مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1343|ئىنكاس: 8

قەشقەردىكى مەدرىسە (كۆچۈرۈلمە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 11:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر قەدىمىي شەھەر، قەشقەر شەھىرىدە بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى 17 مەدرىسە بار بولۇپ ، بۇلاردىن ھېيتگاھ مەدرىسەسى ، تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسەسى ، ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسەسى ، دورغا بەگ مەدرىسەسى ، كەنجازا مەدرىسەسى ( توختى خوجا مەدرىسەسى ) ، ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسەسى ، تاغارچى كوچىسىدىكى مەدرىسە ، دىن ئىبارەت يەتتە مەدرىسە قەشقەر شەھىرىنىڭ << تاشقارقى شەھەر >> دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان ، دۆڭ مەسچىت مەدرىسەسى ، ۋاڭلىق مەدرىسەسى ، خانلىق مەدرىسەسى ، قازانچى مەدرىسەسى ، توقام ( ئابدۇۋىلى باي ) مەدرىسەسى ، ئاخۇن بايۇفلار مەدرىسەسى ، ساقىيە مەدرىسەسى ، چاچ مەدرىسەسى ، كەسكەن يار مەدرىسەسىدىن ئىبارەت 10 مەدرىسە قەشقەر شەھرىنىڭ << ئىچكەركى شەھەر >> دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان . تاشقارقى شەھەر قىسمىدىكى مەدرىسلەرگە قارىغاندا ئىچكەركى شەھەر قىسمىغا جايلاشقان مەدرىسلەر ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە ، بۇلاردىن << خانلىق مەدرىسەسى >> بىلەن << ساقىيە مەدرىسەسى >> تېخىمۇ قەدىمكى مەدرىسلەر ھېسابلىنىدۇ . تۆۋەندە خانلىق مەدرىسە>> بىلەن << ساقىيە مەدرىسەسى >> ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز .


1 . خانلىق مەدرىسە
   

خانلىق مەدرىسە خانلار تەرپىدىن ياسالغان مەدرىسە بولۇپ ، ئۇلارنى << سەئىدىيە >> خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ياسىغان . يەكەندە << خانلىق مەدرىسە >> دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ مەدرىسە بار ، بۇلاردىن بىرى ئالتۇنلۇق مازار يىنىدىكى ئابدۇرىشىتخان ياسىغان مەدرىسە ، بىرى كونا خانلىق مەدرىسە سى ، يەنە بىرى رەستە ئارقىسىدىكى رىكىستان ( قۇملۇق ) دىكى ئابدۇللا خان ياسىغان مەدرىسلەردىن ئىبارەت . يەنە خوتەننىڭ ئىلچى دېگەن يېرىدە << خانلىق مەدرىسە >> نى << سەئىدىيە >> خانلىقىنىڭ 8 - پادىشاھى ئابدۇللا خان ئابدۇرىھىم ئوغلى تارىخىي ھىجىرىيە 1048 - يىلى ( مىلادىيە 1638 - يىلى ) تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كىيىن ياسىغان . قەشقەردىكى بۇ مەدرىسە ئەينى چاغدىكى شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا كۆپ مەدرىسە ۋە جامەلەر بىلەن ئاۋاتلاشقان << ئوردا ئشىكى >> دېگەن گۈزەرگە سىلىنغان بولۇپ ئۇ يەردە شاھ ئوردىسى ( قەسىر ) بار ئىدى .
    قەشقەر خانلىق مەدرىسەسى غايەت زور مەرىپەت ئورنى بولۇپ ، ئەينى چاغلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان .
   بۇ مەدرىسەنى خانلار ياسىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ۋەخپىنىڭ كىرمىدىن كىلەتتى ، يەنى ياسىغۇچى ئاجراتقان كۆپ مىقداردىكى ۋەخپە زىمىن ، ۋەخپە ساراي ، ۋەخپە دۇككانلىرىنىڭ كىرىملىرى مۇدەررىسلەرنىڭ ئىش ھەققى ، تالىپلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ، مەدرىسەنى باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىلەرگە بېرىلەتتى ، مەدرىسلەرنىڭ رېمونىتىغا ئىشلىتىلىلەتتى .
   

2 . << ساقىيە >> مەدرىسەسى
   


<< ساقىيە >> مەدرىسەسى قەشقەرنىڭ ئىچكەركى شەھرىدىكى << ساقىيە >> مەھەللىسىگە جايلاشقان . بۇ مەدرىسە << خانلىق مەدرىسە >> تىن ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، مەدرىسەنىڭ نامىغا قارىغاندا مىلادىيە ⅩⅢ ياكى ⅩⅣ  ئەسىرلەردە ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ مەدرىسەنىڭ ئەسلىي نامى << توقا بەگ مەدرىسەسى >> بولۇپ ، بۇ ، توغرۇل دېگەن نامىدىن بۇزۇلۇپ ئاتالغان .
   

موڭغۇل ئىمپىريەسى دەۋرىدە << بەرراس >> دېگەن بىر قەبىلە بار بولۇپ ، بەرراسلار مەلۇم ئىنتىيازغا ئىگە ئىدى . ئەينى چاغدا بۇ مەدرىسەنى بەرراسلاردىن بولغان ئەر توغرۇل بەرراس دېگەن كىشى ياسىغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەدرىسە << ئەر توغرۇل بەگ مەدرىسەسى >> دەپ ئاتالغان . كىيىن ، << ئەر توغرۇل بەگ >> دېگەن سۆزدىن << ئەر >> سۆزى تاشلىنىپ قېلىپ << توغرۇل بەگ >> دەپ ئاتالغان . زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن << توغرۇلبەگ >> دېگەن سۆزگە ئۆزگەرگەچكە ، يىقىنقى زامانغىچە << توقا بەگ >> نىڭ مەدرىسەسى دېگەن نام ئۆزلەشكەن . بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ مەدرىسەنىڭ تارىخىنى 500 يىلدىن ئاشقان دىيىشكە بولىدۇ .


ئۇنداق بولسا ، << ساقىيە >> دېگەن نام قانداق پەيدا بولغان؟
   

ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىلگىرى ساقى ، باقى ، سەقى ، نەقى دېگەن ئىسىملار كۆپ ئىدى ، ساقى دېگەن ئىسىم ئەينى چاغدا بىر مەھەللىدە قاسساپلىق قىلدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ ، كىيىن شۇ مەھەللىنىڭ نامى ساقى قاسساپنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان . بۇ مەھەللىگە سېلىنغان مەدرىسەمۇ بارا بارا << توقا بەگنىڭ مەدرىسەسى >> دېگەن نام بىلەن ئاتالماي ، ساقى قاسساپنىڭ مەھەللىسىدىكى مەدرىسە __ << ساقىيە مەدرىسەسى >> دەپ ئاتالغان .
   

ھازىرمۇ چاسا گۈزىرىدىن قارقى دەرۋازا ئورنىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر مەھەللە شۇنىڭدەك شۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ نامىمۇ << ساقىيە >> دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ .


<< ساقىيە مەدرىسەسى >> شۇ مەھەللىدە بولغانلىقتىن << ساقىيە >> دىكى مەدرىسە دەپ ئاتىلىپ كېيىن دىكى دېگەن قوشۇمچە چۈشۈپ قىلىپ << ساقىيە مەدرىسەسى >> بولۇپ كەتكەن .


  << ساقىيە مەدرىسەسى>> نىڭ ياسىلىش تارىخىي ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، قەمەرجاننىڭ ماقالىسىدىمۇ 1654 - يىلى قەشقەرلىك باھاۋىدىن باي تەرپىدىن رېمۇنىت قىلغانلىقى ئېيتىلغان . بۇ ، ئۇنىڭ قەدىمكى مەدرىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .


بۇ مەدرىسە 1913 - يىلى باھاۋىدىن مەخسۇم تەرپىدىن يەنە بىر قىتىم رېمونت قىلىنغان . شۇ چاغدا مەدرىسەنىڭ پەشتىقىغا ؛

<< سال تەئىمىر ئىن راۋاقى بىدان ، ئەۋۋەلەش شۇغلى ، ئاخىرەش غۇفران . >> دېگەن ئىككى مىسرا شېئىر يىزىپ قويۇلغان . بۇ شېئىر مەدرىسەنىڭ ياسىلىشى تارىخىنىڭ ئەبجەد ھېسابى بىلەن يېزىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

شېئىردىكى << شۇغلى >> سۆزى رېمونتنىڭ باشلانغان يىلى 1330 نى ؛ << غۇفران >> سۆزى پۈتكەن يىلى 1331 نى كۆرسىتىدۇ ؛ بۇ سان ھىجىرىيە يىلى بىلەن ھىسابلانغان بولۇپ ، مىلادىيەنىڭ 1912 - ، 1913 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.

<< ساقىيە مەدرىسەسى >> يۇرتنىڭ ئاتاقلىق بىلىم يۇرتى بولۇپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە نۇرغۇن تۆھپە قوشقان . بۇ مەدرىسەگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى نەچچە يۈز تالىپ كىلىپ ئوقۇغان . مەدرىسەدسەرىپ - نەھۋى ( گىرامماتىكا ) ، مەنتىقە ( لوگىكا ) ، ئەدەبىيات ( مەسنىۋى ) لەر ئوقۇتۇلغان .

مەنبە .............. قەشقەر تەزكىرسىدىن تەرمىلەر .

مەنبەسى : ئىز تورى

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 03:10:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ...... ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ !

ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﯞﺍﯓ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺵ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺗﯩﻜﻠﻪﭘﺘﯘ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﯞﺍﯓ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻻﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ ... ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ...

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 12:53:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى دەرۋازىنى  قارقى دەرۋازىسى دىمەي، قاراقىر دەرۋازىسى دىيىش كېرەك، چۈنكى بۇ دەرۋازا ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قارىتىپ ئېچىلغان، يېڭىشەھەرنىڭ قەدىمقى نامى ‹‹سۇلىغ››(سۇلۇق يەر) بولۇپ، قاراخانىيلار زامانىسىدا ‹‹قاراقىر›› دەپ ئاتالغان، بۇ ناھىيە قەشقەر شەھرىگە ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، قاراخانىيلارنىڭ قىرىغا(يېنىغا) جايلاشقان يەر دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئېغىز تىلىدا سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ‹‹ر›› تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدىغان بولغاچقا، بۇ دەرۋازىنىڭ نامى ‹‹قارقى دەرۋازىسى›› بولۇپ قالغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 12:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 12:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 03:10 AM
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ...... ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ !

...

خىجىل بولمىسا تاس تاماس قىلىۋاتىدۇ ۋاڭ جاڭ دىگەنلارنىمۇ ئىسمىڭنىڭ بىشىغا قوشۇسەن دەپ تۇرۋالغىلى. ئۆتكەندە بىزنىڭ يۇرۇتنىڭ مەلۇم يېزىسىدا قايسى ئىسىملىكى ئىسىمدە قالماپتۇ بىرقانچە ئىسىمنى دىننىي تۇس ئالغان قويۇشقا بولمايدۇ دەپ شۇ ئىسىملىك ئىككى-ئۈچ بالىنى نوپۇسقا ئالغىلى ئۇنىماي ئىسىم ئۆزگەرىتكەندىن كېيىن نوپۇسقا ئاپتىكەن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 01:04:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 03:10 AM
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ...... ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ !

...

ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرىسىگىمۇ ‹‹سۇڭ دەۋرى›› دەپ يېزىقلىققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 11:10:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلاردىن خەۋەر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

Welihan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 11:41:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102607
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 04:00:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەخسىر ، چاچ مەدرىس توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا ، مەن ساچىيە مەدرىسىنى  بىلتىم ، مانى بىلمەيدىكەنمە . شۇنچە كاتتا مەدرىسنى قاسساپنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان دەپلا ، مىنىڭ ئۆيۈممۇ ساقىيە مەلىسىدە ، ساچىيە مەدرىسى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ تېمى تۇتاش ، ساچىيەنى نۇرچاچقۇچى دىگەن مەنىدە دەپ ئاڭلىغان  ، ساقىيەنى  ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇچى ، بۇلاق دىگەن مەنىدە دەپ ئاڭلىغان ، كەينىدىكى (يە) قۇشۇمچىسى شۇ ئورۇننى كۆرسىتىدۇ ، شۇنچە چوڭ مەلىنىڭ نامى قويۇلغىدەك نىمە ئىشلانى قىغان قاسساپ بوغىتى ؟ مۇمكىن بوسا شۇنىمۇ يېزىپ بەرسىلىرى ، ئورتاقلاشساق . ھازىر قەشقەدە ھېيىتگاھ مەدرىسى بىلەن ساچىيە مەدرىسىلا قالدى ، ئەگەرشۇلانىڭ تەپسىلى تارىخى  بولسا يوللىۋەتكەن بولسىلىرى مەمنۇن بولاتتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 01:16:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ بىزلەرنىڭ ئويغىنىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بەك ياخشى تېما ئىكەن

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش