مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22869|ئىنكاس: 195

ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقانلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 03:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2011-يىلى 11- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى.مەن كومپىيۇتىرىمنى قوزغۇتۇپ مۇنبەر ئارىلاۋىتىپ، كۆزۈم ‹يېڭى تېما› دېگەن يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز توختاپ، زور قىزقىش ئىچىدە تېما مەزمۇنلىرىغا قارىدىم،‹ۋاھ بىر-بىردىن ئىسىل تىمىلار ھە ؟›تۇيۇقسىز ،‹يېڭى جاپى چىقىپتۇ› دېگەن خەتنى كۆرۈشۈم بىلەن،پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلەشكەندەك بولۇپ، تىنىم شۈركۈنۇپ، بۇلتۇرقى ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى.ئىچىمدە ‹ئىلاھىم بۇ قېتىمقىسى ئۇنداق بولمىغىيتى›دەپ، تۇرۇپ يەنە شۇمەزمۇننى ئاچتىم،شۇخ مۇزىكا باشلىنىش بىلەن بىرنەچچە ياش بالىلار، گىيا ئۈنمەس تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا ،چۆلدە جىن چاپلىشىپ قالغان ساراڭ پىيى تارتىشىپ قالغان ئۆچكىدەك،ئوڭ-تەتۈر، ئىگىز-پەس سەكرىگىلى تۇردى.بۇنى كۆرۈپ كۈلۈشۈمنى .يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم،
كۆرۈنۈشنىڭ مەزمۇنى نەچچە قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ،يەنە بىر قىسمىنىمۇ ئاچتىم،ئۇنىڭدىمۇ ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان، 16-17 ياشلار چامىسىدىكى .بېشىغا ياغلىق چەككەن قىزى بىلەن يىگىت ،قاملاشمايدىغان غەلىتە بىر ھەركەتلەرنى قىلىۋاتاتتى.بۇلارنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلى نەدە ،مۇزىكا نەدە، ھىچكىمنىڭ كارى يوق،بۇلارغا قاراپ دەپسەندە بۇلىۋاتقان مىللى ئەنئەنىمىزگە، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزگە، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى.ئاچچىق ھىس-تۇيغۇلۇرۇم مېنى .بىر يىل ئاۋال كۆرگەن، يېڭى-يېڭى جاپىلار قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.
2010-يىلى يازلىق كانىكۇلدا ،بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئازراق كىرىم قىلىپ ،ئىختىسادى ئۈنۈم يارتىپ ،ئائىلە يۈكۈمنى يىنىكلەتمەكچى بولدۇم،
ئەمما نىمىش قىلىشنى بىلمەيتتىم،بۇ ھازىر تۇرۋاتقان يېڭى ئۈيىمىزگە كۈچۈپ كەلمىگەن‹ئۆيىمىز تۇلۇق بىزىلىپ بولالمىغان› چاغلار بولغاچ ،بىزمۇ ۋاقتىنچە ئىجارە ئولتۇراتتۇق، ئۈيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ياش ئەر-ئايال، ئۆينىڭ ئالدىغىلا كىچىك يايما ئېچىپ پىلاستىنكا تىجارىتى قىلاتتى.شۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەنىڭ ‹ئاچچىق-ھايات› ،‹ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر،› ‹ئەزەل›‹يۈسۈف-زۇلەيخا› ناملىق فىلىملەر، كىشىلەرنىڭ ئالقىشلىق فىلىملىرى ئىدى.
مەن خوشنىمىزنىڭ ئايالىغا ،تىجارەت قىلىش ئۇيۇمنىڭ بارلىغىنى ئېيتتىم،خوشنام ماڭا پىلاستىنكا تىجارىتىنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلىگىنى چۈشەندۈرۈپ ،يىنىدىن بىركىشىلىك ئورۇن بەردى.
پىلاستىنكىلارنى ئۇنىڭ يولدىشى ئەپكىلەتتى.دانىسى 1يۈەن5 مودىن، 1يۈەن 8 موغىچە ئالغان پىلاستىنكىنىڭ دانىسىنى يوقىرىسىنى 10 يۈەن، تۆۋىنىنى 2يۈەن 5موغىچە ساتاتتۇق،
پىلاستىنكىلارنىڭ ياخشى يىرى. چىقمىسا ،ياكى سۆرەت تۇتۇق بولسا ،ئالماشتۇرۇشقا بۇلاتتى.
ئارىسىدا غەيرى مەزمۇنلۇق لىنتىلار يوق ، يامان يىرى.ئۆزىمىزدە بار، سېتىلىش نىسبىتى تۆۋەن، پىلاستىنكىلارنىمۇ يەنە ئېلىشقا مەجبۇر بۇلاتتۇق،ئەگەر ئۇلارنى ئالمىساق ،يېڭى چىققان ،سېتىلىش نىسبىتى يۇقىرى پىلاستىنكىلارنى  بىزگە بەرمەيتتى.بازىرى ئىتتىك پىلاستىنكىلار ئاز، كىشلەر كۆرمەيدىغان ،پىلاستىنكىلار بىر قەدەر كۆپرەك ئىدى.شۇنداقتىمۇ يەنىلا تەڭدىن كۆپرەك پايدا ئالاتتۇق،مۇنداق تاينى يوق پىلاستىنكىلارنى تۇنۇشلارغا ،ياكى دائىملىق خېرىدارلىرىمىزغا، يېڭى لىنتا بىلەن بىللە قوشۇپ ،بىكارغا بىرىۋىتەتتۇق،
بىز ئولتۇرۋاتقان قورا داۋەن تەرەپتە بولغاچ، بۇيەردە سىرىتتىن كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيتتى.بۇلارنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى ‹دۇرۇسراقلىرىنىڭ›كونا ئۆي-سايمانلىرىنى ئېلىپ- سېتىش ،ياكى پىچىنە -پىرەنىك، تەييار خام تاماق، ئائىلە تائاملىرى. ناۋاي، دىگەندەكلارمۇ ئوننەچچىدىن ئاشمايتتى.
‹دەۋىرگە ماسلاشقان›لىرىنىڭ قىلىۋاتقىنى،ئاتالمىش ‹ھاراق-تاماكا دۇككىنى› دىگەن ئىسىملار بىلەن پەردازلانغان ،‹قاۋاق›،دەپ ئاتىلىدىغان ،بىرگە نەچچە باھانى ھەسسىلەپ قۇشۇپ، قوش تىجارەت قىلدىغان، مەس بولۇپ يىقىلغانلارنى يۆلەپ قويۇش باھانىسىدا ،يانچۇغىنى قۇرۇغداپ، ئىسىل كىيىم ،يېڭى ئاياغلىرىنى سالدۇرۇپ، تېلىفۇن ھەميانلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىپ ،ھىچنىمىنى كۆرمىگەن -بىلمىگەن قىياپەتتە،بۇلارنى پاك-پاكىزە تازلاپ ،قۇرۇغداپ ،ئاتالمىش دۇكان ‹قاۋاق›لاردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۇرنى ئىدى.
شۇنداقلىقىغا قارىماي، ئادەمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.‹يايمىمىز شۇ قاۋاقلارنىڭ قارشى تەرپىدە›
بۇرنىغا يىمىگەن ،رەتلىك-پاكىز كىيىنگەن ياش يىگىتلەر ، ئائىلىسىدە ئايالىنى .بالىلىرىنى .20 يۈەنلىك مىھمان قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماي، مۇشۇنداق ئىپلاس، سېسىق نامى پۇر كەتكەن يەردە ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ،مەنمەنچىلەر .پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغان ئىسىل سۈپەت پۇلدار ئاكاشلار ،بۇيەرنىڭ دائىملىق مىھمىنى بولۇپ تۇراتتى.
سەگەكرەك مەس بولغىنى. ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنىڭ يوقالغىنىنى. ياكى پۇلنى ئارتۇق ئالغىنىنى بىلىپ غەۋغا قىلسا ،خوجايىنلار ،ئۇلارنىڭ ئاپىسىدەك ياشتىكى يۈزلىرىنى مايمۇندەك بويىۋالغان ھەمرا قېرى خۇتۇنلارنىڭ ئاتالمىش ئەرلىرى.‹بىكار تەلەت زابۇي پىيانچۇكلار، ۋىژدانىنى ئىت يەپ كەتكەن، غورورىنى بەش مۇچەنگە سېتىۋەتكەن،پۇلدىن باشقىنى بىلمەي، ھەم تۇنمايدىغان ،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇناپىقلار،›ياكى شۇلارنىڭ بويىغا يەتكەن ،ئاغزىدىن ۋىژدان، غورور چۈشمەيدىغان ئوغۇللىرى .دەرھال سۇنھۇكۇڭدەك چاققانلىق بىلەن ،ھۇسۇڭدەك كۈچلۈك بىلەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خويۈەنجيادەك چامباشچىلىغى. يىشۇدەك ئەقلى بىلەن ،بۇ پۇلدار قاپاق نوچىلارنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى تۈزلەپ ، قاق سەنەم قىلىپ يولغا سەپ قوياتتى.
چارلاش ماشىنىلىرى بۇ كوچىنى كىچىسى نەچچە رەت رازۋىتكا قىلسىمۇ ،بۇنداق ئورۇننىڭ كۆپلىگىدىن،تېزىنى باسسا مېزى چۇگۇلۇپ چىقاتتى.ئاخىردا ‹ئۆزىنىڭ-ئۆزىگە،توپىسى كۆزىگە› دېگەندەك، زىياننى تارتىدىغانلار يەنىلا شۇ پۇل خەجلىگەنلەر بولاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يايمىنى ئېچىپ يېڭى پىلاستىنكىلارنى رەتلەپ ئولتۇرسام ،يېشى 50تىن كەم ئەمەس بىر ئايال كەلدى.
-قىزىم، يېڭى چىققان، شوخراق، ئۇسسۇللۇق ،ناخشا دەيلىرىڭىز بارمۇ؟
-بار ، مانا بۇ يەردە ،سىزگە قاندىغى كىرەك؟
-مەن خەت تونىمايمەن ،ئۆزىڭىز تاللاپ بېرىڭە؟
مەن ئايالغا بىر نەچچە پىلاستىنكا تاللاپ بەردىم ،ئايال 35 يۈەننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ،
-ئەگەر بۇ دەيلەر ئۈيۈمدە بار بولسا ،ياكى چىقمىسا ، ئەكەلسەم ئالماشتۇرۇپ بېرەمسىز؟
-بولىدۇ ،يۈزىنى جىجىۋەتمىسىڭىزلا ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن!
-مېنىڭ ئۆيۈمدە كىچىك بالىلار يوق، بۇنى دۇكاندا قويىمەن، كىرگەن خېرىدارلار ئۇسسۇللۇق دەي دەپ تۇرىۋالىدىكەن،
-ھە سىز ئەسلى دۇكان ئاچىدىكەنسىزدە؟ تىجارىتىڭىز ياخشىكەندە ؟ نىمە دۇكان ئاچىسىز؟
-قاۋاق، ئاۋۇ ئۇدۇلىڭىزدىكىسى مىنىڭ دوكۇنۇم،
بىزدە ‹بولمىساڭ ئىللىق چىراي ،ئاچمىغىن دۇكان ساراي،› دىگەن سۆزگە ئاساسەن، كۈلۈپ تۇرۇپ سورىغان سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، خۇددى گېلىمغا بىرنىمە تۈرۈپ قالغاندەك ، غىققىدە بۇلۇپ قالدىم،مەن بۇ ئۇرۇق، كۆرۈمسىز ئايالنى. بىرەر ئاشخانا، ياكى يولنىڭ تازلىق ئىشچىسىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئايالنىڭ يېشىغا باقماي ، پەرۋاسىزلارچە بەرگەن كۈتۈلمىگەن جاۋابى. تەنلىرىمنى شۈركەندۈرۋەتتى.مەن بۇ ‹خوجايىن›نى نەچچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ ئانچەدىققەت قىلماپتىكەنمەن ،ئايالنىڭ تەپ تارتماستىن قىلغان گىپى مىنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئايال پىلاستىنكىلارنى ئېلىپ كەتتى.
دائىملىق خېرىدارلىرىمدىن بولغان، تۈركىيەنىڭ كىنۇ مەستانىلىرى. بىردەمدە يېنىمغا ئولۇشۇپ، ئۆزلىرى ياختۇرۇپ كۆرىدىغان فىلىملارنى تالاش-تارتىش قىلىپ ئېلىۋاتاتتى. سودىنىڭ قىززىقچىلىغىدا بايامقى كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ ،ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ئىسمدە يوق،
-ياخشىمۇسىز ؟بۇ دەيلەرنى بايا ئاپام سىزدىن ئاپتىكەن ، مەندە بار ئىدى .رەنجىمەي باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرسىڭىز؟
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىميۇ ،تۇلىمۇ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم،چۈنكى ئالدىمدا دائىم مىنىڭدىن پىلاستىنكا ئالىدىغان ،22 ياشلار ئەتراپىدىكى تۇلىمۇ كېلىشكەن ،ئىسىل كىيىنگەن قوش كىزەك ئىككى ئاكا-ئۇكا تۇراتتى.مەن بۇلاردىن قەستەن  سورودۇم:
-خاتالاشمىسام مەن بۇلارنى سىلەرگە ئەمەس ،ياشانغانراق بىر ئايالغا ساتقانغۇ دەيمەن؟
-ھەئە توغرا ، ئاۋۇ ئۇدۇلدىكى‹قاۋاق› دۇكاننى ئاچقان ئايال ، ئۇ بىزنىڭ ئاپىمىز بولىدۇ،
يىگىتلەر پەخىرلەنگەندەك گىدىيىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.مەن بۇ قوش كىزەك گىزەندى. ئاكا-ئۇكىلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ:
-پىلاستىنكىلار ئەنە، ئۆزىڭىز خالىغاننى ئېلىڭ،
يىگىتلەر پىلاستىنكىلارنى ئالماشتۇرۇپ بۇلۇپ مەندىن يەنە سورىدى:
-سىزدە ‹دۆڭباغ ناۋاسى › دىگەن دەي بارمۇ ؟يەنە dj بولسىمۇ بولىدۇ،
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ،ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى ئاختۇردۇم،
‹دۆڭباغ ناۋاسى›‹جاپى›دېگەنلەردىن 12 تال بار ئىكەن. ئەمما d j پىلاستىنكا s d ئىكەن.
-d j دەيلەرنىڭ ھەممىسى s d ئىكەن باشقىسى يوق،
-مەنمۇ دەل مۇشۇندىغىنى ئىزلەۋاتقان،
-بۇ دىگەن سۆرەتسىز ماشىنىدا قويىدىغىنى جۇمۇ؟
-مەنمۇ بۇنى ماشىنىدا قويىمەن ،خاتىرجەم بولۇڭ ،بۇنى ئالماشتۇرمايمەن، بىرى قانچە پۇل؟
-15 يۈەن، سىزنىڭ تېىخى ماشىنىڭىز بارما؟
-نىمە ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ھازىر ماشىنا دىگەن بۇ نىمە،ھازىر قەلەندەردىمۇ بار،
يىگىتلەرنىڭ گىپى تۈگىمەيلا 17،-18 ياشلاردىكى . تۇلىمۇ كىلىشكەن ،چىرايلىق ئىككى ‹مۇدا› قىز، ئۇلارنى چاقىردى.ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىدىن باشقىسى پۈتۇنلەي ئوچۇق،يىگىتلەر قىزلارنىڭ يىنىغا بىرىپ چەتئەلچە قىزغىن سۈيۈشۈپ كۆرۈشكەندىن كىيىن، كۈلۈشكىنىچە قولتۇغلۇشۇپ كىتىپ قېلىشتى. مەن ئۇلارغا قاراپ ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپ قاپتىمەن،يىنىمدىكى كىچىك خىرىدار قىزنىڭ چاقىرىشى. مىنى ئەسلىمگە ئەكەلدى.
-ئاچا كارتون فىلىم بارمۇ ؟ بالىلار ناخشىلىرىچۇ؟
مەن قىزچاقنىڭ دىگەن لىنتىلىرىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ بولۇپ،‹ئادەم ۋە تەبىئەت›، ‹ھايۋاناتلار دۇنياسى› ،دىگەن ئىككى دانە لىنتىنى بۇ ئۇماق قىزغا سوۋغا قىلدىم ،بۇنى نىمە ئۈچۈن بەرگىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن،قىزچاق ماڭا رەھمەت ئېتيقىنىچە يىنىمدىن يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدى.
بىردەمدىن كىيىن نەچچە كونا-يېڭى خېرىدارلار كىلىپ،يەنە شۇ‹دۆڭباغ ناۋاسى›‹جاپى›
دىگەن ئىسىملاردىكى لىنتىلارنى ئېلىپ تۈگەتتى.
كەچمۇ كىردى.مەنمۇ يايمامنى يىغىپ،بىركۈنلۈك سودامنىڭ ھىساۋاتىنى قىلىپ،ئەتە ئەكىلىدىغان پىلاستىنكىلارنى تىزىملىغاچ، پىلاستىنكىلارنى رەتلەۋىتىپ،قولۇمغا يەنە بىر دانە ‹دۆڭباغ ناۋاسى ۋە جاپى› دەپ يىزىلغان پىلاستىنكا چىقتى.‹كىشىلەرنى شۇنچە قىزىقتۇرغان قانداق لېنتىدۇ بۇزادى؟› دېگەن قىزىقىش بىلەن بۇ لىنتىنى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى.پىلاستىنكىنى dvd گە سىلىپ، چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە باشلىدىم،
لىنتا قويۇلۇپ بېشىدىلا ،چوڭ خەتلىك ‹دۆڭباغ ناۋاسى› دىگەن خەت چىقىپ ،ئارقىدىنلا بىر باغچىدىكى ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە، بىرجۈپ قىز-ئۇغۇلنىڭ شۇخ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.بىر كۆرنۈش تۈگەپ ،كەينىدىنلا ئۇلۇنۇپ قايسىدۇر بىر سۇرۇننىڭ قىشلىق ئولتۇرشىدا‹بەلكىم ئۆي بۇلشى مۇمكىن›ئوينالغان،يا ئۇسسۇل ئەمەس،يا كوچا ئۇسۇلى ئەمەس، غەلىتە ھەركەتلەر بىلەن بىر مۇنچە كىشىلەر،ھەرەڭ-سەرەڭ ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.
ئەرلەرنىڭ بىشىدا قۇلاقچا، تۇماق، ياقىلىق بوغما خۇرۇم چاپان ،ئاياللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بېشىدا ياغلىق،بەزىسى يالاڭباشتاق،بوغماق-بوغماق يەل ئورۇپ قويغان توپتەك سىمىز، كىلەڭسىز ،يېشى خېلىلا چوڭ ،قۇرسىغى ئالدىغا، كاسىسى كەينىگە چىقىپ كەتكەن، دوڭغاق ئاياللار، سىمىز بەدىنىگە ھەددىدىن ئارتۇق تار ،چىڭ ئىشتانلارنى ھىلىلا ‹پوڭ› قىلىپ ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك قىستاپ، قىيلىنىپ ،كىيىشىپ، ئىشەك تىپپەتكەندەك چىچاڭشىپ، چالا بۇغۇزلاپ تاشلىۋەتسە جان تالاشقان كالىدەك ،پۈتۈن بەدىنىنى تىتىرىتىپ، شۇنداق ناچار ھەركەتلەر بىلەن ،بەل كاسىلىرىنى تولغاپ، مەيدىلىرىنى ئېتىپ ، بىر-بىرىگە سۈركىلىپ ،تەرلەپ-تەپچىرەپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئىدى.
توۋا، شۇ ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە ۋاپادار ئاياللىرى. كۈيۈمچان ئەرلىرى. ئۇماق پەرزەنتىلىرى يوقمىدۇ؟باشقىلار بۇلارنىڭ بىمەنە، تېتىقسىز ھەركەتلىرىنى كۆرسە نۇمۇس قىلىپ يۈزى قىزارمامدىغاندۇ ؟ سۆز -چۆچەكتىن قورقمامدىغاندۇ؟ياكى ئۆزىنى چولپان ساناپ ،قېلىن يۈزىنى داپتەك قىلىپ ،مەغرۇر كۆتۈرۈپ يۈرەمدىغاندۇ؟بۇنى ‹دۆڭباغ ناۋاسى› دىگەندىن ‹دوڭغاق ناۋاسى ›دىگەن تۈزۈك !
بۇ فىلىمنى سۆرەتكە ئالغان ئادەممۇ ،شۇ ناچار ئىشلارنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە ،بۇ ئولتۇرۇشنى سۆرەتكە ئېلىپ، زامانىۋى قالاق ئۇسۇلدىن ھۇزۇرلۇنۇپ، ‹بۇ فىلىمنى مەن ئىشلىگەن› دەپ،مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ، گىدىيىپ -كىرىلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ قانداقمۇ ۋىژدانى يول قويغاندۇ؟ قانداقمۇ كۆڭلى كۆتەرگەندۇ؟ كامىرا تۇتقان قۇلى تىترىمىگەنمىدۇ؟ غۇرۇرى ئازاپلانمىغانمىدۇ؟شۇ سۇرۇننىڭ ئىشتىراكچىلىرىچۇ ؟مەيداندىكى ئۇسسۇلچىلارچۇ؟
ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى ئۇلارنى ئەيىپلىمىگەنمىدۇ؟ياكى بۇ مەشھۇر چۇلپانلاردىن پەخىرلەنگەنمىدۇ؟
بىزدە‹ئالتۇننى زەگانىڭ سوققىنى تۇزۇك›، ‹ كۈلەلمىسەڭ ھىجايما › ،‹قىسالىساڭ گۈل قىس، بولمىسا كۈتۈڭنى قىس ›دېگەندەك ھىكىمەتلىك سۆزلەر بىكارغا ئېيتمىغان،
توغرا،بىز ئۇيغۇر خەلقى ناخشا -ئۇسسۇل سەنئەت خۇمار خەلق، بىز ئايىغىمىز چىقىش بىلەن ئۇسسۇل ئويناشنى .تىلىمىز چىقىش بىلەن ناخشا ئېيتىشنى بىلىمىز،بىزنىڭ ئەبەدىل- ئەبەت ئۆلمەس 12 مۇقامىمىز بار،بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپۈتىدە،كۆزگە كۆرۈنگەن پىشقەدەم ۋە ياش، داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولغان ناخشا-ئۇسسۇل،ئىتوتى. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ  قىزغىن قوللاپ -قۇۋەتلىشىگە ئىرىشكەن،
ناخشا ئۇسسۇلچىلىرىمىزمۇ،ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى پۇتكۈل دۇنياغا تۇنۇتقان، قىزغىن ئالقىشلارغا، مەدىيەلەرگە ئېرىشكەن، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ، بولا-بولماس نەدىكى‹ئۇ ناۋاسى-بۇ ناۋاسى› دىگەندەك، كەلسە- كەلمەس ئىسىملارنى قويۇپلا، ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىگە داغ تەككۈزىۋاتىمىز ،ئۇنى دەپسەندە، ئاياغ-ئاستى قىلىۋاتىمىز، بىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق شان -شەرەپ تاپامدۇق؟ ياق... سەنئەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمەيدىغان، چۈشەنمەيدىغان ،قىسمەن مىتە قۇرۇتلار، سەنئەتنىڭ، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ ،يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ سەنئەت خۇمار خەلق ئىكەنلىگىمىز ھەممىگە ئايان، بۇنى پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە نىمىشكە ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىمىزنى قەدىرلىمەيمىز؟  
ئۇنداق قىلمايلى دوستلۇرۇم، توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۈم دۇنيانى ،سىز -بىزلا ئەمەس ،پۇتكۈل دۇنيا خەلقى كۆرىدۇ ، زىيارەت قىلىدۇ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى،تۇرمۇشىمىزنى ئۈگىنىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر، مىللەتلەر،بىزنىڭ چاكىنا ،تۇتۇرۇقسىز ،ئۇسۇللىرىمىزنى. ئۇيۇن -تاماشىلىرىمىزنى كۆرسە بىزنى نىمە دەپ قالار؟بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلارچۇ؟ ئۇلارغا تەسىرى بولماسما؟ ئۇلار بىزدىن نەپرەتلەنمەسما؟
‹جاپى› دېگەن بۇ ناخشا ئەسلى ھىندىستاننىڭ ‹پەرزەنىت ئىشقى› ناملىق فىلىمىنىڭ ناخشىسى .بىز ئۇ ناخشىنى ئۆزتىلىمىزغا مۇنداقلا ئۆرۈپ ،ئاغزىمىزغا كەلگەننى جۆيلۈپ ،ئىشەك ھاڭرىغاندەك سەت ۋاقىراپ ئېيتساق، ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىمۇ بىرى كۆتىگە مىخ سانچىغان، ياكى كۆكۈيۈن چېقىۋالغاندەك ،ئوينىغان ئۇسسۇلى رىتىمغا چۈشتىمۇ يوق ،قىلىۋاتقىنى ئۇسسۇل ھەركىتىمۇ ياكى كوچا ئۇسسۇلىمۇ ؟ئىككىسىنى ئەبجەش قىلىپ بۇزۇپ ئوينىسا، مۇزىكا نەدە؟ ئۇسسۇل نەدە ،ناخشا نەدە كارى يوق، مەيدانغا چۈشسىلا ھىساپ دەپ ئويلىسا ، بۇنى قانداقمۇ سەنئەت دىگىلى بولسۇن؟ھەر نەرسىنىڭ ئۆز يارشىغى، ئۇسلۇبى، ئوبرازى ،رىتىمى بولىدۇ ،
ئۇسسۇل دىگەن مەلۇم مەنانى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ،ئىچكى ھىسيات يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، بەدەن شەكلى .قول ھەركىتى. رىتىم .مۇزىكا بىرلەشتۈرۈلگەن جانلىق بىر ئوبراز، نىمە ئۈچۈن تىياتىرخانلاردا ئۇيۇن قويسا كىشىلەر بىرمۇنچە پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىپ كىرىدۇ ؟ئۆيدە ئۆزى ئوينىۋالسا بولمامدۇ؟ بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟
سەنئەت كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن ئىستىتىك زوق ،روھى ئۇزۇق بېغىشلايدىغان دورا، نىمە ئۈچۈن سەھنىدىكى ئارتىسلار بىرقىتىملىق ئۇيۇن ئۈچۈن نەچچە ئايلاپ جاپالىق مەشىق ئېلىپ بارىدۇ؟ شۇ ئۇيۇننى مۇۋاپپىقەيەتلىك سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ،كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن خۇشاللىق ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقوۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى كىشىلەرگە تۇنۇتۇش ،بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن، كىچە-كۈندۈز جاپالىق تىرىشىپ ،نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ ئۇقىۋاتىدۇ ، ئەجىبا ئۇلارمۇ ئۆزلىرى شۇنداقلا ئوينىۋالسا بۇلمامدۇ ؟ ئۈگىنىپ نىمە قىلىدۇ؟
نىمىشقا جەمئىيەتتىن ئارتىس قۇبۇل قىلمايدۇ؟ چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ چىكى بار،‹سەھرادا ھاڭرىغان ئىشەك ،شەھەردە ھاڭرىيالمايدۇ ›،‹ئۆيدىكى ھىساپ بازارغا توغرا كەلمەيدۇ›،بەك ئاشۇرۋەتسەك باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز،ئۆزىمىزنى ئايايلى ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتمەيلى ،ئىناۋىتىمىزنى ساقلايلى ،ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ بۇنداق چاكىنا ‹جاپى›لىرىنى تۇسۇيلى،كەلگۈسىمىزنى ئۇيلايلى ،ئەۋلاتلىرىمىزغا يۈزكىلەلىگىدەك ئىش قىلايلى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلەيلى ،قىزلىرىمىز كەلگۇسىنىڭ ئانىسى بولغاندەك ،ئوغۇللىرىمىزمۇ كەلگۈسىنىڭ ئاتىسى.
ھەممىمىز بىر نىيەت -بىر مەخسەتتە بولساق، يەتكىلى بولمايدىغان نىشان يوق،
ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، تۇققانلىرىمىز-دوستلىرىمىزغا ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆز -قۇلاق بولۇپ، ئۇلارنى بۇنداق ناچار قىلمىشتىن تۇسايلى، ھەۋەسكار ناخشا-ئۇسسۇلچىلار، سىلەرمۇ نەدىكى خەقنىڭ تاينى يوق ‹جاپى›سىنى ئېيتماي ،ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق ياخشى، ئېسىل ،ئۇسۇللۇق-لىرىك ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان ناخشىلارنى ئېيتايلى، شۇ ئۇسسۇلنى ئوينىغىچە ،ناخشىنى ئېيتقىچە يۈزۈڭلار قىزارمىدىما؟ نۇمۇس قىلمىدىڭلارما؟بىز قۇرۇق شۇئارنى كانىيىمىز يىرتىلغۇچە تولىماي ،ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەيلى.بەلكىم بىزنىڭ بۇ ناچار ئۇسۇللىرىمىز مەرھۇم سەنئەت پىشىۋاسى، ‹قەمبەرخانىم›‹ھاجى راخمان› مۇقام پىشىۋاسى ‹ئاماننىساخان›‹تۇرداخۇن ئاكا›قاتارلىقلارنى ئېچىندۇرغان،قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولىشى مۇمكىن،
مەن خىياللىرىمنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئېچىنىش ئىچىدە ،ھېلىقى جىن -شاياتۇنلاردەك ياسىنىپ، ‹دوڭغاق ناۋاسى›نى ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقانلارغا نەپرەت- يىرگىنىش بىلەن قاراپ قۇيۇپ تېلىۋىزۇرنى ئۈچۈرىۋەتتىم،ئەتىسىدىن باشلاپ بارلىق پىلاستىنكىلارنى ئۆز باھاسىدا خۇشنامغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ تىجارىتىمنى توختاتتىم،
كىيىن ئۈيىمىز پۈتۈپ ئۇيەردىن كۈچۈپ كەتتۇق، ئاڭلىشىمچە ئۇ يەردىكى ‹قاۋاق›لاردا ئىككى قىتىم ئادەم ئۈلۈش، ئېغىر يارىلىنىش ۋەقەسى چىقىپ ،ئۇ يەرلەرنى جامەئەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى. ج خ ئىدارىسى كىلىپ پىچەتلەپتۇ، ئەمما ھىلىقى قوش كىزەك ئوغلى بار ئايال، بۇرۇنقى دۇكاننى تاقاپ ،يەنە بىر كوچىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش ‹قاۋاق›تىن بىرنى ئېچىپ ، يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرەمىش،
مەنبە ئۆز قەلەم،
سەمىمى ئەسكەرتىش:ئاپتور بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن يازمىدا پەقەت ‹مەن›نىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم، تورداشلارنىڭ خاتا چۈشەنچىدە بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن،


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kara-yijiran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 03:33 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sazguri + 11 ئەخلەت 垃圾垃圾
loveuighur + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
savdaye + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 71   باھا خاتىرىسى

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3127 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:27:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ جاپى دېگەننى ئاڭلىسام نىرۋام ئۆزلەيدۇ مېنىڭ

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1388 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇما ناھىيسىنىڭ زاڭگۇي يىزىسىدىكى بىكار تەلەتلەرنىڭ ئىشلىگەن چاكىنا ئۇسۇللىرى شۇ.

جاپى ئۇسۇللىرىنى توردىن كۆرۆپ، نەچچىسىنى تونۇپ قالدىم. ئارىسىسدا ئاساسەن دىھقان ياشلىرى بولۇپ، زاڭگۇي يىزىسىدىكى بىر نەچچە دۇكانچى باللامۇ بار ئىكەن.


دەل مۇشۇ سىندىكى جاپىچىلار شۇ.


http://www.56.com/u32/v_NjAwNDI0ODg.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 05:00 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5413
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20278
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2288 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:33 PM
گۇما ناھىيە زاڭگۇي يىزىسىدىكى بىكار تەلەتلەرنىڭ ئىشلى ...

ئا يېزىنىڭ ئىسمى چاقچاقمۇ يا؟
زاڭگۇي دەپمۇ يېزا بولامدۇ..

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7422
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:33 PM
گۇما ناھىيە زاڭگۇي يىزىسىدىكى بىكار تەلەتلەرنىڭ ئىشلى ...

مەن    تېخى  نىفىتلىكتىكى  كىشىلەر ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتىم ........   ئارام جاڭگال داپەنجىخانىسى  ئاشۇ يەردىمىكىن ..................... بۇ جاپى توغۇرسىدا  بوران 114 خېلى چوڭقۇر  مەلۇماتقا ئىگە... ئىدى

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1388 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:35 PM
ئا يېزىنىڭ ئىسمى چاقچاقمۇ يا؟
زاڭگۇي دەپمۇ يېزا بولا ...

چاقچاق ئەمەس. راس

گۇما ناھىيسىنىڭ: گۇما بازىرى، كۆكتىرەك يىزىسى، مۇجى يىزىسى، زاڭگۇي يىزىسى، پىيالما يىزىسى، دۇۋا بازىرى، سانجۇ يىزىسى، كەڭقىر قىرغىز مىللى يىزىسى، قوشتاغ يىزىسى، باشلەنگەر يىزىسى، كىلياڭ يىزىسى، تاجىك مىللى يىزىسى، پىشنا يىزىسى قاتارلىق 15 يىزا- بازىرى بار.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1388 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:40 PM
مەن    تېخى  نىفىتلىكتىكى  كىشىلەر ئوخشايدۇ دەپ ئويلاي ...

جاپى 1 ، جاپى 2 دەپ پىلاستىنكا چىقارغانلار ئىچىدە گۇما ناھىيسىنىڭ زاڭگۇي يىزىسىدىن بىر نەچچەيلەن بار، بولۇپمۇ زىلۋا، چىرايلىق كەلگەن، بىلىنى تولغاپ جاپىغا چۈشىدىغان ( ھىلىقى ساياھەت نۇقتىسىدا، چوڭ كۆل بويىدا ئۇسسۇل ئوينىغان قىز بالا دەل زاڭگۇيلاغ قىز )
يەنە بىرى: گۇما ناھىيە زاڭگۇي  يىزىسىكى ئۈن- سىن دۇكىنى ئاچىدىغان ئەخمەت بارات دىگەن كىشى، سىنغا ئالغان كىشى ئىكەن.

ھىلىقى پىلاستىنكىلىرىدا تىلىفۇن نومۇرلىرىمۇ بار كەنغۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:48:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5413
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20278
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2288 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:41 PM
چاقچاق ئەمەس. راس

گۇما ناھىيسىنىڭ: گۇما بازىرى، كۆكت ...

رەھمەت.... بىلىۋالدىم..
بىزنىڭ ناھيىدە ئاران 5 يېزا بار...ھەر بىر يېزىدا 2-3 دىن كەنىت بار...
ھەقىقەتەن نوپۇسىمىز ئاز كەن

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7422
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:47 PM
جاپى 1 ، جاپى 2 دەپ پىلاستىنكا چىقارغانلار ئىچىدە گۇما  ...

بۇ جاپى 34 قىسىم  يوللاندى ئالدى كەينى بولۇپ .......
   باغداشتا ئىنكاس تەستىقلاش تۈزىمىنى بىكار قىپتۇ

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش