ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر تور دۇنياسىنىڭ تىخىمۇ كىڭىيشىگە ئەگىشىپ تورغا چىقىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ھەم ئۇيغۇر تورچىلىقىمۇ بارغانسىرى يۈكسىلىپ بارماقتا مانا مۇشۇنداق پەيىتتە خىيالىم لاھىيە ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتى قۇرۇلۇپ ھۆرمەتلىك تورداشلارغا تۇنجى سوۋغىسىنى تۇتماقچى ھەم بۇندىن كىيىنمۇ يىڭى يىڭى بىلىم ۋە سوۋغىلارنى ھەدىيە قىلىمىز تورداشلارنىڭمۇ بىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بىرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ، ھەم باشقا بىكەتلەرنىڭ باشلىقلىرىمۇ يىڭى قۇرۇلغان بۇ بالا بىكەتنى ياخشى يىتەكلەپ قويۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .
سىز تورغا چىققان ۋاقتىڭىزدا ئاساسەن نىمە قىلىسىز ؟ بۇ تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئويلايدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى ، بەزىلار توردا قۇرۇق پاراڭلارنى سىلىپ ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزىدۇ يەنە باشقىلار تور ئۇيۇنلىرىنى ئويناپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدۇ ، بىز مانا مۇشۇنداق بەزى ھالەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇ بىكەتنى قۇردۇق رەسىم لاھىلەش بولسا ھەممە ئادەم قىزىقىدىغان بىر ئىش مەيلى تور بىكىتىڭىز بولسۇن مەيلى ھەقسىز تارقىتىلۋاتقان ھەقسىز بىلوگلار بولسۇن پەقەت رەسىم لاھىلەشنىلا بىلسىڭىز سىز بىكىتىڭىزنى شۇنداق چىرايلىق قىلىۋىتەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ شۇنداق ، تورداشلارنىڭ مانا مۇشۇ ئارزۇيىڭىنى كۆزدە تۇتۇپ مەركۇز بىكەتنى ئاچتۇق ، بىكىتىمىزدە بەزى ھەقسىز بىلىم ۋە كىركلىك دىتاللارنى تىپىپ چۈشۈرەلەيسىز تورداشلار ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ مۇشۇ لاھىلەشكە كىرەكلىك ماتىرياللاردىن ئورتاق پايدىلنالايدۇ . ھەم بىرلىكتە ئۈگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ مانا مۇشۇنداق كەيپىيات يارىتىش دەل بىزنىڭ نىشانىمىز ، توردا ئولتۇرغان ھەر بىر ۋاقتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
خىيالىم تور تىخنىكا دەرىسلىكلىرى تارقىتىلدى
بىز بۇ قىتىمقى دەرىسلىكىمىزدە ئاساسلىق ئەمەلي مىساللارنى ئىشلەش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى ئىلىپ باردۇق نۆل دىن باشلاپ ئۈگىنىش نى ئىشقا ئاشۇردۇق ، بۇ دەرىسلىكىمىزدە ھەر بىر قورال ئىنىق ئىشلىتىلىپ چۈشەندۈرۈلمىگەن لىكىن ئەمەلىي مىساللاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان قوراللار ئاساس قىلىنىپ سۆزلەندى . دەرىس سۈرەتلىك ئاۋازلىق بولۇپ سەل دىققەت قىلسىڭىز ھەم بىرگە ئەگىشىپ مەشخۇلات قىلسىڭىز چوقۇم ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز ، ئەگەر چۈشىنەلمىسىڭىز بىزدىن مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
1 – دەرىس رەسىمگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دەرىسلىكى
بۇ دەرىستە سىز بىر پارچە رەسىمگە بولامدۇ ياكى بىر ئاق قەغەزگە بولامدۇ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈپ تەڭشىيەلەيسىز .
2 – دەرىس ئۇيغۇرچە خەتكە ئۈنۈم بىرىش دەرىسلىكى )
سىز شۇ يازغان ئۇيغۇرچە خەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش مەسلەن چەمبىرەك ھالەتكە ئىلىپ كىلىش قاتاتلىقلار ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ۋە ھەرخىل ئالاھىدە رەڭلەر دىتال ئۆى تەمىنلىگەن شەكىللەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىقلار .
3 – دەرىس رەسىمنى كىسىپ چاپلاش دەرىسلكى
بۇ دەرىستە بىر پارچە سۈرەتنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملىك تىز ئۇسۇلدا كىسىش ئۇسۇلى سۆزلەنگەن ۋە كىسىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللارى ئىنچىكىلىك بىلەن سۆزلەنگەن بولۇپ رەسىم كىرىشتۈرىشىڭىزنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغۇسى .
4 – دەرىس ماركا لاھىلەش دەرىسلىكى
بۇ دەرىسلىكتە سىز تور بىكىتىڭىزگە ۋە بىلوگىڭىزغا ماركا لاھىلەشنى چۈشىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ماركىسىنى يارىتالايسىز ۋە لاھىلىگىدەك چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز .
5 – دەرىس ھەركەتلىك خەت لاھىلەش دەرىسلىكى
سىز شەخسى بىلوگلارغا كىرگىنىڭىزدە ھەرخىل چاقناپ تۇرىدىغان ۋە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا مىڭىپ تۇرىدىغان خەتلەرنى كۆرگەنمۇ شۇچاغدا سىزمۇ مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشلىيەلىگەن بولسام دەپ ئويلىغانمۇ ئۇنداقتا بۇ ئارزۇيىڭىز مۇشۇ دەرىس ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلانغۇسى .
6 – دەرىس رەسىمگە نۇر بىرىش دەرىسلىكى
فوتو ئاپىراتنىڭ نۇرىنى ياخشى تەڭشىمىگەنلىكى ئۈچۈن تارتقان رەسىملەر قاراڭغۇ چىقىپ قالدى شۇنداقمۇ ئۇنداقتە ئەنسىرمەڭ مۇشۇ دەرىس بويىچە مەشخۇلار قىلسىڭىز بۇ غەندىن خالاس بولىسىز ھەم تىرە رەڭگى قارا ئادەملەرنىڭ تىرىسىنى ئاق رەڭ قىلىشتا مۇشۇ مەشخۇلاتنىمۇ قىلسىڭىز بولىدۇ .
7 – دەرىس سايە خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش دەرىسلىكى
سىز بەزى رەسىملەرنىڭ ئىچىدىكى خەتنى كۆرگىنىڭىزدە ئاستىدىكى سايىسىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ خۇددى ئاستىدا سۈزۈك ئەينەك باردەك تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ، مانا مۇشۇنداق سايە خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشنى مۇشۇ دەرىسلىكتىن كۆرىۋالالايسىز .
8 – دەرىس ۋىۋىسكا لاھىلەش دەرىسلىكى
بۇ دەرىسلىكتە بىر ئاددى ۋىۋىسكا لاھىلەش سۆزلىنىلدۇ بۇنىڭدا ۋىۋىسكا ياساشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇنىڭغا كىرەكلىك ماتىرياللار دىگەندەك ئىشلار بۇ دەرىسنى كۆرسىڭىز بارلىق ۋىۋىسكىلارنىڭ ئىشلىنىش قانۇنيەتلىرىنى چۈشىنىپ يىتىسىز .
ھازىرچە مۇشۇ 8 دەرىس يوللاشنى قارار قىلدۇق كىيىنكى مۇرەككەپ دەرىسلىكلەر خىيالىم تورىدا يەنە يوللىنىلدۇ . بۇ دەرىسلىكلەر خىيالىم تورىنىڭ ئەمگەك مىۋىسى باشقا تور بەتلەرنىڭ كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز . ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ..!
ھۆرمەت بىلەن : خىيالىم لاھىيە ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتى
http://down.qiannao.com/space/file/izdinixqanlar/-4e0a-4f20-5206-4eab/2010/8/9/Ps-0020Deris.rar/.page
http://down.qiannao.com/space/file/izdinixqanlar/-4e0a-4f20-5206-4eab/2010/8/13/Ps-0020Deris.rar/.page http://down.qiannao.com/space/file/izdinixqanlar/-4e0a-4f20-5206-4eab/2010/8/10/Ps-0020Deris.rar/.page مۇشۇ 3 توپلامدا ھەممە دەرىسلىك بار .
مەنبە:
www.hiyalim.net