|
|
|
|
كورىيە
Korea
بۈيۈك كورىيە ئاۋام دۆلىتى
كورىيىنىڭ تولۇق نامى < بۈيۈك كورىيە ئاۋام دۆلىتى > بولۇپ ،شەرقىي ئاسىيانىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان . شىمالدا 38-پاراللىل ھەربىي چىگرا سىزىقى ئارقىلىق چاۋشيەن بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ،كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدا ماخەن ، مۇخەن ،چىنخەن ئىبارەت ئۈچ كىچىك دۆلەت بولۇپ ، تارىختا <ئۈچ خەن>دەپ ئاتالغان . <ئۈچ خەن>دىكى <خەن>خېتى كورىيە تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز Han نىڭ ئاھاڭ يېزىلىشى بولۇپ،ئۇنىڭ كورىيە تىلىدىكى مەنىسى < چوڭ ،بۈيۈك >بولىدۇ . ئەينى چاغدا كورىيەدە يېزىق بولمىغاچقا ، بۇ بىر قانچە دۆلەت نامىنى يېزىقتا خاتىرلەشكە ئامالسىز قىلىپ ، شۇ چاغدا ئوموميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان خەنزۇچە يېزىقتا كورىيە تىلىنى خاتىرلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، جۇڭگو تارىخىدىكى خەن دۆلىتىنىڭ نامىدىكى <خەن > خېتىنى ئېلىپ ئىشلەتكەن . 1897-يىلى ،چاۋشىيەن لى جەمەتى سۇلالىسى پادىشاھى لى شى ئۆزىنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش سەۋەبىدىن ، دۆلەت نامىنى <بۈيۈك كورىيە ئىمپىرىيىسى> گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ . لېكىن بۇ < بۈيۈك كورىيە ئىمپىرىيىسى > ئىسمى -جىسمىغا ماس كەلمەي قالىدۇ . 1910-يىلى 8-ئايدا چاۋشىيەننىڭ ۋەتەن ساتقۇچى خائىنى لى ۋەنيۇڭ قاتارلىقلار ياپونىيە ھۆكىمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ <ياپونىيە-كورىيە بىرلىشىش شەرتنامىسى>نى ئىمزالايدۇ ، چاۋشيەن ئىگىلىك ھوقوقىدىن تامامەن مەھرۇم بولۇپ ،ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ ،لى جەمەتى سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ . بۇ چاغدا كورىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ قايتا مەۋجۈت بولمايدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن رايون نامى <چاۋشيەن >بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ . چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەسلىدە بىر پۈتۈن مەملىكەت بولۇپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، سوۋىت ۋە ئامىرىكا قوشۇنىنىڭ <38-پاراللىل> سىزىقى بويىچە چاۋشيەننى ئايرىپ ئىگىلىشى ئارقىسىدا ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئىككى بۆلەككە بۆلىۋىتىلگەن . 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كورىيە مىللىتى ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىدىن قۇتۇلىدۇ .1948-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۇبىي قىسىمدا <بۈيۈك كورىيە ئاۋام دۆلىتى >قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ ، قىسقارتىلىپ كورىيە دەپ ئاتالغان.
كورىيىنىڭ يەر كۆلىمى 99مىڭ كۋادرات كىلومېتىر . ئاھالىسى 44مىليون 460مىڭ ،ھەممىسىلا كورىئان ،ئاساسلىق دىنلاردىن بۇددا دىنى ، خىرىستىئان دىنى ،كاتولىك دىنى قاتارلىقلار بار . پايتەختى سېئول . پۇل بىرلىكى كورىيە ۋۇنى .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ
|
|
|
|
|
|