|
|
|
|
1-يانۋار كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 20- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا شاڭخەي ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 86-95 نەتىجە بىلەن شاڭخەي ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 17 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ياڭ جىمىڭ 20 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 12 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تاڭ جېڭدۇڭ 16 نۇمۇر، 14 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 3 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆز مەيدانىغا قايتىپ سىچۋەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالار چوڭ تىزىملىگىگە كىرىش ئۈچۈن توردا بىلەت تاشلاش ئادىرىسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php
|
|
|
|
|
|