|
|
|
|
كارخاناپىنسىيچەچىللىرىنىڭ ئاھۇ – زارى
( 1 )
مەن قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيە كانسۇ كۆمۈركاندىن پىنسىيىگەچىققان ئىشچى. ئۇلۇغچات ناھىيە مەمۇرىلىرىنىڭ مۇئاش تەمىناتى 4000~7000 يۈەنگىچە،لىكىن بىز كارخانىچىلارنىڭ بولسا 700~1900 يۈەنگىچە،بىزدەك كارخانا پىنسىيەچىللىرىۋە ئىشچى خىزمەتچىللىرى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەمىنات پەرقىنى ھامانكىچىكلىتىدىغانلىقىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئادالەتسىز بولۇۋاتقان ئىشتىن بىر مىسال: دۆلىتىمىز قىزىلسۇئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى قاتارلىق ناھىيىللىرىنى 2009- يىلىدىن باشلاپ 6- دەرىجىلىك جاپالىقرايون دەپ بىكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ھەربىر مەمۇرى ۋە كەسپى ئورۇنلاردىكى خادىملارغاتۆۋىنى 800 يۈەندىن يۇقىرىسى 1200 يۈەنگىچە جاپالىق رايون ياردەم پۇلى قوشۇلدى،لىكىن بار جاپانى كارخانا خادىملىرى تارتىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەكسىچە تاغلىق،جاپالىق رايونلاردا جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئىشلەۋاتقان بىزدەك كارخانائىشچىللىرىغا بىر پۇڭمۇ قوشۇلمىدى. نەچچە يىلدىن بېرى دۆلىتىمىز كارخانا پىنسىيە خادىملىرىغا ھەر يىلدا90 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە باھا پەرق پۇلى قوشۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن مەمۇرىۋە كەسپى ئورۇنلارغا ھەر يىلدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق قوشۇلۇپ ماڭغاچقا، مەمۇرى،كەسپى خادىملار بىلەن كارخانا پىنسىيەچىللىرىنىڭ مۇئاش پەرىقى بەك چوڭ زورىيىپ،شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتقان ھازىرقى بازار ئىستىمالى، گۆش ۋە باشقا يىمەكلىك ئىستىمالىغا يۇقارقى تۆۋەنمۇئاشىنى يەتكۈزەلمەسلىك ۋە تەڭسىزلىك سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە نارازىچىلىق كەيپىياتىشەكىللەنمەكتە.
ئىزاھات: مۇشۇ كىشىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ھەقىقى ئىشلار بولغاچقا يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miras.biz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-31 06:42 PM
|
|
|
|
|
|