مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1250|ئىنكاس: 19

بۇ چۈش ئەمەس (مىكرو ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشقى قىياپىتىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان قەددى-قامىتى كېلىشكەن بۇغداي ئۆڭ ، ئوتتۇرا بوي ، سالاپەتلىك كۆرۈنىدىغان 40 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى يالقۇن بولۇپ قايناق بازارلارنىڭ بىرىدە <ئەتىرگۈل> ماركىلىق مەخسۇس ئاياللارنىڭ كىيىم -كېچەكلىرىنى ساتىدىغان كۆلىمى كىچىكرەك بىر دۇكىنى بار ئىدى .
يالقۇن دۇكان ئاچقان ئون نەچچە يىل مابەينىدە تالاي قىز-چوكانلارنى كۆرگەن بەزىلىرىگە نامۇۋاپىق چاقچاقلارنى قىلىپ باققان ، نۇرغۇنلىرىنىڭ نازۇك يەرلىرىگە <ئېھتىياتسىزلىق>تىن قوللىرىمۇ  تېگىپ كېتىپ باققان ، بەزىلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرگەن ، بەزىلىرىدىن دەككىسىنى يىگەن يىغىپ كەلگەندە دۇكىنىغا ئاياق باسقان سەتەڭلەرنىڭ كۆكسىگە <ئىرىم> قىلىپ نەزەر تاشلاپ ئۈلگۈرىدىغان تولىمۇ ئىشىقۋاز بىر ئادەم ئىدى .
ئۇ يىگىرمە ياش ۋاقتىدا ئۆيدىكىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن زىلۋا بوي ، ئاق پىشماق ، ئوچۇق - يورۇق ، خۇش -چاقچاق ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىك ئامىنە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان بولۇپ ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار ، چوڭىنىڭ ئىسمى بەرنا 19 ياش ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ، كىچىكى ئوغۇل بۇيىل 15 ياش يۇرتىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ .
يالقۇننىڭ تاپاۋىتى خېلى ياخشى بولسىمۇ لېكىن بەدخەشلىكىدىن دۇكىنىنىڭ دەسمايىسى ۋە بىر توكسىكىلىتىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇش راسخوتىغىمۇ ئاران ئېشىناتتى شۇنداقتىمۇ ئايالى ئامىنە ئىقتىسادچان ئايال بولغاچقىمىكىن ئۇلارتۇرمۇشتا ھەر ھالدا قىينىلىپ قالمىغان ئىدى.
ئايالى ئامىنە يولدىشىنىڭ سىرىتتىكى ئىشلىرىدىن ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان بولۇپ ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر قىزىنىڭ بارلىقىنى <كالىغا كەلگەن موزايغىمۇ كەپتۇ> دېگەندەك ئىشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يولدىشىدىن بۇنداق چاكىنا ئىشلاردىن قول يىغىشىنى كەسكىنلىك بىلەن تەلەپ قىلغان ھەتتاكى ئاجىرشىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ تەھدىت سالغان بولسىمۇ يالقۇن ئايالىغا ماقۇل دەپ قويۇپلا يەنىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ كېلىۋاتاتتى .
ئۇ دائىم ئۈرۈمچىگە مالغا بارغىنىدا چۈشكەن ياتاقلىرىدا كېچىنى قىزلارنىڭ ھەمرالىقىسىز ئۆتكۈزمەيتى . ئۇ ھەرقېتىم <دەللاللار> غا شەرت قويغاندا قىزلارنىڭ 18 ياش ئەتراپىدا بولىشىنى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى جىكىلەپ تاپىلاشنى ئۇنۇتمايتى.
مانا بۇگۈن يالقۇن ئۈرۈمچىگە يەنە مالغا كەلدى ، دۇكان ئارلاپ مال كۆرۈپ ئۇنى بۇنى ئېلىپ سودىسىنى پۈتتۈرمەيلا ھەش -پەش دېگۈچە كەچ كىرىپ قالدى ، ئۇ باھاسى ئەرزانراق بىر مېھمانخانىغا چۈشۈپ ئورۇنلاشتى ھاردۇق يەتكەن بولسا كېرەك ياتاقنىڭ ئىشىكىدىن كىرە-كىرمەيلا ئۆزىنى كارۋاتقا ئوڭدىسىغا تاشلاپ تورۇسقا قاراپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ياتتى .
شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ كۆزى تامدىكى بىر تېلىفۇن نومۇرىغا چۈشتى نومۇرنىڭ ئۈستىگە <مەن بۇ يىل 16 ياش ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن....>دېگەندەك سۆزلەر قىسقىغىنە يېزىلغان ئىدى .
16 ياش يالقۇننىڭ دىققىتى بۆلۈندى كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى لېكىن ئۇنداق قىزلارنىڭ ئەسلى يېشىنى يوشۇرۇپ كىچىكلىتىپ ئېيتدىغانلىقىنى ئوبداق بىلسىمۇ ئۆزىنى قىزنىڭ 16 ياش ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە بەزلەيتى .
يالقۇن ئەسلىدىنلا ھىلىگەررەك ئادەم بولغاچقا ھەر ئېھتىماللىققا قارىشى ئوۋ ئىزدىگەندە ئۆزىنىڭ يانفۇن نومۇرىنى ئىشلەتمەيتى ، بۇنداق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانغا ئۆزىنىڭ ئايريم تېلىفۇن كارتىسى بار ئىدى.
ئۇ يانفۇننى قولىغا ئېلىپ دەرھال تېلىفۇن قىلماقچى بولدىيۇ لېكىن بۇگۈن ئازراق ئۈنى پۈتۈپ قالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۇچۇر يوللاش قارارىغا كەلدى ، تەلىيىگە قارىشى تەرەپتىنمۇ ئۇچۇرىغا جاۋاب كەلدى ، يالقۇن ئۆزى چۈشكەن مېھمان خانىنىڭ ئورنىنى ۋە ياتاق نومۇرىنى ئېيتىپ چاققانراق كېلىشىنى تەلەپ قىلدى ، قىزمۇ دەرھال بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماقۇل بولدى .
يالقۇنغا نىسبەتەن ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۆتمەكتە خۇددى بىرى سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىغا ئېسىلىۋالغاندەكلا. مانا ۋىسال جاملىرىدىن شاراب ئىچىدىغان ۋاقىتمۇ يىتىپ كېلەي دەپ قالدى ، كارىدۇردىن بىرسىنىڭ يىنىك ئالغان ئاياق تىۋىشى بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى ، ئاخىرى ئىشىك چېكىلدى يالقۇننىڭ كىرىڭ دېگەن رۇخىسىتى بىلەن قىز كىرىپ كەلدى . ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى ، بىر ئازدىن كېيىن ئەسلى ھوشىنى يىققان قىز ئۈن سېلىپ يىغىلغىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىكنى ئېچىپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى .
يالقۇن بۇنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى چۈنكى ئۇ بۇنداق پەيىتتە بۇنداق سالاھىيەتتە ئۆز قىزى بىلەن بىر ياتاقتا ئۇچىرشىپ قېلىشىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى.

مەنبە : ئۆز قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ihbal99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 01:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101345
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەب-ئەخلاق شەرمى ھايا،ئۇيغۇر ئېسىل ئەنئەنەلىرمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.بىز كىم ؟ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولسۇن !
ئەدەپ -ئەخلاقسىز شەرمى-ھاياسىز ئىنسان ،ئىنسان ئەمەس بەلكى ھايۋاندىن پەرقى يوقتۇر.بۇ ناھايىتى ياخشى تېمىكەن .ئەدەب ئەخلاق بىلەن ئۇيغۇرلىقىمىز بىلەن ياشايلى ! رەھمەت قېرىندىشىم .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4419
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19060
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1404 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىكرو ھېكايە
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ... بۇ ئالەم ئۆتنە ئالام..
ئائىلە تەربىيىسى بولمىسا چاتاق...
بىر چاغلاردا تور ساھەسىدە... خەنلەردە بولغان ئىشقۇ دەيمەن..
بىر كەمبەغەل دېھقاننىڭ قىزى كاتتا بىر شەھەردە ئوقۇيدىكەن..
قىزى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا ئۇ ئاۋال ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا ئەرمەك ھايۋان چاقىرتىپتىكەن
ئاخىرەتتە ئۆز قىزى كىردى دەپ غولغولا قوزغىغان ئىدى..

ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزغا ئىنساپ بەرسۇن !

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمانداق ئۇياتسىزلىق بۇ

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:54 PM
مىكرو ھېكايە
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ... بۇ  ...

مەن راستىنلا ئۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە......

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4419
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19060
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1404 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihbal99 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 05:15 PM
مەن راستىنلا ئۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە......

مەن خەنچە تورلاردا كۆرگەن...
نىما بولمىسۇن بىر ئىبرەتلىك تېما ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە تەشەككۈر....
نۇرغۇن كىشلەر ھامىنى بۇ ئالەمنىڭ ئۆتنە ئالاملىكىنى ھېس قىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مۇشۇ ھېكايىدىن

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگۈچى ئاللا ئۆزۈڭ بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2014-1-4
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى قىلدىم خۇدايىم!
توۋا... ... ...

ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 07:23 PM
بىلگۈچى ئاللا ئۆزۈڭ بار.

نەچچە مىليارىد ئادەم ياشاۋاتقان بۇ زىمىندا رىئال تۇرمۇشتىكى بىرەر ۋەقەلىكنىڭ بىرەر ھىكايىدىكى ۋەقەلىكنىڭ قىسمەن بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا توغرا كېلىپ قالسا ئاللاھنى گۇۋاھچىلىققا تارتىپ  قورساق كۆپىكىمىزنى ئىپادىلەش ھاجەتسىزغۇ دەيمەن؟؟

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ . ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﺘﯘﺭ . ﺋﯜﻟﯜﻡ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺴﺎ ، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻤﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮﻯ << ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .>> ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺳﻪﯞﻩﺏ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ . ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﭼﻮﻟﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﺎﻟﺘﻪ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . << ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ >> ﺗﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺧﯩﺘﻨﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ ؟ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺳﺎﻗﻼ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ . ﺑﻪﺧﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ، << ﭼﻮﻟﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . >> ﮬﻪﻱ ... ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ .


ئەفىي بولۇپ تۇغۇلدۇم ، ئەلى بولۇپ چوڭ بولدۇم ، پولات بولۇپ تونۇلدۇم ، شىھىد بولۇپ ئۆلىمەن .
___  ‹‹ Necati Şaşmz  ‹‹ Polat Alemdar
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش