مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13717|ئىنكاس: 86

(فىلىم) شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 07:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،



يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! 2013-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېيىدا بىز ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن ئۈزۈلدۈرمەي خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق. ئالدى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئۇنىۋىرسال ژورناللارنىڭ بىرى بولغان «دەۋىر» ژورنىلى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى «2013-يىللىق مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى دەپ ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان دۇنياغا داڭلىق تەبىئي پەن ئىلمىي ژورنىلى «تەبىئەت» دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللپنى «بۇ يىللىق تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم» نىڭ بىرى، دەپ باھالىدى. شۇندىن كىيىن يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكىدىن چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنال «ئىلىم-پەن» ژورنىلى، داڭلىق ئۇنىۋىرسال ژورنال «بايقاش» ۋە «دۆلەت جۇغراپىيىسى» قاتارلىقلار بەس-بەستە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنى بۇ يىللىق «ئىلىم-پەندىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلدى. مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق مېنۇتلاردا، بىز ئالىمىمىزنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدۇق، ئەلۋەتتە. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىلىرىنى بىز ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئالىمغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىلەن بىر دىدارلىشىش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتلىرىنى مەن يازغان تۆۋەندىكى تېمىدىن چۈشىنەلەيسىز:

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم

ئىشنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى شۇكى، جامائەتكە تونۇش بولغان ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى دوكتۇر تاشپولات روزى ئاكام 8-ئايدىلا ماڭا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يوقلاپ كىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى ۋە بىز 10-ئايدا شۆھرەتكام بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق 12-ئايدىكى بايرام مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارىدىغانغا پۈتۈشكەن ئىدۇق. شۇنداق قىلىپ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەن تېكساس شىتاتىدىن، تاشپولاتكام كالىفورنىيە شىتاتىدىن يولغا چىقىپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شۆھرەتكام تۇرۋاتقان ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق ۋە 3 كۈنلۈك كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك سەپىرىمىزنى باشلىدۇق. مۇشۇ يەردە مېنى بۇ سەپەرگە تەكلىپ قىلغان تاشپولاتكامغا ۋە بىزنى قىممەتلىك ۋاقىتىنى ئاجىرىتىپ كۈتۈۋالغان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

بۇ جەرياندا تاشپولاتكام ئىككىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئىلىپ باردۇق. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىز ۋە ئۇ توغۇرلۇق بىلگەن ناھايتى قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى مەن پات ئارىدا بىر خاتىرە سۈپىتىدە يېزىپ چىقىپ تورداشلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ۋاقىت ئىتبارى بىلەن سۆھبىتىمىزنىڭ بىر كىچىككىنە كارتىنىسىنى سېنغا ئىلىپ تور يۈزىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق. بىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە بارچە تور جامائىتىنىڭ قىزغىن سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق ۋە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپمۇ ئۆزى توغۇرلۇق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بارچە تورداشلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. تۆۋەندە زىيارەت جەريانىدىكى بىر نەچچە سۈرەت ھوزۇرۇڭلاردا:

1. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ (ئوتتۇرىدا) پورتلاند ئايرودۇرۇمىدا بىزنى ناھايتى قىزغىن كۈتۈۋالىدى. (ئوڭدا: دوكتۇر تاشپولات روزى؛ سولدا: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (مەن)




2. بىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىدە





3. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىشخانىسىدا





4. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يەنە بىر ئىشخانىسىدا





5. گۈزەل پورتلاند شەھرىدىن بىر كۆرۈنۈش





ئەمدى ھوزۇرۇڭلارغا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز. بۇ فىلىم تاشپولات روزى ۋە مېنىڭ تورداشلارغا يېڭى يىللىق سوۋغىتىمىز بولۇپ، بىز مۇشۇ پۇرسەتتە بارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

فىلىم ئىشلىگۈچىلەر: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان) ۋە تاشپولات روزى
تېخنىكىلىق ياردەم: مۇختار ماخمۇت





ئەسكەرتىش: بۇ فىلىمنى تارقىتىش ۋە ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى پەقەت بىلگەجان ۋە تاشپولات روزىغا مەنسۇپ. بۇ فىلىمنى خالىغانچە تارقىتىشقا ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە، خالىغانچە كېسىشكە بولمايدۇ.



بىلگەجان


2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 03:03 AM  


ھازىرغىچە 16 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kulpat + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
quxtikiakku + 255 ماختاشقا تېگىشلىك
دىيارىم + 50 ئىسىل بارىكاللا
YuqunAdam + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
قۇمباغ79 + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
KURAX.JAN + 108 ھاياجان
kapitan2 + 200 بارىكاللا
g-0 + 10 ئشلىرى تېخىمۇ روناق ت.
koktigin + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
ramu + 451 ماختاشقا تېگىشلىك
harsan + 108
abdul915 + 300 ئاتاڭغا رەھمەت
uyol + 255 تەپەككۇرى كۈچلۈك
iltebir + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
crazysoul110 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 200 ئاللاھ سىزگە رەھمەت ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2823   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 07:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پات ئارىدا يوللىماقچى بولغان يازمامدا باشقا نۇرغۇن سۈرەتلەر قوشۇلىدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kulpat + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ghalibjan + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 800   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51017
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9841 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 07:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتۇر بىلگەجان ۋە ئامرىكىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات رۇزى ئاكامنىڭ قىممەتلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى يوقلاپ كېلىشى ھەمدە زىيارەت قىلىپ بىزنىڭ كۆرۈشىمىز ئۈچۈن تارىخ بېتىدە ئەستىن چىقمىغۇدەك ئىنتايىن ياخشى بولغان قىسقا بىر فىلىمنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭلارغا كۆپلەپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىر يەرگە جەم بولسا، ئىلمىي مۇنازىرە قىلىپ ئالاقە دائىرسىنى كۈچەيتسە،ئۇلارنىڭ ئىلمىي سۆھبەتلىرى،ئىلىم ھەمكارلىقى،پەن-مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان دۆلەتتە ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ ھەممە يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرسا ۋەتەن ئىچىدىكى ياشلارغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولىدۇ ئەلۋەتتە.

يەر شارىنىڭ چېتىدىكى تەرەقىي قىلغان ئەللەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرسىراش ھادىسىگە نىسبەتەن توغرا يول تۇتۇپ ئۆزى تەۋە بولۇپ ياشاۋاتقان ھەمدە خىزمەت قىلىۋاتقان كاتۇگۇرىيىدە ئۆز قەۋمىنى ئىزدەش ھەمدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ئىلىم سەرخىللىرى ئارىسىدا بولۇۋاتقان بەزى سەلبىي ئىشلارغا خاتىمە بېرىش،ئىتىپاقلىقنىڭ،ھەمكارلىقنىڭ،قولنى-قولغا تۇتۇپ ئىلگىرلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك.
يۇقۇرقى تېمىدىكى ئەزىزلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق،تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 04:38 AM  


سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 07:27:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزغىمۇ بىزلەردىن سالام بولسۇن،ھەم سىز ۋە سىزنىڭ بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ياردەملەشكەن قېرىنداشلىمىزغا سالام ئىشلىرىغا ئاسانلىق ئۇڭۇشلۇقلار بولسۇن،بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز،بىزلەرگە سىلەردەك ئوغلانلار كېرەك

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 07:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مايسەم ھەدەم توغۇرلۇق مەلۇمات بىرىڭ دەپ جىكلەپ قويساق ئەمدى ۋەدىڭىزدە  تۇرۇپسىزدە ...   ئالىمنڭ دادىسى پەخرلىك تۇيغۇ ئىچىدە  ياشاپ كىتىدىغاندۇ 4  بالا باقسام ئىككى بالام يەرشارىغا تۇنۇشلۇق ئالىم بولدى دەپ... ھارماڭلار  ئالىملار ... سىز ۋە  تاشپۇلاتكامدەك زىيالىلار  ھەم ئالىملار  ياشاڭلار ، ياشاڭلار  ياشاڭلار .... تاشپۇلاتكامنىڭ گىپى بۇيچە سىزنىڭمۇ نوبىلنىڭ ساھىپىانى بۇلىشڭىزغا تىلەكداشمەن ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 08:17 PM  


خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 08:05:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەجان ئەپەندىم ۋە تاشپۇلات ئاكىمىزغا كۇپ رەھمەت ناھايتى ئەھمىيەتلىك يىغىلىش قىلىپ سىلە سىلەردىن ئالىمىمىز دىن پەخىرلەندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 08:07:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىمگە مىسرانىم تور ئەھلىدىن سالاملار بولسۇن:

بىلگەجان ئەپەندىمنىڭ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ توغرۇلۇق ئۇيغۇر تور ئەھلىگە بىلدۈرگەن ئەھمىيەتلىك خەۋەرلىرىدىن تۇلۇمۇ سۈيۈندۈم،رەخمەت سىزگە.


بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ  تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيادىكى 2013-يىللىق 10چوڭ كەشپىيات بۇلۇپ باھالانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ كۆڭلۈم ۋىللىدە يۇرىدى.

باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى نادىرلاپ قويغان بولساڭلار.

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 08:14:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ،ئىسىل سۆھبەت بوپتۇ...شۆھرەتكام بىلەن تاشپۇلاتكام نىڭ ئۇيغۇرتىلى خىلى راۋان ئىكەن...

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 08:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،تاشپۇلاتكام ۋە سىز جەپا چەكىتڭلار،ئالىممىز توغىرلىق خەۋەرلەرنى بىز بىلەن يۈز كۈرەشتۈردۇڭلار رەھمەت،ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز،سىلەردىن پەخىرلىمىز

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 4351 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 08:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك زىيارەت بولۇپتۇ. شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدىم. ئۇيغۇرلاردىن مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ چىقىشى ياشلىرىمىزغا چوقۇم چوڭ ئىلھام ۋە مەدەت بولىدۇ. چەتئەللەردە زەپەر قۇچۇپ، ئۇيغۇرنىڭ غورورى ۋە پەخرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئالى سالاملار بولسۇن، ھەم ئۇلارغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش