مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1473|ئىنكاس: 2

خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى چوڭ چۇشۇپ چوڭ ئۆستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7865
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى چوڭ چۇشۇپ چوڭ ئۆستى


  خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامىرىكا ۋاقىت بۆلىكى سودا ئۆتكىلىدە چوڭ چۇشۇشكە ئاتلانغان بولۇپ ، خەلىقئارا ئالتۇن 1196دوللار ھەرئۇنسىيە (234.3يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرام خام ئالتۇن ) دىن باشلاپ چۇشۇپ ، 1182دوللار ھەرئۇنسىيە (230.35يۇەن خەلق پۇلى ھەرگرام خام ئالتۇن) غىچە چۇشكەن .چۇشۇش نىسبىتى 1.3% گە يىتىپ ، تارىخى يىڭى تۆۋەن نۇقتا ھەم تىرەش نۇقتىنى يەنە بىر قىتىم سىنىدى .1180دوللار ھەرئۇنسىيە (230.00يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرام خام ئالتۇن ) دىكى تىرەش نۇقتىنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن ئالتۇن ھايال ئۆتمەي شىددەت بىلەن قاڭقىپ 1214دوللار ھەرئۇنسىيە (237.93يۇەن خەلق پۇلە ھەرگىرام خام ئالتۇن ) غا ئۆسكەن .ئۆسۇش نىسبىتى 1.3% بولغان .
                   altun.jpg

  خەلىقئارا كۈمۈش19.56دوللار ھەرئۇنسىيە (3.83يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرام خام كۈمۈش )دىن باشلاپ چۇشۇپ ، 18.64دوللار ھەرئۇنسىيە (3.64يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرام خام كۈمۈش) كە چۇشۇپ كەتتى .چۇشۇش نىسبىتى 3% يىقىنلاشتى .خەلىقئارا كۈمۈش 18.50دوللاردىكى تىرەش نۇقتىنىڭ زەربىسىدىن شىددەت بىلەن قاڭقىپ ، 19.83دوللار ھەرئۇنسىيە (3.89يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرام خام كۈمۈش) كە قاڭقىدى .قاڭقىش نىسبىتى 1% بولدى .خەلىقئارا كۈمۈشنىڭ بۇەۇنكى بۇ تەۋرىنىشى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، يەككە سودا ھالىتىدىكى ئەڭ چوڭ چۇچۇش ۋە ئەڭ چوڭ ئۆسۇش ھىساپلىنىدۇ .

                      kumux.jpg

   ئاساسىي ئانالىز خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا ، ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ 2014-يىللىق زايوم سىتىۋىلىش سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىرقەدەر مۇجمەل بولسىمۇ ،ئەمما ئۆتكەن ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتتىن كىيىن ،فىدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى بورناك ئەپەندى ،2014-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە زايوم سىتىۋىلىش سىياسىتىدىن پۇتۇنلەي چىكىنىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەردى .شۇ سەۋەپتىن مەبلەغ سالغۇچىلار نائىنىق بولغان ئامىللارغا ئۇمۇدسىز كەيپىياتتا قارىغانلىقتىن ، مەبلەغ سىلىنما ئەھۋالى تازا كۆڭۇلدىكىدەك بولمىغان .
  تىخنىكىلىق ئانالىز نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا ،ئالتۇن كۈمۈش مۇھىم تىرەش نۇقتا ئەتراپىدا ئاز كەم بىرئاي ئەتراپىدا ھەركەت قىلغان بولۇپ، ئالتۇننىڭ 1180دوللاردىكى تىرەش نۇقتىنىڭ كۇچى بىرقەدەر مۇستەھكەم ، كۈمۈشنىڭ 18.50دوللار بىلەن 18.20دوللارنىڭ تىرەش كۇچى بىرقەدەر مۇستەھكەم .ئايلىق ھەپتىلىك ۋە يىللىق يۆلىنىش گىرافىكىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا،بارلىق چوڭ ۋاقىت بۆلەكلىرى چۇشۇش يۆلىنىشىگە ئىىغشقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇچبۇلۇڭلۇق تەڭشىلىش سىخىمىسىنىڭ ۋاقىت تونىلىغا ئاساسەن ئالتۇن كۈمۈشنى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆسۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ دەپ قىياس قىلدۇق . كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى ئالتۇن 1180دوللاردىكى مۇھىم بولغان تىرەش نۇقتىغا 2قىتىم ھۇجۇم قىلدى ، بىرىنجى قىتىم 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 1187دوللاردا يىڭى تەگ نۇقتىنى ياراتتى .ئەمما 1180دوللار ئەتراپىدىكى تىرەش نۇقتىنىڭ كۇچىدىن يۇقىرىغا قاڭقىپ 1219دوللارغا چىقتى .ئىككىنجى قىتىم يەنى بۇگۇن 1182دوللاردا يىڭى تەگ نۇقتا يارىتىپ ،1180دوللاردىكى تىرەش نۇقتىنى سىنىدى ،ئەمما بۆسۇپ چۇشەلمەي شىددەت بىلەن قاڭقىپ، 1214دوللارغا چىقتى .
   خەلىقئارا كۈمۈش 19دوللار ئىچىدە ئۇزۇن تەڭشىلىش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ، 18.86 ۋە 18.50دوللاردا ساختا بۆسۇش ھاسىل قىلدى .دىمەك كۈمۈشنىڭ 19.15دوللاردىكى تىرەش نۇقتىنىڭ كۇچى بىرقەدەر چوڭ ، بولۇپمۇ 18.20دوللاردىكى تىرەش نۇقتىنىڭ كۇچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ .
  تەھلىللىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئوتتۇرا مۇددەتتە ئۆسۇش يۆلىنىشى كىرىشى ۋە 1400دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن .خەلىقئارا كۈمۈش ئوتتۇرا مۇددەتتە ئۆسۇش يۆلىنىشىگە كىرىىشى 25.50دوللار ئەتراپىغا ئۆسىشى مۇمكىن .


     يۇقارقى تەھلىللەر ئالتۇننىڭ 1180دوللارنى بۇزىۋەتسە ، كۈمۈشنىڭ 18.20دوللارنى بۇزىۋەتسە ئەمەلدىن قالىدۇ .شۇڭلاشقا سودا ئاساسىي قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ .

           مەنبەسى : ئۆزۇم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 12:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101273
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن....ھارمىغايسىز.....!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10088
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2110 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
31- چىسلادىكى  ئالتۇن ئەھۋالىغا  قاراتا  1- چىسلادىن باشلاپ ئۆسىدۇ دەپ ئىنكاس يازغان ئىدىم، راستلا ئۆسۈپتۇ    شۇ كۈنى  قىمار ئوينايدىغانلار  كۆپرەك ئېلۋالغان بولسا   پايدا ئالاكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش