گەرچە مەن پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەن سۆزلىيەلىسەممۇ لىكىن باشقىلارغامېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا سۆزلىرىم قۇلاققا خوش ياقماس داقا-دۇمباق ياكى چېلىنغان بىر يېقىمسىز قوڭغۇراقتەك بولۇپ قالىدۇ.
گەرچە دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىيالايدىغان كارامىتىم بولسىمۇ لىكىن مېھىر مۇھەببىتىم بولمىسا ھىچنىمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.
گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بىرىۋەتسەممۇ ھەتتا جېنىمنى قۇربان ئەتمەككە رازى بولساممۇ لىكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا بۇلارنىڭ ماڭا ھىچ پايدىسى يوقتۇر.
مېھىر-مۇھەببىتى بار كىشى باشقىلارغا سەۋىرچان بولىدۇ، مىھرىبان بولىدۇ، ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ،ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
مېھىر-مۇھەببىتى بار كىشى ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان يامانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.
مېھىر-مۇھەببىتى بار كىشى ناھەقلىقتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەت ئۈچۈن خۇشھال بولىدۇ.
مېھىر-مۇھەببىتى بار كىشى ھەممىگە بەرداشلىق بىرەلەيدۇ، ھەممىگە ئىشەنىچ قىلالايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمۈتۋار بولالايدۇ، ئۇ ھەممىگە چىداملىقتۇر.
مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، باشقا نەرسىلەر بولسا چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ.
مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقات، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەت مەۋجۇتتۇر، لىكىن بۇلاردىن ئەڭئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
ئىنسان بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەك، چۈنكى مېھىر-مۇھەببەت تەڭرىدىن كىلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانى خۇددى پەرزەنت ئاتىسىنى تۇنۇغاندەكلا تۇنۇيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى ئاتىسىنى تۇنۇمىغان بالىغا ئوخشايدۇ.چۈنكى خۇدانىڭ ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. ھەقىقى مېھىر-مۇھەببەت بالىنىڭ ئاتىغا ئەمەس ئاتىنىڭ بالىغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر.
تەڭرى ئىنسانغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ئىكەن، ئۇنداقتا ئىنسانلارمۇ تەڭرىگە ئوخشاش بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەك. ھىچكىم تەڭرىنى كۆرگەن ئەمەس، بىراق بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك تەڭرىنىڭ ئۇ سۈپىتى بىزدە بولغان بولىدۇ.
تەڭرى ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر، شۇڭا مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغان كىشى رۇھى جەھەتتە تەڭرىدە، تەڭرىمۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. بۇنداق مۇكەممەللىك ئادەمنىڭ ھەرزامان،ھەرماكان يۈرىكىنى توق قىلىدۇ. چۈنكى قورقۇنۇچ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر يەردە بولالمايدۇ.
بەزىلەر تەڭرىنى سۆيىمەن دەپ داۋا قىلىشىدۇ، ھەتتا بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىرقىلىدۇ. بىراق كۆزى كۈرۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەتىنى بىرەلمىگەن بۇكىشى قانداقمۇ كۆزى كۆرمىگەن تەڭرىنى سۆيسۇن؟
مەنبەسى: غەرپ پەلسەپە دۇردانىلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kamalkam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-31 10:58 PM