بۇدۇنيا
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
تەقدىرگە قوشۇلسۇن توغرابىر تەدبىر.
ئىزلىگىن ئىنتىلگىن ھاياتتىن قىممەت،
بىر ئۆلۈم بىر كۆرۈم دېمە بەرىبىر.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
ھاياتلىق سەپرىدە كۆيىدۇ يۈرەك .
ئەل بىزگە بولغۇسى ئادىل تارازا ،
غېزى غاز ئۆردىكى بولۇر سەم ئۆردەك.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
بەزىلەر گۆش يېسە بەزى يەيدۇ مۇش.
بەزىلەر بولسا ھەم ئۆيدىكى كەپتەر ،
بەزىلەر بولىدۇ كۆكتە ئۇچقان قۇش.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
كۈلىمىز يىغلايمىز ئاخىر كېتىمىز.
دۇنيادىن ئىزلەيمىز ئىنسانلىق قىممەت،
بىز كەتسەك قالىدۇ نەۋرە ئەۋرىمىز.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
يوللىرى مۇرەككەپ گويا تىك قىيا .
كېتىمىز ھەممىمىز بالدۇر ۋە كېيىن،
ئەس قاتماس ئۇنىڭغا تۈگمەس مال-دۇنيا.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
بىزدىكى بەش بارماق بولمىغاندەك تەڭ.
بىر نىشان بىر غايە بولسا قەدەمدە،
بۇ دۇنيا شۇندىلا گۈزەل بولۇر ئەڭ.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
بىر ئاكام دېگەنتى تالاش دۇنيانى .
تالىشاي دېگەندە بىر ئاكام دېدى ،
كىملەردىن قالمىغان تالاشما ئۇنى.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
تەقدىرۋە تەدبىرى ئۆزنىڭ قولىدا.
يىغلامدۇ كۈلەمدۇ بەلگىلەر ئۆزى ،
ھاياتقا باسقان شۇ ھەربىر يولىدا.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
يوللىرى مۇرەككەپ ئەگرى ھەم توقاي.
گاھىدا تالىشىپ گاھى تالاشماي ،
ئەجدادلار ئىزىدا بىر مېڭىپ باقاي.
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
مۆجىزە سىرلىرى كۆپتۇر كارامەت.
گەر توغرا بولمىسا باسقان قەدەملەر ،
بۇدۇنيا قىلمايدۇ ساڭا ساخاۋەت .
ھەممىگە باراۋەر ئەمەس بۇ دۇنيا،
توغرىمۇ ئېيتىلغان كاككۇك سۆزلىرى.
مۇھىمى ئۇيغۇرغا ھەر بىر ئىنسانغا،
ئاللاھدىن تىلەيمەن بەخىت كۈنلىرى.
باغراش كاككۇكى