|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئەزىز تورداشلار، بىر جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىلغارلىشىشىنى شۇ جەمئىيەتتىكى ئىلغار ئىدىيەلىك كىشىلەر سانىنىڭ ئاز – كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن. ئىدىيەسى ئىلغار كىشىلەرنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مەلۇم تۇپراق كېرەك، بۇ تۇپراق بەلكىم ئىلغار ئىلمىي سورۇن بولۇشى مۇمكىن. ئىلغار ئىلمىي سورۇنلار ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇنى تۈزۈش كېرەك. دۇنيادا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن يول بارلىققا كەلگەن، ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قاقشاش، زاماندىن زارلاش بىلەن ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، مۇدھىش قاپلىغان مۇھىت ئىچىدە ھالاك بولۇشنى كۈتۈپ تۇرماستىن، قولىمىزدىن كېلىشىچە ھازىرىقى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىدىيەسى ۋە ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ، ناچار ئادەتنى يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ـــ ناچار ئادەت ئورنىغا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتۇر. ئەلۋەتتە، جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق ئەھمىيەتسىز قاتار چاي، كەيىپ – ساپا قاپلىغان ئولتۇرۇشلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز «ئىلىم چېيى»، «پىكىرلىشىش چېيى» قاتارلىق يېڭىچە چاي شەكىللىرىنى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، بۇنى ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتسىز ئولتۇرۇشلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھەمدە ئىلىم چېيى ، پىكىرلىشىش چېيى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتتە بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان مەنىۋى ھاۋاغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ «ئىلىم چېيى» مىزنى باشلىۋالغانىدۇق، بۇ قېتىملىق 6 - سانىدا سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز ناملىق كىتاب مۇھاكىمە قىلىندى...
بۇ قېتىملىق ئىلىم چېيىنىڭ سىن ھۆججىتى ھوزۇرۇڭلاردا
كىرىشتۈرۈشتىكى مەلۇم سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن قايتىدىن بوشلۇققا يوللاندى
نورمال قويۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ ،،
http://v.youku.com/v_show/id_XNjU3NTYyMDMy.html
بىر قىسىم رەسىملەر
رۇخسىتىمىزسىز ھەرقانداق تور بېكەتلەردە تارقاتسىڭىز بولىۋىردۇ!
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2014- يىلى 1- ئاينىڭ 2 - كۈنى
|
|
|
|
|
|