مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 10

ئۈندىدار ۋە بىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەن- تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،تۇرمۇشىمىزدا ھەرخىل ئىلىكتىرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەر ئائىلىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرگە. بۇرۇنقى خەت -چەك تېلىگىراممىغا، ئۇنىڭدىن  چاقىرغۇ -يانفۇنغا،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مۇڭداشقۇ ئۈندىدارغا ئۆزگەردى.
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىشى.بىزگە بىر تەرەپتىن قولايلىق ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋارچىلىقمۇ تۇغدۇرۇپ بىرىۋاتىدۇ.ياخشىراق ئويلانساق بۇنىڭدىكى نىگىزلىق مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدە،
تەرەققىياتىمىز كۈنسىرى يوقىرى ئۆرلىگەنسىرى، بىزدىكى ئىختىسادى بىسىممۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ،
ئۈندىدار چىققىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ. ئەمما ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەن ئىدىم، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەنمۇ بۇنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم،ساۋاقداش،خىزمەتداشلار يىغىلىپ، تېخى بىر ساخاۋەت توپىمۇ قۇرىۋالدۇق،ئەمما ئادەم سانىمىز ئاز بولغاچ.بىزنىڭ توپلىغان ئىئانىمىز. يۇمۇرۇققا يوق بولمىدى.
شۇنداق كۈنلەردە بىر دوستۇم ئنندىدارنىڭ، يىقىن ئەتراپتىكىلەرنى ئىزلەش دىگەن يېرىدىن ئادەم قاچىلاشنى ئۈگەتتى.مەن ئېچىپ قويۇپلا باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كىتىپتىمەن ، بىردەمدىلا 19 ئادەم كىرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ.مەن ئۇلارنى ئۆزەمگە قوشۇپ، ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن قارشى تەرەپ مىنىڭ ئىسمم، يىشىم. نىمىش قىلىدىغىنىم،ئىسمم قاتارلىقلارنى سورىدى.بەزىلىرى ھەتتا سۆرىتىمنى سوراپمۇ ئۈلگۈردى.
ھەممىسىگە لايىغىدا جاۋاپ قايتۇردۇم،مەخسىدىم ساخاۋەتچىلەرنى كۆپەيتىش ئىدى. ئەپسۇس ئۇلارنىڭ مەندىن سورىغان سۇئاللىرىنىڭ كۆپۈنچىسى.‹نەدە ئوقۇيسىز؟›‹نىمە خىزمەت قىلىسىز؟› ‹مۇھەببىتىڭىز بارمۇ؟›‹توي قىلغانمۇ؟›‹ قانچىلىك مۇئاش ئالىسىز؟›دىگەندەك تاينى يوق پاراڭلار بولدى.يەنە بەزىلەر غەيرى بىنورمال رەسىملەرنى ئەۋەتكەنمۇ بولدى.مەن تەمتىرەپ قالدىم ئەتىسى بۇلارنى دوستۇمغا ئېيتتىم.
-ئاداش بۇ بىرنىمە  قاملاشمايدىغان نىمىكەن جۇمۇ ؟مەن ئىشلەتمەيمەن بولدى؟
-قارىغاندا سىنى پاراڭلىششنى ئۇقمايدىغان، قارىغۇلارچە مودىغا ئەگەشكەن قۇرۇق سۆلەت نىمىلەر قاچىلىۋاپتۇدە؟
-بىلمىدىم يا بۇلارنى چىقىرۋىتىشنى ئوقمايدىكەنمەن،
-ئەمىسە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈندىدار توپقا قوشۇپ قوي،ئولار ئۆزلىرى چىقىپ كىتىدۇ،
-تازا قاملاشماسمىكىن؟
-قاملاشمايدىغان نەرى بار؟ قوشۇپ بولۇپ، ئۆزىمىز يازغان ئۇچۇرنى يوللايسەن،ياخشى نىيەت بىلەن قوشقانلىرى ئولتۇرىدۇ، غەيرى نىيەت بىلەن قوشقانلىرى ئۆزىنى سوراپ چىقىپ كىتىدۇ،
-مەن قىلالمايمەن،
دوستۇم يانفۇننى ئېلىپ ھەممىسىنى پادىغا قوشۇپ قوتانغا ھەيدىگەن قۇيدەك ئۈندىدارتوپقا قۇشۇپ بولۇپ، ئايرىم قاچىلانغانلىرىنى يۇيىۋەتتى.شۇندىلا ئىشنىڭ قىزىغى ئاندىن چىقتى.
ئەمدىلا يانفۇننى ئۈستەلگە قويۇپ تۇرۇشۇمغا، ئۇچۇر كەلدى.تېلىفۇننى ئىتتىك  قولۇمغا ئالدىم، بۇ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ كىمنىڭ چۈنى‹توپى›-:مەن ئۈچۈن دوستۇم پاراڭلىششقا باشلىدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، قارشى ئالىمىز قېرىندىشىم ،بۇ مىنىڭ توپۇم،-:كەينىدىنلا يەنە بىرى گەپ قىلدى.
-ئاناڭنى... قايسى ....قىچىشىپ قالغان مىنى توپقا قوشتۇڭ؟
-ئاغزىڭىزنى بۇزماي گەپ قىلىڭ، توپتا سىزدىن باشقا 20 نەچچە ئادەم بار،
-توپقا ئېقىم مىقدارى جىق كىتىدۇ، توكمۇ تۇشىمايدۇ، مەن چىرايلىق قىز ئوقۇغۇچىلار بولسا تۇنۇشۇپ ،كۆڭۈل ئاچارمەن دەپ قوشقان سىزنى، نىمانداق ئۆز بىشىمچە قىز سىز؟
ئوقتەك ئاڭلىنىۋاتقان بۇ گەپلەردىن ھەيران بولدۇم،ئەمما دوستۇم قىلچە ھودۇقماي:
-سىز  xxxساخاۋەت توپى دىگەن خەتنى كۆرمىدىڭىزما؟
-ئەسلى بۇ ساخاۋەتچى جىگۇڭلار يىغىلغان توپكەندە؟ ئۆزىمىزنىڭ بىر قاپ تاماكا، بىر بوتۇلكا ھارىقىغا پۇل يوق ساخاۋەتنى كىم قويۇپتۇ بىزگە؟ بولسا بىزگە قىلسىنا شۇ ساخاۋەتنى؟
-كەچۈرۈڭ! ئەمىسە سىز خاتا قوشۇلۇپ قاپسىز،
دوستۇم قانداق قىلدىكىن ئۇنى چىقىرۋىتىپتۇ كەينىدىنلا يەنە بىرى:
-سالام بالىلار ياخشىمۇ؟ ھە قىزلار بىردەم مۇڭداشمامدۇق ؟قايسىڭلارنىڭ ۋاقتى بار؟
-ھەممىمىز ياخشى.ھىچكىمنىڭ ۋاقتى يوق،
-ئەمىسە بۇ توپنى نىمىگە قۇرغانتىڭلار؟
-توپنى نىمىگە قۇرۇيدۇ؟
-قىزلار ئۆزلىرىگە ئەر، مۇھەببەت ئىزلەپ، ئوغۇللار كۆڭۈل خۇشى ئىزلەپ قۇرۇيدۇ،
-لىكىن بىز ئۇنىڭغا قۇرىمىغان،
-ئەمىسە نىمىگە قۇرىغان دەڭە بىر ئاڭلاپ باقاي؟
-سىز پاراڭلىششنى بىلەمسىزياكى....
-سىزلا ئايرىم ئۈگۈتۈپ قويمامسىز؟
-بولىدۇ ئاڭلاپ تۇرۇڭ، ئاللاھنىڭ سالامىنى تۇلۇق قىلىڭ،جاۋاپ كەلگەندىن كىيىن، ئىلمى سىپايىلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن پاراڭلاشسا قولايمۇ ئەمەس شۇنى سوراڭ، بىۋاستە ئىمسى خىزمىتى يىشى كىرىمىنى سورىماڭ ،مۇمكىن قەدەر ئۆزىنىڭىزنىڭ قىزىقىشى ئوخشاشلار بىلەن پاراڭلىشىڭ، چەكتىن ئاشقان لاۋزا گەپلەرنى قىلماڭ، ئۆزگىنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ رەنجىتمەڭ ، شۇندىلا باشقىلار بىلەن دوسىت بولالايسىز،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىشتىن ساقلىنىڭ،
-ۋوي سىزنىڭ قائىدە -قانۇنلىرىڭىز نىمانداق تولا؟
-توپنىڭ قائىدە -قانۇنلىرىدىن مەن تىخى سىزگە ئېغىز ئاچمىدىم، ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ،ئىسىمگە سېلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت، بۇ توپنىڭ قائىدىسى ئوتتۇرغا بۆلگۈنچىلىك سالماسلىق قۇتراتمىچىلىق قىلماسلىق،ئىتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتماسلىق،
-ئاز بولۇپ قالدىمۇ قانداق يەنە بارمۇ؟
-كىيىچە چىقىپ قالار،-:شۇ پاراڭدىن كىيىن ھەممىسى ئۆزلىرىنى بىر-بىرلەپ تىپپ چىقىپ كەتتى،
-ئاداش بۇ راسىتلا بولمايدىغان ئىش ئىكەن،
-بولىدۇ، شاللانغانلىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ چىقىپ كىتىدۇ ، ئانچە-مۇنچە غورورى بارلىرى قىلىپ قالىدۇ، قارا ئاداش بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز ياخشى ئىش، خالىس ئىئانە، ھىچكىمنى مەجبۇرقىلمىدۇق، ياكى ئىئانە سوممىسىنى بىكىتىپ بەرمىدۇق.دۇنيادا ھىچكىم مۇھتاجلىقتىن خالى ئەمەس،ياخشىلىق ھامان ئىگىسىگە يانىدۇ، مىنىڭ بىر تەكلىۋىم بار، بىز ئايدا ئىككى قىتىم، يەنى 15 كۈندە بىر يىغىلايلى. توپلانغان ئىئانىنى يىغىپ، دوختۇرخانلاردا قاتتىق نان يەپ، داق يەردە يېتىپ كېسەلگە قاراۋاتقان، داۋالىنىش پۇلى يەتمەي قىيىنچىلىقتا قالغان، قارىغۇچىسى يوق تول خوتۇن-يىتىم يىسىرلارغا، ئاجىز مىيىپلارغا، ئىختىساد يىتىشمەسلىك سەۋەپلىك قۇرولۇش توختاپ قالغان ،تاھارەت چۆگۈنى ، جەينامازلىرى كەم مىچىتلەرگە بەرسەك . بىرەلمىگەن ئۆشرە زاكات، قىلالمىغان قۇربانلىق،ئۆتىيەلمىگەن نامازلىرىمىزنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈشمۇ بىر بەخىت،دىگىنىم خاتامۇ ئۆزەڭ ئويلاپ باق، ھۆكۈمەتمۇ، بايلارمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ، بىزمۇ بىر چەتتە قاراپ تۇرساق بولماس؟
-ئەمىسە ئۇچۇرغا قانداق ئىرىشىمىز؟
-مىكرو بىلۇگ ،ئۇندىدار، مۇنبەر، قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىمىز، يەنە بىرگەپ، بىمار بولسا ئاۋۋال تېلىفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئاندىن ھەممىمىز بىللە بىرىپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، مەسئۇل دوختۇردىن ئىشنىڭ راسىت-يالغانلىغىنى ئېنىقلىغاندىن  كىيىن  بىرىمىز،باشقىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ قىلساق بولىدۇ،
شۇنداق قىلىپ مەسلىھەتىمىز پىشتى. خەيرىلىك ئىششىمىزنىڭ بىشى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15- كۈنى باشلىنىپ 11 ئايلىق جىددى قان لازىم بولغان بوۋاقنى يوقلىدۇق.يەنە بارىدىغان يەرلەر باتتى. ئەمما كۈتكىنىمىزنىڭ دەل ئەكسى خىزمەت ئورنى ئىختىسادى ياخشى كىشىلەر ئاللا قانداق ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى تارتتى، يا توپتىن چىقىپ كەتمىدى. ئادەتتىكى ، بىز ئۈمۈد كۈتمىگەن كىشىلەر بولسا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى.كەچتە ھەممىمىز يىغىلىپ بىللە غىزالاندۇق.
ئارىمىزدىكى مەيدىسىگە بەك مۇشلىغان نەچچە  بويتاق نە تاماققا نە ئىئانىگە بىرپوڭ چىقارماي كۆزىنى ياغ سالغان چايدەك پاقىرتىپ ئولتۇردى. ھەممىسى ئۇلارغا قاراپ كۇسۇرلۇشۇپ تارقاشتى.ئەتىسى ئىككى قىزدىن تېلىفۇن كەلدى بىرى توپتىكى ھىجاپلىق قىز ئىدى.
-ھەدە، ئاخشامقى  ئىگىز بالا مىنى ئايرىم قاچىلاپ نەدىكى يوق گەپنى قىلىپ يۈرىدۇ
-كەچۈرۈڭ سىڭلىم ، ئۇنىڭغا گەپ قىلاي، بەك بولمىسا ئۇنى چىقىرۋىتەي،
ئىككىنجىسىنى تۇنىمايتتىم .مەن بۇ ناتۇنۇش نۇمۇرنى سەل ئىككىلىنىپ ئالدىم،قوبۇللاش كۇنۇپكىسىنى بىسىشىمغا بىر ئاپتۇمات تاتىلداپ سايراپلا كەتتى.
-ھەي پاسكىنا سەن كىم؟ ئىرىمنىڭ يانفۇنىدا سىنىڭ ‹ۋىيشىڭڭ › نىمىش قىلىدۇ؟ ئۆزەڭنى بىلىپ يۈر بىر بالامنى بىشىڭغا ئاتىمەن ،
-ئەتتىگەندە پوق بىلەن ناشتا قىلدىڭما؟ سىنىڭ ئىرىڭ كىم؟ مەن نىمە بىلەي؟ كاللىسىنىڭ دەردى بارمۇ بۇنىڭ؟
-تېلىفۇنۇڭدىكى ‹شۈكرى ئاللاھ› دىگەن ئىسىمغا ئوبدان قارا، بار -يوقلىغىنى بىلسەن؟
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي تېلىفۇننى قويىۋىتىپ ئۈندىدارغا قارىدىم، راستىنلا شۇنداق بىرى بار ئىكەن ،ئەمما ئۇ يىغىلىشقىمۇ ئىئانىگىمۇ قاتناشمىغان ئىدى.ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلىپ بولغان ئىشنى دىدىم ئۇمۇ ئۇچۇر قايتۇرۇپ مىنىڭدىن كەچۈرۇم سورىدى.بۇ ئىش ئىدىيەمدىن ئۆتمەي خىلى ۋاقىتلارغىچە خامۇش يۈردۈم،ئىككىنىجى قىتىملىق يىغىشتىن بۇرۇن ئۇنىمۇ يولغا سەپ قويدۇم.كىيىن بىلسەم ئۈندىدار سەۋەپلىك بۇزۇلغان ئائىلىلەر  بەزى ناشايان ئىشلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىكەن،
كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى قوبۇل قىلماي،ئەكسىچە ناچار تەرىپىنى ئۆزىگە سىڭدۇرۇپ ئادەت قىلىۋالغاچ، يوقارقىدەك ئىشلار چىقىپتۇ.كىيىنچە مەنمۇ بارا-بارا بۇنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ ئەھۋالغا قارىتا گەپ قىلىدىغان،‹ئىسمىڭىزنىمە؟›دىسە‹مايمۇنەم›
‹نىمىش قىلىسىز؟›‹شاپتۇل ساتىمەن،›‹ئۆيىڭىزنەدە؟› ‹تاغدا،›‹بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟› ‹مايمۇن دىگەن تاغدا ياشىماي نەدە ياشايدۇ؟›يەنە بەزىسىگە ‹نەچچە ياش›‹48›‹قانچە بالىڭىز بار؟›‹4بالام 2 نەۋرەم›‹نىمىش قىلىسىز؟› ‹تازلىقتا ئىشلەيمەن› شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاستا يۇقاپ كىتىدىغان بولۇشتى،كىيىن بۇنداق قىلىشتىنمۇ زىرىكىپ قەتئى ئادەم قاچىلىماسلا بولدۇم، ساخاۋەت توپۇمدىكى 15 كىشى ئېشىنغىنىمىزنى يىغىپ بۇ پائالىيەتنى داۋام قىلىۋاتىمىز،
بىزدە شاكىلىنى تاشلاپ مىغىزىنى قوبۇل قىلىش دىگەن بۇ ئاڭ ئەكىسچە بولۇپ قالغاچقا، كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئۇندىدار سەۋەپلىك بۇزۇلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇتلا بولۇپ قالماستىن ناھايىتى ئىغىر ئىكەن، نىمىشقا شۇنداق قولاي نەرسىدىن ياخشى پايدىلانماي زىھنىمىزنى قورىتىمىز؟
ئۈندىدار تولىمۇ قولايلىق، بۇنىڭ بىلەن مۇھىم گەپلەرنى قالدۇرغىلى يەنە تىجارەتتە مۇناسىۋەت ئۇرناتقىلىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغان بەزەنلەر ئۆزىنى سورىماستىن،بۇنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىشىنى ئويلىماي، سىرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ ئىككىلى تەرەپ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپپ ئاخىردا ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چىپىۋاتىدۇ، كىرىشتۈرىۋالغان ھەرخىل مەزمۇندىكى رەسىملەرگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ،شۇ ئىشلارغا كاللا قاتۇرۇشنى بىلگەن ئادەم ياخشىراق كۈن كەچۈرۈشكە، بىرەر ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرىشقا باش قاتۇرسا مىنىڭچە قۇرۇق قول قالماس دەپ ئويلايمەن،ھەر نەرسىنىڭ ياخشى يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ ، بىزنىمىنى تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرىمىز،نىمىنى تۇرمۇشىمىزدىن چىقىرىپ تاشلايمىز، بۇبىزنىڭ ئىدىيەرىمىزگە باغلىق ،مانا بۇ ئۈندىدار ۋە بىز ،
مەنبە ئۆزەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36417
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7186 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھا تازا كۈلۈپتىمەن ئاۋۇ دىئالوگلاردىن. تۇنۇمايدىغان بىرسىگە قانداقمۇ ئۇنداق دېگىلى بۇلىدىغاندۇ. توپىڭلار يەنىمۇ زورايغاي.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 812
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1862
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2879 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1024

دوست ئۈچۈن جاننى پىدا قىلىش نۆۋىتى كەلسە چوڭ ئىش ئەمەس !
لىكىن جاننى پىدا قىلالايدىغان دوست تاپماق تەس !

سەن خۇدادىن ئۈۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7637
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە .ۇ ئۈندىدار دىگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101002
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-12-18
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 05:17 PM
1024

نىمە ئۇ 1024 دىگەن ...؟ بىربەچچە تىمىغا ئاشۇ رەقەمنى قالدۇرۇپسىز ... ئالاھىدە مەنىسى بارمۇ نىمە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81258
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-6-8
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توپۇڭلا قايسى توپ ،بولسا مۇنبەرگىمۇ چىقىرىپ قويۇڭ ،بىر قىز تۇرۇپ ياخشى ئىشقا باش بولۇپ قىلغىلى تۇرۇپسىز ، قىزلار ئۈچۇن بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ،ئەمدى ئادەم دىگەن ھەر خىل بولىدۇ ،بەزى ئادەملەرنى دەپ ئارتۇقچە مەيۇسلىنىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ،ياخشى ئىشنى باشلىغانكەنسىلەر ئامال بار كىڭەيتىشكە تىرىشىڭلار ،ياخشى ئىشنىڭ ئايىغى چوقۇم ياخشى بولىدۇ.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئىشلىتىپ باقمىدىم بۇ ئۈندىدارنى.ئىشلەتكۈم كەلمىدى.بىر نەچچە كۈن ئوچۇق تۇرغان ،بۇ جەرياندا مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سېستىمىنى ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم.

يۈرەكتىن يۈرەككە يول بار.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100579
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلېرىڭزغا ئوتۇق تىلەيمەن.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aybik يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 06:08 PM
نىمە ئۇ 1024 دىگەن ...؟ بىربەچچە تىمىغا ئاشۇ رەقەمنى قالد ...

ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﻣﯜﺷﯜﻛﻨﻰ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﺎﻣﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .

ئەفىي بولۇپ تۇغۇلدۇم ، ئەلى بولۇپ چوڭ بولدۇم ، پولات بولۇپ تونۇلدۇم ، شىھىد بولۇپ ئۆلىمەن .
___  ‹‹ Necati Şaşmz  ‹‹ Polat Alemdar
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش