قەدىرلىگەن كىشىلىرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ...ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ كىمنىڭ كۆڭۈل بۈلدىغانلىقىنى ...ئۇرۇق -تۇققان قېرىنداشلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم.
ھايات يولىمدا نۇرغۇن ئىشلارغا دۈچيار بولغان بولساممۇ ،تېخى ھاياتتىن قانداق زوق ئېلىشنى بىلمەيدىكەنمەن.ماڭا بۇ بىر يىل ھەممىنى ئۈگەتتى،ھاياتىمنىڭ نەچچە باھارىنى ياشاپ بولغاندا ھاياتنىڭ مەنىسنى قايتا تۇنۇپ يەتتىم.ئېھتىمال مەن ئەمدى پىشىپ يىتىلگەن چوڭ بولغان ئوخشايمەن. ئۈزۈمنىڭ ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن نىشانلىرى قەلبىمگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يىتىش ئۈچۈن،ئىرادە ئارغىماقلىرىمنى چاپتۇرۇپ جاسارەتلىك،ئۈمۈتلىك بۇلۇپ چىداملىقىم بىلەن ھەممە مۈشكىلاتنى يىڭىمەن.
ئەتىكى قۇياش ماڭا ئىللىق نۇر چېچىپ باققاندا ئۆتكەن كۈنۈمدىن ھاياتىمدىن سۈيۈنۈپ،كۈلكەمدىن شاتلانغان كىشىلىرىمگە كۈلۈپ قاريالايمەن.ھاياتلىق خاتىرەمنىڭ بەتلىرى پۇشايمانسىز ئۆتىشكە تىرشىمەن.ھاياتنىڭ ماڭا بەرگەن بارلىق نىممەتلىرىنى ...تۇرمۇشۇمدىكى بارلىق مەن سۆيىدىغان مىنى قەدىرلەپ مەن ئۈچۈن،ھەر بىر نامزىدا دۇئا قىلىپ ياش تۆككەن.مىنى بارلىغىم دەپ بىلگەن كىشىلەرنى قەدىرلەپ.ئۈزۈم ئۈچۈنلا ياشىماي ھەر بىر قەدىمىمدە قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىمدا ئۇلارنى ئويلايدىغنىمنى ھىس قىلدۇرۇپ،بارلىق مېھرى-مۇھەببىتىم بىلەن قەلبىنى ئىللىتىپ مەندىن رازى بولغۇدەك ياشايمەن.
ھايات مانا شۇنداق جىلۋىلىكى بىلەن سىز سۆيىڭىز سىزنىمۇ سۈيدىغان،ياخشى ياماننى ئەلگەككە ئوخشاش ئايرىپ،سىزنى جەڭگاھتىكى پالۋانلارغا ئوخشىتىپ قويدىغان تەرەپلىرى... گاھى تەپەككۇر ئارغىماقلىرىنى چاپتۇرۇپ نىشانىڭىز ئۈچۈن يول باشلاپ ماڭدىغان ماياك.بولسا گاھى سىزنى چوڭقۇرلىقى بىلەن غەرىق قىلۋېتىغان شاۋقۇنلۇق چوڭقۇر دېڭىز.
ھايات مەڭگۈلۈك سۈيۈشكە پەرۋىش قىلىشقا مۇختاج خۇش پۇراق گۈل.
ئىنساننىڭ ھاياتى ياڭراق بىر مىلودىيە ،يازسا-يازسا تۈگمەيدىغان ئۇنتۇشقا بولمايدىغان،ھەر خىل ئەسلىملەرگە تولغان ئالبۇم.
مەنبە:ھايات سىرلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 12:07 AM