ھەممىمىزگە مەلۇم شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ كوماندا قۇرغۇچىنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن مەملىكەتلىك ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆزگە كۆرىنىپ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھەر قىېتىملىق بىرلەشمىدە چىمپۇيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ لىكىن ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن بۇ يەردە بۇ پەسلىللىك ئاساسلىق كوماندا ئەزالىرىمىز ھەققىدە ئاز تولا توختىلىپ ئۆتمەكچى.
كوماندا يادىروسى : ئامىرىكا ۋاكسىتبول بىرلەشمىسىدىن كوماندىغا قوشۇۋېلىنغان 27ياشلىق (莱斯特·哈德森) لېستىر خۇدسون (Lester Hudson,1986.8.7-). ئۇ 2011-يىلى 1-ئايدا CBA بىرلەشمىسىگە تۇنجى قېتىم قۇشۇلغان بولۇپ مەملىكىتىمىزدىكى زەردار كوماندا ھەم جوڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئەزا يىتىشتۈرۈش بازىسى دەپ نام ئالغان گۇاڭدۇڭ خوڭيۈەن كوماندىس تەرىپىدىن تاللانغان. ئۇ ئامىرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 凯尔特人,灰熊,奇才 (ئۇيغۇرچە تۇللۇق ئاتالغۇسى بولمىغاندىكىن خەنزۇچە ئېلىپ قويدۇم. ) قاتارلىق كوماندىلاردا زاپاس ئادەم بولۇپ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 奇才 كوماندىسى تەرىپىدىن قىسقارتىۋىتىلگەن. گۇاڭدۇڭ خۇڭيۈەن كوماندىسىدا ئۇزۈن ئوينىمايلا چىڭداۋ شۇاڭشىڭ كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كوماندىنىڭ نۇمۇر ئېلىشتىكى كوزۇر بولۇپ كوماندا ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ھەم كوماندا بىلەن بىر يىللىق توختام تۈزگەن . توختام ۋاقتى توشقان لېستىر خۇدسون 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامىرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدىكى چەۋەندازلار كوماندىسىنىڭ ئارقا بىكى دانىل جېرسوننىڭ تىز بۇغۇمىنىڭ زەخمىلىنىشى بىلەن بۇ كوماندىغا 10 كۈنلۈك قىسقا مۇددەت بىلەن قۇشۇلغان، ھەم بۇ قېتىملىق ۋاقىت توشقاندىن كېيىن يەنە 10 كۈنلۈك قىسقا مۇددەتلىك توختام بىلەن قۇشۇلغان. لېستىر خۇدسوننىڭ ئۆزىنىڭ بۇ كوماندا بىلەن ئۇزۈن مەزگىللىك توختام تۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن كوماندىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن توختام تۈزۈشمەكچى بولغان لىكىن ۋاقىت ۋە پۇل مەسلىسىدە بىرلىككە كىلەلمىگەچكە توختام تۈزۈش ئارزۇسى كۈپۈككە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاش ئات ئەركىن توپچى ھالەتكە ئۆتۈپ قالغان. بۇ پەسلىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چەتئەللىك ئەزا دۇبىنىڭ كىتىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى بۇ كوزورنى كوماندىغا يۇقىرى مۇئاش بىلەن قۇشۋالغان. شۇنىڭ بىلەن لېستىر خۇدسوننىڭ CBAبىرلەشمىسىدىكى يەنە بىر سەپىرى باشلانغان.
بۇ پەسىلدە شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 515 نۇمۇر ئالغان بولۇپ ھەر بىر مەيداندا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 25 نۇمۇردىن ئالغان. بۇ ئەزانىڭ سۈرئىتى تىز 3 نۇمۇرلۇق توپقا ماھىر بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كوماندىدا تىزلا ئالقىشقا ئىرىشكەن ھەم كوماندا يادروسىغا ئايلانغان.
ئەمدى بۇ ئەزانىڭ كوماندىدىكى ئىپادىسى توغورلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى!
لېستىر خۇدسون مەيدانغا چۈشكەندىن كىيىن ئاساسلىق ھۇجۈم ئۇنىڭغا مەركەزلىشىدۇ. ئۇنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، توپنىڭ چۈشۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داۋاملىق كوماندىغا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينايدۇ. لىكىن ئۆزىنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىغا بەكرەك ئىشىنىپ كوماندىكىلەر نۇمۇر ئالىدىغان ياخشى پۇرسەتتە پاسنى يەتكۈزۈپ بەرمەي كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ نۇمۇر ئېلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرىش جەھەتتە يەنىلا كامچىلىقى مەۋجۈت. لېستىر خۇدسون بىلەن سىڭگىلتون ( بۇ ئەزانى كىيىنكى قېتىمدا چۈشەندۈرىمىز) كوماندا ئالغان ئۇمۇمىي نۇمۇرنىڭ 50-60 پىرسەنتكىچە ئىگەللەپ قالغان ئەزالار مۇداپىئە قىلىش لىستىر خۇدسون نۇمۇر ئېلىشتەك پاسسىپ كەيپىياتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
يېقىنقى ئۇتتۇرۋەتكەن 2 مەيدان مۇسابىقىغە قاراپ باقساقمۇ ئىپادىسىنىڭ تازا مۇقىم بولماسلىقىغا قارىماي پاس بىرىشكە دىققەت قىلماي ئۆزى ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ نۇرغۇن ياخشى نۇمۇر ئېلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىغانلىقى سەۋەپ بولدى. بۇ منىڭ شەخسىي پىكىرىم. شۇڭا كوماندا يىتەكچىسى سۈي ۋەنجۈننىڭ مۇشۇ تەرەپتىن بۇ ئەزاغا بولغان شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى يۇقىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ...
بۇ قېتىملىق ئەزالارنى تۇنۇشتۇرۇش مۇ يەرگىچە بولىدۇ. كىينكى قېتىم ئالدى ھۇجۇمچى سىگىڭگىلتون ئۇنىڭدىن كىين تىرىشچان ئىنىمىز شىرئەلىجان تۇنۇشتۇرىلىدۇ.