ئەرەب زىمىستانىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئاپتورى: جېشكا فىچېر (گېرمانىيە) تەرجىمىدە: نەپرەت2009
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
كونىلاردا ساياھەت تەپەككۇرنى ئاچىدۇ، دېگەن گەپ بار. بۇ سۆز بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرققە ماس كېلىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا شەرققە ساياھەتكە بېرىش كىشىنى باشقىچ ەقايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە، قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىشلار نۆۋەتتە يۈز بەرمەكتە. 2010-2011 يىللىرى باشلانغان تۇنىس ۋە قاھىرە قوزغىلىڭى ئاخىرلاشتى (ھېچ بولمىغاندا نۆۋەتتە ئاخىرلاشتى)، ئەمما بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب ئوتتۇرا شەرق ئەندىزىسىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى. مىسىر ئەكسىلئىنقىلابى ھەمدە زوراۋان سىياسىينىڭ غەلبە قىلىشى كونا تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈردى خالاس؛ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ئاساسى ھەقىقەتەن زىيادە ئاجىز. مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي ئىستىراتىگىيىلىك ئوقىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىشى ئوخشاشلا دىققەتنى تارتىدۇ. يادرو قارا نىيىتى ھەمدە زومىگەرلىك ئارزۇسى بار ئىران نۆۋەتتىكى مەركەز بولۇپ قالدى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋەكىللىك قىلغان ئەسلىدىكى يادرو ئاللاقاچان چەتلەشتۈرۈلۈپ، يېپيېڭى مەنپەئەت ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىقتى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيە بىرلىكتە ئىرانغا، ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئورتاق قارشى تۇردى (بۇ ئىككى دۆلەت رەسىمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان). ئىدېئولوگىيەدە ،سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەزھەپ توقۇنۇشى ئىران ھەمدە ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنىڭ يادرولۇق توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى. بۇ سەۋەبلىك ۋەيران قىلغۇچ سۇرىيە ئىچكىرى ئۇرۇشى پارتلىدى؛ ھەربىي سىياسىي قاتماللىقنىڭ بېشارەتلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، يۇقىرى مەسىلە بوسنىيەگە ئوخشاش دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەربۇ ئەھۋال راستىنلا كۆرۈلسە، ئىراق، لىۋان ۋە ئىئوردانىيە چوقۇم ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. 1916-يىلى 5-ئايدىكى سايكس-پىكوت كېلىشىمىدە سىزىلغان ئەنگلىيە-فرانسىيەنىڭ چېگرا ئايرىشىدىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئەندىزىسى كەلمەسكە كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كۇرد مەسلىسى يەنە پەيدا بولدى، بۇپەلەستىنلىك مەسىلىسىگە ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ۋەزىيەتنىڭ قايتىدىن كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەختكە قارشى، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئاساس قىلغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە لايىھىسى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىنى قانچىلىك توساپ قالالايدىغانلىقىغا ھېچقانچە دەلىل يوق. يەنە ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇجاھىدلار نامىدا سۇرىيە، يەمەن،شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرىقىي ئافرىقىدا قايتىدىن پەيدا بولىشى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋەت بار. دېڭىز قولتۇقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن ھەربىي تىركىشىشى يىغىشتۇرۇش تەس ھالەتكە يەتتى. ئەگەر بىر كۈنى ئۇلار ئۆزىنىڭ سېھرىگەرنىڭ شاگىرتىنىڭ رولىنى ئالغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئەسەبىيلىك شامىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئۇچۇپ بارامدۇ يوق؟ يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ئورگانلىرى بۇنداق بۇزغۇنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق؟ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ قىسىم سىياسىي سەرخىللار بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا زوراۋان سىياسىي ۋە 19-ئەسىردىكى ئىگىلىك ھوقۇق قارىشى بەرپا قىلغان دۇنيا قارىشىنىڭ بوغۇشىغا ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك شوئارى دۆلەت رىقابىتى، تەڭپۇڭلۇق ۋە زومىگەرلىك بولۇپ، بۇ قاراشلار رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەرپا قىلىشقا ئامالسىز. تاكى بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەمدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان رايونلۇق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان رايونلۇق ئىقتىساد ھەمكارلىقى ئۇقۇمىغا ئىنتايىن خام. ئوتتۇرا شەرق ماھىيەتتە بىر مەيدان زامانىۋىلىشىش كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئاممىغا باشلامچى بولۇپ ئىسلاھات تەلىپى قىلغان ئىسيانكار ياشلار ۋەزىيەتتىن ئۆزىنى ۋاقىتلىق دالدىغا ئالماقتا (ياكى مۇھاسىرىدە قالدى)؛ ئەمما رايونلۇق ھۆكۈمرانلار (ۋە كۆپ قىسىم ئۆكتىچىلەر) نىڭ مەنىۋى پالەچلىكى سەۋەبلىك، تېخىمۇ شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشى ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. (مەيلىئۆزى خالىسۇن خالىمىسۇن) مىسىر بۇرۇنقىدەك پۈتكۈل رايونغا باشلامچىلىق قىلىدۇ. ھالىدىن كەتكەن ئامېرىكا تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ قىسمەن چېكىنىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ زامانىۋىلىشىش كىرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇردى. ئامېرىكىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشى مەزكۇر رايوندىكى تەشۋىشلىك كەيپىياتىنى ئۇلغايتتى، ئەسلىدىكى ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىشى ۋە يېڭى ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى. پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، ئىراننى نۆۋەتتىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلغىنى دەل سابىق پرېزىدېنت كىچىك بۇش ھەمدە يېڭى مۇتەئەسسىپ مەسلىھەتچىلەر قوزغىغان ئىراق ئۇرۇشىدۇر. ئەمما ھازىر ئوباما ئوتتۇرا شەرقتە ئاجىز دېگەن يامان ئاتاقنى يۈدۈپ يۈرمەكتە. گەرچە ئوبامانىڭ ھەربىي ئارىلىشىش تەھدىتىدىن كېيىن بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتى خىمىيىۋى قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سۇرىيەگە ھەربىي جەھەتتەئارىلاشمىغانلىقتىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئوخشاشلا، ئوباما رەھبەرلىكىدىكى يەرشارىۋى ئېغىر ئىقتىسادىي جازا بېرىش ھەرىكىتى ئىراننىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېشىشىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئوبامانىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردىكى رايونلۇق سىياسىتى شەك-شۈبھىسىزكى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرىدە پوزىتسىيە قوللىنىشى تەنقىد قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەڭ قورقىتىدىغىنى ئوبامانىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتىكى ھالەتتە چوڭقۇر مەنىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىدۇر. لېكىن ئوبامانىڭ سىياسىتى دەل: يادرو مەسىلىسىدە ئىران بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، رايونلۇق بىخەتەرلىك رامكىسى قۇرۇپ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ئارقىلىق پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى نىشا نقىلغاندەك قىلىدۇ. رايونلۇق مەسىلىنىڭ غايەت زور ئىنېرتىسىيەلىكىنى ئويلاشقاندا،بۇ خىل سىياسەتتە ئۇتوپىيەچە پۇراق بەك كۈچلۈك. ئەمما ئەگەر ئوباما ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ئۇ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ. بىراق ئۇ مەغلۇپ بولسىچۇ؟ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى پات ئارىدا 100 يىللىقىنى خاتىرلەيدىغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان ھالدا داۋاملىق داۋالغۇيدۇ.
مەنبە:ئوكيان تورى ؛ ئاپتورى جېشكا فىچېر گېرمانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرىقوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى (1998-2005) بولغان؛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-31 03:31 PM
|