مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1671|ئىنكاس: 16

ئاسىيادىكى 2013-يىللىق 10 نەپەر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6.jpg

5.jpg
4.jpg
3.jpg
-يىلىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خۇپۇ تورى 2013-يىلى ئىپادىسى ياخشى  بولغان 10 نەپەر مۇنەۋۋەر ئاسىيالىق پۇتبولچىنى باھالاپ چىقتى. تۆۋەندە بۇ 10 نەپەر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
لېسار گۇجارەت (ئىران، بېلگىيە لېر كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ)
  ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سۈرئىتى بىلەن تونۇلغان بۇ ئىرانلىق ياش ھۇجۇمچى 2012-يىلى تۇنجى قىتىم ئىران دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ بىراق ناھايىتى تېزلا ئىران دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسىغا ئايلاندى. لېسار 2013-يىللىق تۈرلۈك  مۇسابىقىلەردە ئىران دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 8 توپ كىرگۈزۈپ، ئىران دۆلەت كوماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاسى بولۇپ قالدى. بۇ يىل 6-ئايدا بۇ 26 ياشلىق پۇتبولچى دۇنيا  لوڭقىسىنىڭ ئاسىيا رايۇنىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە قاتار، لىۋان ۋە كورىيە كوماندىلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ھەر مەيدانىدا بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، ئىران دۆلەت كوماندىسىنى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھيتىگە ئىرىشتۈردى. ئەگەر كىلەر يىلى ئۇ بىلگىيەدە تېخمۇ كۆپ مۇسابىقە پۇرسىتىگە ئىرىشەلىسە ئۇنىڭ كېلەچىكى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.


شىنجى ئوكازاكى (ياپۇنىيە، گېرمانىيە مېئىنزى كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ)

  • 2.jpg

    1.jpg
    گەرچە ئوكازاكىنىڭ نامى كاگاۋا ياكى خوندادەك داڭلىق بولمىسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا ياپۇنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ئىزچىل دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى زاچىرونىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ كەلدى. ئۇ ياپۇنىيە دۆلەت كوماندىسىدا بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان پۇتبولچى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ بۇ يىل يازدا سىتۇگارىت كوماندىسىدىن مېئىنزى كوماندىسىغا ئالماشقاندىن كىيىن گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى دائىم توپ كىرگۈزۈپ تۇرىدىغان ھۇجۇمچىغا ئايلاندى، بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بىرى ئۇ جەمئى سەككىز توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ دەرىجە چۈشۈش رايونىدىن يىراقلىشىشىغا چوڭ ياردەم قىلدى.

    ئۆمەر ئابدۇراھمان (ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى، ئەل ئەيىن كوماندىسىدا توپ تىپىدۇ)
       بۇلتۇرمۇ ئاسىيادىكى مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلار ئىچىگە كىرگەن ئۆمەرنىڭ بۇ يىللىق ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسى ئارقىلق ئىمارات دۆلەت كوماندىسىنىڭ «دېڭىز قولتۇغى» لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولىشىغا تۆھپە قوشتى. كىشىلەر ئۇنى چوقۇم ياۋروپاغا بىرىپ توپ ئوينايدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ بىراق ئۇ ئەل ئەيىن كوماندىسىدا قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە كوماندىنىڭ يادىرولۇق ئەزاسىغا ئايلاندى. گەرچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەل ئەيىن كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى تازا ياخشى بولمىسىمۇ بىراق  22 ياشلىق بۇ ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى بۇ يىل شان شەرەپكە تولغان بىر يىلنى ئۆتكۈزدى.
    جاۋاد نېكنان (ئىران،تېھران مۇستەقىللىق كوماندىسىدا توپ تىپىدۇ)
      بۇ يىل نېكنان يەنە بىر قىتىم ئاسىيادىكى يىللىق مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى، بىراق ئۇنىڭ ئۆتكەن 12 ئايدىكى نەتىجىسى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بۇ ماھىرنىڭ ئىپادىسى ئەينى چاغدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسىدەك ياخشى بولمىسىمۇ بىراق ئىران كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھيىتىگە ئىرىشىشىدە چوڭ تۆھپە كۆرسەتتى. بۇ پارىس شاھزادىسىنىڭ تېھران كۇلۇبىدىكى ئىپادىسىمۇ بەك ياخشى بولدى، ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بۇ كوماندىنى يىتەكلەپ ئاسىيا ئۇزغۇنلىغىدا تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ھەمدە ئىران بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىغىنى قولغا كەلتۈردى.
    كىم يوڭ گوۋېن (كورىيە، گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇخىڭدا كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى، ئىتالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل لېپى ئۇنىڭغا باھا بىرىپ:«ئۇ ئىنتايىن مۇنەۋۋەر، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە توپ ئويناشقا مۇناسىپ» دىگەن ئىدى.  دۇنياۋى مەشقاۋۇلنىڭ بۇ باھاسىدىنلا كىم يوڭ گوۋېننىڭ ئىقتىدارىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. بۇ يىل ئۇنىڭ خېڭدا كوماندىسىدىكى ئىپادىسى بەك قالتىس بولدى، ئۇ خىڭدا كۇلۇبىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يان بىك ھىساپلىنىدۇ.23  ياشلىق بۇ كورىيەلىكنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ،ئۇ ھازىر كورىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق بېكى بولۇپ قالدى.

    يوچېرو كاكىتانى،(ياپۇنىيە، ئوساكا نورۇز گۈلى كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ)
    2013-يىلى يوچېرونىڭ ئىپادىسىنىڭ قالتىس بولغانلىغىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، بۇ يىل 7-ئايدىكى شەرقى ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە  23 ياشلىق بۇ پۇتبولچىنىڭ  ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى. بۇ يىل ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ياۋروپاغا بارىدىغان يولىنى ھازىرلىدى. بۇ ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسىنىڭ پات ئارىدا ياۋروپادىكى بىرەر كۇلۇپقا قوشۇلۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. ئۇ تىپىك چوجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ياپون بىرلەشمىسىدىكى ئوساكا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 21 توپ كىرگۈزدى. ئۇ نۆۋەتتە ئاسىيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى كەم تىپىلىدىغان قاتىل ھۇجۇمچى بولۇپ يىتىشمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن ئايدا ياپۇنىيە كوماندىسى بىلەن بىلگىيە كوماندىسىنىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە ئۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ ياۋروپا كۇلۇپلىرى كۆز تىكىدىغان نىشانغا ئايلاندى.

    جېڭ جى (جۇڭگۇ، گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ)
    ئىلگىرى پۇتبولچىلىق بىلەن خوشلىشىش گىردابىغا بىرىپ قالغان جېڭ جى 2010-يىلى  خىڭدا كۇلۇبىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىرلەشمىسى، ئاسىيا ئۇزغانلىغىدا چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈردى. ئىلگىرى چارلىتون ۋە كېلىتلىقلار كوماندىسىدا توپ تەپكەن بۇ پۇتبولچى ھازىر كۆمۈش تۈلكە لېپى يىتەكچىلىكىدىكى خىڭدا كوماندىسىنىڭ كاپىتانىغا ئايلاندى.

    ئەلى ئادىنان (ئىراق،تۈركىيە لېز تەنتەربىيە كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ)
      كىشىلەر  بەزى پۇتبولچىلارنى تۇغما تالانىتلىق پۇتبولچى دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ سۈپەت دەل ئىراقلىق سول بېك ئادىنانغا دەل ماس كىلىدۇ. ئۇ ھازىر زور ئۈمىتكە تولغان ئىراق 20 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى. ئۆتكەن يىلى يازدىكى 20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇ ئىراق كوماندىسىنى يىتەكلەپ تۆت كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىردى. گەرچە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىراق كوماندىسى ئۇراگىۋاي كوماندىسىغا يىڭىلىپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئادىنان ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن مۇ بۇسابىقىنىڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىردى. مۇسابىقىدىن كىيىن ئاسىيادىكى بالى دەپ تەرىپلەنگەن ئادنان تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ياۋروپادىكى نۇرغۇن زەردار كۇلۇپلار ئۇنىڭ كويىغا چۈشتى.

    مەنسۇر فاكيار (ئافغانىستان، گىرمانىيە ئۇدىنبۇرۇگ كوماندىسىدا توپ تىپىدۇ)
      ئادەتتە قاپقاۋۇللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىپادىسى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ تىگىشلىك ماختاشقا ئىرىشەلمەيدۇ، بىراق فاكيار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ 2013-يىلى 9-ئايدا ئافغانىستان  دۆلەت  كوماندىسىنى يىتەكلەپ جەنۇبى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولدى، ئافغانىستان كوماندىسىنىڭ بۇ غەلبىسى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئىزچىل مۇقىم بولۇشى بىلەن قولغا كەلگەن بۇ غەلبە ئافغانىستانغا ئۈمىد ئىلىپ كەلدى.

    سون خىيوڭ مىن (كورىيە، گىرمانىيە ئا بىرلەشمىسى لېۋىر كۇسىن كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ)
      بۇ كورىئان ھۇجۇمچىغا نىسپەتەن 2013-يىلى ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك يىل بولدى.  ھامبۇرۇگ كوماندىسىدا تۆت يىل توپ ئويناپ گىرمان بىرلەشمىسىدە ئاز-تولا نام چىقارغان  سون خىيوڭ مىن بۇ مۇسابىقە پەسلىدە دورتىمونىد كۇلۇبىنىڭ تەكلىۋىنى رەت قىلىپ، لېۋىر كۇسىن كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ئىدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتىدۇ. 11-ئايدىكى ھامبۇرۇگ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بۇ پەسىللىك گېرمان بىرلەشمىسدە كىرگۈزگەن توپ سانىنى 10 دىن ئاشۇردى.  ئۇنىڭ كورىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتقان بولۇپ، ئۇ پات ئارىدا كورىيەدىن چىققان يەنە بىر گېگانىت پۇتبول چولپىنى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن



ۋاقىت چىقىرىپ مىسرانىم مۇنبىرىدە سىردىشىپ تۇرشىمىزنى ئۈمۈت قىلمەن

ئەسلىم بۆرە،چۈن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2937
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9286
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   10  نەپەر  دەپ   5   نەپەرنىىڭ  رەسىمىلا  چىقىرىپسىز   .       يەنە   بىرسىگە    ھەر     بىرسىنىڭ      باش  سۈرىتىنى ئۈستىگە   رەسىمىنى  ئاستىغا   ئىسمى  ۋە  باشقا چۈشەندۇرۇلشىنى   يازغان  بولسىڭىز     پۇتبولنى چۈشەنمەيدىغانلارغا    ئاسان  بولاركەن  .                  ئۈزىڭىزنىڭ   ئىجادى  تېمىڭىزمۇ  ياكى     ياكى تەرجىمە قىلغانمۇ  ؟               شەخىسىي  قاراش  :   بۇ يىل   خېڭدادىكى     جاڭلىنپىڭ  ياخشى ئوينىغان    نىمىشقا 10نىڭ ئىچىگە  كىرەلمىگەندۇ  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ahmadi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 04:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېڭدانىڭ 10-نۇرمۇرلۇق يېسۋىلەكنى ئاسىيادا ئۇنچە داڭلىق دېگلى بولماس    چىرايىغا قارساملا كالامپايلىقى چىقىپ تۇرىدۇ  ئۇنىڭ      ئەمما بەسەي مەملىكىتىمىزگە نېسپەتەن ئەڭ ئالقېشلىق توپچى  كاپتان تىخى     خېڭدا ئاسىيا ئۇزغۇنى بۇلۇپ  ئاسىيا پۇتبولىنىڭ شەنىنى بۇلغىدى  ... خەلقئارادا ئاسىيا چىمپىيۇنى قايسى دۆلەتنىڭ دېسە بەسەي جۇمھۇريىتنىڭ دېسە  پۇتبولدا ئاسىيادا ئات ئېشەكتەك ئىناۋىتى بار ياپۇن كورىيە ئىران ئىراق سەھۇدى لارنىڭ يۈزىگە سەت ...  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 108 دەششەت كەپتۇ ھە !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ،لىكن قەلبىمدىن يېقىلما .!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27898
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 10:27 PM
خېڭدانىڭ 10-نۇرمۇرلۇق يېسۋىلەكنى ئاسىيادا ئۇنچە داڭلىق ...


ئەفىي بولۇپ تۇغۇلدۇم ، ئەلى بولۇپ چوڭ بولدۇم ، پولات بولۇپ تونۇلدۇم ، شىھىد بولۇپ ئۆلىمەن .
___  ‹‹ Necati Şaşmz  ‹‹ Polat Alemdar

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 10:27 PM
خېڭدانىڭ 10-نۇرمۇرلۇق يېسۋىلەكنى ئاسىيادا ئۇنچە داڭلىق ...

ئالامەت  ئىنكاس.............

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ، بۇ بەسەيلەرگە زادى گەپ توغرا كەلمەيدۇ جۇمۇ ...
مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدە تىلىۋىزوردا ﺑﯘ ﺩﻭﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺴﯩﺰ دىگەن ئېلان چىقىۋاتىدۇ . ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻻﯞﺯﺍ ﺋﯧﻼﻥ ھە ﺑﯘ ؟! ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻣﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﯘ ﺋﯧﻼﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯى ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻘﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯗﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻼﻧﻼﺭ ﺭﺍﺱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩۆﻟﻪتلەﺭﮔﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺟﯘﻣﯘ .

ئەفىي بولۇپ تۇغۇلدۇم ، ئەلى بولۇپ چوڭ بولدۇم ، پولات بولۇپ تونۇلدۇم ، شىھىد بولۇپ ئۆلىمەن .
___  ‹‹ Necati Şaşmz  ‹‹ Polat Alemdar

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسنى دىسەم ، ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ...
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ ۋەتىنىمىز ﺟﻮﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ كىلىۋاتىمەن . ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ . ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﺴﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭ . ( ﺑﻪﺯﯨﯖﻼﺭ )
مەن تىخى ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپتىكى چېغىمدا ‹‹ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ›› دىگەن  ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . يەنە تىخى مەن ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﻼ ‹‹ ﺋﺎﮬ ﺟﻮﯕﮕﻮ ›› ﺩﻩﭖ تىلىم  ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ...


ئەفىي بولۇپ تۇغۇلدۇم ، ئەلى بولۇپ چوڭ بولدۇم ، پولات بولۇپ تونۇلدۇم ، شىھىد بولۇپ ئۆلىمەن .
___  ‹‹ Necati Şaşmz  ‹‹ Polat Alemdar

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 865
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 10:27 PM
خېڭدانىڭ 10-نۇرمۇرلۇق يېسۋىلەكنى ئاسىيادا ئۇنچە داڭلىق ...

چىمپىيونلۇقنىمۇ سىتىۋاپتىمىشقۇ؟مەنغۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپلا قۇياشنىڭ ئورنىغا قارىغان ئىدىم.

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6935
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marhaba77 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 08:56 AM
چىمپىيونلۇقنىمۇ سىتىۋاپتىمىشقۇ؟مەنغۇ بۇ گەپنى ئاڭلا ...


مىشكەن مىش ، مىش مىش ،،،،  بىزدە نىمە  تولا  ؟  بىرەرى  ئازراق نەتىجە  ئالالمىسا  شاپاق ئاتىدىغان ، نەتىجە ئالسا پاچاق تارتىدىغانلار تولا  .
ئاسىيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئاسىياغا ۋەكالىتەن دۇنيا كۇلۇپلار مۇسابىقىسى بويىچەئافرىقا چىمپىيۇنىنى يىڭىپ ،  يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە بايرىن ميۇنخىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ . مىنىڭ ئاڭلىغىنىم  ماۋۇ  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mercury تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 10:42 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش